چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش جىن جى شيۇ 1972-يىلى 10-ئاينىڭ 24-كۈنى كورىيە سىئولدا تۇغۇلغان. كورىيە قىزلار ئۇنىۋېرسىتېتى سەنئەت سىنىپىنى پۈتتۈرگەن، چىڭشنىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تىياتىر كىنو ئىلمى بويىچە باكلاۋېرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى :جىن جى شيۇ

خەنزۇچە ئاتىلىشى :金智秀

باشقا نامى :梁星允

دۆلەت تەۋەلىكى :كورىيە

يۇرتى :سىئول

تۇغۇلغان ۋاقتى :1972-يىلى 10-ئاينىڭ 24-كۈنى

بوي ئېگىزلىكى :167 سانتىمېتىر

بەدەن ئېغىرلىقى :45 كىلوگىرام

كەسپى :ئارتىس

پۈتتۈرگەن مەكتىپى :چىڭشنىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى

ۋەكىللىك ئەسىرى :«يەنە بىر كۆرسەم»، «قەلەندەر شاھزادە»، «مۇھەببەت ئەپسانىلىرى»، «قۇياش ئايال»

چەتئەلچە نامى :韩文:김지수 英文:KIM JI-SOO

باشقا نامى :كىم جىسو

ئويۇن قويۇش تارىخى 

6پارچەجىن جى شيۇ1992–يىلى جىن جى شيۇ SBS تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىغا كىرگەن، ئىستانسىنىڭ رەسمىي ئارتىسى بولغان، شۇ يىلى سۈرەتكە ئالغان تۇنجى تېلۋىزىيە تىياتىرى «جىنايى ئىشلار ساقچى ئايال 8080». 1933 يىلى تېلېۋىزىيە تىياتىرى «يىراقتىكى سۇڭخۇاجياڭ»دا رول ئالغان. 

1994-يىلى تېلېۋىزىيە تىياتىرى «ئۇنىۋېرسال دوختۇرخانىسى»دا رول ئالغان؛ شۇ يىلى «M» تېلېۋىزىيە تىياتىرىغا قاتناشقان. 1996-يىلى « شۇ مەزگىلدە» تېلېۋىزىيە تىياتىرىغا قاتناشقان. 1997-يىلى «ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز مۇھەببەت»تە KBS رول ئېلىش ماھارىتى مۇنەۋۋەر مۇكاپاتقا ئېرىشكەن؛ شۇ يىلى يۈ سەي لىن، جىن بازىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ تېلېۋىزىيە تىياتىرى «گۈزەل يىللار» رول ئالغان. 

1998-يىلى بىلەن جېڭ باۋيۈ، پۇ لوڭخې ھەمكارلىشىپ ئىشلىگەن  تېلېۋىزىيە تىياتىرى «يەنە بىر كۆرسەم»دە رول ئالغان؛ بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا 19998-يىلى 3-ئايدىن تارتىپ 1999-يىلى 4-ئايغىچە سۈرەتكە ئېلىنغان بولۇپ، بۇ مەزگىلدە جىن جى شيۇ فىلىم ئىشلەش گۇرۇپپىسىدا ئىزچىل تۇرۇپ، ئۆزىگە تېلىۋىزىيە-تىياتىردىكى پېرسوناژنىڭ ئوبرازىنى چوڭقۇر سىڭدۈرگەن. شۇ يىلى جىن جى شيۇ «يەنە بىر كۆرسەم» دېگەن فىلىمدە يىن جۇنىڭ رولىنى ئېلىپ 1998-يىلى رول ئېلىش ماھارىتىدە مۇنەۋۋەر مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.

8پارچەجىن جى شيۇ1999-يىلى يۈ جىن شىياڭ بىلەن سوڭ خۇي چىياۋ ھەمكارلىشىپ ئىشلىگەن تېلېۋىزىيە تىياتىرى «شېرىن قىز»دا رول ئالغان.

2000-يىلى شۈ جىن خاۋ بىلەن  جاڭ شى ھەمكارلىشىپ ئىشلىگەن تېلېۋىزىيە تىياتىرى «قەلەندەر شاھزادە»دا رول ئالغان، بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرنىڭ كورىيەدە كۆرۈلۈش نىسبىتى %30 تىن ئېشىپ كەتكەن.

2001-يىلى پۇ جىڭ جې بىلەن چۈەن شياڭيۈنى، جىن يۈلەر ھەمكارلىشىپ ئىشلىگەن تېلېۋىزىيە تىياتىرى «مۇھەببەت رىۋايىتى»دە رول ئالغان، ياپونىيە تەرەپنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، فۇجى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ كۆپ قىسىملىق تىياتىرى «دېڭىز شامىلى»دا رول ئالغان.

2003-يىلى جىنجۇچى،ۆادوشىن ھەمكارلىشىپ سۈرەتكە ئالغان تېلېۋىزىيە تىياتىرى «لەيلەپ مۇھەببەت»دا پۇ شاڭ شىنىڭ رولىنى ئالغان.

 2004-يىلى جىن جى شيۇ، تارىخىي دراما «قەھرىمانلىق دەۋرى» فىلىمىدە، نەس باسقان سەرگەردان سەنئەتكار بولغان قىز پۇ سۇشىيەننىڭ رولىنى ئالغان.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏