چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش دېڭىز شىرىنىڭ مىجەزى مۇلايىم، توپلىشىپ ياشايدۇ، كۆرۈش سېزىمى ناچار، لېكىن ئاڭلاش سېزىمى بىلەن پۇراش سېزىمى سەزگۈر، بەش ئۇرۇقدىشى يەتتە تۈرى بار، شىمالىي يېرىم شارغا تارقالغان.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :دېڭىز شىرى

خەنزۇچە ئاتىلىشى :海狮

ئىنگلىزچە نامى :Sea Lion

تارقالغان رايونلار :شىمالىي يېرىم شار

تەۋەلىكى :ھايۋاناتلار دۇنياسى

تىپى :خوردىلىق ھايۋانلار تىپى

سىنىپى :سۈت ئەمگۈچىلەر سىنىپى

تۈركۈمى :پالاقچە پۇتلۇقلار

ئائىلىسى :دېڭىز شىرى ئائىلىسى

ئۇرۇقداشلىرى :بەش خىل

تۈرى :يەتتە خىل

كەنجى تىپى :ئومۇرتقىلىق ھايۋانلار كەنجى تىپى

كەنجى سىنىپى :ھەقىقىي سۈت ئەمگۈچىلەر كەنجى سىنىپى

كەنجى ئائىلىسى :دېڭىز شىرى كەنجى ئائىلىسى

لاتىنچە نامى :Otarriinae

پىنيىنچە يېزىلىشى :hǎi shī

باشقا نامى :دېڭىز ئارسلانى، مورژ، ئوتارىيە

تونۇشتۇرۇلۇشى

دېڭىز شىرىنىڭ بەش ئۇرۇقدىشى يەتتە تۈرى بار. شىمالىي يېرىم شارغا تارقالغان. تېنى بىر قەدەر كىچىك، تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئادەتتە ئىككى مېتىردىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. شىمال دېڭىز شىرى، دېڭىز شىرى ئائىلىسىدىكى ئەڭ چوڭ بىر خىل تۇر.

ئەركەك دېڭىز شىرىنىڭ تەن ئۇزۇنلۇقى 310 ~ 350 سانتىمېتىر، بەدەن ئېغىرلىقى 1000 كىلوگىرامدىن ئارتۇق. ئەركەك يېتىلگەن دېڭىز شىرىنىڭ بويۇن ئەتراپى ۋە مۈرە قىسمىغا ئۇزۇن ھەم يىرىك يۇڭلار ئۆسكەن بولۇپ، بەدەن تۈكلىرى سېرىق ياكى دۈمبە تۈكىنىڭ رەڭگى بىرقەدەر سۇس كۆكرەك، قورساق قىسمىنىڭ رەڭگى قېنىق.

19پارچەدېڭىز شىرىچىشىسىنىڭ تېنىنىڭ رەڭگى ئەركەك دېڭىز شىرىنىڭكىدىن سۇس، يالىسى يوق. يۈز قىسمى قىسقا ۋە كەڭ، تۇمشۇقى دىقماق، كۆز ۋە قۇلىقى كىچىك بولىدۇ. ئالدى پۇتى ئارقا پۇتىغا قارىغاندا بىر قەدەر ئۇزۇن ھەم كەڭ، ئالدى پۇتىنىڭ بىرىنچى بارمىقى ئەڭ ئۇزۇن، پەنجىسى چېكىنىپ كەتكەن. ئارقا سىرتقى يان پۇت بارمىقى ئوتتۇرىدىكى ئۈچ بارماقلىرىغا قارىغاندا بىر قەدەر ئۇزۇن ھەم كەڭ، ئوتتۇرىسىدا ئۈچ بارماق پەنجىسى بار.

مىجەزى مۇلايىم، كۆپ توپلىشىپ ياشايدۇ، قۇرۇقلۇق قىرغىقىدىكى بىر توپ نەچچە مىڭ باشتىن تەركىب تاپقان بولىدۇ، دېڭىز يۈزىدە بىر ياكى ئون نەچچە باشتىن تەركىب تاپقان. كۆرۈش سېزىمى ناچار، لېكىن ئاڭلاش سېزىمى بىلەن پۇراش سېزىمى سەزگۈر. ئوزۇقى ئاساسەن، سۇ تېگىدە ياشايدىغان بېلىقلار ۋە باش پۇتلۇقلار تۈرىدىكى ھايۋان.

چىشى دېڭىز شىرى ھەر قېتىمدا پەقەت بىرنىلا تۇغالايدۇ، تۇغۇلغان بالا دېڭىز شىرىنىڭ تەن ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 100 سانتىمېتىر، ئېغىرلىقى 20 كىلوگرام، 5 ياشلىق بولغاندا جىنسىي جەھەتتىنمۇ يېتىلىدۇ، ئۆمرى 20 يىلدىن ئارتۇق بولىدۇ. 

شىمالىي تىنچ ئوكياندىكى سوغۇق مۆتىدىل بەلباغ دېڭىز، فالكلاند تاقىم ئاراللىرى، مالۋېناس تاقىم ئاراللىرى، ئوتلۇق يەر ئارىلى، جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ دېڭىز بويىنىڭ شىمالى، برازىلىيە رىئودې ژانېيرو ۋە پىرونىڭ رىما قاتارلىق جايلارغا تارقالغان. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏