چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش ئىت ئېيىق، ئېيىق نىڭ بىر خىلى. قارا ئېيىق دەپمۇ ئاتىلىدۇ. سۈت ئەمگۈچى، بەدىنى يوغان، سۇ ئۈزۈشكە، دەرەخكە يامىشىشقا ماھىر.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :ئىت ئېيىق

خەنزۇچە ئاتىلىشى :狗熊

تەۋەلىكى :ھايۋاناتلار دۇنياسى

تىپى :خوردىلىق ھايۋانلار تىپى

سىنىپى :ئەمگۈچىلەر سىنىپى

تۈركۈمى :گۆشخورلار تۈركۈمى

ئائىلىسى :ئېيىق ئائىلىسى

ئۇرۇقداشلىرى :ئېيىق ئۇرۇقدىشى

تۈرى :ئاسىيا ئېيىقى

كەنجى تىپى :ئومۇرتقىلىق ھايۋانلار كەنجى تىپى

كەنجى سىنىپى :ھەقىقىي سۈت ئەمگۈچىلەر كەنجى سىنىپى

كەنجى تۈركۈمى :يېرىق پۇتلۇقلار كەنجى تۈركۈمى

كەنجى ئائىلىسى :مۈشۈكئېيىق كەنجى ئائىلىسى

باشقا نامى :قارا ئېيىق، 黑瞎子

سىرتقى شەكلى

5پارچەئىت ئېيىقباش، گەۋدە قىسىمى 120-180 سانتىمېتىر، قۇيرۇقىنىڭ ئۇزۇنلۇقى : 6.5-10.6 سانتىمېتىر، بەدەن ئېغىرلىقى: ئەركىكى 110-150 كىلوگرام، چىشى 65-90 كىلوگىرامغىچە.

قارا ئېيىقنىڭ بېشى كەڭ ھەم يۇمىلاق، قۇلىقى يۇمىلاق ھەم چوڭ، شەكلى خۇددى چاشقانغا ئوخشايدۇ. ئۇلارنىڭ كۆزى بىر قەدەر كىچىك، لېكىن رەڭ كۆرۈش سېزىمى بار، بۇ ئۇلارنىڭ مېۋە-چېۋە ۋە قاتتىق شاكاللىق مېۋىلەرنى پەرق ئېتەلەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. قارا ئېيىقنىڭ ئېغىز بۇرنى تار ھەم ئۇزۇن، سۇس قوڭۇر، ئاق رەڭدە كۆرۈنىدۇ. قارا ئېيىقنىڭ يۇڭى بەك ئۇزۇن، بېشىنىڭ ئىككى تەرىپىدە بولسا ئۇزۇن-ئۇزۇن يۇڭلىرى بار بولۇپ، ئۇلارنى چوڭ يۈزىنى تېخىمۇ كەڭ كۆرسىتىدۇ. ئۇلار تۆت پۇتى بىلەن ماڭىدۇ. تاپان تۈرىدىكى ھايۋانغا تەۋە. ئۇلارنىڭ تۆت پۇتى توم، كۈچلۈك، پۇت ئالىقىنى چوڭ، بولۇپمۇ ئالدى پۇتىنىڭ. تاپان ئۈستىدە بەش بارمىقى ئۇزۇن، ئۇچى ئۆتكۈر تىرنىقى ئىلمەك. لىكىن ئېيىق ئائىلىسىدىكى باشقا ھايۋانلارغا ئوخشاش ئۇلارنىڭ قۇيرۇقى ناھايىتى قىسقا. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏