چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش ئىلى دەرياسى ئاسىيانىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى ئىچكى قۇرۇقلۇق دەرياسى. غەربىي شىمال ئېتىز - ئېرىق مەشھۇر دەرياسى. قەدىمكى زاماندا ساكلار، توخرىيلار، تۈركلەر بۇ دەريا ۋادىسىدا ياشا كەلگەن.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :ئىلى دەرياسى سۇلۇق يېرى

خەنزۇچە ئاتىلىشى :伊犁河湿地

دۆلىتى :جۇڭگو

ئۆلكىسى :شىنجاڭ ئىلى ۋىلايىتى

يەر مەيدانى :440,000 گېكتار

دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى :560-1400 مېتىر

ئاساسىي تونۇشتۇرۇش 

ئورنى 

شىمالىي پاراللېل ′50 °42 ~′10 °44 N ئارلىقىغا توغرا كېلىدۇ، شەرقىي مېرىدىيان ′30 °80 ~′10 °83 E؛ شىنجاڭ غەربىي رايون، ئىلى ۋىلايىتى، غۇلجىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان. 

كۆلىمى  

440,000 گېكتار. دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 560~1400 مېتىر كېلىدۇ. 

نەم يەر چۈشەندۈرۈشى 

 ئىلى دەرياسى قاش دەرياسى، كۈنەس دەرياسى ، تېكەس دەرياسى قاتارلىق قوشۇلۇشىدىن ھاسىل بولغان. يىللىق ئېقىم مىقدارى 18 مىليارد كۇب مېتىرغا، شىنجاڭدا 1-ئورۇندا تۇرىدۇ. دەريا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بالقاش كۆلىگە قۇيۇلىدۇ. دەريا-ئېقىنلار زىچ، ساھىلى كەڭ، تاتلىق سۇ سازلىق 200,000 گېكتار، بۇنىڭ ئىچىدە كۈنەس ناھىيەسىنىڭ بۇ يىل 40 مىڭ گېكتار يەردىن يىللىق بېلىق تۇتۇش مىقدارى تەخمىنەن 300 توننا. 

كىلىمات ئەھۋالى 

 شىنجاڭدىكى ئەڭ نەم بولغان بەزى جىلغىلار، يىللىق ھۆل-يېغىن مىقدارى 300 مىللىمېتىر، يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ℃8.4. 

ئاساسلىق يېپىنچا ئۆسۈملۈكلىرى

 قومۇش، تاش ئېگىر، پاقا ئوتى، يېكەن،  ئىـگىر، ئوت-چۆپ، ئوتتۇرا ئاسىيا تۇرغۇلى قاتارلىقلار بار. 

ئامان ساقلاش تەدبىرى 

ئاللىقاچان تۆت پەنجىلىك قۇرۇقلۇق تاشپاقىسى، قارا ھەرە، كىچىك يوپۇرماقلىق ئەرمۇدۇن، ياۋا ياڭاق، شەمشاد قاتارلىق ئالتە رايونغا ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى، يېزا ئىگىلىك، ئورمانچىلىق تارمىقى مەسئۇل بولىدۇ. 

يەردىن پايدىلىنىش 

 سازلىق، چارۋىچىلىق فېرمىسى، بېلىق تۇتۇش، يېزا ئىگىلىك ۋە باغلارنى بەرپا قىلىش. 

ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي قىممىتى

مۇھىم يېزا ئىگىلىك، چارۋىچىلىق مەيدانى، ئورمان ئىشلەپچىقىرىش بازىسى. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏