چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش ئىپار كالا بولسا ئوتخور ھايۋان، ئەركەك ئىپار كالا كۆپىيىش مەزگىلىدە كۈچلۈك بىر خىل پۇراق تارقىتىشى بىلەن داڭلىق.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :ئىپار كالا

خەنزۇچە ئاتىلىشى :麝牛

ئىنگلىزچە نامى :Muskox

تەۋەلىكى :ھايۋاناتلار دۇنياسى

تىپى :خوردىلىق ھايۋانلار تىپى

سىنىپى :ئەمگۈچىلەر سىنىپى

تۈركۈمى :ئاچا تۇياقلىقلار تۈركۈمى

ئائىلىسى :كالا ئائىلىسى

ئۇرۇقداشلىرى :ئىپار كالا ئۇرۇقدىشى

تۈرى :ئىپار كالا

كەنجى تىپى :ئومۇرتقىلىق ھايۋانلار كەنجى تىپى

كەنجى سىنىپى :ھەقىقىي سۈت ئەمگۈچىلەر كەنجى سىنىپى

سىرتقى شەكلى 

5پارچەئىپار كالاقارىماققا كالىغا ئوخشىسىمۇ، لېكىن نۇرغۇن تەرەپلەردە قويغا تېخىمۇ بەكرەك ئوخشىغانلىقتىن ئۇنى بىر خىل چوڭ ياۋا قوي دېيىشكىمۇ بولىدۇ. ئىپار كالا گەۋدىسى بەستلىك، چىشىسى سەل كىچىك، بەدەن تۈكلىرى ئۇزۇن، تىۋىتلىق، تۇتۇق قوڭۇر رەڭلىك، بويۇننىڭ ئارقا قىسمىدىن مۈرە قىسمىغىچە يايلى تۈكى بولىدۇ. گەۋدە دۈمبە تەرىپى ئېگەرسىمان سۇس رەڭلىك بولىدۇ. يېشى قانچە چوڭلىرىنىڭ، ئاق رەڭلىك يېرى شۇنچە ئېنىق بولىدۇ. كالپۇك، بۇرۇن قىسمى يالىڭاچ، ئالدى پېشانىسىدە بىر تۇتام تۈكى بولىدۇ. كۆزى چوڭ ھەم يۇمىلاق، كۆز قارىچۇقى سۆسۈن رەڭ، كالپۇك ۋە تىل ئۇچىمۇ سۆسۈن رەڭ، ئىككى كىچىك قۇلىقى يۇڭلىرى بىلەن ئورىلىپ تۇرىدۇ. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏