چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش پېي شىنفۇ (裴神符) تاڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى يىللىرى (مىلادىيە 7-ئەسىر) قەشقەر دە ئۆتكەن مەشھۇر سازەندە ۋە تالانتلىق كومپوزىتور.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى :پېي شېنفۇ

خەنزۇچە ئاتىلىشى :裴神符

ۋەكىللىك ئەسىرى :«نۇسرەت قۇچقان غۇلام»، «ئاتەش سۇمۇرۇغ»

ياشىغان زامان :تاڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى يىللىرى

يۇرتى :قەشقەر

كەسپى :سازەندە، كومپوزىتور

ھاياتى ئۆمرى 

پېي شىنفۇپېي شىنفۇ (裴神符) تاڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى يىللىرى (مىلادىيە 7-ئەسىر) قەشقەر دە ئۆتكەن مەشھۇر سازەندە ۋە تالانتلىق كومپوزىتور. ئۇ ھەرخىل قەشقەر سازلىرىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ چېلىپ نام چىقارغان. ئەينى چاغدا قەشقەر، كۈسەن ۋە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتە زەخمەك بىلەن چېلىنىدىغان بەش تارلىق بەرباب (راباب) نى بارماق بىلەن چېكىپ چېلىشقا ئۆزگەرتىپ، تېخنىكا يېڭىلاپ، غەربىي دىيار، جۈملىدىن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنىڭ مۇزىكا تەرەققىياتىغا كاتتا تۆھپە قوشقان. «تاڭ تارىخىنىڭ مۇھىم بايانلىرى» (唐会要) دېگەن كىتابىنىڭ 33-جىلىدىدا قەشقەرلىك پېي شىنفۇنىڭ بەربابنى چېكىپ چېلىش ئۇسۇلىنى ئىجاد قىلغانلىقىنى خاتىرىلەنگەن.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏