چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش شىنجاڭ دىكى جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ مەركىزىي، ماناس دەرياسىنىڭ شەرقىي، شۇنىڭدەك ئۆلۈڭگۈر دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى جۇڭگودىكى 2-چوڭ قۇملۇق، شۇنداقلا جۇڭگودىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ مۇقىم، يېرىم مۇقىم قۇملۇق، كۆلىمى تەخمىنەن 48 مىڭ 800 كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 300 ~ 600 مېتىر، سۇ مەنبەسى بىر قەدەر كۆپ.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :قۇربان توڭغۇت قۇملۇقى

خەنزۇچە نامى :古尔班通古特沙漠

جۇغراپىيەلىك ئورنى :جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ ئوتتۇرىسى

كۆلىمى :48 مىڭ 800 كۋادرات كىلومېتىر

دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى :600 ~ 300 مېتىر

تەۋە دۆلەت :جۇڭگو

تەۋە شەھەر :شىنجاڭ سانجى ئوبلاستى

جۇغراپىيەلىك ئۇچۇرلىرى 

مېرىدىئان ۋە پاراللېل 

شىمالىي كەڭلىك ′15 °44 ~ ′50 °46، شەرقىي مېردىئان ′50 °84 ~ ′20 °91 قا توغرا كېلىدۇ. تەڭرىتاغ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە جايلاشقان. 

كۆلىمى 

5پارچەقۇربان توڭغۇت قۇملۇقىتۆت بۆلەك قۇملۇقتىن تەركىپ تاپقان، غەربىي قىسمىدا ئارقانبۇگسەي قۇملۇق چۆللۈكى بار، شەرقىي قىسمى قپرغاس نىلىشىن قۇملۇقى، ئوتتۇرىسى دېزوسۇتېڭئېرىسون قۇملۇقى، شىمالىي شىمالى ئاققۇم قۇملۇقى. جۇڭغار ئويمانلىقى ئىللىق قۇرغاق چۆل تىپىغا تەۋە. 

ھۆل-يېغىنى  

يىللىق ھۆل-يېغىن مىقدارى 70 مىللىمېتىردىن 150 مىللىمېتىرغىچە، قۇملۇقنىڭ ئىچكى قىسمىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى مۇقىم ۋە يېرىم مۇقىم قۇم بارخانلىرى، ئۇنىڭ كۆلىمى پۈتكۈل قۇملۇق كۆلىمىنىڭ %97 نى ئىگىلەيدۇ، جۇڭگودىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ مۇقىم، يېرىم مۇقىم قۇملۇق. تۇراقلىق قۇم بارخانلىرىنىڭ يېپىنچا ئۆسۈملۈك بىلەن قاپلىنىش دەرىجىسى %50~%40 ، يېرىم مۇقىم قۇم بارخانلىرى %15~% 25، قىش پەسلىدىكى ياخشى چارۋىچىلىق مەيدانى، قۇملۇقتا ئۆسۈملۈك تۈرلىرى كۆپرەك بولۇپ، 100 نەچچە خىلغا يېتىدۇ. فلورا تەركىبى ئوتتۇرا ئاسىيا ئاسىيانىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان.

ھاۋا تېمپېراتۇرىسى

ياز پەسلى قاتتىق ئىسسىق. يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃40 گرادۇستىن يۇقىرى. قىش پەسلىدە قاتتىق سوغۇق ھەم ئۇزۇن بولىدۇ. قاتتىق سوغۇق بولغاندا ℃40 گرادۇستىن تۆۋەن بولىدۇ. بەش ئاينىڭ ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃0 گرادۇستىن تۆۋەن بولىدۇ. 1-ئايدىكى ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن ℃15 گرادۇستىن ℃20 گرادۇسقىچە بولىدۇ. 7-ئايدىكى ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ℃23-℃26 گرادۇسقىچە. قاراماي ئەتراپىدا ℃26-℃28 گىرادۇس. يىللىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى جەنۇبىي ℃5-℃7 گرادۇس، شىمالىي ℃5-℃3 گىرادۇس. كۈنلۈك ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرا پەرقى ℃15 گرادۇس ئەتراپىدا. 

ئۆسۈملۈكلىرى  

11پارچەقۇربان توڭغۇت قۇملۇقىقۇملۇقنىڭ غەربىي قىسمى ۋە ئوتتۇرا قىسمى ئوتتۇرا ئاسىيا قۇملۇق يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر رايون سىستېمىسى تۈرلىرى ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللەيدۇ، ئاق سۆكسۆك، سۆكسۆك، ئاچچىق ئەمەن، ئاق ئەمەن، پەردىلىك چاكاندا، كۆپمە مېۋىلىك قوغىجاي ۋە كۆپ خىل ئۆمرى قىسقا ئۆسۈملۈكلەر تارقالغان؛ قۇملۇقنىڭ غەربىي گىرۋىكىدە گەنجياخۇ كۆلى، سۆكسۆك ئورمىنى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى بار، جۇڭگونىڭ بىردىن بىر چۆل يېپىنچا ئۆسۈملۈكلىرىنى قوغداش ئۈچۈن قۇرۇلغان تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايونلارنىڭ كۆلىمى مىڭ گېكتار. قۇربان توڭغۇت قۇملۇقىدا سۆكسۆكنىڭ تارقىلىش كۆلىمى 1 مىليون گېكتار، قەدىمكى كۆل چۆكۈندىسى تۈزلەڭلىكى ۋە دەريانىڭ تۆۋەن ئېقىنىدىكى دېلتىدا «چۆل ئورمان» ھاسىل بولغان. 

قۇملۇق تىپى

6پارچەقۇربان توڭغۇت قۇملۇقىقۇملۇقتىكى قۇمنىڭ كېلىش مەنبەسى ئاساسەن تەڭرىتاغنىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى ھەرقايسى دەريا ئېقىنلىرىنىڭ تىنما قۇم قەۋىتى. قۇملۇق ئىچىدە ئەڭ ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە قۇم بارخانلىرىنىڭ تىپى بولسا قۇم قىرى بولۇپ، قۇملۇق كۆلىمى %50 تىن كۆپرەك. قۇم قىر تەكشىلىك شەكلى دەرەخ شېخىغا ئوخشاش ھالەتتە. ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى نەچچە يۈز مېتىردىن ئون نەچچە كىلومېتىر كېلىدۇ، ئېگىزلىكى ئون مېتىردىن 50 مېتىرغىچە كېلىدۇ، جەنۇبىي ئېگىز، شىمالىي پەس. قۇملۇق ئوتتۇرا ۋە شىمالىي قىسمىنىڭ قۇم قىر تىزىلىشى ئاساسەن جەنۇبتىن شىمالغا يۈزلەنگەن يۆنىلىشتە بولۇپ، قۇملۇقنىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسمى، غەربىي شىمال-شەرقىي جەنۇب يۆنىلىشىدە. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏