چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش دونالد تىرامپ 1946-يىلى ئامېرىكا نيۇيورك تا تۇغۇلغان، پرېزىدېنت، سىياسىيون، سودىگەر، يازغۇچى، رىياسەتچى. دونالد تىرامپ ئىلگىرى ئامېرىكىدىكى ئەڭ داڭلىق ئۆي-مۈلۈك سودىگەرلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، «يەر-مۈلۈك شاھى» دەپ ئاتالغان. 2016-يىلى 11-ئاينىڭ 9-كۈنى، ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى دونالد تىرامپ 270 تىن ئارتۇق بېلەت سانىغا ئېرىشىپ، دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى ھىلارىنى يېڭىپ، ئامېرىكىنىڭ 45-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى بولۇپ سايلانغان.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى :دونالد تىرامپ

خەنزۇچە ئاتىلىشى :唐纳德·特朗普

باشقا نامى :川普,川普老爹

دۆلەت تەۋەلىكى :ئامېرىكا

يۇرتى :نيۇيورك

تۇغۇلغان ۋاقتى :1946-يىلى 6-ئاينىڭ 14-كۈنى

يۇلتۇز تۈركۈمى :جەزۋا يۇلتۇز تۈركۈمى

كەسپى :پرېزىدېنت، سىياسىيون، سودىگەر، يازغۇچى، رىياسەتچى

پۈتتۈرگەن مەكتىپى :پېنسىلۋانىيە ئۇنىۋېرسىتېتى

چەتئەلچە نامى :Donald Trump、Donald John Trump、Donald J.Trump、Trump

ئېتىقاد قىلدىغان دىنى :خىرىستىيان دىنى

شەخسلەر ئانكىتى

10پارچەدونالد تىرامپدونالد تىرامپ 1946-يىلى ئامېرىكا نيۇيورك تا تۇغۇلغان، پرېزىدېنت، سىياسىيون، سودىگەر، يازغۇچى، رىياسەتچى. دونالد تىرامپ ئىلگىرى ئامېرىكىدىكى ئەڭ داڭلىق ئۆي-مۈلۈك سودىگەرلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، «يەر-مۈلۈك شاھى» دەپ ئاتالغان. ئۆي-مۈلۈك ۋە پاي چېكىگە تايىنىپ، نيۇيورك، يېڭى جېرسىي، فىلورىدا ئىشتاتلىرىنىڭ ئالتۇن يەر بۆلەكلىرىدىكى ئۆي-مۈلۈكلەرگە ئىگە بولغان ھەمدە «تىرامپ ئاۋىياتسىيە شىركىتى» قۇرغان. ئۇ يەنە يېڭى جېرسىي «گېنېرال» كەسپىي پۇتبول كوماندىسىنىڭ غوجايىنى. ئۇ مەنزىرىسى كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان شەھەر-بازارلاردا ھەشەمەت ساراي ۋە داچىلارنى سالدۇرغان، 100 مىليون ئامېرىكا دوللىرى غا ساياھەت كېمىسى سېتىۋالغان، يەنە خۇسۇسىي ئايروپىلانى بار. 

دونالد تىرامپ باشلانغۇچ مەكتەپتە ياخشى ئوقۇمىغانلىقتىن، 13 يېشىدا ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭ ئىرادىسىنى تاۋلاش ئۈچۈن «نيۇيورك ھەربىي مەكتىپى» گە ئاپىرىپ بەرگەن. ھەربىي مەكتەپتىكى مەزگىلىدە، تىرامپنىڭ ئەتراپتىكى كىشىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ناھايىتى ياخشى بولۇپ، ئوقۇش نەتىجىسى ئەلا بولۇپلا قالماي، تەنتەربىيە جەھەتتىمۇ ناھايىتى كۆزگە كۆرۈنگەن. 1964-يىلى ھەربىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندە، ئۇنىڭ رەھبەرلىك سالاپىتى شەكىللەنگەن. 

ھەربىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، تىرامپ پېنسىلۋانىيە ئۇنىۋېرسىتېتى ۋارتور سودا ئىنستىتۇتىغا كىرىپ ئوقۇغان. ئالىي مەكتەپتىكى مەزگىلىدە، تىرامپ سودا ساھەسىدىكى بىلىملەرنى ياخشى ئىگىلەپ، تىجارەت ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرگەن. 

ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، تىرامپ دادىسىنىڭ ئۆي-مۈلۈك شىركىتىگە كىرىپ خىزمەت قىلغان. بۇ جەرياندا نۇرغۇنلىغان پۇلدار شەخسلەر بىلەن تونۇشۇپ، كېيىنكى كۈنلەردىكى ئۆزىنىڭ ئۆي-مۈلۈك ئىشلىرىغا ئاساس سالغان. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏