چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش سۇ زۈلۈكىنىڭ ئاددىي ئاتىلىشى زۈلۈك «شېن نۇڭ دورا ئۆسۈملۈكلىرى دەستۇرى»دا، ناھايىتى چوڭ دورىلىق قىممىتىگە ئىگە دەپ خاتىرىلەنگەن. ئىچكى قۇرۇقلۇقتىكى تاتلىق سۇ رايونلىرىدا ئىچىدە ياشاپ كۆپىيىدۇ، جۇڭگو نىڭ ئەنئەنىۋى ئالاھىدە دورىلىق سۇ جانلىقى.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :سۇ زۈلۈكى

خەنزۇچە ئاتىلىشى :水蛭

ئىنگلىزچە نامى :Leech

تارقالغان رايونلار :جۇڭگو

تەۋەلىكى :ھايۋانلار دۇنياسى

تىپى :زۈلۈكلەر تىپى

سىنىپى :زۈلۈكلەر سىنىپى

ئائىلىسى :زۈلۈك ئائىلىسى

تۈرى :گناتوبېلىدا تۈرى

باشقا نامى :زۈلۈك

پىنيىنچە يېزىلىشى :shuǐ zhì

لاتىنچە ئىلمىي نامى :Whitmania pigra Whitman

خەنزۇچە باشقا نامى :蚂蟥

تونۇشتۇرۇلۇشى

10پارچەسۇ زۈلۈكىسۇ زۈلۈكى، ئاددىي ئاتىلىشى زۈلۈك «شېن نۇڭ دورا ئۆسۈملۈكلىرى دەستۇرى»دا، ناھايىتى چوڭ دورىلىق قىممىتىگە ئىگە دەپ خاتىرىلەنگەن. ئىچكى قۇرۇقلۇقتىكى تاتلىق سۇ رايونلىرىدا ئىچىدە ئۆسۈپ كۆپىيىدۇ، جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى ئالاھىدە دورىلىق سۇ جانلىقى، ئۇنى قۇرۇتۇپ چىلىغاندىن كېيىن جۇڭگو تېبابىتىدە دورا قىلىنىدۇ، سەكتە، يۇقىرى قان بېسىمى، خۇن چىگىلىش، يىقىلىپ-ئۇرۇلۇپ زەخىملىنىش قاتارلىقلارنى داۋالاش ئۈنۈمىگە ئىگە. يېقىنقى يىللاردا بايقالغان زۈلۈك يۈرەك-مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرى ۋە راكقا قارشى تۇرۇش جەھەتتە ئالاھىدە دورا ئۈنۈمگە ئىگە.

تارىختا تەبىئىي تۇتۇش ئاساس قىلىنىدۇ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دېھقانچىلىق دورىلىرى، خىمىيىۋى ئوغۇت قاتارلىقلارنى قالايمىقان ئىشلىتىش ۋە سانائەت، يېزا ئىگىلىك «ئۈچ كېرەكسىز»نىڭ مۇھىتنى بۇلغىشى تۈپەيلىدىن ياۋا تەبىئىي بايلىقلارنىڭ زور دەرىجىدە ئازلاپ كېتىشىگە ئەگىشىپ زۈلۈكمۇ ئازىيىپ كەتكەن، دورىلىق قىممىتىنىڭ چوڭقۇر ئېچىش، بازار ئېھتىياجىنىڭ يوشۇرۇن ئىمكانىيىتىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن. جۇڭگونىڭ جەنۇبىدىكى 1995-يىلىنىڭ ئالدى-كەينىدە، تەبىئىي بېلىجانلىرىنى تۇتۇش باشلانغان، تۇنجى قېتىم سۈنئىي ئۇسۇلدا بېقىلىپ، مۇۋاپپەقىيەتكە ئېرىشكەن. شىمالدىكى رايونلارنىڭ باقمىچىلىق ۋە تېخنىكىلىق سەۋەب تۈپەيلىدىن ئىزچىل مۇۋاپىقىيەتلىك بولۇپ باقمىغان.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏