چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش تازىمچى قۇرت قالقان قاناتلىقلار ئەترىتىنىڭ تازىمچى سازلىق قوڭغۇزى ئائىلىسىگە تەۋە. ئۇلارنىڭ تۈرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، پۈتۈن دۇنيادا بايقالغانلىرى 8000 خىلدىن ئاشىدۇ، جۇڭگودا مەلۇم بولغىنى تەخمىنەن 600 خىل.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :تازىمچى قۇرت

خەنزۇچە ئاتىلىشى :叩头虫

ئىنگلىزچە نامى :Burrowed Click Beetle

تارقالغان رايونلار :مەمىلكىتىمىزدىكى كۆپ قىسىم رايۇنلارغا تارقالغان

تەۋەلىكى :ھايۋانلار دۇنياسى

سىنىپى :قالقان قاناتلىقلار

ئائىلىسى :تازىمچى سازلىق قوڭغۇزى ئائىلىسى

لاتىنچە ئىلمىي نامى :Pleonomus canaliculatus Fal-dermann

خەنزۇچە باشقا نامى :跳百丈、跳搏虫、膈膊虫,跳米虫、打铁虫(广西广东称)

باشقا نامى :چاك-چەك قۇرت

پىنيىنچە يېزىلىشى :kòu tóu chóng

تونۇشتۇرۇلۇشى

5پارچەتازىمچى قۇرتتازىمچى قۇرت قالقان قاناتلىقلار ئەترىتىنىڭ تازىمچى سازلىق قوڭغۇزى ئائىلىسىگە تەۋە. ئۇلارنىڭ تۈرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، پۈتۈن دۇنيادا بايقالغانلىرى 8000 خىلدىن ئاشىدۇ، جۇڭگودا مەلۇم بولغىنى تەخمىنەن 600 خىل. ئۇنىڭ بېشى ئۇچلۇق، گەۋدىسى تار، ئۇزۇنلىقى تەخمىنەن 3 ~ 4 سانتىمېتىر قارىماققا ھېچقانداق ئالاھىدە ئەمەس، لېكىن ئۇنى ئۆز قولىمىزدا تۇتقاندىلا، غەلىتە ئىشلار يۈز بېرىدۇ، ئۇ ئالدى بىلەن ئالدى كۆكرىكىنى ئېگىپ، بېشىنى ساڭگىلىتىدۇ، ئاندىن يەنە تۇيۇقسىز قەددىنى تىكلەپ، بېشىنى كۆتۈرۈپ، «كار-كار» قىلغان ئاۋاز چىقىرىدۇ، خۇددى توختىماي سەجدە قىلغاندەك ھەركىتىنى داۋام قىلىدۇ. ئۇنى قۇيۇپ بەرمىگىچە توختىماي تازىم قىلىش ھەركىتىنى توختاتمايدۇ، تۇرقى كۈلكىلىك، ئادەمنىڭ كۈلگىسىنى كەلتۈرىدۇ، شۇڭا بۇ جانىۋار «تازىمچى قۇرت» نامى بىلەن ئاتالغان.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏