چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش موزايبېشى ھاشاراتلار سىنىپى، موزايبېشى ئائىلىسى، بوغۇم پۇتلۇقلار تىپى، قاناتلىقلار تۈركۈمىگە تەۋە ھاشارات.ھاشاراتلار سىنىپىھاشاراتلار سىنىپى

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :موزايبېشى

خەنزۇچە ئاتىلىشى :蝼蛄

ئىنگلىزچە نامى :mole cricket

تارقالغان رايونلار :ئېلىمىزنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسم رايونلىرى

تەۋەلىكى :ھايۋاناتلار دۇنياسى

تىپى :بوغۇم پۇتلۇقلار تىپى

سىنىپى :ھاشاراتلار سىنىپى

تۈركۈمى :قاناتلىقلار تۈركۈمى

ئائىلىسى :موزايبېشى ئائىلىسى

تۈرى :تىكەنلىك موزايبېشى، جىنشيۇ موزايبېشى، خېنەن موزايبېشى، ۋۇداڭ موزايبېشى

كەنجى تىپى :ئالتە پۇتلۇقلار كەنجى تىپى

كەنجى سىنىپى :قاناتلىقلار كەنجە سىنىپى

كەنجى تۈركۈمى :موزايبېشى كەنجى تۈركۈمى

باش ئائىلىسى :موزايبېشى باش ئائىلىسى

مورفولوگىيىلىك ئالاھىدىلىكى

موزايبېشىموزايبېشىنىڭ تېنى يۇمىلاق شەكىلدە، سۇس سارغۇچ قوڭۇر ياكى قارامتۇل قوڭۇر بولىدۇ، پۈتۈن بەدىنىدە قويۇق قىسقا يۇمشاق تۈكچىلەر بولىدۇ. چىشى قۇرت تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 3 سانتىمېتىر، ئەركەك قۇرت سەل كىچىك. بېشى كونۇس شەكىلدە، ئالدى ئۇچلۇق كەينى دىقماق، بېشىنىڭ كۆپ قىسمى ئالدى كۆكرەك پوستى بىلەن ئورالغان . يىپسىمان سېزىش مۈڭگۈزچىسى بار، ئۇزۇنلۇقى ئالدى كۆكرىكىنىڭ ئارقا گىرۋىكىگە يېتىدۇ، 1-بوغۇمى چوڭ، 2-بوغۇمى سەل كىچىك. بىر جۈپ مۇرەككەپ كۆزى بار، تۇخۇمسىمان، سارغۇچ قوڭۇر رەڭ؛ ئېغىزى تەرەققىي قىلغان، چاينىغۇچى رولىنى ئوينايدۇ. ئالدى كۆكرىكى ئارقا تاختىسى قاتتىق، تۇخۇم شەكىللىك، دۈمبە مەركىزىدە بىر تال ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن ئېرىقچە بولىدۇ، ئۇزۇنلىقى تەخمىنەن 5 مىللىمىتىر. قانىتى ئىككى جۈپ، ئالدى قانىتى تېرە ماددىلىق، يۇپۇرماقلىرى بىرقەدەر قىسقا، سارغۇچ قوڭۇر رەڭ، قورساق مەركىزىگە يېتىدۇ، ئۈچ بۇرجەك شەكىللىك؛ ئارقا قانىتى چوڭ، نېپىز سۈزۈك پەردىدىن تۈزۈلگەن، نوقۇت رەڭ، قانىتى تورسىمان، تىنچ تۇرغاندا قۇيرۇق شەكىلدە تۈگۈلۈپ قاتلىنىپ قورساق قىسمىدىن ئېشىپ كېتىدۇ. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏