چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش ئاغمىخان سېرىق ئاكاتىسىيە، سىبىرىيە ئاغمىخىنى دەپمۇ ئاتىلدىغان بۇلۇپ، مەكتەپتىكى ئىلمىي نامى سىبىرىيە ئاغمىخىنى ____ گۆشخورلار ئەترىتى ئاغمىخانلار ئائىلىسى ئاغمىخان ئۇرۇقدىشى ئىچىدىكى بىر خىل سۈت ئەمگۈچى چاشقان ئائىلىسىدىكى ھايۋان.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :ئاغمىخان

خەنزۇچە ئاتىلىشى :黄鼬

تارقالغان رايونلار :چاۋشيەن، ياپونىيە، كەشمىر، ھىندىستان، نېپال قاتارلىق رايونلار

تەۋەلىكى :ھايۋانلار دۇنياسى

تىپى :خوردىلىق ھايۋانلار تىپى

سىنىپى :ئەمگۈچىلەر سىنىپى

تۈركۈمى :گۆشخورلار تۈركۈمى

ئائىلىسى :ئاغمىخانلار ئائىلىسى

ئۇرۇقداشلىرى :ئاغمىخان ئۇرۇقدىشى

تۈرى :ئاغمىخان

كەنجى تىپى :ئومۇرتقىلىق ھايۋانلار كەنجى تىپى

كەنجى سىنىپى :ھەقىقىي سۈت ئەمگۈچىلەر كەنجى سىنىپى

كەنجى تۈركۈمى :يېرىق پۇتلۇقلار كەنجى تۈركۈمى

كەنجى ئائىلىسى :ئاغمىخانلار كەنجى ئائىلىسى

كەنجى تۈرى :12 خىل

لاتىنچە نامى :Mustela sibirica

باشقا نامى :سېرىق ئاكاتسىيە، سىبىرىيە ئاغمىخىنى

سىرتقى شەكىلى

8پارچەئاغمىخانئاغمىخان بولسا گۆشخورلار تۈركۈمى ئىچىدىكى ئەڭ كىچىك تۈرى بۇلۇپ، بېشى سەل يۇمىلاق، بوينى ئۇزۇن، تېنى ئۇزۇن، پۇت-قوللىرى قىسقا، ئۆڭكۈر ئىچىدىكى چاشقان ئۇۋىلىرىغا كىرىۋېلىپ چاشقانلارنى ئۆلتۈرىدۇ. تېنى ئىنچىكە ھەم ئۇزۇن؛ بېشى كىچىك ھەم ياپىلاق؛ بوينى ئۇزۇن ھەم يۇمشاق. تۆت پۇتى قىسقا، ھەربىر پۇتىدا بەش بارمىقى بار، پۇت بارمىقى ئۈستىدە كەسكىن ئەگرى تىرناق بولىدۇ، دۈمبىسىنىڭ تۈكلىرى قىزغۇچ قوڭۇر، تۇمشۇق ئەتراپىدىكى ئاق، كۆكرەك قورساق قىسمى سۇس سېرىق قوڭۇر رەڭدە بولىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ كىچىكى بولسا كىچىك سېسىق كۈزەنى، تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 10 ~ 15 سانتىمېتىر، قۇيرۇقىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 3 ~ 4 سانتىمېتىر، بەدەن ئېغىرلىقى 30 ~ 70 گرام. تېنى بىر قەدەر چوڭ بولغان بولسا سېرىق ئاغمىخان ۋە سېسىق كۈزەن، تەن ئۇزۇنلۇقى 30 ~ 50 سانتىمېتىر، قۇيرۇقىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 15 ~ 20 سانتىمېتىر، ئېغىرلىقى 0.5 ~ 1 كىلوگرام.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏