چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش 1938-يىلى 11-ئايدا تۇغۇلغان، خۇبىي ۋۇخەندىن، 1962-يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى گە كىرگەن، 1962-يىلى خىزمەتكە قاتناشقان، بېيجىڭ نېفىت ئىنستىتۇتى نېفىت ئايرىش سىستېمىسى نېفىت ئايرىش قۇرۇلۇشى كەسپىنى پۈتتۈرگەن، ئالىي مەكتەپ ئوقۇش تارىخىغا ئىگە ئالىي ئىنژېنېر. ئۇ 16-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن سابىق مۇئاۋىن زۇڭلىسى.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى :ۋۇيى

خەنزۇچە ئاتىلىشى :吴仪

دۆلەت تەۋەلىكى :جۇڭگو

مىللىتى :خەنزۇ

يۇرتى :خۇبىي ۋۇخەن

تۇغۇلغان ۋاقتى :1938-يىلى 11-ئاي

كەسپى :ئالىي ئىنژېنېر

پۈتتۈرگەن مەكتىپى :بېيجىڭ نېفىت ئىنستىتۇتى

شـەخسىي تەرجىمىھالى  

5پارچەۋۇيى1956-يىلىدىن 1962-يىلىغىچە غەربىي شىمال سانائەت ئىنستىتۇتى ، دۆلەت مۇداپىئە سىستېمىسى، بېيجىڭ نېفىت ئىنستىتۇتى نېفىت ئايرىش سىستېمىسى نېفىت ئايرىش قۇرۇلۇشى كەسپىدە ئوقۇغان. 1962-يىلىدىن 1965-يىلىغىچە لەنجۇ نېفىت ئايرىش زاۋۇتىنىڭ سېخ تېخنىكى، سىياسىي بۆلۈمى ئىشخانىسىنىڭ ئىش بېجىرگۈچىسى. 

1965-يىلدىن 1967-يىلىغىچە نېفىت سانائىتى ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسى مەھكىمىسى ئىشلەپچىقىرىش باشقارمىسىدا تېخنىك بولغان. 

1967-يىلدىن 1983-يىلىغىچە بېيجىڭ «شەرق قىزاردى» نېفىت ئايرىش زاۋۇتىنىڭ تېخنىكى، تېخنىكا بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، بۆلۈم باشلىقى، مەسئۇل مۇئاۋىن باش ئىنژېنېر، مۇئاۋىن زاۋۇت باشلىقى بولغان. 

1983-يىلدىن 1988-يىلىغىچە بېيجىڭ يەنشەن نېفىت-خىمىيە سانائىتى شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى، پارتكوم ئەزاسى بولغان. 

1988-يىلىدىن 1991-يىلىغىچە بېيجىڭ شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى بولغان. 

1991-يىلىدىن 1993-يىلىغىچە تاشقى ئىقتىساد-سودا بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، پارتگۇرپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان. 

1993-يىلىدىن 1997−يىلىغىچە تاشقى سودا-ئىقتىسادىي ھەمكارلىق مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرلىكىگە، پارتىيە گۇرۇپپىسى سېكرېتارى بولغان. 

1997-يىلدىن 1998-يىلىغىچە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ كاندىدات ئەزاسى، تاشقى سودا-ئىقتىسادىي ھەمكارلىق مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرلىكىگە، پارتىيە گۇرۇپپىسى سېكرېتارى بولغان. 

1998-يىلدىن 2002-يىلغىچە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ كاندىدات ئەزاسى، دۆلەت كومىسسارى، گوۋۇيۈەن پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى بولغان. 

2002-يىلى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دۆلەت كومىسسارى، گوۋۇيۈەن پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى بولغان. 

2003-يىلى 3-ئايدا، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى بولغان. شۇ يىلى 4-ئاينىڭ 23-كۈنى قوشۇمچە يېڭىدىن قۇرۇلغان گوۋۇيۈەن سارس  نىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ باش قوماندانى بولغان. 

2003-يىلى 4-ئاينىڭ 26-كۈنى قوشۇمچە سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى بولغان (2005-يىلى 4-ئايغىچە) . 

2004-يىلى 2-ئايدىن 2008-يىلىغىچە يېڭىدىن قۇرۇلغان گوۋۇيۈەن ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏