چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش يۇڭنىڭ بازىرى قاراشەھەر ناھىيەسى بازىرىنىڭ جەنۇب تەرىپىگە جايلاشقان، شىمالىي تەرىپىدىكى قاراشەھەر دەرياسى بىلەن ناھىيە بازىرى دەريانىڭ ئىككى يېقىدا قارىشىپ تۇرىدۇ، ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى تەخمىنەن 1 كىلومېتىر كېلىدۇ.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :يۇڭنىڭ بازىرى

خەنزۇچە ئاتىلىشى :永宁镇

دۆلىتى :جۇڭگو

ئۆلكىسى :شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

مەمۇرىي رايون شەكلى :بازار

تەۋە رايون :بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى قارا شەھەر ناھىيەسى

رايۇن نۇمۇرى :0996

قىسقىچە تونۇشتۇرۇش

يۇڭنىڭ بازىرى قارا شەھەر ناھىيەسى بازىرىنىڭ جەنۇب تەرىپىگە جايلاشقان، شىمالىي تەرىپىدىكى قاراشەھەر دەرياسى بىلەن ناھىيە بازىرى دەريانىڭ ئىككى يېقىدا قارىشىپ تۇرىدۇ، ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى تەخمىنەن 1 كىلومېتىر كېلىدۇ. شەرقىي جەنۇبىدىكى باغراش ناھىيەسىنىڭ چاغاننۇر يېزىسى بىلەن قوشنا، غەربىي يېزا ئىگىلىك 2-دىۋىزىيە 27-تۇەن بىلەن تۇتىشىدۇ.  2006-يىلى بازار بويىچە 16 مىللەت بۇلۇپ، يىل ئاخىرىدىكى نوپۇسى 17826 ئادەم، بۇنىڭ ئىچىدە يېزا نوپۇسى 13551 ئادەم، نوپۇسنىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتى %6.8، نوپۇسنىڭ تەبىئىي كۆپىيىش نىسبىتى %8.98، تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 45410 مو، 2006-يىلى ئاشلىق زىرائىتى تېرىلغۇ كۆلىمى 22735 مو، ئۆزگىچە دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىدىن قىزىلچا، پەمىدۇر، ئاق گازىر، تاۋۇز، پىگمېنتلىق مۇچ قاتارلىقلار بار.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏