چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش دېڭىز يىلىنى، يىلان كەنجى ئەترىتىدىكى كۆزەينەكلىك يىلان ئائىلىسىگە تەۋە. كۆزەينەكلىك يىلان كەنجى ئائىلىسى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ، ھەممىسى ئالدى ئىلمەك چىشى بولغان زەھەرلىك يىلان.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :دېڭىز يىلىنى

خەنزۇچە ئاتىلىشى :海蛇

ئىنگلىزچە نامى :Sea snakes

تەۋەلىكى :ھايۋانلار دۇنياسى

تىپى :خوردىلىق ھايۋانلار تىپى

سىنىپى :ئۆمىلىگۈچىلەر سىنىپى

ئائىلىسى :كۆزەينەكلىك يىلان ئائىلىسى

كەنجى تىپى :ئومۇرتقىلىق ھايۋانلار كەنجى تىپى

ئەترىتى :تەڭگە قاسىراقلىقلار ئەترىتى

كەنجى ئەترىتى :يىلانلار كەنجى ئەترىتى

كەنجى ئائىلىسى :دېڭىز يىلىنى كەنجى ئائىلىسى

لاتىنچە ئىلمىي نامى :Pelamis platurus

پىنيىنچە يېزىلىشى :hǎi shé

تونۇشتۇرۇلۇشى

5پارچەدېڭىز يىلىنىدېڭىز يىلىنى، يىلان كەنجى ئەترىتىدىكى كۆزەينەكلىك يىلان ئائىلىسىگە تەۋە. كۆزەينەكلىك يىلان كەنجى ئائىلىسى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ، ھەممىسى ئالدى ئىلمەك چىشى بولغان زەھەرلىك يىلان. قۇيرۇقى ياپىلاق، بەدەن ئارقا قىسمى سەل ياپىلاق كېلىدۇ. بۇ كەنجى ئائىلىنىڭ 13 ئۇرۇقدىشى، 38 خىلى بار، غەربتە پارس قولتۇقى، شەرقتە ياپونىيە، جەنۇبتا ئاۋسترالىيە ئىللىق سۇلۇق دېڭىزى قاتارلىق جايلارغا تارقالغان، بىراق ئاتلانتىك ئوكيان دا دېڭىز يىلىنى يوق. 

جۇڭگو نىڭ لياۋنىڭ، جاڭسۇ، جېجىياڭ، فۇجيەن، گۇاڭدۇڭ، گۇاڭشى ۋە تەيۋەن قاتارلىق جايلارغىمۇ تارقالغان. جۇڭگونىڭ دېڭىز بويىدا دېڭىز يىلىنى 23 خىلى بار، بۇنىڭ ئىچىدە گۇاڭشى، فۇجيەن دېڭىز بويىدىكى دېڭىز يىلىنى بايلىقى مول، شىمالى قىسىم قىرغاقلىرىدا ئەڭ كۆپ، ھەر يىلىدىكى مەھسۇلاتى 50 مىڭ كىلوگرامدىن كۆپ. فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ پىڭتەن، خۇيئەن، شەرقىي تاغ قاتارلىق ھەر قايسى دېڭىز ياقىسىدىكى ناھىيەلەرنىڭ ھەر يىلىدىكى مەھسۇلات مىقدارى 10 مىڭ كىلوگرامدىن كۆپ.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏