چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش قاپلان، ھىندىستان قاپلىنى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. مۈشۈك ئائىلسىگە تەۋە ھايۋانلارنىڭ بىر خىلى، شۇنداقلا قاپلان ئۇرۇقدىشى ئىچىدىكى بىردىنبىر تۈر. قاپلان قۇرۇقلۇقتا ئەڭ تېز يۈگۈرەيدىغان ھايۋان، يۈگۈرۈش سائەتلىك سۈرئىتى 120 كىلومېتىر. ئاساسلىقى ئافرىقا قىتئەسى قاتارلىق جايلارغا تارقالغان، ھازىر بەش كەنجى تۈرى بار، قىزىل تۈر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :قاپلان

خەنزۇچە ئاتىلىشى :猎豹

ئىنگلىزچە نامى :Acinonyx jubatus

تارقالغان رايونلار :ئافرىقا ۋە ئاسىيا

تەۋەلىكى :ھايۋاناتلار دۇنياسى

تىپى :خوردىلىق ھايۋانلار تىپى

سىنىپى :سۈت ئەمگۈچىلەر سىنىپى

ئائىلىسى :مۈشۈك ئائىلىسى

ئۇرۇقداشلىرى :قاپلان ئۇرۇقدىشى

تۈرى :قاپلان

كەنجى ئەترىتى :يېرىق پۇتلۇقلار كەنجى ئەترىتى

كەنجى ئائىلىسى :مۈشۈك كەنجى ئائىلىسى

كەنجى تىپى :ئومۇرتقىلىق ھايۋانلار كەنجى تىپى

سىرتقى شەكىلى

5پارچەقاپلانقاپلاننىڭ گەۋدە ئۇزۇنلىقى 1 مېتىر، قۇيرۇقىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 0.8-0.6 مېتىر، مۈرىسىنىڭ ئېگىزلىكى 0.9-0.7 مېتىر، بەدەن ئېغىرلىقى 80-20 كىلوگىرام، ئەركەك قاپلاننىڭ تېنى چىشى قاپلاندىن سەل چوڭ. دۈمبە قىسمىنىڭ رەڭگى سۇس سېرىق، قورساق قىسمىنىڭ رەڭگى سەل سۇس، ئادەتتە ئاق رەڭلىك بولىدۇ. قاپلاننىڭ ئىنگلىزچە نامى Cheetah، داغ بار دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ، قاپلاننىڭ پۈتۈن بەدىنى قارا رەڭلىك داغلار بىلەن قاپلانغان. جاۋىغىيىدىن كۆزىنىڭ قۇيرۇقىغىچە بىر قارا سىزىق بار، بۇ ئىككى تال قارا سىزىق قۇياش نۇرى سۈمۈرۈشكە پايدىلىق، بۇنىڭ بىلەن كۆرۈش دائىرىسى تېخىمۇ كېڭىيىدۇ، بۇ ئالاھىدىلىك قاپلان بىلەن يىلپىزنىڭ پەرقى. قۇيرۇق ئۇچىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىدا قارا ھالقىسى بار؛ ئارقا بويۇن قىسمىنىڭ تۈكى بىر قەدەر ئۇزۇن، تېنى ئىنچىكە، پۇتى ئۇزۇن، بېشى كىچىك، قۇلىقى قىسقا، كۆز قارىچۇقى يۇمىلاق شەكىلدە، تېنى سۇيۇر شەكىللىك. مۇشۇنداق تەن ئالاھىدىلىكى بولغاچقا قاپلان يۈگۈرگەندە ئىنتايىن ئەركىن-ئازادە كۆرۈنىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، قاپلاننىڭ ئومۇرتقا سۆڭىكى ئىنتايىن يۇمشاق، ئۇ مەيلى ئۆرە تۇرغان چاغدا ياكى ئۇلار يۈگۈرگەن ۋاقىتتا بولسۇن، ئۇنىڭ بەدىنى خۇددى بىر برونزا ئەسەرگە ئوخشايدۇ. قاپلاننىڭ چىشى ناھايىتى ئۆتكۈر، لېكىن باشقا مۈشۈك ئائىلىسىدىكى ھايۋانلارغا قارىغاندا قاپلاننىڭ چىش بىر قەدەر كىچىك.

قاپلاننىڭ پۇت ئۇزۇن، بەدىنى ئورۇق، ئومۇرتقا سۆڭىكى ئىنتايىن يۇمشاق، ئاسان ئېگىلىدۇ، يۈگۈرگەن ۋاقىتتا ئالدى ۋە ئارقا پۇتلىرىنىڭ ھەممىسى كۈچەپ، تېنى پەسكە چۈشىدۇ؛ جىددىي بۇرۇلغاندا، قۇيرۇقى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش رولىنى ئوينىيالايدۇ، يىقىلىپ كەتمەيدۇ.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏