چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش چەت ئەللىكلەرنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىدە بالا بېقىۋېلىشنى تىزىملاش چارىسى 1999-يىلى 5-ئاينىڭ 12-كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشى بىلەن 1999-يىلى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىكى ئېلان قىلغان.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :چەت ئەللىكلەرنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىدە بالا بېقىۋېلىشنى تىزىملاش چارىسى

خەنزۇچە نامى :外国人在中华人民共和国收养子女登记办法

ماقۇللانغان ۋاقتى :1999-يىلى 5-ئاينىڭ 12-كۈنى

يولغا قويۇلغان ۋاقتى :1999-يىلى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى

قىسقىچە مەزمۇنى


1999-يىلى 5-ئاينىڭ 12-كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشى بىلەن 1999-يىلى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىكى ئېلان قىلغان.

1-ماددا بۇ چارە چەتكە چېتىشلىق بېقىۋېلىشنى تىزىملاش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش مەقسىتىدە، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بېقىۋېلىش قانۇنى»غا ئاساسەن چىقىرىلدى.

2-ماددا چەت ئەللىكلەر جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدە بالا بېقىۋېلىشتا (تۆۋەندە چەت ئەللىكلەر جۇڭگودا بالا بېقىۋېلىش دېيىلىدۇ)، مۇشۇ چارە بويىچە تىزىملىتىشى كېرەك.

بېقىۋالغۇچى ئەر-ئايالنىڭ بىرى چەت ئەللىك بولۇپ، جۇڭگودا بالا بېقىۋالسىمۇ، مۇشۇ چارە بويىچە تىزىملىتىشى كېرەك.

3-ماددا چەت ئەللىكلەر جۇڭگودا بالا بېقىۋالسا، جۇڭگونىڭ بېقىۋېلىش قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن كېلىشى ھەمدە بېقىۋالغۇچى تۇرۇشلۇق دۆلەتنىڭ بېقىۋېلىش قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك؛ بېقىۋالغۇچى تۇرۇشلۇق دۆلەتنىڭ قانۇنى بىلەن جۇڭگونىڭ قانۇنىدىكى بەلگىلىمە ئوخشاش بولمىغانلىقتىن مەسىلە كېلىپ چىقسا، ئىككى دۆلەت ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى كېڭىشىپ بىر تەرەپ قىلىدۇ.

4-ماددا چەت ئەللىكلەردىن جۇڭگودا بالا بېقىۋالغانلىرى تۇرۇشلۇق جايدىكى ھۆكۈمەت ياكى ھۆكۈمەت ھاۋالە قىلغان بېقىۋېلىش تەشكىلاتلىرى (تۆۋەندە چەت ئەل بېقىۋېلىش تەشكىلاتى دېيىلىدۇ) جۇڭگو ھۆكۈمىتىگە ھاۋالە قىلغان بېقىۋېلىش تەشكىلاتلىرى (تۆۋەندە جۇڭگو بېقىۋېلىش تەشكىلاتى دېيىلىدۇ) ئارقىلىق، بېقىۋېلىش ئىلتىامسىنى تاپشۇرۇشى ھەمدە بېقىۋالغۇچىنىڭ ئائىلە ئەھۋالى دوكلاتى ۋە ئىسپاتىنى تاپشۇرۇشى كېرەك.

ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن بېقىۋالغۇچىنىڭ بېقىۋېلىش ئىلتىماسى، ئائىلە ئەھۋالى دوكلاتى ۋە ئىسپاتى تۇرۇشلۇق دۆلەتتىكى ھوقۇقلۇق ئورگان بەرگەن، تۇرۇشلۇق دۆلەتتىكى دىپلوماتىيە ئورگىنى ياكى دىپلوماتىيە ئورگىنى ھوقۇق بەرگەن ئورگان ئېتىراپ قىلغان ھەمدە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شۇ دۆلەتتە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ياكى كونسۇلخانىسى ئېتىراپ قىلغان تۆۋەندىكى ھۆججەتلەرنى كۆرسىتىدۇ:

(1) دۆلەت ھالقىپ بېقىۋېلىش ئىلتىماسى؛

(2) تۇغۇلغانلىق ئىسپاتى؛

(3) توي قىلىش ئەھۋالى؛

(4) كەسپىي، ئىقتىسادىي كىرىمى ۋە مال-مۈلۈك ئەھۋالى ئىسپاتى؛

(5) سالامەتلىك تەكشۈرۈش ئىسپاتى؛

(6) جىنايى ئىشلار جازاسىغا تارتىلمىغانلىق ئىسپاتى؛

(7) بېقىۋالغۇچى تۇرۇشلۇق دۆلەتتىكى مەسئۇل ئورگاننىڭ دۆلەت ئاتلاپ بالا بېقىۋېلىشقا قوشۇلغانلىق ئىسپاتى؛

(8) ئائىلە ئەھۋالى دوكلاتى بېقىۋالغۇچىنىڭ سالاھيىتى، بېقىۋېلىشنىڭ لاياقەتلىكلىكى ۋە مۇۋاپىقلىقى، ئائىلە ئەھۋالى ۋە كېسەللىك تارىخى؛ بېقىۋېلىش مۇددىئاسى، شۇنىڭدەك بالىغا قاراشقا مۇۋاپىق كېلىدىغان ئالاھىدىلىكلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

جۇڭگودا ئىشلەۋاتقان ياكى ئوقۇۋاتقىنىغا، ئۇدا تۇرۇۋاتقىنىغا بىر يىلدىن ئاشقان چەت ئەللىكلەردىن جۇڭگودا بالا بېقىۋالغانلىرى ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن سالامەتلىكنى تەكشۈرگەنلىك ئىسپاتىدىن باشقا ھۆججەتنى تاپشۇرۇشى ھەمدە جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئورۇن ياكى ئالاقىدار تارماق چىقارغان نىكاھلىنىش ئەھۋالى ئىسپاتى، كەسپى، ئىقتىسادىي كىرىمى ياكى مال-مۈلۈك ئەھۋالى ئىسپاتى، جىنايى ئىشلار جازاسىغا تارتىلغانلىق-تارتىلمىغانلىق ئىسپاتى ھەمدە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى داۋالاش ئاپپاراتى بەرگەن تەن سالامەتلىكنى تەكشۈرۈش ئىسپاتىنى تاپشۇرۇشى كېرەك.

5-ماددا باقتۇرغۇچى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ خەلق ئىشلىرى تارمىقىغا ئۆزىنىڭ نوپۇس دەپتىرى ۋە كىملىكى (ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئاپپاراتى باقتۇرغۇچى بولسا، مەسئۇل كىشىنىڭ كىملىكىنى تاپشۇرۇشى كېرەك)، بېقىۋېلىنغۇچىنىڭ نوپۇس ئىسپاتى قاتارلىق ئەھۋاللىرىنىڭ ئىسپاتىنى ھەمدە ئوخشىمىغان ئەھۋالغا قاراپ، تۆۋەندىكى ئالاقىدار ئىسپات ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇشى كېرەك:

(1) بېقىۋېلىنغۇچىنىڭ ئۆز ئاتا-ئانىسى (جۈملىدىن ئاجرىشىپ كەتكەنلەر) باقتۇرغۇچى بولسا، ئۆزلىرىنىڭ ئالاھىدە قىيىنچىلىق تۈپەيلىدىن بېقىشقا ئامالسىز قالغانلىق ئىسپاتى ۋە ھەر ئىككىسىنىڭ باقتۇرۇشقا قوشۇلۇش يازما پىكرىنى تاشپۇرۇشى كېرەك؛ بۇنىڭ ئىچىدە، بېقىۋېلىنغۇچىنىڭ ئۆز ئاتىسى ياكى ئۆز ئانىسىنىڭ جۆرىسى ئۆلۈپ كەتكەن ياكى يەنە بىر تەرەپنىڭ دېرىىكى بولمىغانلىقتىن، يەنە بىر تەرەپ باقتۇرماقچى بولسا، جۆرىسىنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىك ياكى دېرىكى بولمىغانلىق ئىسپاتى ۋە ئۆلگەن ياكى دېرىكى بولمىغان جۆرىسىنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئالدىن بېقىۋېلىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزمەسلىك ھەققىدىكى يازما باياناتىنى تاپشۇرۇشى كېرەك؛

(2) بېقىۋېلىنغۇچىنىڭ ئاتا-ئانىسى ھەق-تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارىنى بىردەك ھازىرلىيالماي، بېقىۋېلىنغۇچىنىڭ باشقا ھامىيسى باقتۇرغۇچى بولسا، بېقىۋېلىنغۇچىنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ھەق-تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارىنى ھازىرلىيالماسلىق ئىسپاتى ھەمدە بېقىۋېلىنغۇچىغا ئېغىر خەۋپى بارلىق ئىسپاتى، شۇنىڭدەك ھامىيسىنىڭ ھامىيلىق ھوقۇقى ئىسپاتىنى تاپشۇرۇشى كېرەك؛

(3) بېقىۋېلىنغۇچىنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۆلۈپ كەتكەنلىكتىن، بېقىۋېلىنغۇچىنىڭ ھامىيسى باقتۇرغۇچى بولسا، ئۆز ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆلۈپ كەتككەنلىك ئىسپاتى، ھامىيسىنىڭ ئەمەلىي ئۈستىگە ئالىدىغان ھامىيلىق مەسئۇلىيەت ئىسپاتى ھەمدە باشقا بېقىش مەجبۇرىيىتى بار كىشىلەرنىڭ باقتۇرۇشقا قوشۇلغانلىق يازما پىكرىنى تاپشۇرۇشى كېرەك؛

(4) ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئاپپاراتى باقتۇرغۇچى بولسا، تاشلاندۇق بوۋاق، ئۆسمۈر تاشلىۋېتىلگەن ۋە بايقالغانلىق ئەھۋالىدىن ئىسپات ۋە ئاتا-ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيسىنى ئىزدەش ئەھۋالىدىن ئىسپاتنى تاپشۇرۇشى كېرەك؛ بېقىۋېلىنغۇچى يېتىم بالا بولسا، يېىم بالىنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىك ياكى ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى ئېلان قىلغانلىق ئىسپاتى ھەمدە يېتىم بالىنى بېقىش مەجبۇرىيىتى بار باشقا كىشىلەرنىڭ باقتۇرۇشقا قوشۇلۇش ھەققىدىكى يازما پىكرىنى تاپشۇرۇشى كېرەك.

مېيىپ بالىنى باقتۇرماقچى بولسا، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى داۋالاش ئاپپاراتلىرى چىقارغان شۇ بالىنىڭ مېيىپلىك ئىسپاتىنى تاپشۇرۇشى كېرەك.

6-ماددا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ خەلق ئىشلىرى تارمىقى باقتۇرغۇچى تاپشۇرغان كىنىشكا ۋە ئىسپات ماتېرىياللارنى تەكشۈرۈپ، ئۆز ئاتا-ئانىسى تېپىلمىغان تاشلانغۇق بوۋاق ۋە ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆز ئاتا-ئانىسىنى تېپىش ئېلانى بېرىشى كېرەك؛ بېقىۋېلىنغۇچى ۋە باقتۇرغۇچىنى بېقىۋېلىش قانۇنىدا بەلگىلەنگەن شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدۇ دەپ قارىسا، بېقىۋېلىش قانۇنىدىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كەلگەن بېقىۋېلىنغۇچى، باقتۇرغۇچىنىڭ ئىسىملىكىنى جۇڭگو بېقىۋېلىش تەشكىلاتىغا ئۇقتۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تۆۋەندىكى كىنىشكا ۋە ئىسپات ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇشى كېرەك:

(1) باقتۇرغۇچىنىڭ نوپۇسى ۋە كىملىكى (ئىجتىمائىي پاراۋانلىق تەشكىلاتى باقتۇرغۇچى بولسا، مەسئۇل كىشىنىڭ كىملىكى)نىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى؛

(2) بېقىۋېلىنغۇچىنىڭ تاشلاندۇق بوۋاق ياكى يېتىم بالا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان ئىسپات، نوپۇس ئىسپاتى، ئۆسۈپ يېتىلىش ئەھۋالىدىن دوكلات ۋە تەن سالامەتلىك، تەكشۈرۈش ئىسپاتىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى ۋە سۈرىتى.

ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ خەلق ئىشلىرى تارمىقى تاشلاندۇق بوۋاق ياكى ئۆسمۈرنىڭ ئۆز ئاتا-ئانىسىنى ئىزدەش ئېلانىنى ئۆلكە دەرىجىلىك يەرلىك گېزىتلەرگە بېرىشى كېرەك. ئېلان بېرىلگەن كۈندىن باشلاپ 60 كۈنگىچە تاشلاندۇق بوۋاق ۋە ئۆسمۈرنى ئۆز ئاتا-ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيىسى تونۇۋالمىسا، ئۆز ئاتا-ئانىسى تېپىلمىغان تاشلاندۇق بوۋاق ۋە ئۆسمۈر دەپ قارىلىدۇ.

7-ماددا جۇڭگو بېقىۋېلىش تەشكىلاتى چەت ئەللىك باققۇچىنىڭ بېقىۋېلىش ئىلتىماسى ۋە ئالاقىدار ئىسپاتىنى تەكشۈرگەندىن كېيىن، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ خەلق ئىشلىرى تارمىقىغا بېقىۋېلىش قانۇنىدا بەلگىلەنگەن شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان بېقىۋېلىنغۇچى ئىچىدىن، چەت ئەللىك بېقىۋالغۇچىنىڭ ئارزۇسى بويىچە، مۇۋاپىق بېقىۋېلىنغۇچىنى تاللاپ بېرىشى ھەمدە شۇ بېقىۋېلىنغۇچى ۋە ئۇنىڭ باقتۇرغۇچىسىنىڭ ئالاقىدار ئەھۋاللىرىنى چەت ئەل ھۆكۈمىتى ياكى چەت ئەل بېقىۋېلىش تەشكىلاتى ئارقىلىق، چەت ئەللىك بېقىۋالغۇچىغا تاپشۇرۇپ بېرىشى كېرەك. چەت ئەللىك بېقىۋالغۇچى بېقىۋېلىشقا قوشۇلسا، جۇڭگو بېقىۋېلىش تەشكىلاتى جۇڭگودا بالا بېقىۋېلىش ئۇقتۇرۇشى قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئالاقىدار ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ خەلق ئىشلىرى تارمىقى باقتۇرغۇچىغا بېقىۋېلىنغۇچىنىڭ بېقىۋېلىنغانلىق ئۇقتۇرۇشىنى بېرىشى كېرەك.

8-ماددا چەت ئەللىكلەردىن جۇڭگوغا كېلىپ بالا بېقىۋالىدىغانلىرى ئۆزى جۇڭگوغا كېلىپ تىزىملاش رەسمىيىتى بېجىرىشى كېرەك. ئەر-ئايال بىللە بېقىۋالماقچى بولغانلىرى بېقىۋېلىش رەسمىيىتىنى جۇڭگوغا بىللە كېلىپ بېجىرىشى كېرەك؛ بىر تەرەپ ئىش سەۋەبىدىن كېلەلمىسە، يەنە بىر تەرەپكە يازما ھاۋالە قىلىشى كېرەك. ھاۋالىنامە ئۆزى تۇرۇشلۇق دۆلەتنىڭ ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ۋە گۇۋاھلىقىدىن ئۆتكەن بولۇشى كېرەك.

9-ماددا چەت ئەللىكلەردىن جۇڭگوغا كېلىپ بالا بېقىۋالىدىغانلىرى باقتۇرغۇچى بىلەن يازما كېلىشىم تۈزۈشى كېرەك. كېلىشىم ئۈچ نۇسخا بولىدۇ، بېقىۋالغۇچى، باقتۇرغۇچى بىردىن ئالىدۇ، بېقىۋېلىشنى تىزىملاش رەسمىيىتى بېجىرىگەندە بېقىۋېلىشنى تىزىملاش ئورگىنى بىر نۇسخا ساقلايدۇ.

يازما كېلىشىم تۈزۈلگەندىن كېيىن، بېقىۋېلىش ئالاقىدارلىرى بېقىۋېلىنغۇچى دائىملىق تۇرۇشلۇق جايدىكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ خەلق ئىشلىرى تارمىقىغا بىللە بېرىپ، بېقىۋېلىشنى تىزىملىتىشى كېرەك.

10-ماددا بېقىۋېلىش مۇناسىۋىتىدىكى ئالاقىدارلار بېقىۋېلىش تىزىمىنى بېجىرگەندە، چەت ئەللىكلەرنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ بالا بېقىۋېلىشنى تىزىملاش ئىلتىماسنامىسىنى ھەمدە بېقىۋېلىش كېلىشىمنامىسىنى تولدۇرۇشى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئالاقىدار ماتېرىياللار بىلەن ئايرىم-ئايرىم تەمىنلىشى كېرەك.

بېقىۋالغۇچى تۆۋەندىكى ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلىشى كېرەك:

(1) جۇڭگو بېقىۋېلىش تەشكىلاتى چىقارغان جۇڭگوغا كېلىپ بالا بېقىۋېلىش ئۇقتۇرۇشى؛

(2) بېقىۋالغۇچىنىڭ كىملىكى ۋە رەسىمى.

باقتۇرغۇچى تۆۋەندىكى ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلىشى كېرەك:

(1) ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ خەلق ئىشلىرى تارمىقى چىقارغان بېقىۋېلىنغۇچىنىڭ بېقىۋېلىنغانلىق ئۇقتۇرۇشى؛

(2) باقتۇرغۇچىنىڭ نوپۇسى ۋە كىملىكى (ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئاپپاراتى باقتۇرغۇچى بولسا، مەسئۇل كىشىنىڭ كىملىكى)، بېقىۋېلىنغۇچىنىڭ رەسىمى.

11-ماددا بېقىۋېلىشنى تىزىملاش ئورگىنى چەت ئەللىكنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ بالا بېقىۋېلىشنى تىزىملاش ئ ىلتىماسنامىسى ۋە بېقىۋالغۇچى، بېقىۋېلىنغۇچى ۋە ۇنىڭ باقتۇرغۇچىسىنىڭ ئالاقىدار ماتېرىياللىرىنى تاپشۇۇرۋالغان كۈننىڭ ئەتىسىدىن باشلاپ يەتتە كۈن ئىچىدە تەكشۈرۈپ، بۇ چارىنىڭ 10-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كەلسە، ئالاقىدارغا بېقىۋېلىش تىزىمى بېجىقرىپ بېرىشى، بېقىۋېلىش تىزىم كىنىشكىسى تارقىتىپ بېرىشى كېرەك. بېقىۋېلىش مۇناسىۋىتى تىزىملانغان كۈندىن باشلاپ تۇرغۇزۇلىدۇ.

بېقىۋېلىشنى تىزىملاش ئورگىنى تىزىملاش نەتىجىسىنى جۇڭگو بېقىۋېلىشنى تىزىملاش تەشكىلاتىغا ئۇقتۇرۇشى كېرەك.

12-ماددا بېقىۋېلىش مۇناسىۋىتىدىكى ئالاقىدارلار بېقىۋېلىش تىزىمىنى بېجىرگەندىن كېيىن، ئىككى تەرەپ ياكى بىر تەرەپ بېقىۋېلىشنى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقىدىن ئۆتكۈزمەكچى بولسا، بېقىۋېلىشنى تىزىملىغان جايدىكى چەتكە چېتىشلىق ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقىنى بېجىرىش سالاھىيىتىگە ئىگە ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىغا بېرىپ، بېقىۋېلىشنى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقىدىن ئۆتكۈزسە بولىدۇ.

13-ماددا بېقىۋېلىنغۇچى چېگرىدىن چىقىشتىن بۇرۇن، بېقىۋالغۇچى بېقىۋېلىش تىزىم گۇۋاھنامىسىنى ئېلىپ، بېقىۋېلىشنى تىزىملىغان جايدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا بېرىپ، بېقىۋېلىنغۇچىنىڭ چېگرىدىن چىقىش رەسمىيىتىنى بېجىرىشى كېرەك.

14-ماددا چەت ئەللىكلەردىن جۇڭگودا بالا بېقىۋالىدىغانلىرى تىزىملاش ئورگىنىغا بېرىپ، تىزىملاش ھەققى تاپشۇرۇشى كېرەك. تىزىملاش ھەققىنىڭ ئۆلچىمى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە بولىدۇ.

جۇڭگو بېقىۋېلىش تەشكىلاتى پايدا ئالمايدىغان جامائەت پاراۋانلىق ئىشلىرى ئورنى بولۇپ، چەت ئەللىك باققۇچىلارغا بېقىۋېلىش مۇلازىمىتى قىلىدۇ. مۇلازىمەت ھەققى ئالسا بولىدۇ. مۇلازىمەت ھەققىنىڭ ئۆلچىمى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ.

ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئاپپاراتىدا تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان تاشلاندۇق بوۋاق ۋە ئۆسمۈرنى بېقىۋېلىشتا، دۆلەت چەت ئەللىك بېقىۋالغۇچى، چەت ئەل بېقىۋېلىش تەشكىلاتىنىڭ ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئاپپاراتىغا ھەدىيە قىلىشىغا ئىلھاملاندۇرىدۇ. ھەدىيىنى قوبۇل قىلغان ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئاپپاراتى ھەدىيە قىلىنغان مال-مۈلۈكنىڭ ھەممىسىنى بېقىۋاتقان تاشلاندۇق بوۋاق ۋە ئۆسمۈرنىڭ بېقىلىش شارائىتىنى ياخشىلاشقا ئىشلىتىشى شەرت. باشقا ئىشقا ئىشلىتىۋېلىشقا بولمايدۇ ھەمدە ھەدىيە قىلىنغان مال-مۈلۈكنىڭ ئىشلىتىلىش ئەھۋالىنى ھەدىيە قىلغۇچىغا ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك. ھەدىيىنى قوبۇل قىلغان ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئاپپاراتى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىشى ھەمدە ھەدىيىنىڭ ئىشلىتىلىش ئەھۋالىنى جەمئىيەتكە ئېلان قىلىشى كېرەك.

15-ماددا جۇڭگو بېقىۋېلىش تەشكىلاتىنىڭ پائالىيىتىنى گوۋۇيۈەننىڭ خەلق ئىشلىرى تارمىقى نازارەت قىلىدۇ.

16-ماددا بۇ چارە ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. گوۋۇيۈەن 1993-يىلى 11-ئاينىڭ 3-كۈنى تەستىقلىغان، 1993-يىلى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى ئەدلىيە مىنىستىرلىقى، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان «چەت ئەللىكلەرنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىدە بالا بېقىۋېلىشنى يولغا قويۇش چارىسى» بىكار قىلىنىدۇ.


يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏