چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش ئادەمسىمان مايمۇن سۈت ئەمگۈچى ھايۋان، سىرتقى شەكلى خۇددى مايمۇنغا ئوخشاش چوڭ، ئۇزۇن قۇيرۇقى يوق، بار بولغان ئالاھىدىلىكى ئىنسانلار بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. ئۇرۇقدىشى پرىماتلار ئەترىتى بۇلۇپ ئادەمسىمان مايمۇن باش ئائىلىسىدىكى ھايۋانلارنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :ئادەمسىمان مايمۇن

خەنزۇچە ئاتىلىشى :

تەۋەلىكى :ھايۋانلار دۇنياسى

تىپى :خوردىلىق ھايۋانلار تىپى

سىنىپى :ئەمگۈچىلەر سىنىپى

تۈركۈمى :پرىماتلار تۈركۈمى

ئائىلىسى :ئادەمسىمان مايمۇن باش ئائىلىسى

سىرتقى شەكىلى

ئادەمسىمان مايمۇن سۈت ئەمگۈچى ھايۋان، سىرتقى شەكلى خۇددى مايمۇنغا ئوخشاش چوڭ، ئۇزۇن قۇيرۇقى يوق، ئالاھىدىلىكى ئىنسانلار بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. ئۇرۇقدىشى پرىماتلار ئەترىتى بۇلۇپ ئادەمسىمان مايمۇن باش ئائىلىسىدىكى ھايۋانلارنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى. تۈرى ئىككى خىل بۇلۇپ، بىرى ئادەمسىمان مايمۇن، يەنە بىرى مايمۇن دەپ ئاتىلىدۇ، بىراق ئۇلار بىئولوگىيەدە ئوخشاش بولمىغان ئىككى ھايۋانلار.

ئۇ ئىككىسنىڭ ئاساسلىق پەرقى شۇكى، مايمۇنىڭ قۇيرۇقى بار، ئادەمسىمان مايمۇنىڭ قۇيرۇقى يوق. دەسلەپكى ئادەمسىمان مايمۇن تەخمىنەن 25 مىليون يىل بۇرۇن بارلىققا كېلىشكە باشلىغان. زامانىۋى كىچىك ئادەمسىمان مايمۇنلار 18 مىليون يىل ئىلگىرى پەيدا بولغان، ئورانگۇتان بولسا 14 مىليون يىل ئىلگىرى بارلىققا كەلگەن. 

ئىنسانلار بىلەن شىمپەنزە بولسا بەش مىليون يىل ئىلگىرى پەيدا بولغان . 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏