چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش كانا بوغۇم پۇتلۇق ھايۋانلارغا تەۋە، ئۆمۈچۈكلەر سىنىپى كەڭ قورساقلىقلار كەنجى سىنىپىدىكى بىر خىل جۇغى كىچىك ھايۋان، ئىنسانلارنىڭ تەن سالامەتلىكىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزىدۇ.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :كانا

خەنزۇچە ئاتىلىشى :螨虫

ئىنگلىزچە نامى :mites

تارقالغان رايونلار :ھاۋا

تەۋەلىكى :ھايۋاناتلار دۇنياسى

سىنىپى :ئۆمۈچۈكسىمانلار سىنىپى

ئائىلىسى :بوغۇم ئاياغلىقلار ئائىلىسى

كەنجى ئائىلىسى :قىسقۇچ پۇتلۇقلار كەنجى ئائىلىسى

كەنجى سىنىپى :كەڭ قورساقلىقلار كەنجى سىنىپى

ئەترىتى :سالجىلار ئەترىتى

باشقا نامى :سالجا

خەنزۇچە باشقا نامى :尘螨

پىنيىنچە يېزىلىشى :mǎn chóng

تونۇشتۇرۇلۇشى

5پارچەكاناكانا بوغۇم پۇتلۇق ھايۋانلارغا تەۋە، ئۆمۈچۈكلەر سىنىپى كەڭ قورساقلىقلار كەنجى سىنىپىدىكى بىر خىل جۇغى كىچىك ھايۋان، تېنىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ئادەتتە 0.5 مىللىمېتىر ئەتراپىدا بولۇپ، بەزى ئۇششاقلىرىنىڭ 0.1 مىللىمېتىر، كۆپ ساندىكى تۈرلىرى بىر مىللىمېتىردىن كىچىك. كانا قۇرۇتى بىلەن ئۆمۈچۈك ئوخشاشلا ئۆمۈچۈكلەر سىنىپىغا تەۋە، يېتىلگەن تۆت جۈپ پۇتى بار، بىر جۈپ سېزىش بۇرۇتچىسى بولىدۇ، قانىتى ۋە سەزگۈ بۇرۇتى يوق، بەدەن قۇرۇلمىسى ھاشاراتلار بىلەن پەرقلىنىدۇ. قۇرتنىڭ تېنى جاغ قىسمى ۋە تېنى دەپ ئايرىلىدۇ،جاغ قىسمى ئېغىز ۋە ئېڭەك ئاساسىدىن تەركىب تاپىدۇ، گەۋدىسى پۇت گەۋدىسى ۋە ئاخىرقى گەۋدىدىن تەركىب تاپىدۇ. كانىنىڭ گەۋدىسى ۋە پۇتىنىڭ ئۈستىدە نۇرغۇن تۈكلەر بار، يەنە ناھايىتى ئۇزۇن تۈكلۈكلىرى بار. ئالدى تەرىپىدە ئېغىز ئاپپاراتى بار، ئوزۇقلىنىش خۇسۇسىيىتى كۆپ خىل، مەسىلەن ، باش كېپىكى قاتارلىقلار.

دۇنيادا بايقالغان كانا 50 مىڭ خىلدىن ئاشىدۇ، ھاشاراتلەردىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. نۇرغۇن تۈرلەر ۋە دوختۇرلۇق بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ھازىر كانا قۇرۇتى بىلەن ئادەملەرنىڭ ساغلاملىقىنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ ئىنتايىن زىچ  ئىكەنلىكى بايقالدى، مەسىلەن، تسۇتسۇگامۇشى كانىسى، قوتۇر سالجىسى، سازاڭسىمان كانا، ھال رەڭ كانا، توزانسىمان سالجا ۋە كانا پۇ قاتارلىقلار ئادەمنى چېقىپ ۋە قېنىنى شوراپ، تېرىسىگە دەخلى-تەرۇز قىلىپ، پلاستىك كانىسى كېسىلىنى، سەزگۈرلۈك كىسىلى، سۈيدۈك يولى كانا كېسەللىكى، ئۆپكە كانىسى كېسىلى يەنە ئۈچەي كانا كېسەللىكى ۋە قىچىشقاق قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئىنسانلارنىڭ تەن سالامەتلىكىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزىدۇ.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏