چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش سىرتلان سۈت ئەمگۈچى ھايۋان، ئوتتۇراھال تەن تېپىغا كىرىدۇ، ئافرىقا، ئەرەب يېرىم ئارىلى، ئاسىيا ۋە ھىندىستان چوڭ قۇرۇقلۇقىدا ياشايدىغان گۆشخور ھايۋان.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :سىرتلان

خەنزۇچە ئاتىلىشى :鬣狗

ئىنگلىزچە نامى :Hyena

تارقالغان رايونلار :ئەرەب يېرىم ئارىلى، ئاسىيا ۋە ھىندىستان چوڭ قۇرۇقلۇقى

تەۋەلىكى :ھايۋاناتلار دۇنياسى

تىپى :خوردىلىق ھايۋانلار تىپى

سىنىپى :سۈت ئەمگۈچىلەر سىنىپى

تۈركۈمى :گۆشخورلار تۈركۈمى

ئائىلىسى :سىرتلان ئائىلىسى

تۈرى :چىپار سىرتلان، تاغىل سىرتلان، قوڭۇر سىرتلان، پروتېل بۆرىسى

كەنجى تىپى :ئومۇرتقىلىق ھايۋانلار كەنجى تىپى

كەنجى سىنىپى :ھەقىقىي سۈت ئەمگۈچىلەر كەنجى سىنىپى

كەنجى تۈركۈمى :يېرىق پۇتلۇقلار كەنجى تۈركۈمى

خەنزۇچە ئوقۇلۇشى :liè gǒu

سىرتقى شەكىلى

4پارچەسىرتلانسىرتلان سىرتلان ئائىلىسىگە تەۋە ھايۋان. بەدەن تىپى ئىت قا ئوخشايدۇ، بوينى ئۇزۇن، ئارقا پۇتى ئالدى پۇتىدىن قىسقا ھەم ئاجىز، بەدىنى بىر قەدەر قىسقا بولۇپ، مۈرىسى ئېگىز، ساغرىسى تۆۋەن؛ ئارقا بويۇن  دۈمبە ئوتتۇرا سىزىقىدا يالى بار؛ چىشى چوڭ بولۇپ، يوغان كونۇسسىمان ئالدىنقى ئېزىق چىشى ناھايىتى ئۆتكۈر، ئېڭەك قىسمى توم ھەم كۈچلۈك، سۆڭەكنى چىشلەپ ئۈزىۋېتەلەيدۇ. سىرتقى شەكلى سەل ئىتقا ئوخشايدۇ، بېشى ئىتنىڭ بېشىدىن قىسقا ھەم يۇمىلاق، يۇڭ رەڭگى قوڭۇر سېرىق رەڭدە ياكى قوڭۇر رەڭدە، نۇرغۇن تەرتىپسىز قارا قوڭۇر داغلار بار، گەۋدىسى تۆۋەن بولغاچقا، يول مېڭىش ۋە يۈگۈرۈش قىياپىتى ئانچە گۈزەل ئەمەس، ئەمما يۈگۈرۈش تېز، چىداملىق. ئۇنىڭ يۈگۈرۈش سۈرئىتى سائىتىگە 50− 60 كىلومېتىر، ناھايىتى ئۇزۇن ئارلىققا يۈگۈرسىمۇ، ئاسانلىقچە ھېرىپ قالمايدۇ. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏