چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ قانۇن ياردىمى نىزامىنى يولغا قويۇش چارىسى 2006-يىلى 7-ئاينىڭ 27-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 139-نومۇرلۇق پەرمانى بىلەن ئېلان قىلىنغان.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ قانۇن ياردىمى نىزامىنى يولغا قويۇش چارىسى

خەنزۇچەن نامى :新疆维吾尔自治区法律援助条例实施办法

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى :2006-يىلى 7-ئاينىڭ 27-كۈنى

يولغا قويۇلغان ۋاقتى :2006-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى

ھۆججەت :شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 139-نومۇرلۇق پەرمانى

ئاساسىي مەزمۇنى

1-ماددا بۇ چارە «قانۇن ياردىمى نىزامى» بويىچە، ئاپتونوم رايوننىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ تۈزۈلدى.

2-ماددا بۇ چارىدە ئېيتىلغان قانۇن ياردىمى ئاپپاراتى—ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى بېكىتكەن قانۇن ياردىمى خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالىدىغان مەخسۇس ئاپپاراتنى كۆرسىتىدۇ.

بۇ چارىدە ئېيتىلغان قانۇن ياردىمى قانۇن ياردىمى ئاپپاراتىنىڭ بەلگىلىشى ياكى ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە قانۇن ياردىمى ئىشلىرىنى بېجىرىدىغان ئادۋوكات، قانۇن ياردىمى ئاپپاراتىنىڭ خادىمى، ئاساسىي قاتلام قانۇن مۇلازىمىتى خىزمەتچىسى شۇنىڭدەك قانۇن ياردىمى پىدائىيلىرىنى كۆرسىتىدۇ.

3-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى شۇ مەمۇرىي رايون ئىچىدىكى قانۇن ياردىمى خىزمىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ.

قانۇن ياردىمى ئاپپاراتى پۇقرالارنىڭ قانۇن بويىچە ئوتتۇرىغا قويغان قانۇن ياردىمى بېرىش ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىش، تەكشۈرۈش، قانۇن ياردىمى ئىشلىرىنى بېجىرىشكە ئادۋوكاتلىق مۇلازىمىتى ئورنىنى ئادۋوكات ئورۇنلاشتۇرۇشقا بەلگىلەشكە ياكى شۇ ئاپپارات خادىملىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ، باشقا ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ تەلىپى بويىچە قانۇن ياردىمى دېلوسىنى بېجىرىشكە ئۆزىگە قاراشلىق خادىملارنى ئورۇنلاشتۇرۇسىمۇ بولىدۇ.

4-ماددا قانۇن ياردىمى بېرىش ھۆكۈمەتنىڭ مەسئۇلىيىتىدۇر، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەدبىر قوللىنىپ قانۇن ياردىمىنى تەشكىلى جەھەتتىن كاپالەتلەندۈرۈشى ھەمدە قانۇن ياردىمى خىراجىتىنى يىللىق مالىيە خام چوتىغا كىرگۈزۈشى، قانۇن ياردىمى ئىشلىرىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەتكە ماس تەرەققىياتىنى كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك.

قانۇن ياردىمى خىراجىتىنى جايىغا ئىشلىتىش، تۇتۇپ قالماسلىق، ئىشلىتىۋالماسلىق، ھەمدە مالىيە، ئىقتىسادىي تەپتىش تارمىقىنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىش كېرەك.

5-ماددا قانۇن ياردىمى خادىملىرى قانۇن ياردىمى ئىشلىرىنى بېجىرىشتە، پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلار ھەمكارلىشىشى كېرەك.

6-ماددا پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلار، قانۇن ياردىمى ئىشلىرىغا ئىئانە قىلسا، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە باج ئېتىبارىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.

7-ماددا پۇقرالاردىن ۋاكالەتچىلىك قىلىشقا ئېھتىياجلىق تۆۋەندىكى ئىشلارنى ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بولغانلىقتىن ۋاكالەتچىگە ھاۋالە قىلالمىغانلىرى قانۇن ياردىمى بېرىشنى قانۇن ياردىمى ئاپپاراتىغا ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ:

⑴ دۆلەت تۆلىمىنى قانۇن بويىچە تەلەپ قىلىش؛

⑵ نەپىقە پۇلى، قۇتقۇزۇش پۇلى تەلەپ قىلش؛

⑶ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تەمىناتى ياكى ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى تەمىناتى تەلەپ قىلىش؛

⑷ قاراش خىراجىتى، بېقىپ تەربىيىلەش خىراجىتى،بېقىش خىراجىتى تەلەپ قىلىش؛

⑸ ئەمگەك ھەققى تەلەپ قىلىش؛

⑹ ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىش ھەركىتىدە پەيدا بولغان ھەق تەلەپ ھوقۇق مەنپەئىتىنى قوغداشنى تەلەپ قىلىش؛

⑺ ئىشتا يارىلىنىش تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولۇشنى تەلەپ قىلىش؛

⑻ مۇھىت بۇلغىنىش، ئاممىۋى تازىلىق، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ھەرىكىتىدە پەيدا بولغان ھەق تەلەپ ھوقۇق مەنپەئىتىنى قوغداشنى تەلەپ قىلىش؛

⑼ ئائىلە زوراۋانلىق تۈپەيلىدىن بولغان نىكاھ ماجىراسىدا پەيدا بولغان ھەق تەلەپ ھوقۇق مەنپەئىتىنى قوغداشنى تەلەپ قىلىش؛

⑽ مىيىپلار، ياشانغانلار، قۇرامىغا يەتمىگەنلەر جىسمانىي زىياننى تۆلەشنى تەلەپ قىلىش؛

⑾ پۇقرالارنىڭ ئاساسىي ياشاش شەرتلىرىگە زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان ھەمدە قانۇن ياردىمى ئاپپاراتى قانۇن ياردىمى بېرىشنى ھەقىقەتەن زۆرۈر دەپ قارىغان باشقا ئىشلار؛

8-ماددا قانۇن ياردىمى بېرىشنى ئىلتىماس قىلغان پۇقرا تۆۋەندىكى شەرتلەرنىڭ بىرىگە توشسا، ئىقتىسادى قىيىنچىلىقى بار دەپ بېكىتىلىشى كېرەك :

⑴ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى پۇلى ئالسا؛

⑵بەشتە كاپالەتلەندۈرۈلىدىغان ئائىلە، نامرات ئائىلە ھەمدە تەبىئىي ئاپەت ياكى باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن تۇرمۇشتا قىينىلىپ قېلىپ تۇرمۇش جەھەتتە قۇتقۇزۇش ئالسا؛

⑶تۇرۇشلۇق جايى ياكى دائىم ئولتۇرۇشلۇق جايىدىكى مەھەللە باشقارمىسى، يېزىلىق (بازارلىق) خەلق ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ تۇرۇمۇشتا ھەقىقەتەن قىيىنچىلىقى بارلىقىنى ئىسپاتلىسا.

مەھەللە باشقارمىسى ياكى يېزىلىق (بازارلىق) خەلق ھۆكۈمىتى بەرگەن ئىسپاتقا ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ئائىلە نوپۇسى، ئەمگەك ئىقتىدارى، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەھۋالى، ئائىلە مال-مۈلكى، ئائىلىسىنىڭ ئايلىق(يىللىق)كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ساپ كىرىمى ۋە كېلىش مەنبەسى، تۇرمۇشنىڭ ئۆزگۈرۈش سەۋەبلىرى ھەمدە مەھەللە، ئاھالە كومىتېتى ياكى كەنت كومىتېتىنىڭ ئۇنىڭ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلغان-قىلمىغانلىقىنى قاتارلىق تەپسىلى ئەھۋاللار ئېنىق يېزىلىشى كېرەك.

9-ماددا قانۇن ياردىمى بېرىش ئاساسلىقى تۆۋەندىكى شەكىللەردە بولىدۇ:

⑴ قانۇندىن مەسلىھەت بېرىش، قانۇن ھۆججەتلىرىدىن ۋاكالىتەن يېزىپ بېرىش؛

⑵ جىنايى ئىشلار بويىچە ئاقلاش ۋە جىنايى ئىشلار بويىچە ۋاكالەتچىلىك قىلىش؛

⑶ ھەق تەلەپ دەۋاسىدا ۋاكالەتچىلىك قىلىش، مەمۇرىي دەۋادا ۋاكالەتچىلىك قىلىش؛

⑷ مەمۇرىي جەھەتتىن قايتا قاراپ چىقىش، كېسىم قىلىش؛

⑸ ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئىسپاتى بېجىرىش، ئەدلىيىلىك باھالاش؛

⑹ باشقا شەكىلدىكى قانۇن مۇلازىمىتى.

10-ماددا پۇقرالار قانۇن ياردىمى بېرىشنى ئىلتىماس قىلىشتا تۆۋەندىكى ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇشى كېرەك:

⑴ كىملىكى ياكى كۈچكە ئىگە باشقا سالاھىيەت ئىسپاتى، ۋاكالىتەن ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ۋاكالەتچىلىك ھوقۇقى بارلىقىغا دائىر ئىسپاتى؛

⑵ ئىقتىسادى قىيىنچىلىقى بارلىقىغا دائىر ئىسپاتى؛

⑶ قانۇن ياردىمى بېرىشنى ئىلتىماس قىلغان ئىشقا ئائىت دېلو ماتېرىيالى.

11-ماددا پۇقرالار مۇشۇ چارىنىڭ 7-ماددىسىنىڭ (1)،(2)،(3)،(4)،(5) ۋە (6) تارمىقىدا بەلگىلەنگەن ئىشلاردا قانۇن ياردىمى بېرىشنى ئىلتىماس قىلىشتا «قانۇن ياردىمى نىزامى»نىڭ 14-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئىلتىماس قىلىدۇ.

  (7)، (8)، (9)، (10) ۋە (11) تۈرىدە كۆرسىتىلگەن ئىشلاردا قانۇن ياردىمى بېرىشنى ئىلتىماس قىلىشتا، ئالاقىدار ئورگان تۇرۇشلۇق جايدىكى قانۇن ياردىمى ئاپپاراتىغا ئىلتىماس قىلىدۇ.

12-ماددا جىنايى ئىشلار دەۋاسىدا پۇقرالار قانۇن ياردىمى بېرىشنى ئىلتىماس قىلىش ۋە خەلق سوت مەھكىمىسى جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى بېكىتىپ بېرىش«قانۇن ياردىمى نىزامى»نىڭ 11- ۋە 12-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ.

جىنايى ئىشلار دەۋاسىدا «قانۇن ياردىمى نىزامى»نىڭ 11-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ئەھۋاللارغا توشىدىغا پۇقرالار قانۇن ياردىمى بېرىشنى باشقۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگە خەلق سوت مەھكىمىسى تۇرۇشلۇق جايدىكى قانۇن ياردىمى ئاپپاراتىغا ئىلتىماس قىلىدۇ.

13-ماددا قانۇن ياردىمى ئاپپاراتى قانۇن ياردىمى ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ ئۈچ خىزمەت كۈنى ئىچىدە تەكشۈرۈشى، قانۇن ياردىمى بېرىش شەرتىگە توشىدىغانلىرىغا قانۇن ياردىمى بېرىشىنى قارار قىلىشى كېرەك؛قانۇن ياردىمى بېرىش شەرتىگە توشمايدىغانلىرىغا قوبۇل قىلماسلىق توغرىسىدا قارار چىقىرىشى ھەمدە ئىلتىماس قىلغۇچىغا ئاساسىنى يازما ئۇقتۇرۇپ قويۇش كېرەك.

14-ماددا قانۇن ياردىمى ئاپپاراتىدا قانۇن ياردىمى ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىش ۋە تەكشۈرۈشكە مەسئۇل خىزمەتچى خادىملاردا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە چەتلەپ تۇرۇشى كېرەك :

⑴ قانۇن ياردىمى ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ يېقىن تۇغقىنى بولسا؛

⑵ ئىلتىماس قىلغان قانۇن ياردىمى ئىشلىرى بىلەن مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بولسا؛

قانۇن ياردىمى ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىدىغان ۋە تەكشۈرىدىغان خىزمەتچى خادىملارنىڭ چەتلەپ تۇرۇشىنى ئۆزى ياكى ئىلتىماس قىلغۇچى ئوتتۇرىغا قويىدۇ، قانۇن ياردىمى ئاپپاراتى قارار قىلىدۇ؛قانۇن ياردىمى ئاپپاراتى مەسئۇلىنىڭ چەتلەپ تۇرۇشىنى قانۇن ياردىمى ئاپپاراتى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى قارار قىلىدۇ.

15-ماددا قانۇن ياردىمى خادىملىرى ئالاقىدار ھەقلەرنى كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىش بەلگىلىمىسىگە توشىدىغان ياردەم بېرىلگۈچىگە ئالاقىدار ھەقلەرنى كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىش توغرىسىدا ئالاقىدار ئورگانغا ئىلىتىماس قىلىشى كېرەك.

16-ماددا قانۇن ياردىمى خادىملىرى بەلگىلەشنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، ئورۇنلۇق سەۋەبى بولماي تۇرۇپ قانۇن ياردىمى دېلوسىنى بېجىرىشنى رەت قىلىشقا، ئارقىغا سۈرۈشكە ياكى ئاخىرلاشتۇرۋېتىشكە يول قويۇلمايدۇ. قانۇن ياردىمى بېرىشتە ھەرقانداق پۇل-مال ئېلىشقا يول قويۇلمايدۇ.

17-ماددا قانۇن ياردىم بېرىش داۋامىدا، ياردەم بېرىلگۈچى دېلو بېجىرىش ئەھۋالىنى ئىگىلەشكە ھوقۇقلۇق. قانۇن ياردىمى خادىملىرىنىڭ ۋەزىپىسىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلمىغانلىقنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتى بولغان ياردەم بېرىلگۈچى قانۇن ياردىمى ئاپپاراتىدىن قانۇن ياردىمى بېرىش خادىمىنى ئالماشتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.

ياردەم بېرىلگۈچىنىڭ قانۇن ياردىمى دېلوسىغا ئالاقىدار پاكىت ۋە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئەينەن بايان قىلىش، ئالاقىدار دەلىل-ئىسپات ماتېرىياللىرى بىلەن تەمىنلەش، قانۇن ياردىمى خادىملىرىنىڭ دېلونىڭ پاكىتىنى تەكشۈرۈشىگە ھەمكارلىشىش مەجبۇرىيىتى بار. ياردەم بېرىلگۈچىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىدا ئۆزگۈرۈش بولسا، قانۇن ياردىمى خادىمىغا ياكى قانۇن ياردىمى ئاپپاراتىغا ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك.

18-ماددا قانۇن ياردىمى خادىمى قانۇن ياردىمى دېلوسى ئاخىرلاشقاندا، قانۇن ياردىمى ئاپپاراتىغا ئالاقىدار قانۇن ھۆججەتلىرىنىڭ قوشۇمچە نۇسخىسى ياكى كۆپەيتىلمىسى شۇنىڭدەك دېلو ئاخىرلاشتۇرۇش دوكلاتى قاتارلىق ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇشى كېرەك.

19-ماددا قانۇن ياردىم خادىملىرىنىڭ قانۇن ياردىمى دېلوسىنى بېجىرىش ياردەم پۇلىنى چىقىم قىلىش ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ.

20-ماددا مۇشۇ چارىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغان قانۇن ياردىمى ئاپپاراتى ۋە قانۇن ياردىمى خادىملىرى«قانۇن ياردىمى نىزامى»ۋە ئالاقىدار قانۇن-نىزام قائىدىلىرىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

21-ماددا بۇ چارە 2006-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

   



يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏