چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش
«ئىنتېرنېت تورى ئۇچۇر مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش چارىسى» ئالاقە تورى ئۇچۇر مۇلازىمىتى پائالىيىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، ئالاقە تورى ئۇچۇر مۇلازىمىتىنىڭ ساغلام، تەرتىپلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن 2000-يىلى 9-ئاينىڭ 20-كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى گوۋۇيۈەننىڭ 31-قېتىملىق دائىمىي يىغىنىدا ماقۇللانغان، 2000-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى ئېلان قىلىپ يولغا قويۇلغان. بۇ چارە جەمئىي 27 ماددا، ئېلان قىلىنغان كۈندىن ئېتىبارەن يولغا قويۇلىدۇ.
ئۇيغۇرچە نامى :تۇتاش تور ئۇچۇر مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش چارىسى
خەنزۇچە نامى :互联网信息服务管理办法
ماقۇللانغان ۋاقتى :2000-يىلى 9-ئاينىڭ 20-كۈنى
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى :2000-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى
يولغا قويۇلغان ۋاقتى :2000-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى
ھۆججەت :جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى گوۋۇيۈەن 292-نومۇرلۇق بۇيرۇقى
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى گوۋۇيۈەن 292-نومۇرلۇق بۇيرۇقى
« ئىنتېرنېت تورى ئۇچۇر مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش چارىسى» 2000-يىلى 9-ئاينىڭ 20-كۈنى گوۋۇيۈەن 31- قېتىملىق دائىمىي يىغىنىدا ماقۇللانغان، ھازىر يولغا قويۇشقا جاكارلاندى.
زۇڭلى جۇ رۇڭجى
2000-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى
ئىسىم تاللاش قوللانمىسى