چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش ئاق ئاغمىخان (ئىلمىي نامى: Mustela erminea): جەمئىي 37 كەنجى تۈرى بار. بەدەن ئېغىرلىقى 25-116 گرام، تەن ئۇزۇنلۇقى 170-330 مىللىمېتىر. ئاق ئاغمىخان سازلىق، ئورمانلىق، ئېتىزلىقلاردا كۆپ ياشايدۇ. ئاساسىي ئوزۇقلۇقى قۇش تۈرى ۋە كىچىك تىپتىكى گۆشخورلار. ياۋروپا، رۇسىيە، ئاسىيانىڭ يىراق شەرق رايونى، ياپونىيە، شىمالىي ئامېرىكىنىڭ شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، شۇنىڭدەك جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمال ۋە غەربىي شىمال قاتارلىق جايلارغىمۇ تارقالغان.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :ئاق ئاغمىخان

خەنزۇچە ئاتىلىشى :白鼬

ئىنگلىزچە نامى :Stoat ياكى Ermine

تەۋەلىكى :ھايۋانلار دۇنياسى

تىپى :خوردىلىق ھايۋانلار تىپى

سىنىپى :ئەمگۈچىلەر سىنىپى

تۈركۈمى :گۆشخورلار تۈركۈمى

ئائىلىسى :ئاغمىخانلار ئائىلىسى

ئۇرۇقداشلىرى :ئاغمىخان ئۇرۇقدىشى

تۈرى :ئاق ئاغمىخان

كەنجى تىپى :ئومۇرتقىلىق ھايۋانلار كەنجى تىپى

كەنجى سىنىپى :ھەقىقىي سۈت ئەمگۈچىلەر كەنجى سىنىپى

كەنجى ئائىلىسى :ئاغمىخان كەنجى ئائىلىسى

كەنجى تۈرى :37 خىل

لاتىنچە نامى :Mustela erminea

باشقا نامى :قار تازىلىغۇچى ئاغمىخان، كالتە قۇيرۇق ئاغمىخان، قىسقا قۇيرۇقلۇق ئاغمىخىنى

سىرتقى شەكىلى

4پارچەئاق ئاغمىخانئاق ئاغمىخان، بەدەن ئېغىرلىقى 25-116 گرام، تەن ئۇزۇنلۇقى 170-330 مىللىمېتىر، قۇيرۇق ئۇزۇنلۇقى 95-140 مىللىمېتىر. بەدەن شەكلى سىبىرىيە ئاغمىخىنىغا ئوخشاپ قالىدۇ، تېنى ئىنچىكە ئۇزۇن، پۇتلىرى كىچىك بولۇپ، رەڭگى پەسىلگە قاراپ ئوخشاش بولمايدۇ، يازلىق تۈكى تېنىنىڭ دۈمبە ۋە قورساق يۈزى رەڭگى ئوخشىمايدۇ، ئارقا تەرىپى، ئىككى يۈز ئارقىغا تەرىپى، بويۇن تەرەپ، بەدەننىڭ يان تەرىپى تارتىپ پۇت بېغىش ۋە قۇيرۇقىنىڭ ئارقا تەرىپى كۈل رەڭ قوڭۇر، پۇت دۈمبىسى كۈل رەڭ ئاق رەڭلىك؛ قورساق قىسمى، ئاستىنقى كالپۇكى، ئېڭەك قىسمى، بوغۇز قىسمى تارتىپ قورساق قىسمى ۋە تۆت پۇتىنىڭ ئىچكى تەرىپى ئاق رەڭلىك؛ پۇت دۈمبىسى كۈل رەڭ ئاق رەڭلىك؛ قۇيرۇق ئاستىدىكى تۈۋى ئۈچتىن ئىككى قىسمى قورسىقىنىڭ رەڭگى ئوخشاش بولىدۇ، ئاخىرقى بىر قىسمىنىڭ ھەممىسىنىڭ 3/1 قىسمىنى قارا رەڭ ئىگىلەيدۇ. يۇڭلۇق پۈتۈن بەدىنىنىڭ ھەممىسى ساپ ئاق رەڭلىك، پەقەت قۇيرۇق ئۇچى قارا رەڭدە بولىدۇ  ئۆمرى يەنى يېشى بەش ياشتىن سەككىز ياشقىچە بولدۇ.

باش سۆڭىكى بىر قەدەر قىسقا، تۇمشۇقى قىسقا، كۆز چانىقى ئىككى چاناق ئالدى گىرۋىكى تۇمشۇقىنىڭ ئارىلىقى سەل يۇقىرى، بۇرۇن تۆشۈكى ئارا كەڭلىكى بۇرۇن سۆڭەك ئالدى مەركىزى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، ئارقا قىرغىقى ۋە سۆڭەك سەل ئويمان بولىدۇ. چاناق ئارقا ئۆسۈكى روشەن گەۋدىلىنىپ تۇرىدۇ، ئۇنىڭ كەينىدە چاناق ئارتقى قىسمى بەك تار، چاناق ئارتقى كەڭلىكى ۋە چاناق ئارىلىقىدىكى قىسمىنىڭ كەڭلىكى ئاساسەن تەڭ. چاناق ئالدى تۆشۈك بىر قەدەر چوڭ. مەڭىز دوغىسى ئىنچىكە، شەكلى يان ياي شەكىللىك. قورساق يۈزى، تاڭلاي ئارقا قىسمى بىلەن ئاڭلاش پۈۋەكچىسى ئارىسىدىكى كەڭلىكى چوڭ. قانات سۆڭىكى ئويمىنى U شەكىللىك بولۇپ، ئاڭلاش پۈۋەكچىسى شەكلى سەل سىلىندىرسىمان، ئىككى قۇتا كۆپۈك ئىچىدە گىرۋىكىنى ئارىسىدىكى ئارىلىق تەڭ كەڭلىك ئۆسۈكچە كۆرۈنەرلىك. چىشى ھايۋان ئەمچەك توپچىسى تۆت جۈپ. قۇيرۇقى كالتە، تەن ئۇزۇنلۇقىنىڭ 3/1 قىسمىنى ئىگىلەيدۇ. بەدەن تۈكلىرى قىسقا بولۇپ، پەقەت قۇيرۇق تۈكلىرى ئۇزۇن بولىدۇ. 

چىشى 

ئاق ئاغمىخانئانا ئاق ئاغمىخاننىڭ چىشى: 3.1.3.1/3.1.3.2=34 قىسمىنى ئىگىلەيدۇ. ئۈست جاغ كۈرەك چىشى ياي شەكىللىك  قاتار ھاسىل بولغان، 3- ئۈستى چىشى بىر قەدەر توم؛ تۆۋەنكى جاغ بىرىنچى چىشى بەك كىچىك، ئالدىنقى ئېزىق چىشى چىش تاجى يانتۇ شەكىللىك، ئاۋۋال يۇقىرى، كېيىن تۆۋەن  كەسكۈر چىشلىقلار چىش تاجى تەرەققىي قىلغان بولۇپ، نېپىز پىچاق شەكىللىك. ئۈستۈنكى ئېزىق چىش تار ۋە ئۇزۇن ھەم توغرىسىغا تىزىلغان، ئىچكى قىسمى سەل يۇمىلاق، ئوتتۇرىسىدا بىر كىچىك ئۇچلۇق. سىرتقى يوپۇرمىقى كىچىك، ئۇچلۇق روشەن، كېيىن بىر خىل. كەينى ئوتتۇرا قىسمى ئويمان، ئالدىنقى ئىككى بىسى چوققىسى شەكىللىك، كېيىن پەس ۋە تەكشى؛ ئەقىل چىش بەك كىچىك. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏