چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش گنۇ بۆكەن كالىنىڭ بىر خىلى بولۇپ، ئافرىقىدىكى يايلاقتا ياشايدىغان بىر خىل چوڭ تىپتىكى كالا بۆكەن.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :گنۇ

خەنزۇچە ئاتىلىشى :角马

ئىنگلىزچە نامى :Wildebeest

تارقالغان رايونلار :ئافرىقىنىڭ ئوتتۇرا قىسمى ۋە شەرقىي جەنۇبىي قىسمى

تەۋەلىكى :ھايۋانلار دۇنياسى

تىپى :خوردىلىق ھايۋانلار تىپى

سىنىپى :سۈت ئەمگۈچىلەر سىنىپى

تۈركۈمى :ئاچا تۇياقلىقلار تۈركۈمى

ئائىلىسى :كالا ئائىلىسى

ئۇرۇقداشلىرى :گنۇ ئۇرۇقدىشى

تۈرى :ئاق قۇيرۇق گنۇ ۋە تاغىل گنۇ

كەنجى تىپى :ئومۇرتقىلىق ھايۋانلار كەنجى تىپى

كەنجى سىنىپى :ھەقىقىي سۈت ئەمگۈچىلەر كەنجى سىنىپى

كەنجى تۈركۈمى :كۆشىگۈچىلەر كەنجى تۈركۈمى

كەنجى ئائىلىسى :بۇبالىس بۆكىنى كەنجى ئائىلىسى

پىنيىنچە يېزىلىشى :jiǎo mǎ

باشقا نامى :بۆكەن كالا

خەنزۇچە باشقا نامى :牛羚

خەنزۇچە باشقا نامىنىڭ پىنيىنچە يېزىلىشى :niú líng

نام قويغۇچى :Zimmermann

ئۆمرى :10 ~ 15 يىل

لاتىنچە ئىلمىي نامى :Connochaetes

نام قويۇلغان ۋاقتى :1780-يىلى

بەدەن ئېغىرلىقى :270 كىلوگىرام

ئاساسلىق كۈشەندىسى :شىر، سىرتلان، ئافرىقا سىرتلانى، نىل تىمساھى

تونۇشتۇرۇلۇشى

گنۇ بۆكەن كالىنىڭ بىر خىلى بولۇپ ئادەتتە كالا بۆكەن دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئافرىقىدىكى يايلاقتا ياشايدىغان بىر خىل چوڭ تىپتىكى كالا بۆكەن. جانلىقلارنى ئىلمىي جەھەتتە تۈرگە ئايرىغاندا ئۇ كالا ئائىلىسى بۇبالىس بۆكىنى كەنجى ئائىلىسىدىكى گنۇ ئۇرۇقدىشىغا تەۋە. گنۇ ئۇرۇقدىشى ئىككى خىل بولۇپ، ئاق قۇيرۇق گنۇ ۋە تاغىل گنۇ. 

10پارچەگنۇگنۇ ئافرىقىدا ياشايدىغان يايلاقتىكى چوڭ بۆكەن، چىرايى كالا باشلىق، ئات يۈزلۈك، قوي ساقاللىق. بېشى يوغان، مۈرىسى كەڭ، سۇ كالىسىغا ناھايىتى ئوخشايدۇ. ئارقا قىسمى ئىنچىكە، ئاتقا بىر قەدەر ئوخشايدۇ، بوينى قارا، يايلى تۈكى بار.

پۈتۈن بەدىنىدە ئۇزۇن تۈكى بار، سىلىق ۋە قىسقا سىزىقلار بار. پۈتۈن بەدىنى كۆك كۈل رەڭ ۋە قارامتۇل قوڭۇر رەڭدە بولۇپ، قارا يۈزى، قۇيرۇقى، ساقىلى ۋە داغلىرى بار، رەڭگى كەنجى تۈرى، جىنس ئايرىمىسى ۋە پەسىل ئوخشىماسلىقىغا قاراپ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. چوڭراق گنۇنىڭ، بەدەن ئېغىرلىقى 270 كىلوگرام بولۇپ، ئادەتتە ئۆمرى 15 يىل ئەتراپىدا. ئاساسلىقى سەھرايى كەبىرنىڭ جەنۇبىدىكى ئافرىقىغا تارقالغان.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏