چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش راك، بىر خىل سۇدا ياشايدىغان بوغۇم پۇتلۇق سۇ جانلىقى، بوغۇم پۇتلۇق ھايۋانلار قاسراقلىقلارغا تەۋە. راك ناھايىتى يۇقىرى بولغان داۋالاش، ئوزۇقلۇق قىممىتىگە ئىگە.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :راك

خەنزۇچە ئاتىلىشى :

ئىنگلىزچە نامى :Shrimp

تارقالغان رايونلار :دېڭىز، ئىسسىق بەلۋاغ دېڭىز-ئوكيانلىرى

تەۋەلىكى :ھايۋاناتلار دۇنياسى

تىپى :بوغۇم پۇتلۇقلار تىپى

سىنىپى :قاسىراقلىقلار سىنىپى

تۈركۈمى :ئون پۇتلۇقلار تۈركۈمى

تۈرى :جەنۇبىي قۇتۇپ قىزىل راكى، كۆل راكى، دەريا راكى، ئوتخور راك، جۈپ راك، پراۋن، چوڭ راك

مورفولوگىيىلىك ئالاھىدىلىكى 

راكراك قاسىراقلىقلار كەنجى تىپى، ئون پۇتلۇقلار ئەترىتى سۇ ئۈزگۈچى كەنجى ئەترىتىدىكى ھايۋانلارغا يېقىن تۈر بولۇپ، كۆپ قىسمى دەريا ئىچىدە ياشايدۇ. ئىلمەك بۇرۇن ساقىلى بار، دۈمبىسى يا شەكىللىك، قۇيرۇق قىسمى قاتتىق تەڭگىچىلەردىن تۈزۈلگەن، پۇتى كۆپ سەكرەشكە ماھىر. نۇرغۇن تۈرلىرى مۇھىم يېمەكلىك ھېسابلىنىدۇ. چوڭ-كىچىكلىكى نەچچە مېتىردىن نەچچە مىللىمېتىر، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 8~4 سانتىمېتىر كېلىدۇ. تەن شەكلى چوڭلىرى چوڭ راك دەپ ئاتىلىدۇ. قورساق قىسمى ۋە قۇيرۇقى ئەگرى بۇلۇپ، تېز سۈرئەتتە تەتۈر ئۈزەلەيدۇ. مىكرو جانلىقلارنى يەيدۇ، بەزىلىرى چىرىگەن گۆش يەيدۇ. چىشى راك 15000~14000 تال تۇخۇم تۇغىدۇ. بەش ئۆسۈپ يېتىلىش مەزگىلى بار. راك تېنى ئۇزۇنلۇقى ھەم ياپىلاق، ھاك ماددىلىق تاشقى سۆڭەك بار، كۆكرەك ۋە قورساقتىن ئىبارەت ئىككى قىسىمغا بۆلۈنىدۇ. باش كۆكرەك قىسمى قاسىراقلار بىلەن قاپلانغان. قورساق قىسمى يەتتە تەن بوغۇملىرىدىن تەركىب تاپقان. بېشىدا ئۇچلۇق ھەم ئۇزۇن بىر ھەرە چىش شەكىللىك ئالدى پېشانە ۋە بىر جۈپ ئايلىنىدىغان ساپاقلىق مۈرەككەپ كۆزى بولىدۇ. راك ساقاق ئارقىلىق نەپەسلىنىدۇ، ساقاق باش، كۆكرەك ئىككى تەرىپىگە جايلاشقان، قاسراق بىلەن قاپلانغان.

راكنىڭ ئېغىزى كۆكرەك ئاستىغا جايلاشقان. بېشىدا 2 مۈڭگۈزى بولۇپ، پۇراش سېزىمى، تېگىش سەزگۈسى ۋە تەڭپۇڭلۇققا مەسئۇل، تاڭلاي چوڭ-كىچىك چايناش ئەزاسىدىن تەركىب تاپقان. كۆكرەك قىسمىدا يەنە ئۈچ جۈپ تاڭلاي بار، بەش جۈپ پۇتى بولۇپ، ئاساسلىقى ئوزۇقلۇق تۇتۇش ۋە ئۆمىلەپ مېڭىشقا ئىشلىتىلىدۇ. قورساق قىسمىدا بەش جۈپ ئۈزگۈچ پۇت ۋە بىر جۈپ توم، قىسقا قۇيرۇق بار. قۇيرۇقى ۋە قورساق قىسمىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر بۆلىكى بىرلىشىپ قۇيرۇق يەلپۈگۈچى شەكىللەندۈرگەن بۇلۇپ، راكنىڭ سۇ ئۈزۈش يۆنىلىشىنى كونترول قىلالايدۇ. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏