چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش قەشقەرنىڭ باغۋەنچىلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىدىن قوغۇن–تاۋۇزلار، پەيزاۋات قوغۇنى، بادام، ئانار، سەمەت ئۆرۈكى، پىستە قاتارلىقلار بار.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :قەشقەرنىڭ باغۋەنچىلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرى

قىسقىچە چۈشەندۈرلىشى

قەشقەرنىڭ باغۋەنچىلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىدىن قوغۇن–تاۋۇزلار، پەيزىۋات قوغۇنى، بادام، ئانار، سەمەت ئۆرۈكى، پىستە قاتارلىقلار بار.

قوغۇن–تاۋۇزلار

  قوغۇننىڭ ئاساسلىق سورتلىرىدىن ناشېكەر، پوستىپىياز، شېكەر شېرىن، خامانچى، تەرە، قارىقاش، چارچۈرۈك، كۈرەك، چارقوغۇن، ئۆرە قوغۇن، قارىكۆسەي، مامۇت قازى، ئاق كۆكچى، قارىكۆكچى قاتارلىقلار بار. كۈزلۈك قوغۇنلاردىن كۈزلۈك ئاپتۇۋا، ئالاغىر، قارىكۆكچى، ساز كۆكچى، قارىكۆسەي قاتارلىقلار بار. بۇنىڭ ئىچىدە قارىكۆسەينىڭ سورتى ئالاھىدە ياخشى بولۇپ، ساقلاشقا–توشۇشقا چىداملىق. ئۇنىڭدىن باشقا، سىرتتىن كەلتۈرۈلگەن سورتلاردىن پايدىلىق كۈمۈش قوغۇن، سېرىق چىلگە، تورلاش قوغۇن، ئېتى قىزىل قوغۇن، «1-ئاۋغۇست» قوغۇنى، قارىقاش تاتلىق قوغۇنى قاتارلىقلار بار.

  قەشقەرنىڭ تاۋۇز سورتى بايلىقىمۇ مول. ئاساسلىق بالدۇر پىشىدىغان سورتلاردىن چىلگە بار؛ ئارا جاغدا سورتلاردىن 40-نومۇرلۇق تاۋۇز، تارىم چوڭ تاۋۇزى، ئاق تاۋۇز، قارا تاۋۇز، سوۋېت ئىتتىپاقى 3-نومۇرلۇق تاۋۇزى ۋە قىزىل ئەلا سورتلۇق 2-نومۇرلۇق تاۋۇزلار بار. 

پەيزىۋات قوغۇنى

  پەيزىۋات قوغۇنى دېگىنىمىزدە ئاساسەن قارىكۆسەي كۆزدە تۇتىلىدۇ. بۇ شىنجاڭدىكى سۈپەتلىك قوغۇن سورتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، مەملىكەتنىڭ جاي–جايلىرىدا ياخشى سېتىلىۋاتىدۇ، بۇ قوغۇن پەيزىۋات ناھىيەسىدىن چىققاچقا «پەيزاۋات قوغۇنى» دەپ ئاتالغان. پەيزاۋات قوغۇنى قوغۇن–تاۋۇز، مېۋە–چېۋە ئىچىدىكى ئەتىۋارلىق مەھسۇلات، ئېتى قېلىن، چۈرۈك، سۇلۇق، تاتلىق، پۇراقلىق، شاپىقى نېپىز، ساقلاشقا ۋە توشۇشقا چىداملىق كېلىدۇ، ئادەتتە يىل ئاتلاپ كېلەر يىلى ئەتىيازغىچە ساقلىغىلى بولىدۇ. بۇ قوغۇن تۇنجى قېتىم بازارغا سېلىنغاندىلا كىشىلەرنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشىپ «جۇڭگو قوغۇن شاھى» دەپ تەرىپلەنگەن.

 پەيزىۋات ناھىيەسىنىڭ ھەرخىل قوغۇن سورتلىرىنى تېرىش تارىخى ئۇزاق. 50-يىللارنىڭ باشلىرىدا پەيزىۋات ناھىيەسى ئەتراپىدىن قېزىلغان جەنۇبىي–شىمالىي سۇلالىلەر دەۋرىگە ئائىت «مومىيا» ئىچىدىن قوغۇن ئۇرۇقى ۋە قوغۇن شاپىقى چىققان. يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى شائىر يوللىغ چۇساينىڭ «شۇ يىلى كۈزدە پىشار ئاشۇ شېرىن قوغۇن، يېگىلى بولار كېلەر يىلى ئەتىيازغىچە» دېگەن مىسرالىرىدا پەيزاۋات قوغۇنىنىڭ ساقلاشقا چىداملىق ئۆزگىچە ئالاھىسىلىكى سۈرەتلەنگەن، چىڭ سۇلالىسىنىڭ چىيەنلۇڭ يىللىرىدا، پەيزاۋات قوغۇنى ئوردىغا تارتۇق قىلىنىدىغان بۇيۇملار قاتارىغا كىرگۈزۈلۈپ، ھەر يىلى 9-، 10-ئايلاردا يەرلىك ئەمەلدارلار تەجرىبىلىك قوغۇنچىلارنى تەشكىللەپ، پەيزاۋات قوغۇنىدىن تاللاپ ئاستانىگە ئەۋەتىپ بەرگەن.

  پەيزىۋات قوغۇنىدا كۆپ خىل ۋىتامىن ۋە ئۆسۈملۈك تالالىرى بار، ئۇنىڭ ۋىتامىن C تەركىبى ھەر خىل مېۋە–چېۋە ئىچىدە 1-ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇ قوغۇن بەلغەم بوشىتىش، يۆتەل توختىتىش، قىزىتمىنى ياندۇرۇش، ئۆپكىنى سىلىقلاش، جىگەرنى قۇۋۋەتلەش، ھەزىم قىلىشقا ياردەم بېرىش، تېرىنى يۇمشىتىش، ھۆسنىنى گۈزەللەشتۈرۈش، قاننى راۋانلاشتۇرۇش ۋە ماددا ئالماشتۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە، بولۇپمۇ كىچىك بالىلار ۋە ھامىلدار ئاياللارغا نىسبەتەن ھامىلىنىڭ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، بەدەننى كۈچلەندۈرۈش، تەننى ساغلاملاشتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ. ئەگەر كەچلىك تاماقتىن كېيىن يېيىلسە ئۇيقۇسى ياخشى بولىدۇ.

بادام

  بادام ياپىلاق شاپتۇلمۇ دېيىلىدۇ، ئۇ ئازغان ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان غول ئۆسۈملۈككە تەۋە بولۇپ، سۈپەتلىك ياغاچ غوللۇق دەرەخ سورتىدۇر.

  بادام مېغىزى داڭلىق مېۋە بولۇپ، تەمى تاتلىق، ئاسان ھەزىم بولىدۇ، تەركىبىدە ئاقسىل ۋە كۆپ خىل ۋىتامىن مول، دورىلىق قىممىتى يۇقىرى. ئۇيغۇر تېبابىتى دورىلىرىنىڭ %60 رېتسىپىدا بادام بار. دېمەك، ئۇ ئىنتايىن ياخشى ساغلاملىق ئاشۇرۇش دورىسى ھېسابلىنىدۇ. راك كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈنۈمىگىمۇ ئىگە. شۇنىڭ بىلەن بىللە بادام يەنە ئالىي دەرىجىلىك سۇ يېغى ۋە يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش خام ئەشياسىدۇر.

  بادامنىڭ ياغىچى قاتتىق، رەڭلىك، كۆركەم بولۇپ، قەشقەر ۋىلايىتىدىكى ئالاھىدە ئىقتىسادىي ئورمان سورتى ۋە باغ–ئورمانچىلىق، كۆكەرتىش جەھەتتىكى دەرەخ سورتىدۇر. بادام قەشقەر ۋىلايىتىدە كەڭ كۆلەمدە ئۆستۈرىلىدۇ، سورتى 20 خىلدىن ئاشىدۇ. ئاساسلىقى يەكەن، يېڭىسار ناھىيەسى، قەشقەر شەھىرى، كونا شەھەر، قاغىلىق قاتارلىق جايلاردىن چىقىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە يەكەن، يېڭىسار ناھىيەسىدىكى بادامنىڭ سورتى سەرخىل بولۇپ، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا سۈپەتلىك مېۋىىك دەرەخ سۈپىتىدە كېڭەيتىلىپ، مېۋىسى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگىمۇ تارقىتىلماقتا.

  بادام دەسلەپتە كۆچەتخانىدا ئۆستۈرىلىدۇ. كۆچىتى بىخلانغاندىن كېيىن ئۇلىنىپ، بىر يىلدىن كېيىن يۆتكەپ ئۆستۈرىلىدۇ. بادام قاتتىق تەلەپ بويىچە باشقا دەرەخ چېچەكلىرى بىلەن چاڭلاشتۇرىلىدىغان بولغاچقا، ئۇنىڭ «يېقىن تۇغقانلار ئارا چاڭلىشىشى» قاتتىق مەنئىي قىلىنىدۇ. شۇڭا، بادامنى ئۆستۈرىدىغان چاغدا، چاڭلاشتۇرۇلىدىغان دەرەخ تۈرلىرىنى تاللاش كېرەك.

  بادام كۈن نۇرى خۇمار، قۇرغاقچىلىققا، شورغا چىداملىق دەرەخ بولۇپ، ئۆسۈشى تېز بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە. بادام كۆچىتى تىكىلىپ ئۈچ–تۆت يىلدىن كېيىن مېۋە بېرىشكە باشلايدۇ، 8-12 يىلدا كۆپلەپ مېۋە بېرىدۇ. 40-50 يىلدا قېرىپ مېۋىلەش ئىقتىدارى تۆۋەنلەيدۇ.

 ئانار

  ئانار يوپۇرماق تاشلايدىغان كىچىك چاتقال ئۆسۈملۈك بولۇپ، يىلتىزى ۋە غولى كۆپ شاخلايدۇ. ئانار دانىچىسىدا كاربون سۇ بىرىكمىلىرى ۋە ۋىتامىن C تەركىبى بولغاچقا، يېگەندە سالقىن، تاتلىق سېزىم پەيدا بولىدۇ، شۇڭا ئۇ مېۋە–چېۋىلەرنىڭ سەرخىلى ھېسابلىنىدۇ. ئاناردا ئوزۇقلۇق مول بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۇنىڭ دورىلىق قىممىتىمۇ بەك يۇقىرى. ئۇنىڭ يىلتىزى، غولى، يوپۇرمىقى، سويپىقىدىن دورا ياساشقا بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە چېچىكى قىپقىزىل بولۇپ، ئېچىلىش مەزگىلى ئۇزۇن، مېۋىسى ئالاھىدە كۆركەم بولۇپ، ئادەمگە ھۇزۇر بەخش ئېتىدۇ. ئانار ساقلاشقا–توشۇشقا چىداملىق بولۇپ، كۆپىنچە دوست–بۇرادەرلەرگە سوۋغات قىلىنىدۇ.

  قەشقەر ئانىرى تاتلىق ئانار ۋە ئاچچىق ئانار دەپ ئىككى خىلغا ئايرىلىدۇ. ئانار سورتلىرىدىن چوڭ قىزىل ئۇرۇقلۇق تاتلىق ئانار، سۈرۈك قىزىل ئۇرۇقلۇق تاتلىق ئانار ۋە چوڭ قىزىل ئۇرۇقلۇق ئاچچىق ئانار بار

  ئانار كۆپ ھاللاردا تۈپ كۆچۈرۈش ۋە قەلەمچە تىكىش شەكلى ئارقىلىق يېتىشتۈرۈلىدۇ. تۇنجى قېتىملىق چېچىكى 5-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا ئېچىلىدۇ. 6-ئاينىڭ ئوتتۇرا–ئاخىرلىرىدا 2-، 3-قېتىملىق چېچىكى ئېچىلىدۇ. 1-، 2-قېتىملىق چېچىكى كۆپ مېۋە بېرىدۇ. ئاخىرقى چېچىكىدىن چۈشكەن مېۋىسى پىشمايدۇ، شۇڭا ئۇنى ئېلىۋىتىش كېرەك. مېۋىسىنىڭ يېتىلىش ۋاقتى 120 كۈندىن ئاشىدۇ.

  ئانار سۇبتروپىك بەلباغ مېۋىلىك دەرىخىگە تەۋە بولۇپ، قۇمساڭ تۇپراقنى ياخشى كۆرىدۇ. سوغۇققا بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارى ناچار. شورلۇق–زەي تۇپراقتا ئۆستۈرۈشكە مۇۋاپىق كەلمەيدۇ. قىش پەسلىدە كۆمۈپ قىشتىن چىقىرىشقا توغرا كېلىدۇ. 11-ئاينىڭ باشلىرىدا كۆمۈلۈپ، 3-ئاينىڭ ئاخىرلىرى ياكى 4–ئاينىڭ باشلىرىدا ئېچىلىدۇ. يېتىلىش مەزگىلىدىكى تېمپىراتۇرىسى 10-38 سېلتسىيە گرادۇسقىچە، ئەڭ مۇۋاپىق تېمپىراتۇرىسى 20-30 سېلتسىيە گرادۇسقىچە بولۇپ، نۆلدىن تۆۋەن %16 تە ئۈششۈپ قالىدۇ.

سەمەت ئۆرۈكى

  سەمەت ئۆرۈكى ئەسلىدە قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يېڭىسار ناھىيەسىدىكى ئەگۈس يېزىسىنىڭ ئەتراپىدىن چىقاتتى. ھازىر قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا سۈپەتلىك مېۋىلىك دەرەخ سۈپىتىدە كېڭەيتىلمەكتە. 1987-يىلى يېڭىسار ناھىيەسى يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن 10 چوڭ سۈپەتلىك تاۋار ئۆرۈك ئىشلەپچىقىرىش بازىسى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى.

  سەمەت ئۆرۈكىنىڭ دانىسى يوغان، پىشقاندىن كېيىنكى رەڭگى سۈزۈك بولغاچقا «مۇز تاغدىكى قاشتاش» دەو ئاتالدى. سەمەت ئۆرۈكىنىڭ ئېتى سېرىق، شىرنىلىك بولۇپ، ئۈچكىسى ئاسان ئاجرايدۇ. تەركىبىدىكى ئېرىشچان قاتتىق ماددا %26، قەنت %1.3، ئىشقار %1.3 بولۇپ، كۆپ خىل ۋىتامىن، ئاقسىل ۋە مىكرو ئېلىمىنتلار بار. ئۇنىڭدىن شىرشىم گۈلە ۋە ئۆرۈك شىرنىسى ئىشلىگىلى بولىدۇ. ئۇنىڭ مېغىزى تاتلىق، مېغىزى نىسبىتى %35 بولۇپ، تەركىبىدە ۋىتامىن 17 B بار، سەمەت ئۆرۈكى راكنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىغا ئىگە،

ئۇنىڭدىن مېغىز سۈتى ئىشلىگىلىمۇ بولىدۇ.

  سەمەت ئۆرۈكىنىڭ قەشقەردە ئۆستۈرۈلۈش تارىخى ئۇزاق. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، چىڭ سۇلالىسىنىڭ شۈنجى ۋە كاڭشى يىللىرىدا يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ ئەگۈس ئەتراپىدا سەمەت ئاخۇن ئىسىملىك بىر كىشى ئۆتكەن، ئۇنىڭ ئائىلىسى نامرات بولغاچقا، سىرتقا ئىشلىگىلى چىقىپ كەتكەن،ئۇ ئۆزبېكىستاندا ئىشلەمچىلىك قىلىۋاتقان مەزگىلدە قۇرغاقچىلىققا ۋە سوغۇققا چىداملىق ھەمدە مېۋىسى ئالاھىدە ياىشى بىر خىل ئۆرۈك دەرىخىنى بايقاپ قاپتۇ. ئۇ شىنجاڭغا قايتىدىغان چاغدا، شۇ ئۆرۈك دەرىخىدىن بىر كۆز ئېلىۋىلىپ قاپاقتىكى سۇغا چىلاپ قويۇپتۇ. ئۇ يۇرتىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئاشۇ كۆزنى يەرلىك ئۆرۈك دەرىخىگە ئۇلاپ، كۆڭۈل قويۇپ پەرۋىش قىپتۇ ھەمدە ئۈزۈلدۈرمەي ئۇلاپ، كۆلىمىنى يىلدىن–يىلغا كېڭەيتىپتۇ. ئۇلانغان ئۆرۈكلەر مېۋە بېرىپتۇ. ئۆرۈكنىڭ دانىسى يوغان بولغاچقا، شۇ جايدىكى كىشىلەرنىڭ  ياخشى كۆرۈشىگە سازاۋەر بوپتۇ. كېيىنكىلەر سەمەت ئاخۇننى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن، بۇ ئۆرۈككە «سەمەت ئۆرۈكى» دەپ نام قويۇپتۇ.

 سەمەت ئۆرۈكى ئارا جاغدا سورتقا تەئەللۇق بولۇپ، 6-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا پىشىدۇ. سەمەت ئۆرۈكىنى تۇتقۇزۇش ئوڭاي، ئادەتتە ئىككى–ئۈچ يىلدا مېۋە بېرىدۇ، 10 يىلدا كۆپلەپ مېۋىلەش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى مەزگىلگە كىرىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تېخنىك خادىملارنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىلىق، «سەمەت ئۆرۈكى 1-نومۇرلۇق»، «سەمەت ئۆرۈكى 2-نومۇرلۇق»، «سوقا سەمەت ئۆرۈكى» قاتارلىق سورتلار بارلىققا كەلدى.

 پىستە

  پىستە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قەدىمكى دەرەخ سورتلىرىنىڭ بىرى. پىستىنىڭ قەشقەردە ئۆستۈرىلىۋاتقىنىغا 1300 يىلدىن ئاشتى، ئۇ ئاساسەن چىلگە پىستە ۋە جاغدا پىستە دەپ ئىككى خىلغا بۆلۈنىدۇ.

  پىستە دۇنيا بويىچە قاتتىق پوستلۇق تۆت چوڭ مېۋىنىڭ بىرى. ئۇنىڭ تەركىبىدىكى ئاقسىل%20.6 كە يېتىدۇ. پىستە ئاقسىل، ماي، شېكەر، ۋىتامىن تەركىبى ئۇنېۋىرسال تولۇقلىنىدىغان ساقلىق ساقلاش تەبىئىي يېمەكلىكى.

  پىستە يوپۇرماق تاشلايدىغان كىچىك غوللۇق سەرەخ. ئۇنىڭ ئەركەك–چىشىسى ئايرىم بولىدۇ. ئۇ قۇرغاقچىلىققا چىداملىق، ئىسسىققا، قۇمساڭ تۇپراققا ئامراق، كۆپ ھاللاردا ئېتىزغا تېرىپ ئۆستۈرىلىدۇ، ئۈنۈپ ئىككى–ئۈچ يىللىق بولغاندا ئۇلاشقا بولىدۇ. بىر يىلدىن كېيىن كۆچەت مۇقىملاشتۇرىلىدۇ.


يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏