چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش قەشقەرنىڭ چارۋىچىلىق ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىدىن قاغىلىق قويى، دولان قويى، تاشقورغان قويى، قەشقەر ئۆچكىسى، قوتاز، قەشقەر ئېشىكى، گۇەنجۇڭ ئېشىكى، تۆگە قاتارلىقلار بار.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :قەشقەرنىڭ چارۋىچىلىق ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرى

قىسقىچە چۈشەندۈرۈلىشى

 قەشقەرنىڭ چارۋىچىلىق ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىدىن قاغىلىق قويى، دولان قويى، تاشقورغان قويى، قەشقەر ئۆچكىسى، قوتاز، قەشقەر ئېشىكى، گۇەنجۇڭ ئېشىكى، تۆگە قاتارلىقلار بار. 

قاغىلىق قويى

  قاغىلىق قويى شىنجاڭدىكى يەرلىك ئېسىل نەسىللەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ يېرىم يىرىك يۇڭلۇق قويغا مەنسۇپ. قاغىلىق قويىنىڭ نەسلى مۇقىم، ماسلىشىش ئىقتىدارى ياخشى، كېسەللىككە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى كۈچلۈك، يۇڭى سۈپەتلىك، گۆش بېرىش ئىقتىدارى ناھايىتى يۇقىرى.

  1) نەسىل ئالاھىدىلىكى. بۇ قوينىڭ يۈزى سوزۇنچاق، بۇرۇن سۆڭىكى بىر ئاز كۆتۈرۈلۈپ چىققان، قۇلىقى ئۇزۇن بولۇپ پەسكە ساڭگىلايدۇ (تەخمىنەن %13 كىچىك قۇلاق قوي بار). قوچقارلارنىڭ كۆپىنچىسى چوڭ مۈڭگۈزلۈك، ساغلىقلارنىڭ كۆپىنچىسى مۈڭگۈزسىز بولىدۇ (ئاز ساندىكى ساغلىقلارنىڭ يۇقىرىغا قاراپ يۆنەلگەن مۈڭگۈزى بار)، بوينىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئوتتۇراھال ھەم ئىنچىكە، جۇغى كىچىك، كۆكرەك قىسمىنىڭ كەڭلىكى يېتەرسىز، دۈمبىسى تەكشى–تۈز، ساغرىسى ئولتۇرغۇچ سوڭىدىن ئېگىزرەك؛ چىداملىق ھەم بېجىرىم بولۇپ، سۆڭىكى، تۇيىقى، قۇيرۇقى كىچىك، قويلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ قۇيرۇقى ساڭگىلاپ تۇرىدۇ. قۇيرۇقى كىچىك، قويلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ قۇيرۇقى ساڭگىلاپ تۇرىدۇ. قۇيرۇقى دىڭ، تۈز، ئۇچلۇق كېلىدىغانلىرىمۇ بار. يۇڭىنىڭ رەڭگى مۇرەككەپ بولۇپ، كۆپىنچىسى ئاق پۈتۈنلەي قارا ۋە قوڭۇر قويلارمۇ بار، دۈمبە يۇڭى بىرقەدەر ئۇزۇن، قاپلاش دەرىجىسى ئالدى پۇتىنىڭ جەينىكىگىچە، ئارقا پۇتىنىڭ ئوشۇقىغىچە ئۆسىدۇ. قورساق يۇڭى سەل قىسقا كېلىدۇ.

  2) ئېغىرلىقى. قاغىلىق قويىنىڭ ئېغىرلىقى بەش چىشلىق بولۇشتىن ئىلگىرى تېشىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ ئېغىرلىقى ئېشىپ بارىدۇ. بەش چىشلىق بولغاندا، ئەڭ يۇقىرى ئېغىرلىققا يېتىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن ئېغىرلىقى يىلمۇيىل تۆۋەنلەيدۇ. لېكىن، مۇنداق بىنورماللىق كۆرۈنەرلىك بولمايدۇ. يېتىلگەن قويلارنىڭ ئوتتۇرىچە يۇڭىنىڭ مىقدارى 33.25 كىلوگىرام، قوچقارنىڭ 39.6 كىلوگىرام، ساغلىقنىڭ 28.2 كىلوگىرام بولىدۇ.

  3) يۇڭىنىڭ مىقدارى. يۇڭى يىلدا ئىككى قېتىم قىرقىۋېلىنىدۇ. ئەتىيازدا 5-ئايدا، كۈزدە 9-ئايدا قىرقىلىدۇ. يېتىلگەن قوچقاردىن 1.82 كىلوگىرام، ساغلىقتىن 1.27 كىلوگىرام، يېشىغا توشقان قويدىن 1.24 كىلوگىرام يۇڭ چىقىدۇ. ئادەتتىكى ئەھۋالدا كۈزلۈك يۇڭ ئەتىيازلىق يۇڭدىن %12.59 كۆپ چىقىدۇ.

  4) يۇڭىنىڭ تالاسى. تىپىك ھالدىكى سۈپەتلىك يۇڭ ئالاھىدىلىكىگە ئىگە، چوڭ قويلارنىڭ ئىنچىكە يۇڭى %19.44 نى، ئىككى تىپلىق يۇڭى %33.28 نى، يىرىك يۇڭى %43.09 نى، ئىگىلەيدۇ. يۇڭ سۈپىتى بىرقەدەر ياخشى بولىدۇ، پەقەت باش، پۇت ۋە قورساق قىسمىدىلا قىلچاڭ يۇڭ ئۆسىدۇ. كۈزلۈك يۇڭنىڭ ئۇزۇنلۇقى 10 سانتىمېتىردىن ئاشىدۇ، دۈمبە يۇڭىنىڭ ھەر كىۋادرات سانتىمېتىر يەردىكى زىچلىقى 2452 تال بولۇپ، قوچقارلىرىنىڭ ساغلىقلارنىڭكىدىن %8.76 زىچ بولىدۇ. ئوتتۇرىچە ئىنچىكىلىكى 32.23 مىكرون بولۇپ، قوي يۇڭىنىڭ سۈپىتى دانىسىگە سۇندۇرغاندا 50 تال بولىدۇ.

  5) كۆرپە. قاغىلىق قويى ئادەتتە ئۈچ ئايلىق بولغاندا سويۇلسا كۆرپىسىنىڭ سۈپىتى ناھايىتى ياخشى، تېرىسى نېپىز، يۇڭى شالاڭ بولىدۇ. يىرىك تىېىتلىق يۇڭىنىڭ نىسبىتى كۆپ، ئۆرۈلمىسى تەكشى، بۈدۈر–بۈدۈر بولىدۇ. قول بىلەن تۇتقاندا سىلىق بىلىنىدۇ، جۇلاسى كۆزنى چاقنىتىدۇ، تېرە تاختىسىنىڭ ھەجمى 15-20 كىۋادرات سانتىمېتىر كېلىدۇ.

  6) گۆش، سۈتى. ساغلىق قويلارنىڭ ئەڭ چوڭلىرىنىڭ بىرلىك گۆش نىسبىتى %51.51، ئىچ يېغى 1.2 كىلوگىرام بولىدۇ. گۆشنىڭ سۈپىتى نىسبەتەن ياخشى بولۇپ، تالاسى يۇمران، ماي تەركىبى تۆۋەن، تەمى مەززىلىك. مەلۇماتقا قارىغاندا، قوتاندا 1:3.93 بويىچە يەم-خەشەك بىلەن بېقىلسا ئېغىرلىقى كۈنىگە 130 گىرامدىن ئاشىدىكەن. قوزىلار سۈتتىن ئايرىلغاندىن كېيىن ساغلىقنى ئادەتتە 80 كۈن سېغىشقا بولىدىكەن. ھەربىر ساغلىقتىن كۈنىگە 350 گىرام ئەتراپىدا سۈت سېغىۋېلىنسا، 80 كۈندە چىققان سۈتتىن 250 گىرام سېرىقماي، 2.5 كىلوگىرام قۇرت ئېلىشقا بولىدۇ.

 7) كۆپىيىش ئىقتىدارى. كۆپىيىشتە چېتىشتۇرۇش ئاساس قىلىنىدۇ. قوچقار بىلەن ساغلىقلار ئارىلاش بېقىلىدىغان پادىدا بىر تۇياق قوچقار بىلەن 20-30 تۇياق ساغلىقنى ئۇرۇقلاندۇرغىلى بولىدۇ. ساغلىقلار بىر يىلدا كۆپ قېتىم كۈيلەيدۇ. كۈيلەشنىڭ داۋاملىشىش مەزگىلى 16-19 كۈنگىچە بولىدۇ. ساغلىقلار ئادەتتە يىلدا بىرنى قوزىلايدۇ. بېقىش شارائىتى ئوبدان بولغاندا قوشكېزەك تۇغىدىغانلىرىمۇ بولىدۇ. قوشكېزەك قوزا نىسبىتى %8-10، كۆپىيىش نىسبىتى %121.04 بولىدۇ.

دولان قويى

  دولان قويى شىنجاڭنىڭ ئەڭ سۈپەتلىك گۆش–يېغىدىن تەڭ پايدىلىنىشقا بولىدىغان نەسىل بولۇپ، سىرتتىن كەلتۈرۈلگەن قويلار بىلەن يەرلىك قويلار چېتىشتۇرۇلۇپ بارلىققا كەلگەن. دولان قويىنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، گۆشى كۆپ چىقىدۇ ھەم يۇمران بولىدۇ؛ دۈمبە يۇڭىدىكى تىۋىت تەركىبى بىرقەدەر كۆپ، يۇڭىنىڭ سۈپىتى، كۆپىيىش نىسبىتى يۇقىرى بولۇپ، بالدۇر يېتىلىش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە؛ ئوزۇقلىنىش ئىقتىدارى كۈچلۈك، يېگەن يەم–خەشىكى بىكار كەتمەيدۇ، گۆش ئىشلەپچىقىرىشتىكى كۆڭۈلدىكىدەك نەسىل.

  1) نەسىل ئالاھىدىلىكى. دولان قويىنىڭ بېشى ئۇزۇنچاق، قاڭشارلىق، قۇلىقى يوغان ھەم سالپاڭ ۋە كەڭ بولىدۇ، ئايرىم قويلارنىڭ قۇلىقى كەينىدىرەك كىچىك گادا بولىدۇ؛ قوچقارلىرىنىڭ كۆپلىرى مۈڭگۈزسىز ياكى قۇرت مۈڭگۈزلۈك، ساغلىقلىرى مۈڭگۈزسىز، بوينى ئىنچىكە ھەم ئۇزۇن، جۇغى چوڭ، تۆشى كەڭ ھەم ئىچىگە، قوۋۇرغىسى يۇمىلاق، دۈمبىسى تەكشى كېلىدۇ، بەل ۋە ساغرىسى كەڭ، ئارقا پۇتىنىڭ بۇلجۇڭ گۆشى كۆپ بولىدۇ؛ قۇيرۇقى چوڭ، قۇيرۇق ئويۇقچىسى چوڭقۇر بولىدۇ (قىسمەن قويلارنىڭ قۇيرۇق ئويۇقچىسى ئۈستىدە كىچىك تۈگۈنچەك بولىدۇ)؛ پۇت–قوللىرى توم، مەزمۇت كېلىدۇ. يۇڭى ئاساسەن بوز بولىدۇ، دولان قويىنى يۇڭ سۈپىتىگە قاراپ ئىككى چوڭ تىپقا ئايرىشقا بولىدۇ: يېرىم يىرىك يۇڭلۇق تىپتىكىلىرىنىڭ سېنى زىلۋا، ئۇزۇنراق، قۇيرۇقى «W» شەكىللىك بولىدۇ، يۇڭى كۆپىنچە كۈل رەڭ ۋە بوز بولىدۇ. يۇڭىنىڭ سۈپىتى ياخشى، تىۋىت تەركىبى كۆپ، يۇڭى ئاساسەن يېرىم يىرىك يۇڭ ھېسابلىنىدۇ. يىرىك يۇڭلۇق تىپتىكىلىرىنىڭ بەدەن تۈزۈلۈشى قوپال، سېنى قىسقىراق، يۇڭى يىرىكرەك كېلىدۇ، قۇرغاق، جانسىز، يۇڭى كۆپ بولىدۇ. يۇڭىنىڭ رەڭگى كۆپىنچە قېنىقراق بولىدۇ. قوزىلىرىنىڭ يۇڭىنىڭ رەڭگى يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ كۈل رەڭگە ئۆزگىرىدۇ.

 2) ئېغىرلىقى. يېڭى تۇغۇلغاندىكى ئېغىرلىقى خېلىلا ئېغىر بولىدۇ، ئەركەك قوزىلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئېغىرلىقى 5.3 كىلوگىرام، ئەڭ ئېغىر بولغاندا 6.8 كىلوگىرام، قوشكېزەك قوزىلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئېغىرلىقى 4.95 كىلوگىرام؛ چىشى قوزىلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئېغىرلىقى 5.1 كىلوگىرام، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 6.4 كىلوگىرام؛ قوشكېزەك چىشى قوزىلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئېغىرلىقى 4.07 كىلوگىرام كېلىدۇ. تۆت ئايلىق بولۇپ سۈتتىن ئايرىلغاندا ئوتتۇرىچە ئېغىرلىقى 42.1 كىلوگىرام، ئەڭ ئېغىر بولغاندا 43 كىلوگىرام كېلىدۇ. قوزىلارنىڭ ئەڭ تېزچوڭ بولىدىغان ۋاقتى سۈتتىن ئايرىلغاندىن كېيىنكى بىر ئايدىن ئۈچ ئايغىچە بولغان ۋاقتىدۇر. بىر ياشلىق قوچقارنىڭ ئېغىرلىقى ئەڭ ئېغىر بولغاندا 140.5 كىلوگىرام كېلىدۇ؛ بىر ياشلىق ساغلىقنىڭ ئېغىرلىقى ئەڭ ئېغىر بولغاندا 69.5 كىلوگىرامغا، قۇرامىغا يەتكەن ساغلىقنىڭ ئېغىرلىقى ئەڭ ئېغىر بولغاندا 108 كىلوگىرامغا يېتىدۇ. 

  3) ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى. دولان قويىنىڭ يىل بويى قوتان يەم–خەشىكى بىلەن بېقىلغان شارائىتتا گۆش بېرىش ئىقتىدارى خېلىلا ياخشى بولۇپ، سويۇلۇش نىسبىتى يۇقىرى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى گۆش چىقىش نىسبىتىمۇ يۇقىرى. شۇ يىللىق قويلارنىڭ يوغىنىشى تېز، يېتىلىشى بالدۇر بولۇپ، سۈتتىن ئايرىۋېتىلگەندىن كېيىن ئېغىرلىقى تېز ئاشىدۇ، يېشىغا يېتىشتىن ئىلگىرى سويۇلۇش نىسبىتى %53-56بولىدۇ. دولان قويىنىڭ گۆشى يۇمشاق، تەملىك بولۇپ، يەرلىك خەلق ياقتۇرۇپ يەيدۇ. يېتىلگەن قوچقارنىڭ سويۇلۇش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا %60 تىن ئاشىدۇ. قوچقاردىن ئوتتۇرىچە 2.63 كىلوگىرام، ساغلىقتىن 1.75 كىلوگىرام يۇڭ قىرقىۋېلىنىدۇ.

 4) كۆپىيىش ئىقتىدارى. دولان قويىنىڭ جىنسىي ئىقتىدارى بالدۇر يېتىلىدۇ. شۇڭا، بىرقەدەر يۇقىرى كۆپىيىش ئىقتىدارىغا ئىگە. ئەركەك قوزىلىرىنىڭ ئادەتتە ئالتە–يەتتە ئايلىق بولغاندا جىنسىي يېتىلىدۇ؛ دەسلەپكى جۈپلىشىشى بالدۇر بولىدۇ؛ چىشى قوزىلار ئالتە–سەككىز ئايلىق بولغاندا ئۇرۇقلىنىدۇ، ئوبدان بېقىلسا ساغلىقلارنىڭ كۆپىنچىسى قوزىلايدۇ. ساغلىقلارنىڭ كۈيلەش مەزگىلى 15-18 كۈنگىچە بولىدۇ، كۈيلىشى 24-48 سائەتكىچە داۋاملىشىدۇ. بوغازلىق ۋاقتى 150 كۈن بولىدۇ، ئادەتتە ئىككى يىلدا ئۈچ قېتىم قوزىلايدۇ، ئېتى ئوبدانراقلىرى يىلدا ئىككى قېتىم قوزىلايدۇ. قوچقاردىن پايدىلىنىش قەرەلى بەش–سەككىز يىل، ساغلىقلاردىن پايدىلىنىش قەرەلى 10-11 يىل بولىدۇ، بىر ساغلىق نورمال ئەھۋالدا ھاياتىدا 15 نى، ئەڭ كۆپ بولغاندا 20 دىن ئارتۇق قوزىلايدۇ. كۆپىيىش نىسبىتى %140.19 بولىدۇ.

تاشقورغان قويى

  تاشقورغان قويىنىڭ بۇرۇنقى نامى سىزگى قويى ئىدى، بۇ قوي يەنە «دامباش قويى» دەپمۇ ئاتالغان. ئاساسلىقى تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى نىڭ دامباش رايونىغا تارقالغان. بۇ قوينىڭ جۇغى چوڭ، يېتىلىشى تېز بولۇپ، گۆش–ياغ بېرىش ئىقتىدارى ياخشى، يەم–خەشەك تاللىمايدۇ، ېگىزلىكتىكى سوغۇق، قۇرغاق ئېكىلوگىيەلىك مۇھىتقا ماسلىشىشچانلىقى يۇقىرى.

  1) نەسىل ئالاھىدىلىكى. بۇ قوينىڭ جۇغى چوڭ بولۇپ، بېشىنىڭ چوڭ–كىچىكلىكى ئوتتۇراھال، قاڭشارلىق، كۆپ ساندىكىلىرىنىڭ قۇلىقى بۇرۇن تۆشۈكى چوڭ، سالپاڭ كېلىدۇ. ئاز ساندىكىلىرىنىڭ قۇلىقى چوناق ۋە كىچىك بولىدۇ. قوچقار ۋە ساغلىقلىرىنىڭ كۆپىنچىسى مۈڭگۈزسىز بولىدۇ، ئاز ساندىكىلىرىنىڭ ئارقىغا قاراپ يۆگەلگەن قىسقا مۈڭگۈزى بولىدۇ، قىسمەن ساغلىقلارنىڭ سۈپىتى ئۆزگەرگەن مۈڭگۈزلۈك بولىدۇ. قىسمەن قوچقارلارنىڭ بوينىدا، كۆكرەك قىسمىدا شالاڭ قىسمى يالى بولىدۇ. ئاز ساندىكى قويلارنىڭ ئېڭەك ئاستىدا ئەمچەكسىمان ئۆسمىسى بولىدۇ. كۆكرەك قىسمى ئانچە يېتىلەلمەيدۇ. بېلى تۈز، ساغرىسى كەڭ ۋە قېلىن بولىدۇ، قۇيرۇقى چوڭ بولۇپ، تۆۋەنگە ساڭگىلىمايدۇ، كاسىسى ئۇچىدا تېيىز ئويمانچۇقى بولۇپ، ئۇ سىممىتېرىيەلىك ئىككى بۆلەككە بۆلۈنگەن بولىدۇ، ئارقا گەۋدىسى يېتىلگەن بولۇپ، پۇت–قوللىرى ئۇزۇن ۋە بەستلىك، بولۇپمۇ ئارقا پۇتى كۈچلۈك بولۇپ، ئوڭ–سولغا قايرىلالايدۇ، تۇياقلىرى ناھايىتى چىڭ. ساغلىقلارنىڭ يېلىنىنىڭ يېتىلىشى ياخشى. بۇ قوينىڭ يۇڭىنىڭ رەڭگى مۇرەككەپ بولۇپ، قارا ۋە بوز رەڭدىكى ئاساسىي ئورۇندا، چىپار ۋە ئاق رەڭدىكىلىرى 2-ئورۇندا تۇرىدۇ، ئاز ساندىكىلىرى كۈل رەڭ بولىدۇ.

  2) ئېغىرلىقى. دەسلەپ تۇغۇلغاندىكى ئېغىرلىقى: تۇنجى تۇغقان ساغلىقنىڭ ئەركەك قوزىسىنىڭ ئېغىرلىقى 3.64 كىلوگىرام، چىشى قوزىسىنىڭ 

ئېغىرلىقى 3.37 كىلوگىرام كېلىدۇ، ئىلگىرى قوزىلىغان ساغلىقنىڭ ئەركەك قوزىسىنىڭ ئېغىرلىقى 4.08 كىلوگىرام، چىشى قوزىسىنىڭ ئېغىرلىقى 3.67 كىلوگىرام كېلىدۇ. يېتىلگەن قوچقارلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە ئېغىرلىقى 73.73

كىلوگىرام، ساغلىقلىرىنىڭ 58.18 كىلوگىرام كېلىدۇ.

  3) يۇڭىنىڭ مىقدارى. يۇڭ مىقدارىغا كەلسەك، قۇرامىغا يەتكەن قوچقارلىرىدىن 1.5 كىلوگىرام، ساغلىقلىرىدىن 1.12 كىلوگىرام؛ بىر يېرىم ياشلىق قوچقارلىرىدىن 0.7 كىلوگىرام، ساغلىقلىرىدىن 0.62 كىلوگىرام يۇڭ چىقىدۇ. دۈمبە يۇڭىنىڭ سۈپىتى ئىككى چوڭ تىپقا ئايرىلىدۇ. بىرىنچىسى، يىرىك يۇڭ تىپى. دۈمبە يۇڭى ئىچىدە جانسىز يۇڭ بىرقەدەر كۆپ، تىۋىت–يۇڭ نىسبىتى ئاز بولىدۇ؛ يەنە بىر تىپى، يېرىم  يىرىك يۇڭ تىپقا يېقىنراق بولۇپ، ئىككى تىپلىق يۇڭ بىلەن ئۆزەقسىز يۇڭنىڭ سالمىقى بىرقەدەر زور بولىدۇ، ئۇنىڭ يۇڭى گۆش قويلىرىنىڭ يۇڭ قۇرۇلمىسىغا تەۋە بولۇپ، كۆپىنچىسى تالاسىز يۇڭدىن شەكىللەنگەن بولىدۇ، يۇڭ ئاستىدىكى تىۋىتنىڭ ئوتتۇرىچە ئۇزۇنلۇقى 9.61 سانتىمېتىر. يىرىك يۇڭنىڭ ئوتتۇرىچە ئۇزۇنلۇقى 12.27 سانتىمېتىر كېلىدۇ. يېتىلگەن قوچقارلىرىنىڭ سويۇلۇشتىن ئىلگىرىكى ئوتتۇرىچە ئېغىرلىقى 55.6 كىلوگىرام، گۆش ئېغىرلىقى 27.64 كىلوگىرام؛ ساغلىقلىرىنىڭ ئېغىرلىقى 51.7 كىلوگىرام، گۆش ئېغىرلىقى 25.55 كىلوگىرام كېلىدۇ.

 4) كۆپىيىش ئىقتىدارى. جىنسىي يېتىلىشى بالدۇر بولىدۇ، ئەركەك قوزىلىرى ئالتە ئايدا، چىشى قوزىلىرى توققۇز ئايدا يېتىلىدۇ، قوچقارلىرىدىن ئالتا–يەتتە يىل پايدىلىنىشقا بولىدۇ. ساغلىقلىرى بەش–ئالتىنى قوزىلايدۇ، كۆپىنچە تاق قوزىلايدۇ، كۆپىيىش نىسبىتى %105.

قەشقەر ئۆچكىسى

  بۇ قەدىمكى تەرلىك نەسىل بولۇپ، قەشقەر ئۆچكىسى ئېگىزگە يامىشىشقا ئامراق كېلىدۇ، خالىغانچە ھەرىكەتلىنىدۇ، يەم–خەشەك تاللىمايدۇ، كېسەللىككە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى يۇقىرى. ئۇنىڭ كۆپىيىش ئىقتىدارى كۈچلۈك، ماسلىشىشچانلىقى يۇقىرى.

  1) نەسىل ئالاھىدىلىكى. قەشقەر ئۆچكىسىنىڭ بېشى كىچىك، قاڭشىرى تەكشى–تۈز ياكى سەل ئويۇلغان، بۇرۇن تۆشۈكى چوڭ، پېشانىسى كەڭ، جۇغى كىچىك، قۇلىقى سالپاڭ كېلىدۇ. ئەركەكلىرىمۇ، چىشىلىرىمۇ مۈڭگۈزلۈك بولۇپ، مۈڭگۈزى يېرىم يۇمىلاق شەكىلدە ئىگىلەپ تۇرىدۇ ياكى سەل ئارقىغا قاراپ تىك ئۆسىدۇ، مۈڭگۈزنىڭ ئۇچى بىر ئاز ئارقىغا ئىگىلگەن بولىدۇ. چېكە چۇپۇرى پېشانىسىگىچە ساڭگىلايدۇ. ئېڭىكى ئاستىدا ساقىلى بولىدۇ. تېكىسىنىڭ ساقىلى چىشىنىسىنىڭكىدىن ئۇزۇن بولىدۇ. بوينىنىڭ ئۇزۇنلۇقى مۇۋاپىق، ئالدى گەۋدىسى خېلى تېز يېتىلگەن، كەينى گەۋدىسى ئاستىراق يېتىلىدۇ، دۈمبە چۇپۇرى دۈمبە سىزىقىنى پاسىل قىلىپ ئىككى تەرەپكە ساڭگىلايدۇ. ئۇنىڭ چۇرى ئۇزۇن ھەم يىرىك، ئىنچىكە ھەم قىسقا تىۋىتتىن تەشكىل تاپقان بولىدۇ. يىرىك چۇپۇرى ئالدىنقى پاقالچىقىنى ئوشۇقىغىچە، ئارقا پاقالچىقىنى تىزىغىچە يېپىپ تۇرىدۇ. چىشىسىنىڭ يېلىنى يوغان بولىدۇ.

 2) ئېغىرلىقى. تۇنجى ئەركەك ئوغلاقنىڭ ئېغىرلىقى 2.08 كىلوگىرام، چىشى ئوغلاقنىڭ ئېغىرلىقى 1.91 كىلوگىرام؛ سۈتتىن ئايرىلغاندا ئەركەك ئوغلاقنىڭ ئېغىرلىقى 11.9 كىلوگىرام، چىشى ئوغلاقنىڭ ئېغىرلىقى 10.8 كىلوگىرام؛ يېتىلگەن تېكىنىڭ ئېغىرلىقى 32.1 كىلوگىرام، چىشى ئۆچكىنىڭ ئېغىرلىقى 27.6 كىلوگىرام كېلىدۇ.

  3) يۇڭنىڭ مىقدارى. تىۋىت ئېلىش، چۇپۇر قىرقىش دېھقانچىلىق رايونلىرىدا كۆپىنچە 5–ئايدا، تاغلىق رايونلاردا 6-ئايدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. مارالبېشى ناھىيەسىدە يېتىلگەن چىشى ئۆچكىدىن 91.15 گىرام، تېكىدىن 140 گىرام تىۋىت ئېلىنىدۇ. يېتىلگەن تېكىدىن 0.57 كىلوگىرام، ئۆچكىدىن 0.25 كىلوگىرام چۇپۇر قىرقىۋېلىنىدۇ. يېتىلگەن تېكىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە گۆش بېرىش نىسبىتى %43.57، چىشى ئۆچكىلەرنىڭ %40.27، شۇ يىلدىكى ئەركەك ئوغلاقنىڭ %39.31 بولىدۇ. ئوغلاق تۇغۇلغاندىن كېيىن ئۆچكىلەرنىڭ سۈت بېرىش مەزگىلى 150 كۈن ئەتراپىدا بولىدۇ، كۈنىگە ئوتتۇرىچە 0.4-0.7 كىلوگىرامغىچە سۈت سېغىلىدۇ، ئېلىنىدىغان ئومۇمىي سۈت 100-120 كىلوگىرامغا يېتىدۇ.

  4) كۆپىيىشى. جىنسىي جەھەتتە تۆت–ئالتە ئايدا يېتىلىدۇ. تۇنجى ئۇرۇقلىنىش يېشى بىر يېرىم ياش. كۈيلەش مەزگىلى 20-48 سائەتكىچە، بوغازلىق مەزگىلى 150 كۈن ئەتراپىدا بولىدۇ، ئادەتتە يىلدا بىرنى تۇغىدۇ، كۆپىيىش نىسبىتى %115-117.

قوتاز

  قوتازنىڭ تارقىلىش دائىرىسىدىن قارىغاندا، قەشقەر ۋىلايىتىدىكى قوتاز نەسلىنىڭ تىبەت قوتىزى بىلەن قانداشلىق مۇناسىۋىتى بار.

  1) نەسىل ئالاھىدىلىكى. قوتازنىڭ كۆرۈنۈشى ياۋا كالىغا ئوخشاپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ بېشى قوپال، ئېغىر، بوينى قىسقا، كەڭ بولىدۇ، كۆزى چوڭ بولۇپ پۇلتىيىپ چىقىپ تۇرىدۇ. پېشانە يۇڭى قويۇق ئۇزۇن ھەم بۈدۈر بولىدۇ. قۇلىقى كىچىك، بۇرۇن تۆشۈكى چوڭ ھەم كەڭ بولىدۇ، مۈڭگۈزسىزلىرى %64 نى، مۈڭگۈزلۈكلىرى %36 نى ئىگىلەيدۇ، بۇ نەسىل ئاساسلىقى پامىر ئېگىزلىكىگە تارقالغان. مۈڭگۈزلۈك ئىنەكلىرىنىڭ ئىنچىكە ئۇزۇن مۈڭگۈزى بولىدۇ، پېشانىسىنىڭ ئۈستىدىن يۇقىرىغا ۋە سىرتقا قارىغان بولىدۇ، مۈڭگۈزى ئارقىغا ياكى ئىچىگە قاراپ يۆگىلىپ تۇرىدىغانلىرىمۇ بار؛ مۈڭگۈزلۈك بۇقىلىرىنىڭ ئىككى قوپال چوڭ مۈڭگۈزى بولىدۇ، قوتازنىڭ مۈڭگۈزى زىچ ھەم پۇختا، رەڭگى كۆكۈچ بولىدۇ، مۈڭگۈز ئۈستىدە ياش چەمبىرىكى بار. ئىنەكلىرىنىڭ بوينى ئىنچىكە بولۇپ، بويۇن ئۇزۇنلۇقى مۇۋاپىق، بويۇن ئاستىدا ئازراق ساڭگىلىما گۆش بولىدۇ، بۇقىلىرىنىڭ بوينى قوپال ھەم توم، مۇسكۇللىرى كۆكرەك قىسمى ۋە دۈمبە، بەللىرى قىسقا ھەم تەكشى (ئايرىملىرى زەمبەل بەل بولىدۇ)، قورساق ئايلانمىسى يۇمىلاق ھەم چوڭ بولىدۇ، قوۋۇرغىلىرى زىچ، قۇيرۇقى قىيپاش بولۇپ، ئەگرى سىزىق ھاسىل قىلىدۇ. قۇيرۇقى قىيپاش بولىدۇ، ئارقا گەۋدىسىنىڭ يېتىلىشى ئالدى گەۋدىسىدەك تولۇق بولمايدۇ. قۇيرۇقى قىسقا، ئۇزۇن يۇڭلۇق بولۇپ، ئۇنىڭ چېچىلىپ تۇرۇشى ئاتنىڭ قۇيرۇقىغا ئوخشاپ كېتىدۇ. بۇقىلىرىنىڭ قۇيرۇق ئۇزۇنلۇقى 55-60 سانتىمېتىر كېلىدۇ. پۇتى قىسقا، توم، تۇياقلىرى مەزمۇت كېلىدۇ. دۈمبە يۇڭى ئارىلاشما شەكىللىك تۈزۈلگەن، يال يۇڭى قىسقا ھەم ئۇزۇن بولۇپ، دۈمبە يۇڭىنىڭ سىرتقى قاتلىمىنى شەكىللەندۈرىدۇ، تىۋىت يۇڭى ئىنچىكە ھەم قىسقا بولۇپ، ئىچكى قاتلام ھاسىل قىلىدۇ. بۇقا ۋە ئاختا قوتازنىڭ يال يۇڭى تېخىمۇ ئۇزۇن بولىدۇ. يۇڭنىڭ رەڭگى ئاساسەن قارا بولىدۇ. كۈل رەڭ، چىپار ئاق ۋە قوڭۇر رەڭلەردىكىسى 2-ئورۇندا تۇرىدۇ.

2) ئېغىرلىقى. پامىر ئېگىزلىكىدىكى يېتىلگەن ئاختا قوتازنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى 379.29 كىلوگىرام، يېتىلگەن چىشى قوتازنىڭ 245.67 كىلوگىرام كېلىدۇ. قۇرۇمتاغ تاغلىق رايونىدىكى يېتىلگەن بۇقا قوتازلارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى 458.24 كىلوگىرام، ئاختا قوتازنىڭ 398.48 كىلوگىرام، چىشى قوتازنىڭ 276.2 كىلوگىرام كېلىدۇ.

  3) ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى. قوتازنىڭ سۈت مىقدارى تۆۋەنرەك. موزىيى ئەمگەننى چىقىرىۋەتكەندە بىر يىلدا 150 كىلوگىرام ئەتراپىدا سۈت سېغىۋېلىنىدۇ. يېتىلگەن بۇقا قوتازدىن %69.28، چىشى قوتازدىن %53.7 گۆش چىقىدۇ. قوتازلارنىڭ تىۋىتى، يۇڭى، جىنسى، گەۋدىسى ۋە ياشايدىغان رايونى بويىچە پەرقلق بولىدۇ. تاشقورغاننىڭ تاغلىق رايونىدىكى ئاختا قوتازدىن ئوتتۇرىچە 970 گىرام تىۋىت، 640 گىرام يۇڭ، قاغىلىقنىڭ شىخشۇ يېزىسىدىكى قوتازلاردىن ئوتتۇرىچە 0.8-1 كىلوگىرامغىچە ئارىلاشما يۇڭ چىقىدۇ. قاتناش قولايسىز بولغان تاغلىق رايونلاردا قوتاز ئاساسلىق قاتناش–تىرانسپورت قورالى بولۇپ، ئۇنىڭ «ئېگىزلىكتىكى قولۋاق» دېگەن نامى بار. بىر جۈپ ئاختا قوتاز بىلەن كۈنىگە 1.52 مو يەر .اغدۇرغىلى بولىدۇ. ئەمما، 70-75 كىلوگىرام يۈكنى كۆتۈرۈپ كۈنىگە 40 كىلومېتىر يول ماڭالايدۇ (جۈملىدىن 10 كىلومېتىر كېلىدىغان ئىككى داۋاننى كېسىپ ئۆتىدۇ).

  4) كۆپىيىش ئىقتىدارى. ئوتلاق زارائىتى ياخشىراق بولغاندا، ئادەتتە بۇقىلىرى ئىككى ياش، چىشلىرى ئىككى يېرىم ياشلىق بولغاندا پىشىپ يېتىلىدۇ. بۇقىلىرىنىڭ تۇنجى جۈپلىشىش يېشى تۆت–بەش ياش، چىشىلىرىنىڭ ئۈچ يېرىم ياش بولىدۇ. ھەر يىلى 7-ئايدىن 9- ئايغىچە بولغان ۋاقىت كۈيلەش–جۈپلىشىش مەزگىلى بولۇپ، كۈيلەشنىڭ داۋاملىشىش ۋاقتى 48-60 سائەتكىچە بولىدۇ. بوغازلىق ۋاقتى 270 كۈن (260-285 كۈن) بولىدۇ. بۇقىلىرىدىن بەش–ئالتە يىل، چىشىلىرىدىن يەتتە–سەككىز يىل پايدىلىنىشقا بولىدۇ. چىشىلىرى ئادەتتە ئىككى يىلدا بىر موزايلايدۇ ياكى ئۈچ يىلدا ئىككىنى موزايلايدۇ. ھاياتىدا بەش–ئالتىنى موزايلايدۇ. قاغىلىقتىكى شىخشۇ قوتىزىنىڭ كۆپىيىش نىسبىتى %39.5-%58.8، تاشقورغان قوتىزىنىڭ كۆپىيىش نىسبىتى %40.1 بولىدۇ.

قەشقەر ئېشىكى

  1) نەسىل ئالاھىدىلىكى. بۇ ئېشەك پاكار ھەم جۇغى كىچىك بولۇپ، ھاڭگىلىرىنىڭ گەۋدىسى مىدىلىرىنىڭكىدىن چوڭ بولىدۇ. بېشىنىڭ چوڭ–كىچىكلىكى ئوتتۇراھال، قۇلىقى ئۇزۇن ۋە سەزگۈر، قۇلىقى ئىچىدە ئاق تۈكى بولىدۇ. پېشانىسى كەڭ، بۇرنى قىسقا، كۆزى چوڭ، ئۆتكۈر كېلىدۇ. بۇرنى، كۆزى، ئاغزى ئەتراپى ئاق، كۆكرىكى تارراق بولىدۇ. ئارقا گەۋدىسى تەرەققىي قىلغان، بېلى قىسقا، ساغرىسى قىيپاش بولىدۇ، قۇيرۇقى ئۇچلۇق بولۇپ، ئوشۇقىغا چۈشىدۇ. پۇتلىرى قىسقا، ئىنچىكە، مەزمۇت بولىدۇ. تۈكىنىڭ رەڭگى كۆپىنچىلىرىنىڭ كۈل رەڭ بولىدۇ.

  2) ئىقتىدارى. سۆرەش، كۆتۈرۈش، مىنىشكە ئىشلىتىلىدۇ. يۈك سۆرەش ئېغىرلىقى ئەڭ كۆپ بولغاندا 700 كىلوگىرامدىن ئاشىدۇ، كۆتۈرۈش كۈچى ئەڭ كۆپ بولغاندا 280 كىلوگىرامغا يېتىدۇ. يىل بويى ئىشلىتىلىپ تۇرىدىغان قەشقەر ئېشىكى قۇم تاشلىق يوللاردا 600 كىلوگىرام يۈك سۆرىيەلەيدۇ. توپىلىق يوللاردا 200-300 خىش (560-700 كىلوگىرام ئېغىرلىقتىكى) نى ئۇدا 10 سائەتتىن ئارتۇق سۆرىيەلەيدۇ. قىسقا ئارىلىقتا 150 كىلوگىرام يۈكنى كۆتۈرۈپ سېكۇنتىغا 1.4 مېتىرلىق سۈرئەت بىلەن كۈنىگە 40 كىلومېتىر يول ماڭالايدۇ. مىنسە بىر چوڭ ئادەم ۋە بىر كىچىك بالىنى كۆتۈرەلەيدۇ. بۇ ئېشەك پاكار، كىچىك بولغاچقا، يەر ئاغدۇرۇشقا ئاز ئىشلىتىلىدۇ.

  3) كۆپىيىش ئىقتىدارى. ھاڭگا، مادىلىرىنىڭ كۆپىيىش يېشى ئىككى–ئىككى يېرىم ياش، كۆپىيىش چەكلىمىسى 12 يىل بولىدۇ. ئادەتتە بىر يېرىم–ئىككى يىلدا بىرنى خوتەكلەيدۇ، ئۆمردە ئالتە–سەككىزنى خوتەكلەيدۇ. ئىرسىيەت ئىقتىدارى تۇراقلىق. ھاڭگىلىرىنىڭ تۆت– ئالتە ياشلىق چېغى جۈپلىشىشنىڭ ئەڭ يۇقىرى باسقۇچى بولىدۇ.

  4) ماسلىشىش ئىقتىدارى. بۇ ئېشەك قەشقەر ۋىلايىتىگە كەڭ تارقالغان بولۇپ، قەشقەر تۈزلەڭلىكىدىن قۇرۇمتاغ تىزمىلىرىغىچە، پامىر ئېگىزلىكىدىن تەكلىماكان باغرىدىكى بوستانلىقلارغىچە بولغان يەرلەرنىڭ ھەممىسى كۆپىيەلەيدۇ. مەيلى يازنىڭ پىژغىرىم ئىسسىقىغا ياكى قىشنىڭ قەھرىتان سوغۇقلىرىغا ماسلىشالايدۇ.

  قەشقەر ئېشىكىنڭ ماسلىشىشچانلىقى يۇقىرى، يەم–خەشەك تاللىمايدۇ، كېسەلگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى كۈچلۈك، بۇ ئېشەكنىڭ سانى كۆپ بولۇپ، دېھقان–چارۋىۋىلاردا كەم بولسا بولمايدىغان ئىشلەپچىقىرىش قوراللىرىنىڭ بىرىدۇر.

گۇەنجۇڭ ئېشىكى

  گۇەنجۇڭ ئېشىكى ئەسلىدە شەنشىنىڭ گۇەنجۇڭ تۈزلەڭلىكىدىن كەلتۈرۈلگەن. قەشقەر ۋىلايىتى 1985-يىلى بۇ نەسىلنى كەلتۈرۈپ يەرلىك نەسىل بىلەن شالغۇتلاشتۇرۇپ، ئېشەك نەسلىنى ياخشىلىدى، گۇەنجۇڭ ئېشىكى ئاساسلىقى يوپۇرغا ناھىيەسىگە تارقالغان بولۇپ، ۋىلايەت بويىچە ئېشەك نەسىللىرىنىڭ ئالاھىدە ياخشىسى بولۇپ قالدى.

  گۇەنجۇڭ ئېشىكىنىڭ بويى ئېگىز ھەم چوڭ، شەكلى ئۇزۇنچاقراق بولۇپ، بېشى چىرايلىق، كۆزى يوغان چاقناپ تۇرىدۇ، قۇلىقى دىڭ، بوينى ئېگىز كۆتۈرۈلۈپ تۇرىدۇ. ئالدى كۆكرىكى بىرقەدەر كەڭ، قوۋۇرغىسى زىچ ھەم يۇمىلاق، دۈمبىسى تۈز، قورساق قىسمى تولۇق، ساغرىسى قىسقا ۋە قىيپاش، پۇتلىرى راۋرۇس، مۇسكۇللىرى ئېنىق، بوغۇملىرى، پەيلىرى تەرەققىي قىلغان، تۇياقلىرى مەزمۇت، مېڭىش– تۇرۇشى جانلىق، ھەرىكىتى تېز، تۈكىنىڭ رەڭگى ئاساسەن قارا.

تۆگە

  قەشقەر تۆگىسىنىڭ بەدەن تۈزۈلۈشى چوڭ، ئېگىز، گەجگىسى قىسقىراق، قوپال، يۇڭى قېلىن بولىدۇ. كۆپىنچىسىنىڭ بېشى كىچىك ھەم زىلۋا، سەل–پەل شىنىسىمان كېلىدۇ. تۇمشۇقى ئۇچلۇق، قاڭشىرى تۈز، پېشانىسى ئويمانراق، لوككا تۈۋى كەڭرەك، كۆپىنچىسى چوڭ لوككىلىق كېلىدۇ، ئىككى لوككىسىنىڭ ئارىلىقى 30 سانتىمېتىر، لوككىسىنىڭ ئېگىزلىكى 20-40 سانتىمېتىر بولۇپ، قىيپاچراق يۇمىلاق شەكىلدە بولىدۇ. پۇتلىرى توم، كۈچلۈك. ئالدى پاقالچىقى كۆپىنچە چوڭ، تۈز، ئارقا پاقالچىقى قىلىچ شەكىلدە بولىدۇ. تاپىنى مۈڭگۈز ماددىسىدىن شەكىللەنگەن بولۇپ، ئالدى تاپىنى چوڭ ھەم قېلىن، يۇمىلاق، ئارقا تاپىنى كىچىك ھەم نېپىز، تۇخۇم شەكلىدە بولىدۇ، ھەربىر تاپىنى ئىككى پارچىگە بۆلۈنىدۇ.

  ئادەتتە يېتىلگەن تۆگىنىڭ ئېگىزلىكى 175 سانتىمېتىردىن ئاشىدۇ، ئېغىرلىقى 478-582 كىلوگىرام كېلىدۇ. تۆگە ئاساسلىقى قاغىلىق، يەكەن، كونا شەھەر، مارالبېشى، پەيزىۋات، يېڭىسار، تاشقورغان قاتارلىق ناھىيەلەرگە تارالغان بولۇپ، يۈك ئارتىشقا ئىشلىتىلىدۇ، ئادەتتە 150-200 كىلوگىرامغىچە يۈك كۆتۈرىدۇ، ھارۋىغا قېتىلسا بىر توننىدىن ئارتۇق يۈك سۆرىيەلەيدۇ. مىنسە ئاستا ماڭىدۇ، ئەمما ئۇزاق يولغا بەرداشلىق بېرىدۇ، ئادەتتە كۈندە يەتتە سائەتتە 80-100 كىلومېتىر يول يۈرەلەيدۇ.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏