چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش شېرلى تەمپول 1928-يىلى 4-ئاينىڭ 23-كۈنى، ئامېرىكا كالفورنىيە شىتاتى سانت مونىكادىكى بىر بانكا خىزمەتچىسى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. «ھەيدى»، «كىچىك ئىسيانكار»، «يالتىراق كۆز» ناملىق نادىر فىلىملىرى بىلەن دۇنياغا تونۇلغان، ھاۋاخان ھېيىت ئاۋازى بىلەن ئۇيغۇر كۆرۈرمەنلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان داڭلىق «بالا چولپان».

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى :شېرلى تەمپول

خەنزۇچە ئاتىلىشى :秀兰·邓波儿

باشقا نامى :Shirley Temple

دۆلەت تەۋەلىكى :ئامېرىكا

يۇرتى :كالفورنىيە شىتاتى سانت مونىكا

تۇغۇلغان ۋاقتى :1928-يىلى 4-ئاينىڭ 23-كۈنى

ۋاپات بولغان ۋاقتى :2014-يىلى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى

كەسپى :ئارتىس، ئەمەلدار

پۈتتۈرگەن مەكتىپى :ماگرىن ئۇسسۇل مەكتىپى

توختاملاشقان شىركەت :فوكىس كىنو شىركىتى

ۋەكىللىك ئەسىرى :«ھەيدى»، «كىچىك ئىسيانكار»، «يالتىراق كۆز»

مۇكاپات-نەتىجىلىرى :ئوسكار ئالاھىدە ئالتۇن ھەيكەل مۇكاپاتى

شەخسى ئارخىپ 

شېرلى تەمپول«ھەيدى»، «كىچىك ئىسيانكار»، «يالتىراق كۆز» ناملىق نادىر فىلىملىرى بىلەن دۇنياغا تونۇلغان، ھاۋاخان ھېيىت ئاۋازى بىلەن ئۇيغۇر كۆرۈرمەنلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان داڭلىق «بالا چولپان» شېرلى تەمپول 1928-يىلى 4-ئاينىڭ 23-كۈنى، ئامېرىكا كالفورنىيە شىتاتى سانت مونىكادىكى بىر بانكا خىزمەتچىسى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۆسمۈر چاغلىرىدا ئامېرىكىنىڭ داڭلىق بالا چولپىنىغا ئايلانغان.

ئۇ يەنە ئامېرىكا تارىخىدىكى دىپلوماتىيە كۈتۈم مەھكىمىسىنىڭ تۇنجى ئايال مەھكىمە باشلىقى، شۇنداقلا كىنوچىلىق تارىخىدىكى ئوسكار مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن تۇنجى بالا چولپان بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ئۇ ئۈچ ياشقا كىرگەندە ئاتا-ئانىسى ئۇنى «ماگرىن» نامىدىكى بىر ئۇسسۇل مەكتىپىگە ئاپىرىپ بەرگەن.

1934-يىلى، ئەمدىلا 6 ياشقا كىرگەن شېرلى تەمپول «دەس تۇرۇپ ئالقىشلايلى» ناملىق ناخشا-ئۇسسۇللۇق فىلىمگە قاتناشقان ھەمدە تاماششىبىنلارنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشقا ئېرىشكەن.

1999-يىلى، شېرلى تەمپۇل بالىلىق چاغلىرىدىكى ئۇتۇقلىرى بىلەن، ئامېرىكا كىنو جەمئىيىتى باھالاپ چىققان «بىر ئەسىردە يۈز مەشھۇر چولپان» تىزىملىكىدە 18-رەتكە تىزىلغان.

شېرلى تەمپول 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا كالفورنىيەدىكى ئۆيىدە 85 يېشىدا ۋاپات بولغان.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏