چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سۇ ھايۋانلىرى يۇقۇمىدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە كارانتىن قىلىش چارىسى» 2013-يىل 1-ئاينىڭ 15-كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق 11-نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 36-قېتىملىق دائىمىي يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىپ ماقۇللانغان، 2013-يىل 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سۇ ھايۋانلىرى يۇقۇمىدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە كارانتىن قىلىش چارىسى

ماقۇللانغان ۋاقتى :2013-يىل 1-ئاينىڭ 15-كۈنى

خەنزۇچە نامى :新疆维吾尔自治区水生动物防疫检疫办法

يولغا قويۇلغان ۋاقتى :2013-يىل 3-ئاينىڭ 1-كۈنى

ئاساسىي ئۇقۇم

«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سۇ ھايۋانلىرى يۇقۇمىدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە كارانتىن قىلىش چارىسى» سۇ ھايۋانلىرى يۇقۇمىدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە كارانتىن قىلىش پائالىيىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، سۇ ھايۋانلىرى تارقىلىشچان يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئۇنى تىزگىنلەش ۋە يوقىتىش، سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىقىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، جامائەت ساقلىقى ۋە ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكىنى ساقلاش ئۈچۈن، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھايۋانات يۇقۇم مۇداپىئەسى قانۇنى»، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ <بېلىقچىلىق قانۇنى>نى يولغا قويۇش چارىسى» ۋە ئالاقىدار قانۇن-نىزاملارغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ تۈزۈپ چىقىرىلغان.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ پەرمانى (184-نومۇرلۇق)

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سۇ ھايۋانلىرى يۇقۇمىدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە كارانتىن قىلىش چارىسى» 2013-يىل 1-ئاينىڭ 15-كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق 11-نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 36-قېتىملىق دائىمىي يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىپ ماقۇللىنىپ، ئېلان قىلىنغان، 2013-يىل 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان.

ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى

2013-يىل 1-ئاينىڭ 18-كۈنى

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏