چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش پرولېتارىيات پارتىيىسىنىڭ پارتىيە نىزامنامىسى ماركسىزملىق پارتىيە تەلىماتىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ تۈزۈپ چىقىلغان پارتىيە تۇرمۇشىنىڭ مىزانى ۋە ھەرىكەت ئۆلچىمى بولۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنىڭ كۈچلۈك قورالى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ پارتىيە نىزامنامىسى پارتىيە تەلىماتىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى، ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش ۋە ئىسلاھات ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىنى، پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ پىشىپ يېتىلىش دەرىجىسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نىزامنامىسى

خەنزۇچە نامى :中国共产党章程

ئومۇمىي پروگرامما 

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو ئىشچىلار سىنىپىنىڭ ئاۋانگارت ئەترىتى، شۇنداقلا جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئاۋانگارت ئەترىتى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ رەھبەرلىك يادروسى، ئۇ جۇڭگودىكى ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، جۇڭگو ئىلغار مەدەنىيىتىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، جۇڭگودىكى ئەڭ كۆپ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. پارتىيەنىڭ ئالىي غايىسى ۋە ئاخىرقى نىشانى كوممۇنىزمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ماركسىزم-لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى ۋە ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئۆز ھەرىكىتىنىڭ قىبلىنەماسى قىلىدۇ.

ماركسىزم-لېنىنىزم ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تارىخىي تەرەققىياتىنىڭ قانۇنىيىتىنى ئېچىپ بەردى، ئۇنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرى توغرا بولۇپ، قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچكە ئىگە. جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ئىنتىلگەن كوممۇنىستىك ئالىي غايىنى سوتسىيالىستىك جەمئىيەت تولۇق راۋاجلانغان ۋە يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان ئاساستىلا ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ. سوتسىيالىستىك تۈزۈمنىڭ راۋاجلىنىشى ۋە مۇكەممەللىشىشى ئۇزاق بىر تارىخىي جەريان. ماركسىزم-لېنىنىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو خەلقى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن تاللىغان، جۇڭگونىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا باب كېلىدىغان يولغا ماڭغاندا، جۇڭگونىڭ سوتسىيالىزم ئىشلىرى چوقۇم ئاخىرقى غەلىبىگە ئېرىشەلەيدۇ.

يولداش ماۋ زېدۇڭنى ئاساسىي ۋەكىل قىلغان جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ماركسىزم-لېنىنىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرىنى جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسىنى بەرپا قىلدى. ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى ماركسىزم-لېنىنىزمنىڭ جۇڭگودىكى تەتبىق قىلىنىشى ۋە راۋاجى، جۇڭگو ئىنقىلابى ۋە قۇرۇلۇشىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئىسپاتلانغان توغرا نەزەرىيەۋى پىرىنسىپى ۋە تەجرىبىلىرىنىڭ يەكۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كوللېكتىپ ئەقىل-پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى. ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى پۈتۈن مەملىكىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ، جاھانگىرلىككە، فېئودالىزمغا ۋە بىيۇروكرات كاپىتالىزمغا قارشى ئۇزاق مۇددەتلىك ئىنقىلابىي كۈرەشلەر ئارقىلىق، يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلابنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، خەلق دېموكراتىيەسى دىكتاتۇرىلىقىدىكى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنى قۇردى؛ جۇمھۇرىيىتىمىز قۇرۇلغاندىن كېيىن، سوتسىيالىستىك ئۆزگەرتىشنى ئوڭۇشلۇق قىلىپ، يېڭى دېموكراتىزمدىن سوتسىيالىزمغا ئۆتۈش جەريانىنى تاماملاپ، سوتسىيالىستىك ئاساسىي تۈزۈمنى ئورنىتىپ، سوتسىيالىستىك ئىقتىساد، سوتسىيالىستىك سىياسەت ۋە سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇردى.

11-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيان، يولداش دېڭ شياۋپىڭنى ئاساسىي ۋەكىل قىلغان جۇڭگو كوممۇنىستلىرى جۇمھۇرىيىتىمىز قۇرۇلغاندىن بۇيانقى ئىجابىي ۋە سەلبىي جەھەتلەردىكى تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، پۈتۈن پارتىيە خىزمىتىنىڭ مەركىزىنى ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشقا يۆتكەپ، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش-ئىشىكنى ئېچىۋېتىش يولىنى تۇتۇپ، سوتسىيالىزم ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى دەۋرىنى ئېچىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇشنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى پەيدىن-پەي شەكىللەندۈرۈپ، جۇڭگودا سوتسىيالىزمنى قۇرۇش، مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇش جەھەتتىكى ئاساسىي مەسىلىلەرنى شەرھلەپ، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسىنى بەرپا قىلدى. دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى ماركسىزم-لېنىنىزم ئاساسىي قائىدىلىرىنىڭ ھازىرقى جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتى ۋە دەۋر ئالاھىدىلىكى بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەنلىكىنىڭ مەھسۇلى، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسىنىڭ يېڭى تارىخىي شارائىتتىكى داۋامى ۋە راۋاجى، ماركسىزمنىڭ جۇڭگودىكى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى باسقۇچى، ھازىرقى جۇڭگونىڭ ماركسىزمى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كوللېكتىپ ئەقىل-پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى، ئۇ دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش ئىشلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا يېتەكلەيدۇ.

13-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 4-ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيان، يولداش جياڭ زېمىننى ئاساسىي ۋەكىل قىلغان جۇڭگو كوممۇنىستلىرى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇش ئەمەلىيىتىدە سوتسىيالىزمنىڭ نېمە ئىكەنلىكى، سوتسىيالىزمنى قانداق قۇرۇش ۋە قانداق پارتىيە قۇرۇش، پارتىيەنى قانداق قۇرۇش كېرەكلىكى توغرىسىدىكى تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ يېڭى، قىممەتلىك تەجرىبىلىرىنى ھاسىل قىلىپ، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسىنى شەكىللەندۈردى. «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى ماركسىزم-لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى ۋە دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسىنىڭ داۋامى ۋە راۋاجى بولۇپ، ھازىرقى دۇنيا ۋە جۇڭگونىڭ تەرەققىيات ئۆزگىرىشىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتىگە قويغان يېڭى تەلىپىنى ئەكس ئەتتۈردى، ئۇ-پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش، ئېلىمىز سوتسىيالىزمىنىڭ ئۆزىنى ئۆزى مۇكەممەللەشتۈرۈشى ۋە راۋاجلاندۇرۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ قۇدرەتلىك نەزەرىيەۋى قورالى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كوللېكتىپ ئەقىل-پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى، پارتىيەنىڭ ئۇزاق مۇددەت چىڭ تۇرۇشى شەرت قىلىنغان يېتەكچى ئىدىيەسى. باشتىن-ئاخىر «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش»نى ئەمەلىيەتتە كۆرستىش-پارتىيەمىزنىڭ پارتىيە قۇرۇش ئاساسى، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش نېگىزى، كۈچ-قۇۋۋەت مەنبەسى.

16-قۇرۇلتايدىن بۇيان، يولداش خۇجىنتاۋنى ئاساس قىلغان جۇڭگو كوممۇنىستلىرى دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى ۋە «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات تەلىپىگە ئاساسەن، يېڭى ۋەزىيەتتە قانداق تەرەققىياتنى، قانداق تەرەققىي قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ زور مەسىلىنى چوڭقۇر تونۇپ ۋە ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ، ئادەمنى ئاساس قىلىش، ئومۇميۈزلۈك، ماس، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىي قىلىشتەك ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى ھەم ماركسىزم-لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى ۋە «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى بىلەن تومۇرداش بولغان ھەم دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەيدىغان ئىلمىي نەزەرىيە، ماركسىزمنىڭ تەرەققىياتقا ئائىت دۇنيا قارىشى ۋە ئۇسۇلىنىڭ مەركەزلىك ئىپادىلىنىشى، ماركسىزمنى جۇڭگولاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىسى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كوللېكتىپ ئەقىل-پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى راۋاجلاندۇرۇشتا جەزمەن چىڭ تۇرۇلىدىغان ۋە ئىزچىللاشتۇرۇلىدىغان يېتەكچى ئىدىيە.

ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن بۇيان قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىمىزنى ۋە ئالغا ئىلگىرىلىشىمىزدىكى تۈپ سەۋەبنى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنى ئېچىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرگەنلىكىمىزگە، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى ئورناتقانلىقىمىزغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ. پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار پارتىيەمىز مىڭبىر جاپادا ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن بۇ يول، بۇ نەزەرىيە سىستېمىسىنى ۋە بۇ تۈزۈمنى ھەسسىلەپ قەدىرلىشى، ئۇنىڭدا ئۇزاق مۇددەت چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئىشىنى ئورۇنداش، دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداش ۋە ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ تارىخىي ۋەزىپىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا كۈرەش قىلىشى كېرەك.

دۆلىتىمىز ھازىر سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ ھەمدە بۇ باسقۇچتا ئۇزاققىچە تۇرىدۇ. بۇ-ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەتتە ئارقىدا قالغان جۇڭگودا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلىشىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشتا ھالقىپ ئۆتۈشكە بولمايدىغان تارىخىي باسقۇچ، ئۇنىڭغا 100 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت كېتىدۇ. دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشىدا دۆلىتىمىزنىڭ ئەھۋالىنى ئاساس قىلىش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا مېڭىش شەرت. ھازىرقى باسقۇچتا، جەمئىيىتىمىزدىكى ئاساسىي زىددىيەت خەلقنىڭ كۈندىن-كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان ماددىي مەدەنىيەت ئېھتىياجى بىلەن قالاق ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت. ئىچكى ئامىل ۋە خەلقئارا تەسىر تۈپەيلىدىن سىنىپىي كۈرەش يەنىلا مەلۇم دائىرىدە ئۇزاققىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، مەلۇم شارائىتتا كەسكىنلىشىپ كېتىشىمۇ مۇمكىن، لېكىن ئۇ ئاساسىي زىددىيەت بولۇشتىن قالدى. سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشىمىزنىڭ تۈپ ۋەزىپىسى ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يەنىمۇ ئازاد قىلىپ، تەرەققىي قىلدۇرۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلىشىشنى پەيدىنپەي ئەمەلگە ئاشۇرۇش ھەمدە شۇ يولدا ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرى بىلەن ئۈستقۇرۇلمىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ راۋاجلىنىشىغا لايىقلاشمىغان تەرەپلىرى ۋە ھالقىلىرىنى ئىسلاھ قىلىشتىن ئىبارەت. ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان، كۆپ خىل ئىگىلىك تەركىبلىرى بىرلىكتە راۋاجلاندۇرۇلىدىغان ئاساسىي ئىقتىسادىي تۈزۈمنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئەمگىكىگە قاراپ تەقسىم قىلىش ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان، كۆپ خىل تەقسىمات ئۇسۇلى تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان تەقسىمات تۈزۈمىنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش، بىر قىسىم رايونلار ۋە بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئاۋۋال بېيىشىغا ئىلھام بېرىپ، نامراتلىقنى پەيدىنپەي يوقىتىپ، ئورتاق بېيىش نىشانىغا يېتىش، ئىشلەپچىقىرىشنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە ئىجتىمائىي بايلىقنى كۆپەيتىش ئاساسىدا خەلقنىڭ كۈندىن-كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان ماددىي مەدەنىيەت ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇش، ئادەمنىڭ ئەتراپلىق تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. تەرەققىيات پارتىيەمىزنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش-دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشتىكى بىرىنچى مۇھىم ۋەزىپىسى. تۈرلۈك خىزمەتلەردە سوتسىيالىستىك جەمئىيەتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشقا، سوتسىيالىستىك دۆلەتنىڭ ئۇنىۋېرسال كۈچىنى ئاشۇرۇشقا، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق بولۇشنى ئومۇمىي باشلىنىش نۇقتىسى ۋە سىناش ئۆلچىمى قىلىپ، ئەمگەككە ھۆرمەت قىلىش، بىلىمگە ھۆرمەت قىلىش، ئىختىساسلىقلارغا ھۆرمەت قىلىش، ئىجادىيەتكە ھۆرمەت قىلىش، تەرەققىياتتا خەلقنى كۆزلەش، تەرەققىياتتا خەلققە تايىنىش، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن خەلقنى ئورتاق بەھرىمەن قىلىش كېرەك. يېڭى ئەسىرگە قەدەم قويغاندىن كېيىن، دۆلىتىمىز ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىدىغان، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلىشىش تېز ئالغا سىلجىيدىغان يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا كىردى. چوقۇم جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ ئومۇمىي قۇرۇلمىسى بويىچە، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى ئەسىر، يېڭى باسقۇچتىكى ئىستراتېگىيەلىك نىشانى دەسلەپكى قەدەمدە يەتكەن ھاللىق سەۋىيەنى مۇستەھكەملەپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلغانلىقىغا 100 يىل بولغاندا، 1 مىليارد نەچچە يۈز مىليون ئاھالىگە مەنپەئەت تېگىدىغان تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش؛ جۇمھۇرىيىتىمىز قۇرۇلغانلىقىغا 100 يىل بولغاندا، ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئوتتۇرىچە مىقدارىنى ئوتتۇراھال تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنىڭ سەۋىيەسىگە يەتكۈزۈپ، زامانىۋىلىشىشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىكى ئاساسىي لۇشيەنى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ ۋە ئۇلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى مەركەز قىلىپ، تۆت ئاساسىي پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۆز كۈچىمىزگە تايىنىپ ئىش كۆرۈپ، جاپالىق ئىشلەپ ئىگىلىك تىكلەپ، دۆلىتىمىزنى زامانىۋىلاشقان باي-قۇدرەتلىك، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق، سوتسىيالىستىك دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى سوتسىيالىزم ئىشلىرىغا رەھبەرلىك قىلىش داۋامىدا، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇشى، باشقا تۈرلۈك خىزمەتلەرنى مۇشۇ مەركەزگە بويسۇندۇرۇشى ۋە خىزمەت قىلدۇرۇشى شەرت. پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، تەرەققىياتنى تېزلىتىپ، دۆلەتنى پەن-تېخنىكا ۋە مائارىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى، ئىختىساسلىقلار دۆلىتى ئىستراتېگىيەسى ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، بىرىنچى ئىشلەپچىقىرىش كۈچى بولغان پەن-تېخنىكىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىغا تايىنىپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، خەلق ئىگىلىكىنىڭ ھەم ياخشى ھەم تېز تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

سوتسىيالىزم يولىدا چىڭ تۇرۇش، خەلق دېموكراتىيەسى دىكتاتۇرىسىدا چىڭ تۇرۇش، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، ماركسىزم-لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ تۆت ئاساسىي پىرىنسىپ دۆلەت قۇرۇشىمىزنىڭ ئاساسى. سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ پۈتكۈل جەريانىدا، تۆت ئاساسىي پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇش، بۇرژۇئازىيەچە ئەركىنلەشتۈرۈشكە قارشى تۇرۇش شەرت. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇش دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ مۇقەررەر يولى. ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، ئىشىكنى ئېچىۋەتكەندىلا جۇڭگونى تەرەققىي قىلدۇرالايمىز، سوتسىيالىزمنى، ماركسىزمنى تەرەققىي قىلدۇرالايمىز. ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى چۈشەپ قويىدىغان ئىقتىسادىي تۈزۈلمىنى تۈپتىن ئىسلاھ قىلىش، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ شۇنىڭغا يارىشا، سىياسىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ۋە باشقا ساھەلەردىكى ئىسلاھاتنى ئېلىپ بېرىش كېرەك. ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت تۈپ دۆلەت سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇش، ئىنسانىيەت جەمئىيىتى ياراتقان بارلىق مەدەنىيەت نەتىجىلىرىنى قوبۇل قىلىش ۋە ئەينەك قىلىش كېرەك. ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش ئىشلىرىدا دادىل ئىزدىنىش، باتۇرلۇق بىلەن يول تېپىش، ئىسلاھاتتا تەدبىر بەلگىلەشنىڭ ئىلمىيلىكىنى ئۆستۈرۈش، ئىسلاھات تەدبىرلىرىنىڭ ماسلىشىشچانلىقىنى ئاشۇرۇش، ئەمەلىيەت داۋامىدا يېڭى يول ئېچىش كېرەك.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرىدۇ. ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك ئىگىلىكىنى قىلچە تەۋرەنمەي مۇستەھكەملەيدۇ ۋە راۋاجلاندۇرىدۇ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا قىلچە تەۋرەنمەي ئىلھام بېرىدۇ، ئۇنى قوللايدۇ ۋە ئۇنىڭغا يول كۆرسىتىدۇ. بازارنىڭ بايلىق تەقسىملەشتىكى ئۇللۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، مۇكەممەل ماكرولۇق تەڭشەش-تىزگىنلەش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىدۇ. شەھەر-يېزا تەرەققىياتى، رايونلار تەرەققىياتى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ تەڭكەش تەرەققىياتى، ئىچكى تەرەققىيات بىلەن سىرتقا ئېچىۋېتىشنى بىر تۇتاش پىلانلايدۇ، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تەڭشەيدۇ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات شەكلىنى ئۆزگەرتىدۇ. سانائەتلەشتۈرۈش، ئۇچۇرلاشتۇرۇش، شەھەر-بازارلاشتۇرۇش، يېزا-ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ماس قەدەمدە راۋاجلاندۇرىدۇ، سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرىدۇ، جۇڭگوچە يېڭىچە سانائەتلىشىش يولىغا ماڭىدۇ، يېڭىلىق يارىتىشچان دۆلەت قۇرىدۇ. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ، سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينى راۋاجلاندۇرىدۇ. پارتىيە رەھبەرلىكى، خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى خوجا بولۇشى، دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ سىياسىي تەرەققىيات يولىدا ماڭىدۇ، سوتسىيالىستىك دېموكراتىيەنى كېڭەيتىپ، سوتسىيالىستىك قانۇنچىلىقنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىدىغان دۆلەت قۇرىدۇ، خەلق دېموكراتىيە دىكتاتورىسىنى مۇستەھكەملەيدۇ، سوتسىيالىستىك سىياسىي مەدەنىيەت بەرپا قىلىدۇ. خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى كۆپ پارتىيە ھەمكارلىشىش ۋە سىياسىي جەھەتتىن كېڭىشىش تۈزۈمىدە، مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىدە ۋە ئاساسىي قاتلام ئامما ئاپتونومىيە تۈزۈمىدە چىڭ تۇرىدۇ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ. تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك، تېخىمۇ تولۇق، تېخىمۇ مۇكەممەل بولغان خەلق دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرىدۇ. خەلقنىڭ دۆلەت ئىشلىرىنى ۋە ئىجتىمائىي ئىشلارنى باشقۇرۇش، ئىقتىسادىي ئىشلارنى ۋە مەدەنىيەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ھەقىقىي كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ. ئىنسانىي ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىدۇ ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرىدۇ. پىكىرگە كەڭ يول ئېچىپ، دېموكراتىك سايلام، دېموكراتىك تەدبىر بەلگىلەش، دېموكراتىك باشقۇرۇش، دېموكراتىك نازارەت قىلىش تۈزۈمى ۋە تەرتىپىنى ئورنىتىدۇ ھەم مۇكەممەللەشتۈرىدۇ. جۇڭگوچە سوتسىيالىزملىق قانۇن سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ، قانۇننى يولغا قويۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىدۇ، دۆلەتنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى قانۇنچىلىق يولىغا سالىدۇ.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇرىدۇ. سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيلىك بەرپا قىلىدۇ، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش بىلەن ئەخلاق ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى بىرلەشتۈرۈش يولىنى تۇتىدۇ، پۈتۈن مىللەتنىڭ ئىدىيە-ئەخلاق ساپاسى ۋە پەن-مەدەنىيەت ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچلۈك ئىدىيەۋى كاپالەت، مەنىۋى تۈرتكە ۋە ئەقلىي مەدەت بىلەن تەمىنلەيدۇ. سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتلىك كۈچلۈك دۆلەت قۇرىدۇ. سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىدۇ، ماركسىزم يېتەكچى ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئورتاق غايىسىنى تۇرغۇزۇپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك يادرو قىلىنغان مىللىي روھ ۋە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش-يېڭىلىق يارىتىش يادرو قىلىنغان دەۋر روھىنى ئەۋج ئالدۇرىدۇ، سوتسىيالىستىك شەرەپ-نومۇس قارىشىنى تەشەببۇس قىلىپ، مىللىي غۇرۇرنى ساقلاش، ئۆزىگە ئىشىنىش ۋە ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش روھىنى كۈچەيتىدۇ، كاپىتالىزم ۋە فېئودالىزمنىڭ چىرىك ئىدىيەلىرىنىڭ چىرىتىشىگە قارشى تۇرۇپ، خىلمۇ خىل ئىجتىمائىي رەزىللىكنى تازىلاپ، خەلقىمىزنى غايىلىك، ئەخلاقلىق، مەدەنىيەتلىك ۋە ئىنتىزامچان خەلققە ئايلاندۇرۇشقا تىرىشىدۇ. پارتىيە ئەزالىرىغا كوممۇنىستىك ئۇلۇغۋار غايە توغرىسىدا تەربىيە بېرىدۇ. مائارىپ، ئىلىم-پەن، مەدەنىيەت ئىشلىرىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرىدۇ، مىللەتلەرنىڭ ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى جارى قىلدۇرۇپ، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرىدۇ ۋە راۋاجلاندۇرىدۇ.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ سوتسىيالىستىك ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىدۇ. دېموكراتىيە-قانۇن ئىدارە قىلىش، ئادىل-ھەققانىي بولۇش، سەمىمىي-دوستانە بولۇش، ھاياتىي كۈچكە تولغان بولۇش، تىنچ-تەرتىپلىك بولۇش، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق ئۆتۈش ئومۇمىي تەلىپى بويىچە ۋە ئورتاق بەرپا قىلىش، ئورتاق بەھرىمەن بولۇش پىرىنسىپىغا ئاساسەن، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، خەلق ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىپ، ئومۇمىي خەلق قابىلىيىتىنى تولۇق جارى قىلدۇرىدىغان، ھەركىم ئۆز ئورنىنى تاپىدىغان ھەم ئىناق ئۆتىدىغان ھالەتنى تىرىشىپ شەكىللەندۈرىدۇ. جەمئىيەت باشقۇرۇشنى كۈچەيتىدۇ ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىدۇ. دۈشمەن بىلەن ئۆز ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت ۋە خەلق ئىچىدىكى زىددىيەتتىن ئىبارەت خاراكتېرى ئوخشاش بولمىغان بۇ ئىككى خىل زىددىيەتنى قاتتىق پەرقلەندۈرىدۇ ۋە توغرا بىر تەرەپ قىلىدۇ. جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەرتەرەپلىمە تۈزەشنى كۈچەيتىپ، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە ۋە مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا زىيان يەتكۈزىدىغان جىنايى ھەرىكەتلەرگە ۋە جىنايەتچى ئۇنسۇرلارغا قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىپ، جەمئىيەتنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك مۇقىملىقىنى ساقلايدۇ.جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ سوتسىيالىستىك ئېكولوگىيە مەدەنىيىلىكى ئورنىتىدۇ. تەبىئەتكە ھۆرمەت قىلىدىغان، تەبىئەتكە بوي سۇنىدىغان، تەبىئەتنى قوغدايدىغان ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قارىشى تۇرغۇزۇپ، بايلىق تېجەيدىغان ۋە مۇھىتنى قوغدايدىغان تۇپ دۆلەت سىياسىتىدە چىڭ تۇرىدۇ، تېجەشچانلىقنى، قوغداشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدىغان، تەبىئىي ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئاساس قىلىدىغان فاڭجېندا چىڭ تۇرىدۇ، ئىشلەپچىقىرىش تەرەققىي قىلغان، تۇرمۇش باياشاد بولغان ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان مەدەنىيلىك تەرەققىيات يولىدا چىڭ تۇرىدۇ. بايلىق تېجەر، مۇھىت سۆيەر جەمئىيەتنى تىرىشىپ بەرپا قىلىپ، بايلىق تېجەيدىغان ۋە مۇھىتنى قوغدايدىغان بوشلۇق قۇرۇلمىسى، كەسىپ قۇرۇلمىسى، ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى، تۇرمۇش ئۇسۇلىنى شەكىللەندۈرۈپ، خەلق ئۈچۈن ياخشى ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش مۇھىتى بەرپا قىلىپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ مەڭگۈلۈك تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىگە ۋە باشقا خەلق قوراللىق كۈچلىرىگە رەھبەرلىك قىلىشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇپ، خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ يېڭى ئەسىر، يېڭى باسقۇچتىكى تارىخىي بۇرچىنى ئادا قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ، خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ دۆلەت مۇداپىئەسىنى مۇستەھكەملەش، ۋەتەننى قوغداش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىش داۋامىدىكى رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرىدۇ.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى باراۋەرلىك، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىق، ئىناقلىق ئاساسىدىكى سوتسىيالىستىك مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى قوغدايدۇ ھەم راۋاجلاندۇرىدۇ، ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىنى پائال يېتىشتۈرىدۇ ۋە تاللاپ ئۆستۈرىدۇ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ۋە مىللىي رايونلارنىڭ ئىقتىسادىي ئىشلىرى، مەدەنىيەت ئىشلىرى ۋە ئىجتىمائىي ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشىغا ياردەم بېرىدۇ، مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ ئورتاق كۈرەش قىلىشى ۋە ئورتاق گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى توغرىسىدىكى ئاساسىي فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا تۆھپە قوشىدۇ.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى پۈتۈن مەملىكىتىمىزدىكى ھەر مىللەت ئىشچىلىرى، دېھقانلىرى ۋە زىيالىيلىرى بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار، پارتىيە-گۇرۇھسىز زاتلار، ھەر مىللەت ۋەتەنپەرۋەر كۈچلىرى بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، بارلىق سوتسىيالىستىك ئەمگەكچىلەر، سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ قۇرغۇچىلىرى، سوتسىيالىزمنى ھىمايە قىلىدىغان ۋەتەنپەرۋەرلەر، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى ھىمايە قىلىدىغان ۋەتەنپەرۋەرلەردىن تەركىب تاپقان ئەڭ كەڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سېپىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ راۋاجلاندۇرىدۇ ۋە زورايتىدۇ. شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى قېرىنداشلار، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى قېرىنداشلار، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار ۋە مەملىكەت سىرتىدىكى مۇھاجىر قېرىنداشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىدۇ. «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» فاڭجېنى بويىچە، شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ئۇزاق مۇددەت گۈللىنىپ ھەم مۇقىم بولۇپ تۇرۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ، ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۇلۇغۋار ئىشىنى ئورۇندايدۇ.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇش ئاساسىدىكى تىنچلىق دىپلوماتىيە سىياسىتىدە چىڭ تۇرىدۇ، تىنچلىق، تەرەققىيات يولىدا چىڭ تۇرىدۇ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان، ئورتاق نەپ ئالىدىغان ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىدە چىڭ تۇرىدۇ، ئىچكى-تاشقى ئومۇمىيلىقنى بىر تۇتاش ئويلىشىپ، تاشقى مۇناسىۋەتنى پائال راۋاجلاندۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش ئىشلىرى ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن تىرىشىپ پايدىلىق خەلقئارا مۇھىت يارىتىدۇ. خەلقئارا ئىشلاردا دۆلىتىمىزنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغدايدۇ، زومىگەرلىك ۋە زوراۋانلىق سىياسىتىگە قارشى تۇرۇپ، دۇنيا تىنچلىقىنى قوغدايدۇ، ئىنسانلار تەرەققىياتىنى ئالغا سۈرۈپ، ئۇزاق تىنچ بولىدىغان، ئورتاق گۈللىنىدىغان ئىناق دۇنيا بەرپا قىلىشقا تىرىشىپ تۈرتكە بولىدۇ. بىر-بىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىش، بىر-بىرىگە تاجاۋۇز قىلماسلىق، بىر-بىرىنىڭ ئىچكى سىياسىي ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىق، باراۋەرلىك ئاساسىدا ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، تىنچ بىللە تۇرۇشنىڭ بەش پىرىنسىپى ئاساسىدا، دۆلىتىمىزنىڭ دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەللەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرىدۇ. دۆلىتىمىزنىڭ ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىناق قوشنىدارچىلىق-دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇرىدۇ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىتتىپاقلىق ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدۇ. مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇش، پۈتۈنلەي باراۋەر بولۇش، بىر-بىرىگە ھۆرمەت قىلىش، بىر-بىرىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىق پىرىنسىپى بويىچە، پارتىيەمىزنىڭ ھەرقايسى ئەل كومپارتىيەلىرى ۋە باشقا پارتىيەلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرىدۇ.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى پۈتۈن مەملىكىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۇلۇغۋار نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، پارتىيەنىڭ ئاساسىي لۇشيەنىنى زىچ چۆرىدەپ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشى، ئىلغارلىق ۋە پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشى، پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش، يېڭىلىق يارىتىش روھى بىلەن ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئىدىيە قۇرۇلۇشى، تەشكىلىي قۇرۇلۇشى، ئىستىل قۇرۇلۇشى، چىرىكلىشىشكە قارشى تۇرۇش-پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش قۇرۇلۇشى، تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۇك ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئىلمىيلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشى شەرت. ئومۇم ئۈچۈن پارتىيە قۇرۇش، خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ پارتىيەنى پارتىيە باشقۇرۇش، پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسى ۋە ئىستىلىنى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك قىلىش سەۋىيەسى ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، چىرىتىشنى رەت قىلىش-ئاينىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە خەۋپ-خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، پارتىيەنىڭ سىنىپىي ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ ۋە پارتىيەنىڭ ئاممىۋى ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، پارتىيەنىڭ ئىجادكارلىقى، ئۇيۇشقاقلىقى ۋە جەڭگىۋارلىقىنى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئۆگىنىشچان، مۇلازىمەت تىپىدىكى، يېڭىلىق يارىتىشچان ماركسىزملىق ھاكىمىيەت يۈرگۈزگۈچى پارتىيە قۇرۇشى، پارتىيەمىزنى باشتىن-ئاخىر دەۋرنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنى بويلاپ ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلىشىگە رەھبەرلىك قىلىدىغان كۈچلۈك يادرو قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك. پارتىيە قۇرۇلۇشىدا تۆۋەندىكى تۆت ئاساسىي تەلەپنى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇش شەرت:

بىرىنچى، پارتىيەنىڭ ئاساسىي لۇشيەنىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك. پۈتۈن پارتىيە دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى ۋە پارتىيەنىڭ ئاساسىي لۇشيەنى ئارقىلىق ئىدىيەنى، ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈشى ھەم ئۇنىڭدا قىلچە ئېغىشماستىن ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇشى كېرەك. ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشنى تۆت ئاساسىي پىرىنسىپ بىلەن بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي لۇشيەنىنى ئەتراپلىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىكى ئاساسىي پىروگراممىسىنى ئەتراپلىق ئىجرا قىلىپ، بارلىق «سول» چىل ۋە ئوڭچىل خاتا خاھىشلارغا قارشى تۇرۇش، ئوڭچىللىقتىن ھوشيار بولۇش، لېكىن ئاساسلىقى «سول» چىللىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزىلىرىنىڭ قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش ئىشلىرى ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى داۋامىدا، نەتىجىسى گەۋدىلىك بولغان ۋە ئامما ئىشىنىدىغان كادىرلارنى تاللاپ ئۆستۈرۈپ ۋە ئىشقا قويۇپ، سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ مىليونلىغان ئىز باسارلىرىنى تەربىيەلەپ ۋە يېتىشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي نەزەرىيەسى، ئاساسىي لۇشيەنى، ئاساسىي پىروگراممىسى، ئاساسىي تەجرىبىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تەشكىلىي جەھەتتىن كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ئىككىنچى، ئىدىيەدە ئازاد بولۇش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش، راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئىدىيەۋى لۇشيەنى ھەممىدە ئەمەلىيەتنى ئاساس قىلىش، نەزەرىيەنى ئەمەلىيەت بىلەن بىرلەشتۈرۈش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەت داۋامىدا سىناش ۋە راۋاجلاندۇرۇش. پۈتۈن پارتىيە مۇشۇ ئىدىيەۋى لۇشيەندە چىڭ تۇرۇپ، راستچىل-ئەمەلىيەتچىل بولۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، پائال ئىزدىنىپ، دادىل سىناق قىلىپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، خىزمەتنى ئىجادكارلىق بىلەن قانات يايدۇرۇپ، يېڭى ئەھۋاللارنى ئۈزلۈكسىز تەتقىق قىلىپ، يېڭى تەجرىبىلەرنى ئۈزلۈكسىز يەكۈنلەپ، يېڭى مەسىلىلەرنى ئۈزلۈكسىز ھەل قىلىپ، ماركسىزمنى ئەمەلىيەت داۋامىدا بېيىتىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشى شەرت.

ئۈچىنچى، جان-دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئىشچىلار سىنىپى ۋە ئەڭ كۆپ خەلقنىڭ مەنپەئەتىدىن باشقا ئۆزىنىڭ ئالاھىدە مەنپەئەتى يوق. پارتىيە ھەرقانداق ۋاقىتتا ئاممىنىڭ مەنپەئەتىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، ئامما بىلەن جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولۇپ، ئەڭ يېقىن مۇناسىۋەتنى ساقلايدۇ، ھوقۇقنى خەلق ئۈچۈن يۈرگۈزۈش، خەلققە رىشتە باغلاش، خەلق مەنپەئەتىنى كۆزلەشتە چىڭ تۇرىدۇ، ھەرقانداق پارتىيە ئەزاسىنىڭ ئاممىدىن ئايرىلىپ قېلىشىغا، ئۆزىنى ئاممىدىن ئۈستۈن قويۇشىغا يول قويمايدۇ. پارتىيە ئۆز خىزمىتىدە ئاممىۋى لۇشيەننى يولغا قويۇپ، ھەممىدە ئاممىنى كۆزدە تۇتۇشى، ھەممىدە ئاممىغا تايىنىشى، ئاممىدىن ئېلىپ ئاممىغا قايتۇرۇشى، پارتىيەنىڭ توغرا تەشەببۇسلىرىنى ئاممىنىڭ ئاڭلىق ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇشى كېرەك. پارتىيەمىزنىڭ ئەڭ زور سىياسىي ئۈستۈنلۈكى ئامما بىلەن زىچ مۇناسىۋەت ئورنىتىش، پارتىيە ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغاندىن كېيىن دۇچ كېلىدىغان ئەڭ چوڭ خەۋپ ئاممىدىن ئايرىلىپ قېلىش. پارتىيە ئىستىلى مەسىلىسى، پارتىيەنىڭ ئامما بىلەن ئالاقە باغلاش مەسىلىسى پارتىيەنىڭ ھايات-ماماتىغا تاقىلىدىغان مەسىلە. پارتىيە ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش، ھەر تەرەپلىمە تۈزەش، جازالاش-ئالدىنى ئېلىشقا تەڭ ئېتىبار بېرىش، ئالدىنى ئېلىشقا ئەھمىيەت بېرىش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش ۋە چىرىكلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، چىرىكلىشىشكە قەتئىي بوشاشماي قارشى تۇرۇپ، پارتىيە ئىستىلى قۇرۇلۇشى ۋە پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىدۇ.

تۆتىنچى، دېموكراتىيە-مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك. دېموكراتىيە-مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمى دېموكراتىيە ئاساسىدىكى مەركەزلەشتۈرۈش بىلەن مەركەزلەشتۈرۈش يېتەكچىلىكىدىكى دېموكراتىيەنىڭ ئورگانىك بىرلەشتۈرۈلۈشىدۇر. ئۇ ھەم پارتىيەنىڭ تۈپ تەشكىلىي پىرىنسىپى، ھەم ئاممىۋى لۇشيەننىڭ پارتىيە تۇرمۇشىدىكى تەتبىقلىنىشى. پارتىيە ئىچىدىكى دېموكراتىيەنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ سۇبيېكتىپلىق ئورنىغا ھۆرمەت قىلىش، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ دېموكراتىك ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاكتىپلىقى، ئىجادكارلىقىنى جارى قىلدۇرۇش شەرت. توغرا مەركەزلەشتۈرۈش يولىنى تۇتۇپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى، بىرلىكى ۋە ھەرىكەت بىرلىكىگە، پارتىيە قارارلىرىنىڭ تېز ۋە ئۈنۈملۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇشى ۋە ئىجرا قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش شەرت. تەشكىلچانلىق ۋە ئىنتىزامچانلىقنى كۈچەيتىش، پارتىيە ئىنتىزامى ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر بولۇش كېرەك. پارتىيەنىڭ رەھبىرىي ئورگانلىرى ۋە پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار ئۈستىدىكى نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىك تۈزۈمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. پارتىيە ئۆزىنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدا تەنقىد ۋە ئۆز-ئۆزىنى تەنقىد قىلىشنى توغرا قانات يايدۇرۇپ، پىرىنسىپال مەسىلىلەردە ئىدىيەۋى كۈرەش ئېلىپ بېرىپ، ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇپ، خاتالىقنى تۈزىتىشى كېرەك. مەركەزلەشتۈرۈشمۇ بولغان، دېموكراتىيەمۇ بولغان، ئىنتىزاممۇ بولغان، ئەركىنلىكمۇ بولغان، ئىرادە بىرلىكىمۇ بولغان، شەخسلەرنىڭ كۆڭۈل ئازادىلىكىمۇ بولغان جانلىق، جۇشقۇن سىياسىي ھالەتنى تىرىشىپ يارىتىش كېرەك.

پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى ئاساسەن سىياسىي، ئىدىيەۋى ۋە تەشكىلىي رەھبەرلىكتۇر. پارتىيە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرى ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ تەلىپىگە لايىقلىشىپ، ھاكىمىيەتنى ئىلمىي يۈرگۈزۈش، دېموكراتىك يۈرگۈزۈش، قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىشى ۋە ياخشىلىشى كېرەك. پارتىيە ئومۇمىيەتنى تولۇق ئىگىلەش، ھەرقايسى تەرەپلەرنى ماسلاشتۇرۇش پىرىنسىپى بويىچە، ئۆزى بىلەن تەڭ دەرىجىلىك ھەر خىل تەشكىلاتلاردا رەھبەرلىك يادرولۇقىغا خاس رولىنى جارى قىلدۇرۇشى شەرت. پارتىيە زېھنىي كۈچىنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشقا رەھبەرلىك قىلىپ، ھەر جەھەتتىكى كۈچلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ ۋە ماسلاشتۇرۇپ، بىر نىيەتتە تەڭ كۈچ چىقىرىپ، خىزمەتنى ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى دەۋر قىلىپ قانات يايدۇرۇشى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى شەرت. پارتىيە دېموكراتىك ۋە ئىلمىي ئاساستا تەدبىر بەلگىلەش يولىنى تۇتۇپ، توغرا لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلەرنى تۈزۈپ ۋە ئىجرا قىلىپ، پارتىيەنىڭ تەشكىلىي خىزمىتى ۋە تەشۋىق-تەربىيە خىزمىتىنى ئوبدان ئىشلەپ، بارلىق پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق ۋە نەمۇنىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشى شەرت. پارتىيە ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلار دائىرىسىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىشى شەرت. پارتىيە دۆلەتنىڭ قانۇن چىقىرىش ئورگانلىرى، ئەدلىيە ئورگانلىرى ۋە مەمۇرىي ئورگانلىرىنىڭ، ئىقتىسادىي تەشكىلاتلار، مەدەنىيەت تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋە خەلق تەشكىلاتلىرىنىڭ خىزمەتنى ئاكتىپلىق ۋە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆز ئالدىغا مەسئۇل بولۇپ بىردەك ماسلىشىپ ئىشلىشىنى كاپالەتلەندۈرۈشى شەرت. پارتىيە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، ئاياللار بىرلەشمىسى قاتارلىق ئاممىۋى تەشكىلاتلارغا بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشى شەرت. پارتىيە ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ۋە ئەھۋالنىڭ ئۆزگىرىشىگە يارىشا رەھبەرلىك تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى، رەھبەرلىك ئۇسۇلىنى ياخشىلىشى، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشى شەرت. كومپارتىيە ئەزالىرى پارتىيە سىرتىدىكى ئامما بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىشىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇش يولىدا بىرلىكتە كۈرەش قىلىشى شەرت.

1-باب پارتىيە ئەزالىرى

1-ماددا يېشى 18 گە تولغان جۇڭگو ئىشچىلىرى، دېھقانلىرى، ھەربىيلىرى، زىيالىيلىرىدىن ۋە باشقا ئىجتىمائىي تەبىقىلەردىكى ئىلغارلاردىن پارتىيەنىڭ پىروگراممىسى ۋە نىزامنامىسىنى ئېتىراپ قىلىدىغان، پارتىيەنىڭ بىرەر تەشكىلاتىغا قاتنىشىشنى ھەمدە ئۇنىڭدا ئاكتىپ ئىشلەش، پارتىيەنىڭ قارارلىرىنى ئىجرا قىلىش ۋە ۋاقتى-قەرەلىدە ئەزالىق بەدىلى تاپشۇرۇشنى خالايدىغانلار جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

2-ماددا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەزالىرى جۇڭگو ئىشچىلار سىنىپىنىڭ كوممۇنىستىك ئاڭغا ئىگە ئاۋانگارت جەڭچىسىدۇر.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەزالىرى جان-دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى، ئۆزىنىڭ بارلىقىنى قۇربان قىلىشتىن باش تارتماي، كوممۇنىزمنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا ئۆمۈرۋايەت كۈرەش قىلىشى شەرت.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەزالىرى مەڭگۈ ئەمگەكچى خەلقنىڭ ئاددىي بىر ئەزاسىدۇر. كومپارتىيەنىڭ بارلىق ئەزالىرى قانۇن ۋە سىياسەتتە بەلگىلەنگەن دائىرىدىكى شەخسىي مەنپەئەت ۋە خىزمەت ھوقۇقىدىن باشقا ھەرقانداق خۇسۇسىي مەنپەئەت ۋە ئىمتىيازنى كۆزلىمەسلىكى كېرەك.

3-ماددا پارتىيە ئەزالىرى تۆۋەندىكى مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلىشى شەرت:

(1) ماركسىزم-لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيەسى ۋە ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى، پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەت ۋە قارارلىرىنى، پارتىيەگە دائىر ئاساسىي بىلىملەرنى، پەن-مەدەنىيەت بىلىملىرى، قانۇن ۋە كەسپىي بىلىملەرنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئىقتىدارىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈش.

(2) پارتىيەنىڭ ئاساسىي لۇشيەنى ۋە تۈرلۈك فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئىجرا قىلىش، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرى ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا باشلامچىلىق بىلەن قاتنىشىش، ئاممىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە جەمئىيەتنىڭ ئالغا بېسىشى ئۈچۈن جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىش، خىزمەت، ئۆگىنىش ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رول ئويناش.

(3) قەتئىي ئېغىشماي پارتىيە ۋە خەلق مەنپەئەتىنى ھەممىدىن ئۈستۈن قويۇش، شەخسىي مەنپەئەتنى پارتىيە ۋە خەلق مەنپەئەتىگە بويسۇندۇرۇش، جاپادا ئالدىدا، ھالاۋەتتە ئارقىدا تۇرۇش، ئۆز نەپسىدىن كېچىپ ئومۇم ئۈچۈن ئىشلەش، كۆپ تۆھپە قوشۇش.

(4) پارتىيە ئىنتىزامىغا ئاڭلىق رىئايە قىلىش، دۆلەتنىڭ قانۇن-نىزاملىرىغا نەمۇنىلىك بىلەن ئەمەل قىلىش، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مەخپىيىتىنى قاتتىق ساقلاش، پارتىيەنىڭ قارارلىرىنى ئىجرا قىلىش، تەشكىلنىڭ تەقسىماتىغا بويسۇنۇش، پارتىيەنىڭ ۋەزىپىلىرىنى ئاكتىپ ئورۇنداش.

(5) پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە بىرلىكىنى قوغداش، پارتىيەگە سادىق-سەمىمىي بولۇش، سۆز-ھەرىكەتتە بىردەك بولۇش، بارلىق مەزھەپچىلىك تەشكىلاتلىرىغا ۋە گۇرۇھۋازلىق ھەرىكەتلىرىگە قەتئىي قارشى تۇرۇش، كۆرۈنۈشتە ئەمەل قىلغان بولۇپ، ئاستىرتىن خىلاپلىق قىلىدىغان ئىككى يۈزلىمىلىك قىلمىشلىرىغا ۋە بارلىق سۇيىقەست، ھىيلە-مىكىرلەرگە قەتئىي قارشى تۇرۇش.

(6) تەنقىد ۋە ئۆز-ئۆزىنى تەنقىدنى ھەقىقىي قانات يايدۇرۇش، خىزمەتتىكى كەمچىلىك ۋە خاتالىقلارنى دادىل ئېچىپ تاشلاش ھەم تۈزىتىش، پاسسىپلىق، چىرىكلىككە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىش.

(7) ئامما بىلەن زىچ مۇناسىۋەت باغلاش، ئاممىغا پارتىيەنىڭ تەشەببۇسلىرىنى تەشۋىق قىلىش، ئامما بىلەن بامەسلىھەت ئىش قىلىش، ئاممىنىڭ پىكىر ۋە تەلەپلىرىنى پارتىيەگە ۋاقتىدا ئىنكاس قىلىش، ئاممىنىڭ ھەققانىي مەنپەئەتىنى قوغداش.

(8) سوتسىيالىستىك يېڭى كەيپىياتنى جارى قىلدۇرۇش، سوتسىيالىستىك شەرەپ-نومۇس قارىشىنى باشلامچىلىق بىلەن ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش، كوممۇنىستىك ئەخلاقنى تەشەببۇس قىلىش، دۆلەتنىڭ ۋە خەلقنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن، بارلىق قىيىن ۋە خەتەرلىك پەيتلەردە كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلىش، قۇربان بېرىشتىن قورقماسلىق.

4-ماددا پارتىيە ئەزالىرى تۆۋەندىكى ھوقۇقلاردىن بەھرىمەن بولىدۇ:

(1) پارتىيەنىڭ مۇناسىۋەتلىك يىغىنلىرىغا قاتنىشىدۇ، پارتىيەنىڭ مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلىرىنى كۆرىدۇ، پارتىيەنىڭ تەربىيەسى ۋە تەلىمىنى ئالىدۇ.

(2) پارتىيەنىڭ سىياسەتلىرىگە دائىر مەسىلىلەر ئۈستىدە پارتىيە يىغىنلىرىدا ۋە پارتىيەنىڭ گېزىت-ژۇرناللىرىدا ئېلىپ بېرىلغان مۇھاكىمىگە قاتنىشىدۇ.

(3) پارتىيە خىزمىتى توغرىسىدا تەكلىپ ۋە تەشەببۇسلارنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

(4) پارتىيە يىغىنلىرىدا پارتىيەنىڭ ھەرقانداق تەشكىلاتىنى ۋە ھەرقانداق ئەزاسىنى پاكىت كۆرسىتىپ تەنقىد قىلىدۇ، پارتىيە ئالدىدا پارتىيەنىڭ ھەرقانداق تەشكىلاتى ۋە ھەرقانداق ئەزاسىنىڭ قانۇن-ئىنتىزامغا خىلاپ ئىشلىرىنى جاۋابكارلىق بىلەن پاش قىلىدۇ، ئاشكارىلايدۇ، قانۇن-ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغان پارتىيە ئەزالىرىنى جازالاشنى تەلەپ قىلىدۇ، خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىغان كادىرلارنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش ياكى ئالماشتۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ.

(5) ئاۋاز بېرىش ھوقۇقى، سايلاش ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدۇ، سايلىنىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.

(6) پارتىيە تەشكىلاتى پارتىيە ئەزالىرىغا پارتىيە ئىنتىزامى جازاسى بېرىشنى مۇزاكىرە قىلىپ قاراردىن ئۆتكۈزۈش ياكى ئۇلارنى باھالاش ۋاقتىدا، پارتىيە ئەزاسىنىڭ ئۆزى قاتنىشىشقا ۋە ئۆزىنى ئاقلاشقا ھوقۇقلۇق، پارتىيەنىڭ باشقا ئەزالىرى ئۇنىڭغا گۇۋاھلىق بەرسە ۋە ئۇنى ئاقلىسا بولىدۇ.

(7) پارتىيەنىڭ قارارى ۋە سىياسىتىگە باشقىچە پىكرى بولسا، قارار ۋە سىياسەتنى قەتئىي ئىجرا قىلىش شەرتى ئاستىدا، ئۆز پىكرىدە قالىدىغانلىقىنى بىلدۈرسە بولىدۇ ھەمدە ئۆز پىكرىنى پارتىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك تەشكىلاتىغا، ھەتتا مەركىزىي كومىتېتقا سۇنسا بولىدۇ.

(8) پارتىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك تەشكىلاتىغا، ھەتتا مەركىزىي كومىتېتقا ئىلتىماس، ئەرز ۋە شىكايەت سۇنالايدۇ ھەمدە مۇناسىۋەتلىك تەشكىلاتنىڭ مەسئۇللۇق بىلەن جاۋاب بېرىشىنى تەلەپ قىلالايدۇ. پارتىيەنىڭ ھەرقانداق تەشكىلاتىنىڭ، ھەتتا مەركىزىي كومىتېتنىڭ پارتىيە ئەزالىرىنى يۇقىرىدىكى ھوقۇقلاردىن مەھرۇم قىلىشقا ھەققى يوق.

5-ماددا پارتىيەگە ئەزا قوبۇل قىلىشتا، پارتىيە ياچېيكىسىدىن ئۆتكۈزۈش، ئايرىم-ئايرىم قوبۇل قىلىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش شەرت.

پارتىيەگە كىرىشنى ئىلتىماس قىلغۇچى پارتىيەگە كىرىش تەلەپنامىسىنى تولدۇرىدۇ، ئىككى نەپەر رەسمىي پارتىيە ئەزاسى تونۇشتۇرغۇچى بولىدۇ، ياچېيكا يىغىنىنىڭ ماقۇللۇقى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەن شۇنىڭدەك كاندىداتلىق مۇددىتىدە سىنالغاندىن كېيىن، ئاندىن رەسمىي پارتىيە ئەزاسى بولىدۇ.

تونۇشتۇرغۇچىلار ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ئىدىيەسى، پەزىلىتى، تارىخىنى ۋە خىزمەتتىكى ئىپادىسىنى ئەستايىدىل ئىگىلىشى، ئۇنىڭغا پارتىيەنىڭ پىروگراممىسى ۋە نىزامنامىسىنى چۈشەندۈرۈشى، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ شەرتى، مەجبۇرىيىتى ۋە ھوقۇقىنى ئوچۇق ئېيتىشى ھەمدە بۇنى پارتىيە تەشكىلاتىغا مەسئۇللۇق بىلەن مەلۇم قىلىشى كېرەك.

پارتىيەنىڭ ياچېيكا كومىتېتى پارتىيەگە كىرىشنى ئىلتىماس قىلغۇچى ئۈستىدە پارتىيە ئىچى ۋە سىرتىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئاممىدىن پىكىر ئېلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، قاتتىق تەكشۈرۈش ئارقىلىق لاياقەتلىك دەپ ھېسابلىسا، ئاندىن ياچېيكا يىغىنىنىڭ مۇزاكىرىسىگە قويۇشى كېرەك.

پارتىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك تەشكىلاتى ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ پارتىيەگە كىرىشىنى تەستىقلاشتىن ئاۋۋال، ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەتلىشىشكە ئادەم تەيىنلەپ، ئۇنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ چۈشىنىشى ھەمدە ئۇنىڭ پارتىيەگە بولغان تونۇشىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بېرىشى لازىم.

ئالاھىدە ئەھۋالدا، پارتىيەنىڭ مەركىزىي كومىتېتى ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك كومىتېتلىرى پارتىيەگە بىۋاسىتە ئەزا قوبۇل قىلسا بولىدۇ.

6-ماددا كاندىدات پارتىيە ئەزاسى پارتىيە بايرىقى ئالدىدا تۇرۇپ، پارتىيەگە قەسەم بېرىشى شەرت. قەسەمنامە مۇنداق: مەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە ئۆز ئىختىيارىم بىلەن كىردىم، پارتىيە پىروگراممىسىنى ھىمايە قىلىمەن، پارتىيە نىزامنامىسىگە ئەمەل قىلىمەن، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلىمەن، پارتىيەنىڭ قارارلىرىنى ئىجرا قىلىمەن، پارتىيە ئىنتىزامىغا قاتتىق رىئايە قىلىمەن، پارتىيە مەخپىيىتىنى ساقلايمەن، پارتىيەگە سادىق بولىمەن، ئاكتىپ ئىشلەيمەن، كوممۇنىزم ئۈچۈن ئۆمۈرۋايەت كۈرەش قىلىمەن، پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن بارلىقىمنى قۇربان قىلىشقا ھەر ۋاقىت تەييار تۇرىمەن، پارتىيەگە مەڭگۈ ئاسىيلىق قىلمايمەن.

7-ماددا كاندىدات پارتىيە ئەزاسىنىڭ كاندىداتلىق مۇددىتى بىر يىل بولىدۇ. پارتىيە تەشكىلاتى كاندىدات پارتىيە ئەزالىرىنى ئىخلاس بىلەن تەربىيەلىشى ۋە تەكشۈرۈشى لازىم.

كاندىدات پارتىيە ئەزاسىنىڭ مەجبۇرىيەتلىرى رەسمىي پارتىيە ئەزاسىنىڭكى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ. كاندىدات پارتىيە ئەزاسى ئاۋاز بېرىش، سايلاش ۋە سايلىنىش ھوقۇقى يوقلۇقىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، رەسمىي پارتىيە ئەزاسى بىلەن ئوخشاش ھوقۇققا ئىگە.

كاندىدات پارتىيە ئەزاسىنىڭ كاندىداتلىق مۇددىتى توشقاندا، پارتىيە ياچېيكىسى ئۇنىڭ رەسمىي ئەزالىققا ئۆتۈش-ئۆتەلمەسلىكىنى ۋاقتىدا مۇزاكىرە قىلىشى لازىم. كاندىدات پارتىيە ئەزالىرىدىن پارتىيەنىڭ ئەزالىق مەجبۇرىيەتلىرىنى ئەستايىدىل ئادا قىلغان، پارتىيەنىڭ ئەزالىق شەرتلىرىنى ھازىرلىغانلارنى ۋاقتىدا رەسمىي ئەزالىققا ئۆتكۈزۈش كېرەك؛ داۋاملىق تەكشۈرۈش ۋە تەربىيەلەشكە توغرا كېلىدىغانلىرىنىڭ كاندىداتلىق مۇددىتى ئۇزارتىلسا بولىدۇ، لېكىن ئۇزارتىلغان ۋاقىت بىر يىلدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك؛ پارتىيەنىڭ ئەزالىق مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلمىغان، پارتىيەنىڭ ئەزالىق شەرتلىرىنى ھازىرلىمىغانلارنى كاندىدات پارتىيە ئەزاسىلىق لاياقىتىدىن قالدۇرۇلىدۇ. كاندىدات پارتىيە ئەزاسىنىڭ رەسمىي ئەزالىققا ئۆتكۈزۈلۈشى ياكى كاندىداتلىق مۇددىتىنىڭ ئۇزارتىلىشى ۋە ياكى كاندىدات پارتىيە ئەزاسىلىق لاياقىتىدىن قالدۇرۇلۇشى ياچېيكا يىغىنىنىڭ مۇزاكىرە قىلىپ ماقۇللىشىدىن ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈلۈشى كېرەك.

كاندىدات پارتىيە ئەزاسىنىڭ كاندىداتلىق مۇددىتى ياچېيكا يىغىنى ئۇنى كاندىدات ئەزالىققا ماقۇللىغان كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ. پارتىيە ئەزاسىنىڭ پارتىيە ئىستاژى كاندىداتلىق مۇددىتى توشۇپ رەسمىي ئەزالىققا ئۆتكەن كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ.

8-ماددا ھەر بىر پارتىيە ئەزاسى خىزمەت ۋەزىپىسىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەن بولۇشىغا قارىماي، پارتىيەنىڭ بىرەر ياچېيكىسى، بىرەر گۇرۇپپىسىدا ياكى باشقا مۇئەييەن تەشكىلاتىدا پارتىيەنىڭ تەشكىلىي تۇرمۇشىغا قاتنىشىشى، پارتىيە ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئاممىنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك. پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار پارتكوم، پارتگۇرۇپپىلارنىڭ دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىغىمۇ قاتنىشىشى لازىم. پارتىيەنىڭ تەشكىلىي تۇرمۇشىغا قاتناشمايدىغان، پارتىيە ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئاممىنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلمايدىغان ھەر قانداق ئالاھىدە پارتىيە ئەزاسىنىڭ بولۇشىغا يول قويۇلمايدۇ.

9-ماددا پارتىيە ئەزاسى پارتىيەدىن چىقىپ كېتىش ئەركىنلىكىگە ئىگە. پارتىيە ئەزاسى پارتىيەدىن چىقىپ كېتىشنى تەلەپ قىلسا، ياچېيكا يىغىنىنىڭ مۇزاكىرىسىدىن ئۆتكەندىن كېيىن رويخەتتىن ئۆچۈرۈلگەنلىكى جاكارلىنىشى ھەمدە يۇقىرى دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتىغا ئەنگە ئالدۇرۇلۇشى كېرەك.

ئىنقىلابىي ئىرادىسى ئاجىزلىشىپ كەتكەن، پارتىيەنىڭ ئەزاسىلىق مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغان، پارتىيە ئەزاسىلىق شەرتىگە ئۇيغۇن بولمىغان پارتىيە ئەزاسىغا پارتىيە ياچېيكىسى تەربىيە بېرىپ، ئۇنىڭدىن سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشنى تەلەپ قىلىشى لازىم؛ تەربىيە بېرىلسىمۇ تۈزەلمىگەن پارتىيە ئەزاسىنى پارتىيەدىن نەسىھەت بىلەن چېكىندۈرۈش كېرەك. پارتىيە ئەزاسىنى پارتىيەدىن نەسىھەت بىلەن چېكىندۈرۈشنى ياچېيكا يىغىنىنىڭ مۇزاكىرىسى بىلەن قارار قىلىش ھەمدە يۇقىرى دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتىغا تەستىقلىتىش لازىم. پارتىيەدىن نەسىھەت بىلەن چېكىندۈرۈلىدىغان پارتىيە ئەزاسى چېكىنىشكە ئۇنىماي تۇرۇۋالسا، ياچېيكا يىغىنىنىڭ مۇزاكىرىسىگە قويۇپ، ئۇنى رويخەتتىن ئۆچۈرۈشنى قارار قىلىش ھەمدە يۇقىرى دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتىغا تەستىقلىتىش كېرەك.

پارتىيە ئەزاسى ئورۇنسىز سەۋەبلەر بىلەن ئۇدا ئالتە ئايغىچە پارتىيەنىڭ تەشكىلىي تۇرمۇشىغا قاتناشمىسا ياكى ئەزالىق بەدىلى تاپشۇرمىسا ۋە ياكى پارتىيە تەقسىم قىلغان خىزمەتنى ئىشلىمىسە، پارتىيەدىن ئۆزلۈكىدىن ئايرىلغان دەپ قارىلىدۇ. ياچېيكا يىغىنى بۇنداق پارتىيە ئەزاسىنى رويخەتتىن ئۆچۈرۈشنى قارار قىلىشى ھەمدە يۇقىرى دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتىغا يوللاپ تەستىقلىتىشى كېرەك.

2-باب پارتىيەنىڭ تەشكىلىي تۈزۈمى

10-ماددا پارتىيە ئۆزىنىڭ پىروگراممىسى ۋە نىزامنامىسىگە ئاساسەن، دېموكراتىيە-مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمى بويىچە تەشكىللەنگەن بىر پۈتۈن گەۋدە. پارتىيەنىڭ دېموكراتىيە-مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپلىرى:

(1) پارتىيە ئەزاسى پارتىيە تەشكىلاتىغا بويسۇنىدۇ، ئازسانلىق كۆپ سانلىققا بويسۇنىدۇ، تۆۋەن دەرىجىلىك تەشكىلات يۇقىرى دەرىجىلىك تەشكىلاتقا بويسۇنىدۇ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ بارلىق تەشكىلاتلىرى ۋە بارلىق ئەزالىرى پارتىيەنىڭ مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيىغا ۋە مەركىزىي كومىتېتىغا بويسۇنىدۇ.

(2) پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي ئورگانلىرىنىڭ ئۆزلىرى تەسىس قىلغان ۋاكالەت ئورگانلىرى ۋە پارتىيەسىز تەشكىلاتلاردىكى پارتگۇرۇپپىلاردىن باشقىلىرى سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كېلىدۇ.

(3) پارتىيەنىڭ ئالىي رەھبىرىي ئورگىنى پارتىيەنىڭ مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيى ۋە ئۇ ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن مەركىزىي كومىتېت. پارتىيەنىڭ يەرلىك ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي ئورگانلىرى پارتىيەنىڭ يەرلىك ھەر دەرىجىلىك قۇرۇلتايلىرى ۋە ئۇلار ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن كومىتېتلار. پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك كومىتېتلىرى شۇ دەرىجىلىك قۇرۇلتايلار ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ ھەمدە ئۇلارغا ئۆز خىزمىتىدىن دوكلات بېرىدۇ.

(4) پارتىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك تەشكىلاتلىرى تۆۋەن دەرىجىلىك تەشكىلاتلارنىڭ ۋە پارتىيە ئەزالىرى ئاممىسىنىڭ پىكرىنى ھەر دائىم ئاڭلاپ تۇرۇشى، ئۇلار ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ھەل قىلىشى لازىم. پارتىيەنىڭ تۆۋەن دەرىجىلىك تەشكىلاتلىرى ھەم ئۆز خىزمىتى توغرىسىدا يۇقىرى دەرىجىلىك تەشكىلاتلاردىن يوليورۇق سورىشى ۋە ئۇلارغا ئۆز خىزمىتىدىن دوكلات بېرىشى، ھەم ئۆز مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدىكى مەسىلىلەرنى مۇستەقىل مەسئۇل بولۇپ ھەل قىلىشى كېرەك. يۇقىرى دەرىجىلىك تەشكىلاتلار بىلەن تۆۋەن دەرىجىلىك تەشكىلاتلار ئۆزئارا خەۋەرلىشىپ تۇرۇشى، بىر-بىرىنى قوللىشى ۋە بىر-بىرىنى نازارەت قىلىشى لازىم. پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك تەشكىلاتلىرى پارتىيە ئىشلىرىنى بەلگىلىمە بويىچە ئاشكارا تۇتۇشى، پارتىيە ئەزالىرىنى پارتىيەنىڭ ئىچكى ئىشلىرىدىن تېخىمۇ كۆپلەپ ۋاقىپلاندۇرۇپ تۇرۇشى ۋە ئۇنىڭغا قاتناشتۇرۇشى كېرەك.

(5) پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك كومىتېتلىرىدا كوللېكتىپ رەھبەرلىك قىلىش بىلەن شەخسلەر ئىش تەقسىم قىلىۋېلىپ مەسئۇل بولۇشنى بىرلەشتۈرۈش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ. چوڭ-چوڭ مەسىلىلەر ئۈستىدە پارتىيە كومىتېتى كوللېكتىپ رەھبەرلىك قىلىش، دېموكراتىيە-مەركەزلەشتۈرۈش، ئايرىم پىكىرلىشىش، يىغىندا قارار قىلىش پىرىنسىپى بويىچە كوللېكتىپ مۇزاكىرە قىلىپ قارار چىقىرىدۇ؛ كومىتېت تەركىبىدىكىلەر كوللېكتىپنىڭ قارارى ۋە ئىش تەقسىماتى بويىچە ئۆز بۇرچىنى ھەقىقىي ئادا قىلىشى لازىم.

(6) پارتىيە شەخسكە چوقۇنۇشنىڭ ھەرقانداق شەكلىنى مەنئى قىلىدۇ. پارتىيە رەھبەرلىرى پائالىيەتلىرىنىڭ پارتىيە ۋە خەلقنىڭ نازارىتىدە بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، شۇنىڭ بىلەن بىللە، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ مەنپەئەتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان بارلىق رەھبەرلەرنىڭ ئىناۋىتىنى قوغداش كېرەك.

11-ماددا پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك قۇرۇلتايلىرىنىڭ ۋەكىللىرىنى ۋە كومىتېتلىرىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈشتە، سايلىغۇچىلارنىڭ ئىرادىسىنى گەۋدىلەندۈرۈش لازىم. سايلامدا يوشۇرۇن ئاۋاز بېرىش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ. نامزاتلارنىڭ ئىسىملىكى پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە سايلىغۇچىلارنىڭ تولۇق كېڭىشىشىدىن ھەم مۇزاكىرىسىدىن ئۆتكۈزۈلىدۇ. نامزاتلار سانى سايلىنىدىغانلار سانىدىن كۆپ بولىدىغان ئارتۇق نامزاتلىق سايلام چارىسى بىۋاسىتە قوللىنىلىپ، رەسمىي سايلام ئۆتكۈزۈلسە بولىدۇ. ئاۋۋال ئارتۇق نامزاتلىق سايلام چارىسىنى قوللىنىپ، تەييارلىق سايلىمى ئۆتكۈزۈپ، نامزاتلارنىڭ ئىسىملىكىنى بارلىققا كەلتۈرۈۋالغاندىن كېيىن، ئاندىن رەسمىي سايلام ئۆتكۈزۈلسىمۇ بولىدۇ. سايلىغۇچىلار نامزاتلارنىڭ ئەھۋالىنى بىلىشكە، نامزاتلارنى ئالماشتۇرۇشنى تەلەپ قىلىشقا، ھەرقانداق بىر نامزاتنى سايلىماسلىققا ۋە باشقىلارنى سايلاشقا ھوقۇقلۇق. ھەر قانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ سايلىغۇچىلارنى ھەرقانداق يول بىلەن مەلۇم بىر كىشىنى سايلاش ياكى سايلىماسلىققا زورلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

پارتىيەنىڭ يەرلىك ھەر دەرىجىلىك قۇرۇلتايلىرىنىڭ ۋە ئاساسىي قاتلام قۇرۇلتايلىرىنىڭ سايلىمىدا پارتىيە نىزامنامىسىگە خىلاپ ئەھۋاللار كۆرۈلسە، پارتىيەنىڭ بىر دەرىجە يۇقىرى كومىتېتى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىغاندىن كېيىن، سايلامنى ئىناۋەتسىز قىلىش ۋە مۇناسىپ تەدبىر قوللىنىش توغرىسىدا قارار چىقىرىشى ھەمدە ئۇنى ئۆزىدىن بىر دەرىجە يۇقىرى پارتىيە كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈشىگە سۇنۇپ تەستىقلاتقاندىن كېيىن رەسمىي ئېلان قىلىپ ئىجرا قىلىشى لازىم.پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك قۇرۇلتايلىرى ۋەكىللىرىگە قارىتا ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ.

12-ماددا پارتىيەنىڭ مەركىزىي كومىتېتى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك كومىتېتلىرى زۆرۈر تاپقاندا، ۋەكىللەر يىغىنى چاقىرىپ، ۋاقتىدا ھەل قىلىشقا تېگىشلىك زور مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بارىدۇ ۋە قارار چىقىرىدۇ. ۋەكىللەر يىغىنىغا قاتنىشىدىغان ۋەكىللەرنىڭ سانىنى ۋە ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىش چارىسىنى ۋەكىللەر يىغىنىنى چاقىرغۇچى كومىتېت بەلگىلەيدۇ.

13-ماددا يېڭى پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇشقا ياكى بۇرۇنقى پارتىيە تەشكىلاتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا توغرا كەلسە، يۇقىرى دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتى قارار قىلىشى شەرت.

پارتىيەنىڭ يەرلىك ھەر دەرىجىلىك قۇرۇلتايلىرى بىلەن ئاساسىي قاتلام قۇرۇلتايلىرى يىغىن ئاچمىغان مەزگىلدە، يۇقىرى دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى زۆرۈر تاپسا، تۆۋەن دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرىنى يۆتكىسە ياكى تەيىنلىسە بولىدۇ.

پارتىيەنىڭ مەركىزىي كومىتېتى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك كومىتېتلىرى ۋاكالەت ئاپپاراتى تەسىس قىلسا بولىدۇ.

پارتىيەنىڭ مەركىزىي كومىتېتى ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك كومىتېتلىرىدا كۆزىتىش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ.

14-ماددا پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي ئاپپاراتلىرى تۆۋەن دەرىجىلىك تەشكىلاتلارنىڭ مۇھىم مەسىلىلىرى توغرىسىدا قارار چىقارغاندا ئادەتتىكى ئەھۋالدا، تۆۋەن دەرىجىلىك تەشكىلاتلارنىڭ پىكرىنى ئېلىشى كېرەك. تۆۋەن دەرىجىلىك تەشكىلاتلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ خىزمەت ھوقۇقىنى نورمال يۈرگۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش لازىم. تۆۋەن دەرىجىلىك تەشكىلاتلار بىر تەرەپ قىلىشقا تېگىشلىك بولغانلىكى مەسىلىلەرگە ئالاھىدە ئەھۋال بولمىسا، يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبىرىي ئاپپاراتلار ئارىلىشىۋالماسلىقى لازىم.

15-ماددا مەملىكەت خاراكتېرلىك زور سىياسەت مەسىلىلىرىگە پەقەت پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىلا قارار چىقىرىشقا ھوقۇقلۇق، ھەرقايسى تارماقلار ۋە جايلاردىكى پارتىيە تەشكىلاتلىرى بۇ ھەقتە مەركىزىي كومىتېتقا تەكلىپ بەرسە بولىدۇ، لېكىن ئۆز ئالدىغا قارار چىقارماسلىقى ۋە ئۆز تەشەببۇسىنى سىرتقا ئېلان قىلماسلىقى كېرەك.

پارتىيەنىڭ تۆۋەن دەرىجىلىك تەشكىلاتلىرى يۇقىرى دەرىجىلىك تەشكىلاتلىرىنىڭ قارارىنى قەتئىي ئىجرا قىلىشى شەرت. ئەگەر تۆۋەن دەرىجىلىك تەشكىلاتلار يۇقىرى دەرىجىلىك تەشكىلاتلارنىڭ قارارىنى ئۆز رايونى ۋە ئۆز تارمىقىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ دەپ ھېسابلىسا، ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ؛ ئەگەر يۇقىرى دەرىجىلىك تەشكىلاتلار ئەسلىدىكى قاراردا چىڭ تۇرسا، تۆۋەن دەرىجىلىك تەشكىلاتلار ئۇنى ئىجرا قىلىشى ھەمدە ئۆزىنىڭ باشقىچە پىكرىنى ئاشكارا ئېلان قىلماسلىقى شەرت، لېكىن بۇ پىكرىنى يەنە بىر دەرىجە يۇقىرى پارتىيە تەشكىلاتىغا مەلۇم قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك تەشكىلاتلىرىنىڭ گېزىت-ژۇرناللىرى ۋە باشقا تەشۋىقات قوراللىرى پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەت ۋە قارارلىرىنى تەشۋىق قىلىشى شەرت.

16-ماددا پارتىيە تەشكىلاتى مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىش، قارار چىقىرىشتا، ئازسانلىق كۆپ سانلىققا بويسۇنۇش پىرىنسىپىنى ئىجرا قىلىشى شەرت. مۇھىم مەسىلىلەرنى قاراردىن ئۆتكۈزۈشتە، ئاۋازغا قويۇش كېرەك. ئاز سانلىق كىشىلەرنىڭ باشقىچە پىكىرلىرى ئۈستىدە ئەستايىدىل ئويلىنىش كېرەك. ئەگەر مۇھىم مەسىلىلەردە تالاش-تارتىش بولۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئادەم سانى تەڭلىشىپ قالسا، جىددىي ئەھۋالدا كۆپ سانلىقنىڭ پىكرى بويىچە ئىجرا قىلىشتىن باشقا، قارار چىقىرىشنى ۋاقتىنچە كېچىكتۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، پىكىر ئالماشتۇرغاندىن كېيىن، كېلەر قېتىمدا قايتا ئاۋازغا قويۇش لازىم؛ ئالاھىدە ئەھۋالدا، تالاش-تارتىشىنى يۇقىرى دەرىجىلىك تەشكىلاتقا مەلۇم قىلىپ، كېسىم قىلىش تەلەپ قىلىنسىمۇ بولىدۇ.

پارتىيە ئەزاسىنىڭ پارتىيە تەشكىلاتىغا ۋاكالىتەن ئېلان قىلماقچى بولغان مۇھىم تەشەببۇسى پارتىيە تەشكىلاتى بەلگىلىگەن دائىرىدىن چىقىپ كېتىدىغان بولسا، ئۇنى ئۆزى تۇرۇشلۇق پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ مۇزاكىرە قىلىپ بېكىتىشىگە سونۇشى ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتىدىن يوليورۇق سورىشى شەرت. ھەرقانداق پارتىيە ئەزاسى ۋەزىپىسىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، مۇھىم مەسىلىلەر توغرىسىدا ئۆزى قارار چىقارسا بولمايدۇ؛ جىددىي ئەھۋال بولۇپ قېلىپ، ئۆزى قارار چىقىرىشقا توغرا كەلگەندە، قارار چىقارغاندىن كېيىن پارتىيە تەشكىلاتىغا تېز مەلۇم قىلىشى كېرەك. ھەرقانداق رەھبەرنىڭ ئۆز بېشىمچىلىق قىلىشىغا ۋە ئۆزىنى تەشكىلدىن ئۈستۈن قويۇشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ.

17-ماددا پارتىيەنىڭ مەركىزىي تەشكىلاتلىرى، يەرلىك تەشكىلاتلىرى ۋە ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى پارتىيە قۇرۇلۇشىغا ئەھمىيەت بېرىشى، پارتىيەنىڭ تەشۋىقات خىزمىتى، تەلىم-تەربىيە خىزمىتى، تەشكىلات خىزمىتى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش خىزمىتى، ئاممىۋى خىزمىتى، بىرلىك سەپ خىزمىتىنى ۋە باشقا خىزمەتلىرىنى دائىم مۇھاكىمە قىلىپ ۋە تەكشۈرۈپ تۇرۇشى، پارتىيە ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئىدىيەۋى-سىياسىي ئەھۋاللارنى تەتقىق قىلىشقا دىققەت قىلىشى كېرەك.

3-باب پارتىيەنىڭ مەركىزىي تەشكىلاتلىرى

18-ماددا پارتىيەنىڭ مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيى بەش يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدۇ، ئۇنى مەركىزىي كومىتېت چاقىرىدۇ. مەركىزىي كومىتېت زۆرۈر تاپسا ياكى پارتىيەنىڭ ئۆلكە دەرىجىلىك تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۈچتىن بىرىدىن ئارتۇقى تەلەپ قىلسا، مەملىكەتلىك قۇرۇلتاينى مۇددەتتىن ئىلگىرى ئۆتكۈزۈشكە بولىدۇ؛ پەۋقۇلئاددە ئەھۋال بولمىسا، كېچىكتۈرۈشكە بولمايدۇ.

مەملىكەتلىك قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىنىڭ سانىنى ۋە سايلام چارىسىنى مەركىزىي كومىتېت بەلگىلەيدۇ.

19-ماددا پارتىيەنىڭ مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيىنىڭ خىزمەت ھوقۇقى:

(1) مەركىزىي كومىتېتنىڭ دوكلاتىنى ئاڭلاش ۋە تەكشۈرۈش؛

(2) مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ دوكلاتىنى ئاڭلاش ۋە تەكشۈرۈش؛

(3) پارتىيەنىڭ مۇھىم مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلىش ۋە قاراردىن ئۆتكۈزۈش؛

(4) پارتىيە نىزامنامىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش؛

(5) مەركىزىي كومىتېتنى سايلاش؛

(6) مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنى سايلاش.

20-ماددا پارتىيەنىڭ مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيىنىڭ خىزمەت ھوقۇقى: مۇھىم مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلىش ۋە قاراردىن ئۆتكۈزۈش؛ مەركىزىي كومىتېت، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ قىسمەن ئەزالىرىنى تەڭشەش ۋە كۆپەيتىپ سايلاش. مەركىزىي كومىتېتنىڭ تەڭشىلىدىغان ۋە كۆپەيتىپ سايلىنىدىغان ئەزالىرىنىڭ ۋە كاندىدات ئەزالىرىنىڭ سانى پارتىيەنىڭ مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيىدا سايلانغان مەركىزىي كومىتېت ئومۇمىي ئەزا سانىنىڭ ۋە مەركىزىي كومىتېت ئومۇمىي كاندىدات ئەزا سانىنىڭ بەشتىن بىرىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.

21-ماددا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەر نۆۋەتلىك ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى بەش يىل بولىدۇ. مەملىكەتلىك قۇرۇلتاي مۇددەتتىن ئىلگىرى ئۆتكۈزۈلسە ياكى كېچىكتۈرۈلسە، ئۇنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى شۇنىڭغا مۇناسىپ ئۆزگەرتىلىدۇ. مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرى ۋە كاندىدات ئەزالىرى بەش يىلدىن ئارتۇق پارتىيە ئىستاژىغا ئىگە بولۇشى شەرت. مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرى ۋە كاندىدات ئەزالىرىنىڭ سانىنى مەملىكەتلىك قۇرۇلتاي بەلگىلەيدۇ. مەركىزىي كومىتېت ئەزالىرىنىڭ بوش قالغان ئورنى مەركىزىي كومىتېتنىڭ كاندىدات ئەزالىرى ئىچىدىن سايلامدا ئېرىشكەن ئاۋاز سانىغا قاراپ تەرتىپ بويىچە تولدۇرۇلىدۇ.

مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئومۇمىي يىغىنى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى تەرىپىدىن چاقىرىلىدۇ، ھەر يىلى كەم دېگەندە بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدۇ. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئومۇمىي يىغىنىغا خىزمىتىدىن دوكلات بېرىدۇ، ئۇنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىدۇ.

مەركىزىي كومىتېت مەملىكەتلىك قۇرۇلتاينىڭ يېپىق مەزگىلىدە مەملىكەتلىك قۇرۇلتاينىڭ قارارلىرىنى ئىجرا قىلىدۇ، پارتىيەنىڭ بارلىق خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىدۇ، تاشقى مۇناسىۋەتتە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ.

22-ماددا پارتىيەنىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ دائىمىي كومىتېتىنى ۋە مەركىزىي كومىتېتنىڭ باش شۇجىسىنى مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئومۇمىي يىغىنى سايلايدۇ. مەركىزىي كومىتېتنىڭ باش شۇجىسى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى ئارىسىدىن ۋۇجۇدقا كېلىشى شەرت.

مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلمىغان مەزگىلدە مەركىزىي كومىتېتنىڭ خىزمەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدۇ.

مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئىش بېجىرىش ئاپپاراتى؛ ئۇنىڭ تەركىبىدىكىلەرنى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ دائىمىي كومىتېتى كۆرسىتىدۇ، مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئومۇمىي يىغىنى ماقۇللايدۇ.

مەركىزىي كومىتېتنىڭ باش شۇجىسى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ يىغىنىنى ۋە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ يىغىنىنى چاقىرىشقا مەسئۇل بولىدۇ ھەمدە مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ خىزمىتىگە رىياسەتچىلىك قىلىدۇ.

پارتىيە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتى تەركىبىدىكى خادىملارنى مەركىزىي كومىتېت بەلگىلەيدۇ.

ھەر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن مەركىزىي رەھبەرلىك ئاپپاراتلىرى ۋە مەركەز رەھبەرلىرى كېلەر نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قۇرۇلتاي ئېچىلىپ، كېلەر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت يېڭى مەركىزىي رەھبەرلىك ئاپپاراتلىرى ۋە مەركەز رەھبەرلىرىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگىچە پارتىيەنىڭ دائىملىق خىزمىتىگە داۋاملىق رىياسەتچىلىك قىلىدۇ.

23-ماددا جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىدىكى پارتىيە تەشكىلاتلىرى مەركىزىي كومىتېتنىڭ يوليورۇقى بويىچە ئىشلەيدۇ. جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ باش سىياسىي بۆلۈمى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ سىياسىي خىزمەت ئورگىنى، باش سىياسىي بۆلۈم ئارمىيەدىكى پارتىيە خىزمىتىنى ۋە سىياسىي خىزمەتنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ. پارتىيەنىڭ ئارمىيەدىكى تەشكىلىي تۈزۈلمىسى ۋە ئاپپاراتىنى مەركىزىي

ھەربىي كومىتېت بەلگىلەيدۇ.

4-باب پارتىيەنىڭ يەرلىك تەشكىلاتلىرى

24-ماددا پارتىيەنىڭ ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك قۇرۇلتايلىرى، رايونلۇق شەھەرلىك ۋە ئاپتونوم ئوبلاستلىق قۇرۇلتايلىرى، ناھىيەلىك (خوشۇنلۇق)، ئاپتونوم ناھىيەلىك، رايونسىز شەھەرلىك ۋە شەھەرگە قاراشلىق رايونلۇق قۇرۇلتايلىرى ھەر بەش يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدۇ.

پارتىيەنىڭ يەرلىك ھەر دەرىجىلىك قۇرۇلتايلىرىنى پارتىيەنىڭ شۇ دەرىجىلىك كومىتېتلىرى چاقىرىدۇ. ئالاھىدە ئەھۋال ئاستىدا، بىر دەرىجە يۇقىرى كومىتېتنىڭ تەستىقى بىلەن مۇددەتتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلسە ياكى كېچىكتۈرۈپ ئۆتكۈزۈلسىمۇ بولىدۇ.

پارتىيەنىڭ يەرلىك ھەر دەرىجىلىك قۇرۇلتايلىرى ۋەكىللىرىنىڭ سانىنى ۋە سايلام چارىسىنى پارتىيەنىڭ شۇ دەرىجىلىك كومىتېتلىرى بەلگىلەيدۇ ھەمدە بىر دەرىجە يۇقىرى پارتىيە كومىتېتىغا تەستىقلىتىدۇ.

25-ماددا پارتىيەنىڭ يەرلىك ھەر دەرىجىلىك قۇرۇلتايلىرىنىڭ خىزمەت ھوقۇقى:

(1) ئۆزى بىلەن تەڭ دەرىجىلىك كومىتېتنىڭ دوكلاتىنى ئاڭلاش ۋە تەكشۈرۈش؛

(2) ئۆزى بىلەن تەڭ دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ دوكلاتىنى ئاڭلاش ۋە تەكشۈرۈش؛

(3) ئۆز رايونى دائىرىسىدىكى چوڭ-چوڭ مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىش ۋە قارار چىقىرىش؛

(4) پارتىيەنىڭ ئۆزى بىلەن تەڭ دەرىجىلىك كومىتېتىنى سايلاش، پارتىيەنىڭ ئۆزى بىلەن تەڭ دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنى سايلاش.

26-ماددا پارتىيەنىڭ ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك، رايونلۇق شەھەرلىك ۋە ئاپتونوم ئوبلاستلىق كومىتېتلىرىنىڭ ھەر نۆۋەتلىك ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى بەش يىل بولىدۇ. بۇ كومىتېتلارنىڭ ئەزالىرى ۋە كاندىدات ئەزالىرى بەش يىلدىن ئارتۇق پارتىيە ئىستاژىغا ئىگە بولۇشى شەرت.پارتىيەنىڭ ناھىيەلىك (خوشۇنلۇق)، ئاپتونوم ناھىيەلىك، رايون تەسىس قىلىنمىغان شەھەرلىك ۋە شەھەرگە قاراشلىق رايونلۇق كومىتېتلىرىنىڭ ھەر نۆۋەتلىك ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى بەش يىل بولىدۇ. بۇ كومىتېتلارنىڭ ئەزالىرى ۋە كاندىدات ئەزالىرى ئۈچ يىلدىن ئارتۇق پارتىيە ئىستاژىغا ئىگە بولۇشى شەرت.

پارتىيەنىڭ يەرلىك ھەر دەرىجىلىك قۇرۇلتايلىرى مۇددەتتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلسە ياكى كېچىكتۈرۈلسە، ئۇ سايلاپ چىققان كومىتېتلارنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى شۇنىڭغا مۇناسىپ ئۆزگىرىدۇ.

پارتىيەنىڭ يەرلىك ھەر دەرىجىلىك كومىتېتلىرىنىڭ ئەزالىرى ۋە كاندىدات ئەزالىرىنىڭ سانىنى ئۆزىدىن بىر دەرىجە يۇقىرى كومىتېتلار ئايرىم-ئايرىم بەلگىلەيدۇ. پارتىيەنىڭ يەرلىك ھەر دەرىجىلىك كومىتېتلىرى ئەزالىرىنىڭ بوش قالغان ئورنى كاندىدات ئەزالار ئىچىدىن سايلامدا ئېرىشكەن ئاۋازنىڭ ئاز-كۆپلۈكىگە قاراپ تەرتىپ بويىچە تولدۇرىدۇ.

پارتىيەنىڭ يەرلىك ھەر دەرىجىلىك كومىتېتلىرىنىڭ ئومۇمىي يىغىنى ھەر يىلى كەم دېگەندە ئىككى قېتىم چاقىرىلىدۇ. پارتىيەنىڭ يەرلىك ھەر دەرىجىلىك كومىتېتلىرى قۇرۇلتاي ئېچىلمىغان مەزگىلدە يۇقىرى دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ يوليورۇقلىرىنى ۋە ئۆزى بىلەن تەڭ دەرىجىلىك پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ قارارلىرىنى ئىجرا قىلىدۇ، ئۆز جايىنىڭ خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىدۇ، پارتىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك كومىتېتلىرىغا ئۆز خىزمىتىدىن قەرەللىك دوكلات بېرىدۇ.

27-ماددا پارتىيەنىڭ يەرلىك ھەر دەرىجىلىك كومىتېتلىرىنىڭ ئومۇمىي يىغىنى دائىمىي كومىتېتنى ۋە شۇجى، مۇئاۋىن شۇجىلارنى سايلايدۇ ھەمدە ئۇنى يۇقىرى دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتىغا تەستىقلىتىدۇ. پارتىيەنىڭ يەرلىك ھەر دەرىجىلىك كومىتېتلىرىنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرى، كومىتېتنىڭ ئومۇمىي يىغىنلىرى ئارىلىقىدا كومىتېتنىڭ خىزمەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدۇ؛ كېلەر نۆۋەتلىك قۇرۇلتاي ئېچىلىپ، يېڭى دائىمىي كومىتېت ۋۇجۇدقا كەلگىچە دائىملىق خىزمەتلەرگە داۋاملىق رىياسەتچىلىك قىلىدۇ.پارتىيەنىڭ يەرلىك ھەر دەرىجىلىك كومىتېتلىرىنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرى كومىتېتنىڭ ئومۇمىي يىغىنىغا خىزمىتىدىن قەرەللىك دوكلات بېرىدۇ، ئۇنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىدۇ.

28-ماددا پارتىيەنىڭ ۋىلايەتلىك كومىتېتلىرى ۋە ۋىلايەتلىك كومىتېتقا تەڭ تەشكىلاتلىرى پارتىيەنىڭ ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتلىرىنىڭ بىرنەچچە ناھىيە، ئاپتونوم ناھىيە، شەھەر دائىرىسىدە تەسىس قىلغان ۋاكالەت ئورگىنى. ئۇ ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتلار بەرگەن ھوقۇققا بىنائەن، شۇ رايوننىڭ خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىدۇ.

5-باب پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى

29-ماددا كارخانا، يېزا، ئورگان، مەكتەپ، پەن تەتقىقات يۇرتى-ئورنى، كوچا-مەھەللە، ئىجتىمائىي تەشكىلات، خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ليەندۈيى ۋە باشقا ئاساسىي قاتلام ئورۇندا، ئۈچتىن ئارتۇق رەسمىي پارتىيە ئەزاسى بولسىلا، پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتى قۇرۇلۇشى كېرەك.

پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى خىزمەت ئېھتىياجىغا ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ سانىغا قاراپ، يۇقىرى دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ تەستىقى بىلەن، پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام كومىتېتىنى، باش ياچېيكا كومىتېتىنى، ياچېيكا كومىتېتىنى ئايرىم-ئايرىم تەسىس قىلىدۇ. ئاساسىي قاتلام كومىتېتىنى پارتىيە ئەزالىرى يىغىنى ياكى قۇرۇلتىيى سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلتۈرىدۇ، باش ياچېيكا كومىتېتى ۋە ياچېيكا كومىتېتىنى پارتىيە ئەزالىرى يىغىنى سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلتۈرىدۇ. ئەزا نامزاتىنى پارتىيە ئەزالىرى ۋە ئاممىدىن كەڭ كۆلەمدە پىكىر ئېلىش ئاساسىدا ئوتتۇرىغا قويۇش كېرەك.

30-ماددا پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام كومىتېتلىرىنىڭ ھەر نۆۋەتلىك ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئۈچ يىلدىن بەش يىلغىچە بولىدۇ، باش ياچېيكا كومىتېتى، ياچېيكا كومىتېتىنىڭ ھەر نۆۋەتلىك ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئىككى يىل ياكى ئۈچ يىل بولىدۇ. ئاساسىي قاتلام كومىتېتلار، باش ياچېيكا كومىتېتلىرى، ياچېيكا كومىتېتلىرىنىڭ شۇجى، مۇئاۋىن شۇجىلىرى سايلاپ چىقىلغاندىن كېيىن يۇقىرى دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىغا تەستىقلىتىلىشى كېرەك.

31-ماددا پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتى پارتىيەنىڭ جەمئىيەتتىكى ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىدىكى جەڭگىۋار قورغىنى، پارتىيەنىڭ بارلىق خىزمىتى ۋە جەڭگىۋارلىقىنىڭ ئاساسى. ئۇنىڭ ئاساسىي ۋەزىپىسى:

(1) پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىش ۋە ئىجرا قىلىش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ، يۇقىرى دەرىجىلىك تەشكىلاتلارنىڭ ۋە ئۆز تەشكىلاتىنىڭ قارارلىرىنى تەشۋىق قىلىش ۋە ئىجرا قىلىش، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق ۋە نەمۇنىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، مۇنەۋۋەر، ئىلغارلاردىن بولۇشقا پائال تىرىشىپ، پارتىيە ئىچى-سىرتىدىكى كادىرلار بىلەن ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۆز ئورنىغا يۈكلەنگەن ۋەزىپىلەرنى تىرىشىپ ئورۇنداش.

(2) پارتىيە ئەزالىرىنى ماركسىزم-لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى ۋە ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى، پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرى ۋە قارارلىرىنى، پارتىيەگە دائىر ئاساسىي بىلىملەرنى، پەن-مەدەنىيەت بىلىملىرىنى، قانۇن ۋە كەسپىي بىلىملەرنى ئەستايىدىل ئۆگىنىشكە ئۇيۇشتۇرۇش.

(3) پارتىيە ئەزالىرىنى تەربىيەلەش، باشقۇرۇش، نازارەت قىلىش ۋە پارتىيە ئەزالىرى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، پارتىيەۋىلىكىنى كۈچەيتىش، پارتىيەنىڭ تەشكىلىي تۇرمۇشىنى چىڭىتىش، تەنقىد ۋە ئۆز-ئۆزىنى تەنقىدنى قانات يايدۇرۇش، پارتىيە ئىنتىزامىنى قوغداش ۋە ئىجرا قىلىش، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئۆز مەجبۇرىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىشىغا نازارەتچىلىك قىلىش، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ھوقۇقىنىڭ دەخلى-تەرۇزگە ئۇچرىماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش. كۆچمە پارتىيە ئەزالىرىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش.

(4) ئامما بىلەن زىچ مۇناسىۋەت باغلاش، ئاممىنىڭ پارتىيە ئەزالىرى ۋە پارتىيەنىڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى تەنقىد ۋە پىكىرلىرىنى دائىم ئىگىلەپ تۇرۇش، ئاممىنىڭ ھەققانىي ھوقۇقى ۋە مەنپەئەتىنى قوغداش، ئاممىغا قارىتىلغان ئىدىيەۋى-سىياسىي خىزمەتنى ياخشى ئىشلەش.

(5) پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ۋە ئاممىنىڭ ئاكتىپلىقى، ئىجادكارلىقىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىق خادىملارنى بايقاپ، يېتىشتۈرۈپ ۋە كۆرسىتىپ، ئۇلارنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرى ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا ئۆزىنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى بېغىشلىشىغا ئىلھام بېرىش ۋە مەدەت بېرىش.

(6) پارتىيەگە كىرىشنى ئىلتىماس قىلغان ئاكتىپلارنى تەربىيەلەش ۋە يېتىشتۈرۈش، پارتىيەگە ئەزا قوبۇل قىلىش جەھەتتىكى دائىملىق خىزمەتنى ئوبدان ئىشلەش، ئىشلەپچىقىرىش، خىزمەتنىڭ بىرىنچى سېپىدىن ۋە ياشلار ئارىسىدىن پارتىيەگە ئەزا قوبۇل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش.

(7) پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ۋە باشقا ھەرقانداق خادىمنىڭ دۆلەت قانۇنىغا ۋە مەمۇرىي ئىنتىزامغا، دۆلەتنىڭ مالىيە-ئىقتىساد نىزاملىرىگە ۋە كادىرلار تۈزۈمىگە قاتتىق رىئايە قىلىشىغا، دۆلەتنىڭ، كوللېكتىپنىڭ ۋە ئاممىنىڭ مەنپەئەتىگە چاڭ سالماسلىقىغا نازارەتچىلىك قىلىش.

(8) ناچار خاھىشلارغا ئاڭلىق قارشى تۇرۇش، قانۇنغا خىلاپ ھەر خىل جىنايى قىلمىشلارغا قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىش توغرىسىدا پارتىيە ئەزالىرىغا ۋە ئاممىغا تەربىيە بېرىش.

32-ماددا پارتىيەنىڭ مەھەللە، يېزا، بازارلىق ئاساسىي قاتلام كومىتېتلىرى ۋە كەنت، مەھەللە تەشكىلاتلىرى ئۆز رايونىنىڭ خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىدۇ، مەمۇرىي تەشكىلاتلارنىڭ، ئىقتىسادىي تەشكىلاتلارنىڭ ۋە ئامما ئاپتونومىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۆز خىزمەت ھوقۇقىنى تولۇق يۈرگۈزۈشىگە مەدەت بېرىدۇ ۋە كاپالەتلىك قىلىدۇ.

پارتىيەنىڭ دۆلەت كارخانىلىرى ۋە كوللېكتىپ كارخانىلاردىكى ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى سىياسىي يادرولۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، خىزمەتنى كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشى، ئىگىلىك باشقۇرۇشىنى دەۋر قىلىپ قانات يايدۇرىدۇ. پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ فاڭجېن، سىياسەتلىرىنىڭ شۇ كارخانىلاردا ئىزچىللاشتۇرۇلۇشى، ئىجرا قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ ۋە نازارەتچىلىك قىلىدۇ؛ پايچىكلار يىغىنى، مۇدىرىيەت، نازارەتچىلىك ھەيئىتى ۋە دىرېكتور(زاۋۇت باشلىقى)نىڭ ئۆز خىزمەت ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈشىگە مەدەت بېرىدۇ؛ جان-دىل بىلەن ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئاممىسىغا تايىنىپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەر قۇرۇلتىيىنىڭ خىزمەتنى قانات يايدۇرۇشىغا مەدەت بېرىدۇ؛ كارخانىنىڭ چوڭ-چوڭ مەسىلىلەر ئۈستىدە تەدبىر بەلگىلىشىگە قاتنىشىدۇ؛ پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىدىيەۋى-سىياسىي خىزمەتكە، مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا ۋە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى قاتارلىق ئاممىۋى تەشكىلاتلارغا رەھبەرلىك قىلىدۇ.

پارتىيەنىڭ ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىقتىسادىي تەشكىلاتلاردىكى ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى، پارتىيەنىڭ فاڭجېن-سىياسەتلىرىنى ئىزچىللاشتۇرىدۇ، كارخانىلارنىڭ دۆلەتنىڭ قانۇن-نىزاملىرىغا ئەمەل قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ ۋە نازارەتچىلىك قىلىدۇ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى قاتارلىق ئاممىۋى تەشكىلاتلارغا رەھبەرلىك قىلىدۇ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە ئۇيۇشتۇرۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداپ، كارخانىلارنىڭ ساغلام راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

مەمۇرىي رەھبەر مەسئۇل بولۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلغان كەسپىي ئورۇنلاردىكى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى سىياسىي يادرولۇق رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ. پارتكوم رەھبەرلىكىدە مەمۇرىي رەھبەر مەسئۇل بولۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلغان كەسپىي ئورۇنلاردىكى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى چوڭ-چوڭ مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىدۇ ۋە قارار چىقىرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەمۇرىي رەھبەرنىڭ ئۆز خىزمەت ھوقۇقىنى تولۇق يۈرگۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.

ھەر دەرىجىلىك پارتىيە ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى مەمۇرىي مەسئۇللارنىڭ ۋەزىپىنى ئورۇندىشىغا، خىزمەتنى ياخشىلىشىغا ھەمكارلىشىدۇ، مەمۇرىي مەسئۇللارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر بىر پارتىيە ئەزاسى ئۈستىدىن نازارەتچىلىك قىلىدۇ، ئۆز ئورنىنىڭ كەسپىي خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلمايدۇ.

6-باب پارتىيە كادىرلىرى

33-ماددا پارتىيە كادىرلىرى پارتىيە ئىشلىرىنىڭ تايانچ كۈچى، خەلقنىڭ خىزمەتكارى. پارتىيە كادىرلارنى ئەخلاقلىق ھەم قابىلىيەتلىك، ئەخلاقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش پىرىنسىپى بويىچە تاللاپ ئۆستۈرىدۇ، ھەر يەردىن بولۇش، ياخشىلارنى ئىشقا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆز يېقىنلىرىنى ئىشقا قويۇشقا قارشى تۇرىدۇ، كادىرلار قوشۇنىنىڭ ئىنقىلابىيلىشىشى، ياشلىشىشى، زىيالىيلىشىشى ۋە ئىختىساسلىشىشىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

پارتىيە كادىرلارنى تەربىيەلەشكە، يېتىشتۈرۈشكە، تاللاپ ئۆستۈرۈشكە، باھالاشقا ۋە نازارەت قىلىشقا، بولۇپمۇ مۇنەۋۋەر ياش كادىرلارنى يېتىشتۈرۈش ۋە تاللاپ ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىدۇ. كادىرلار تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى پائال ئىلگىرى سۈرىدۇ.

پارتىيە ئايال كادىرلارنى ۋە ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىنى يېتىشتۈرۈشكە ۋە تاللاپ ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىدۇ.

34-ماددا پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلىرى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ مۇشۇ نىزامنامىنىڭ 3-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيەتلىرىنى نەمۇنىلىك بىلەن ئادا قىلىشى ھەمدە تۆۋەندىكى ئاساسىي شەرتلەرنى ھازىرلىشى كېرەك:

(1) ئۆز بۇرچىنى ئادا قىلىشتا زۆرۈر بولغان ماركسىزم-لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى ۋە دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى سەۋىيەسىگە ئىگە بولۇش، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى باشلامچىلىق بىلەن ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ماركسىزملىق مەيدان، نۇقتىئىنەزەر، ئۇسۇل بىلەن تەھلىل قىلىش ۋە ھەل قىلىشقا تىرىشىش، ئۆگىنىشكە ئەھمىيەت بېرىش، سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىش، توغرا كەيپىياتقا ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇش، ھەر خىل بوران-چاپقۇننىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرىش.

(2) كوممۇنىستىك ئۇلۇغۋار غايىگە ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك چىڭ ئېتىقادقا ئىگە بولۇش، پارتىيەنىڭ ئاساسىي لۇشيەنى ۋە تۈرلۈك فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى قەتئىي ئىجرا قىلىش، ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشكە ئىرادە باغلاش، ئۆزىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ئىشلىرىغا بېغىشلاش، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشتا جاپاغا چىداپ ئىگىلىك تىكلەش، توغرا نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇپ، ئەمەلىيەت، خەلق، تارىخنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ئەمەلىي نەتىجە يارىتىش.

(3) قەتئىي ئېغىشماي ئىدىيەدە ئازاد بولۇش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىش، ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، پارتىيەنىڭ فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى ئۆز رايونىنىڭ، ئۆز تارمىقىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈش، خىزمەتنى ئۈنۈملۈك قانات يايدۇرۇش، راست گەپ قىلىش، ئەمەلىي ئىش قىلىش، ھەقىقىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا تىرىشىش، شەكىلۋازلىققا قارشى تۇرۇش.

(4) كۈچلۈك ئىنقىلابىي كەسىپچانلىققا ۋە سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىققا، ئەمەلىي تەجرىبىگە ئىگە بولۇش، رەھبەرلىك خىزمىتىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىدىغان تەشكىلاتچىلىق ئىقتىدارىغا، مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ۋە كەسپىي بىلىمگە ئىگە بولۇش.

(5) خەلق بەرگەن ھوقۇقنى توغرا ئىشلىتىش، پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇش، قانۇن بويىچە ئىش قىلىش، پاك-دىيانەتلىك بولۇش، خەلق ئۈچۈن تىرىشىپ ئىشلەش، ئۆز ئەمەلىيىتىدە ئۈلگە كۆرسىتىش، جاپاغا چىداپ ئىشلەش، ئاددىي-ساددا ياشاش، ئامما بىلەن زىچ مۇناسىۋەت باغلاش، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىدە چىڭ تۇرۇش، پارتىيە بىلەن ئاممىنىڭ تەنقىد ۋە نازارىتىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىش، ئەخلاقىي تەربىيەلىنىشنى كۈچەيتىش، پارتىيەۋىلىككە، ئەخلاققا ئەھمىيەت بېرىش، ئۈلگە بولۇش، ئۆزىنى قەدىرلەش، ئۆزى ئۈستىدە ئويلىنىش، ئۆزىنى ئاگاھلاندۇرۇش، ئۆزىنى رىغبەتلەندۈرۈش تەلىپىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، بىيۇروكراتلىققا قارشى تۇرۇش، خىزمەت ھوقۇقىنى كەلسە-كەلمەس ئىشلىتىدىغان، ئۆز نەپسىگە چوغ تارتىدىغان ناتوغرا ئىستىللارنىڭ ھەرقاندىقىغا قارشى تۇرۇش.

(6) پارتىيەنىڭ دېموكراتىيە-مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش ۋە قوغداش، دېموكراتىيە ئىستىلى ۋە ئومۇمىيەت كۆز قارىشىغا ئىگە بولۇش، يولداشلار بىلەن، جۈملىدىن ئۆزى بىلەن بىر پىكىردە بولمىغان يولداشلار بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، بىللە ئىشلەشكە ماھىر بولۇش.

35-ماددا پارتىيەلىك كادىرلار پارتىيەسىز كادىرلار بىلەن ھەمكارلىشىپ بىللە ئىشلەشكە ماھىر بولۇشى، ئۇلارغا ھۆرمەت قىلىشى، ئۇلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى كەمتەرلىك بىلەن ئۆگىنىشى لازىم.پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك تەشكىلاتلىرى ھەقىقىي قابىلىيەتلىك ۋە بىلىملىك پارتىيەسىز كادىرلارنى بايقاشقا ۋە رەھبەرلىك خىزمىتىنى ئۆتەشكە كۆرسىتىشكە ماھىر بولۇشى، ئۇلارنىڭ خىزمىتىمۇ، ھوقۇقىمۇ بولۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.36-ماددا پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلىرىدىن دېموكراتىك يول بىلەن سايلانغانلارنىڭ ۋەزىپىسىمۇ، رەھبىرىي ئورگانلار تەيىنلىگەنلەرنىڭ ۋەزىپىسىمۇ باقىۋەندە ئەمەس، ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسىنى ئۆزگەرتىشكە ياكى ئۇلارنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇشقا بولىدۇ.يېشى ۋە سالامەتلىكى داۋاملىق ئىشلەشكە يار بەرمەيدىغان كادىرلار دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە پېنسىيەگە، دەم ئېلىشقا چىقىشى لازىم.

7-باب پارتىيە ئىنتىزامى

37-ماددا پارتىيە ئىنتىزامى پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك تەشكىلاتلىرى ۋە بارلىق ئەزالىرى رىئايە قىلىشى شەرت بولغان ھەرىكەت قائىدىسى، پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە بىرلىكىنى قوغداش، پارتىيەنىڭ ۋەزىپىلىرىنى ئورۇنداشنىڭ كاپالىتى. پارتىيە تەشكىلاتلىرى پارتىيە ئىنتىزامىنى قاتتىق ئىجرا قىلىشى ۋە قوغدىشى، كومپارتىيە ئەزالىرى ئۆزىنى پارتىيە ئىنتىزامى بىلەن ئاڭلىق تىزگىنلەپ تۇرۇشى شەرت.

38-ماددا پارتىيە تەشكىلاتلىرى پارتىيە ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلغان پارتىيە ئەزالىرىغا ئۆتمۈشتىكىدىن ساۋاق ئېلىپ، كېيىنكىگە ئىبرەت قىلىش، كېسەلنى داۋالاپ، ئادەمنى قۇتقۇزۇش روھى بويىچە، خاتالىقىنىڭ خاراكتېرىگە ۋە قىلمىشىنىڭ ئېغىر-يېنىكلىكىگە قاراپ، تەنقىد-تەربىيە بېرىشى، ھەتتا ئىنتىزام جازاسى بېرىشى كېرەك.

جىنايى ئىشلار قانۇنىغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغان پارتىيە ئەزالىرىنى جەزمەن پارتىيەدىن چىقىرىش كېرەك. پارتىيە ئىچىدە پارتىيە ئەزالىرىغا پارتىيە نىزامنامىسىگە ۋە دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ ۋاسىتىلەر بىلەن مۇئامىلە قىلىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ، زەربە بېرىپ ئۆچ ئېلىش ۋە قارا چاپلاپ زىيانكەشلىك قىلىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. مۇشۇ بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلغان تەشكىلاتلار ياكى شەخسلەرنى پارتىيە ئىنتىزامى ۋە دۆلەت قانۇنى بويىچە سۈرۈشتۈرۈش كېرەك.

39-ماددا پارتىيەنىڭ ئىنتىزام جازاسى بەش خىل بولىدۇ: ئاگاھلاندۇرۇش، قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش، پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش، پارتىيەدە قالدۇرۇپ سىناش ۋە پارتىيەدىن چىقىرىش.

پارتىيەدە قالدۇرۇپ سىناش ۋاقتى ئەڭ ئۇزاق بولغاندا ئىككى يىلدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. پارتىيە ئەزاسىنىڭ پارتىيەدە قالدۇرۇپ سىناش مەزگىلىدە ئاۋاز بېرىش ھوقۇقى، سايلاش ھوقۇقى ۋە سايلىنىش ھوقۇقى بولمايدۇ. پارتىيە ئەزاسى پارتىيەدە قالدۇرۇپ سىناش داۋامىدا خاتالىقىنى ھەقىقەتەن تۈزەتكەن بولسا، ئۇنىڭ پارتىيە ئەزاسىغا خاس ھوقۇقى ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈشى كېرەك؛ تۈزەتمەي خاتالىقىدا چىڭ تۇرۇۋالسا، پارتىيەدىن چىقىرىلىشى لازىم.

پارتىيەدىن چىقىرىش پارتىيە ئىچىدىكى ئەڭ يۇقىرى جازا. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى پارتىيە ئەزاسىنى پارتىيەدىن چىقىرىشنى قارار قىلىش ياكى تەستىقلاشتا، ئالاقىدار ماتېرىيال ۋە پىكىرلەر ئۈستىدە ئەتراپلىق مۇھاكىمە يۈرگۈزۈشى، ئىنتايىن ئېھتىياتچان پوزىتسىيەدە بولۇشى كېرەك.

40-ماددا پارتىيە ئەزاسىغا بېرىلىدىغان ئىنتىزام جازاسى ياچېيكا يىغىنىنىڭ مۇزاكىرىسى ئارقىلىق قارار قىلىنىشى ۋە پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام كومىتېتىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈلۈشى شەرت؛ ئەگەر چېتىلىدىغان مەسىلىلەر بىرقەدەر مۇھىم ياكى مۇرەككەپ بولسا ۋە ياكى پارتىيە ئەزاسىغا پارتىيەدىن چىقىرىش جازاسى بېرىشكە توغرا كەلسە، ئوخشاش بولمىغان ئەھۋالغا قاراپ، پارتىيەنىڭ ناھىيە دەرىجىلىك ياكى ناھىيەدىن يۇقىرى دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىغا تەستىقلىتىش لازىم. ئالاھىدە ئەھۋالدا، پارتىيەنىڭ ناھىيە دەرىجىلىك ۋە ناھىيەدىن يۇقىرى ھەر دەرىجىلىك كومىتېتلىرى ھەم ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى پارتىيە ئەزاسىغا ئىنتىزام جازاسى بېرىشنى بىۋاسىتە قارار قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك كومىتېتلىرىنىڭ ئەزالىرىغا، كاندىدات ئەزالىرىغا پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش، پارتىيەدە قالدۇرۇپ سىناش ياكى پارتىيەدىن چىقىرىش جازاسى بېرىشنى شۇ كىشى ئەزا بولغان كومىتېتنىڭ ئومۇمىي يىغىنى ئۈچتىن ئىككى قىسىمدىن ئارتۇق ئاۋاز بىلەن قارار قىلىشى شەرت. ئالاھىدە ئەھۋالدا، ئاۋۋال مەركىزىي كومىتېتنىڭ سىياسىي بىيۇروسى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك كومىتېتلارنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرى بىر تەرەپ قىلىش قارارىنى چىقارسا، ئۇنى كومىتېتنىڭ ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلغاندا ئېتىراپ قىلسا بولىدۇ. يەرلىك ھەر دەرىجىلىك كومىتېتلارنىڭ ئەزالىرى ۋە كاندىدات ئەزالىرىغا بېرىلىدىغان يۇقىرىدىكى جازا ئۆزىدىن بىر دەرىجە يۇقىرى پارتىيە كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈپ تەستىقلىشىدىن ئۆتكۈزۈلۈشى شەرت.مەركىزىي كومىتېتنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنىغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغان ئەزالىرى ۋە كاندىدات ئەزالىرىنى پارتىيەدىن چىقىرىشنى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى قارار قىلىدۇ؛ يەرلىك ھەر دەرىجىلىك كومىتېتلارنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنىغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغان ئەزالىرى ۋە كاندىدات ئەزالىرىنى پارتىيەدىن چىقىرىشنى شۇ دەرىجىلىك كومىتېتلارنىڭ دائىمىي كومىتېتى قارار قىلىدۇ.

41-ماددا پارتىيە تەشكىلاتى پارتىيە ئەزاسىغا جازا بېرىشنى قارار قىلىشتا، پاكىتنى ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش ئاساسىدا تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشى لازىم. جازا قارارىدا ئاساس قىلىنغان پاكىت ماتېرىياللىرىنى ۋە جازا قارارىنى جازالانغۇچىغا كۆرسىتىپ، ئۇنىڭ ئەھۋال توغرىسىدىكى ئىزاھلىرىنى ۋە ئۆزىنى ئاقلاش پىكرىنى ئاڭلىشى كېرەك. جازالانغۇچى جازا قارارىغا قايىل بولمىسا، ئەرز قىلسا بولىدۇ، مۇناسىۋەتلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ئەرزنى مەسئۇللۇق بىلەن بىر تەرەپ قىلىشى ياكى باستۇرۇپ قويماي يۇقىرىغا تېز يەتكۈزۈپ بېرىشى شەرت. خاتا پىكىردە ۋە يولسىز تەلەپتە چىڭ تۇرۇۋالغان كىشىلەرگە تەنقىد-تەربىيە بېرىش لازىم.

42-ماددا پارتىيە تەشكىلاتى پارتىيە ئىنتىزامىنى قوغداش جەھەتتە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلسا، سۈرۈشتە قىلىنىشى شەرت.پارتىيە ئىنتىزامىغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغان ھەم ئۆزى تۈزىتەلمەيدىغان پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى ئۆزىدىن بىر دەرىجە يۇقىرى پارتىيە كومىتېتى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىغاندىن كېيىن، ئەھۋالنىڭ ئېغىرلىق دەرىجىسىگە قاراپ، شۇ تەشكىلاتنى ئۆزگەرتىپ تەشكىللەش ياكى تارقىتىۋېتىش توغرىسىدا قارار چىقىرىشى ھەمدە ئۆزىدىن يەنە بىر دەرىجە يۇقىرى پارتىيە كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈپ تەستىقلىشىدىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، رەسمىي ئېلان قىلىپ ئىجرا قىلىشى كېرەك.

8-باب پارتىيەنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئورگانلىرى

43-ماددا پارتىيەنىڭ مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە ئىشلەيدۇ. پارتىيەنىڭ يەرلىك ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى ۋە ئاساسىي قاتلام ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى ئۆزى بىلەن تەڭ دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى بىلەن يۇقىرى دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرىنىڭ قوش رەھبەرلىكىدە ئىشلەيدۇ.

پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرىنىڭ ھەر نۆۋەتلىك ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئۆزى بىلەن تەڭ دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرىنىڭكى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ.

پارتىيەنىڭ مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئومۇمىي يىغىنى دائىمىي كومىتېتنى ۋە شۇجى، مۇئاۋىن شۇجىلارنى سايلايدۇ ھەمدە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا تەستىقلىتىدۇ. پارتىيەنىڭ يەرلىك ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرىنىڭ ئومۇمىي يىغىنى دائىمىي كومىتېتنى ۋە شۇجى، مۇئاۋىن شۇجىلارنى سايلايدۇ ھەمدە ئۆزى بىلەن تەڭ دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتكۈزۈپ، يۇقىرى دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتىغا تەستىقلىتىدۇ. پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام كومىتېتلىرىنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى تەسىس قىلىشى ياكى ئىنتىزام تەكشۈرۈش ھەيئەت ئەزاسى قويۇشىنى ئۆزىدىن بىر دەرىجە يۇقىرى پارتىيە تەشكىلاتى كونكرېت ئەھۋالغا قاراپ بەلگىلەيدۇ. پارتىيەنىڭ باش ياچېيكا كومىتېتى ۋە ياچېيكا كومىتېتى ئىنتىزام تەكشۈرۈش ھەيئەت ئەزاسى قويىدۇ.

پارتىيەنىڭ مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى خىزمەت ئېھتىياجىغا قاراپ، مەركەز دەرىجىلىك پارتىيە ۋە دۆلەت ئورگانلىرىغا پارتىيە ئىنتىزام تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ياكى ئىنتىزام تەكشۈرگۈچى ئەۋەتسە بولىدۇ. ئىنتىزام تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ياكى ئىنتىزام تەكشۈرگۈچى پارتىيەنىڭ شۇ ئورگاندىكى رەھبىرىي تەشكىلاتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك يىغىنلىرىغا سىرتتىن قاتناشسا بولىدۇ. ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى پارتىيەنىڭ شۇ ئورگاندىكى رەھبىرىي تەشكىلاتى قوللىشى شەرت.

44-ماددا پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرىنىڭ ئاساسىي ۋەزىپىسى: پارتىيە نىزامنامىسىنى ۋە پارتىيەنىڭ باشقا ئىچكى نىزاملىرىنى قوغداش، پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرى ۋە قارارلىرىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش، پارتىيە كومىتېتىنىڭ پارتىيە ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشىگە ياردەملىشىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىگە تەشكىلاتچىلىق قىلىش ۋە ئۇنى ماسلاشتۇرۇش.

ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى پارتىيە ئەزالىرىغا ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش توغرىسىدا دائىم تەربىيە بېرىدۇ، پارتىيە ئىنتىزامىنى قوغداشقا دائىر بەلگىلىمىلەرنى چىقىرىدۇ؛ پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ھوقۇق يۈرگۈزۈشى ئۈستىدىن نازارەتچىلىك قىلىدۇ؛ پارتىيە تەشكىلاتى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ پارتىيە نىزامنامىسىگە ۋە پارتىيەنىڭ باشقا ئىچكى نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلغانلىقىغا دائىر بىر قەدەر مۇھىم ياكى مۇرەككەپ دېلولارنى تەكشۈرىدۇ ۋە بىر تەرەپ قىلىدۇ، شۇ دېلولاردىكى پارتىيە ئەزالىرىغا بېرىلىدىغان جازانى قارار قىلىدۇ ياكى بىكار قىلىدۇ؛ پارتىيە ئەزالىرىنىڭ شىكايىتىنى ۋە ئەرزىنى قوبۇل قىلىدۇ؛ پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ھوقۇقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ.

ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى ئالاھىدە مۇھىم ياكى مۇرەككەپ دېلولارنى بىر تەرەپ قىلىشتا ئۇچرىغان مەسىلىلەرنى ۋە بىر تەرەپ قىلىش نەتىجىسىنى ئۆزى بىلەن تەڭ دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرىغا مەلۇم قىلىشى كېرەك. پارتىيەنىڭ يەرلىك ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى ۋە ئاساسىي قاتلام ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى بۇنداق مەلۇماتنى يۇقىرى دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىغىمۇ بىرلا ۋاقىتتا يوللىشى لازىم.

ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى ئۆزى بىلەن تەڭ دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرىنىڭ ئەزالىرىدا پارتىيە ئىنتىزامىغا خىلاپ ھەرىكەتنىڭ بارلىقىنى سەزسە، ئاۋۋال دەسلەپكى قەدەمدە ئېنىقلاپ چىقسا بولىدۇ، دېلو ئېچىپ تەكشۈرۈشكە توغرا كەلسە، ئۆزى بىلەن تەڭ دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتىغا تەستىقلىتىشى، دائىمىي كومىتېت ئەزالىرىغا چېتىلغانلىرىنى ئۆزى بىلەن تەڭ دەرىجىلىك كومىتېتقا يوللىغاندىن كېيىن، ئۆزىدىن بىر دەرىجە يۇقىرى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىغا تەستىقلىتىشى كېرەك.

45-ماددا يۇقىرى دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى تۆۋەن دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ خىزمىتىنى تەكشۈرۈشكە ھەمدە تۆۋەن دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ دېلو توغرىسىدا چىقارغان قارارىنى تەستىقلاش ۋە ئۆزگەرتىشكە ھوقۇقلۇق. شۇ تۆۋەن دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئۆزگەرتمەكچى بولغان قارارى ئۇنىڭ ئۆزى بىلەن تەڭ دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈلگەن بولسا، بۇنداق ئۆزگەرتىشنى ئۇنىڭدىن بىر دەرىجە يۇقىرى پارتىيە كومىتېتىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈش شەرت.

پارتىيەنىڭ يەرلىك ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى ۋە ئاساسىي قاتلام ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى ئۆزى بىلەن تەڭ دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرىنىڭ دېلونى بىر تەرەپ قىلىش قارارىغا باشقىچە پىكرى بولسا، ئۆزىدىن بىر دەرىجە يۇقىرى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ قايتا تەكشۈرۈشىنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ؛ ئۆزى بىلەن تەڭ دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ ياكى ئۇنىڭ ئەزالىرىنىڭ پارتىيە ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلىش ئەھۋالى سېزىلگەن، ئۇنى ئۆزى بىلەن تەڭ دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ھەل قىلمىغان ياكى توغرا ھەل قىلمىغان بولسا، يۇقىرى دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىغا ئەرز سۇنۇپ، بىر تەرەپ قىلىش ھەققىدە ياردەم سوراشقا ھوقۇقلۇق.

9-باب پارتگۇرۇپپىلار

46-ماددا مەركەز ۋە جايلاردىكى دۆلەت ئورگانلىرى، خەلق تەشكىلاتلىرى، ئىقتىسادىي تەشكىلاتلار، مەدەنىيەت تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋە باشقا پارتىيەسىز تەشكىلاتلارنىڭ رەھبىرىي ئورگانلىرىدا پارتگۇرۇپپا قۇرۇلسا بولىدۇ. پارتگۇرۇپپا رەھبەرلىك يادروسىغا خاس رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ. پارتگۇرۇپپىنىڭ ۋەزىپىسى ئاساسەن پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئىجرا قىلىشقا مەسئۇل بولۇش؛ ئۆز ئورنىنىڭ چوڭ-چوڭ مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلىش ۋە قارار چىقىرىش؛ كادىرلارنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش؛ پارتىيە سىرتىدىكى كادىرلار ۋە ئامما بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت تاپشۇرغان ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداش؛ ئورگانلار ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلاردىكى پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش.

47-ماددا پارتگۇرۇپپا تەركىبىدىكىلەرنى شۇ پارتگۇرۇپپىنىڭ قۇرۇلۇشىنى تەستىقلىغان پارتىيە تەشكىلاتى قاراردىن ئۆتكۈزىدۇ. پارتگۇرۇپپىغا شۇجى قويۇلىدۇ، زۆرۈر تېپىلغاندا مۇئاۋىن شۇجىلار قويۇلسىمۇ بولىدۇ.

پارتگۇرۇپپىلار ئۆزىنىڭ قۇرۇلۇشىنى تەستىقلىغان پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىكىگە بويسۇنۇشى شەرت.

48-ماددا قارىمىقىدىكى ئورۇندا مەركەزلەشكەن بىر تۇتاش رەھبەرلىكنى يولغا قويغان دۆلەت خىزمەت تارماقلىرى پارتكوم قۇرسا بولىدۇ، پارتكومنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىش چارىسى، خىزمەت ھوقۇقى ۋە خىزمەت ۋەزىپىسىنى مەركىزىي كومىتېت ئايرىم بەلگىلەيدۇ.

10-باب پارتىيە بىلەن كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ مۇناسىۋىتى

49-ماددا جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ئىلغار ياشلارنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتى، كەڭ ياشلارنىڭ ئەمەلىيەت داۋامىدا جۇڭگوچە سوتسيالىزم ۋە كوممۇنىزمنى ئۆگىنىش مەكتىپى، پارتىيەنىڭ ياردەمچىسى ۋە زاپاس قوشۇنى. كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە بولىدۇ. كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ يەرلىك ھەر دەرىجىلىك تەشكىلاتلىرى ئۆزى بىلەن تەڭ دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرىنىڭ، شۇنداقلا يۇقىرى دەرىجىلىك كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىكىدە بولىدۇ.

50-ماددا پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك كومىتېتلىرى كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىغا بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ئىتتىپاق كادىرلىرىنى تاللاپ ئۆستۈرۈش ۋە تەربىيەلەشكە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. پارتىيە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ ئۆز خىزمىتىنى كەڭ ياشلارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ۋە ئېھتىياجىغا قاراپ، جۇشقۇن، ئىجادىي ئىشلەپ، ئىتتىپاقنىڭ زەربىدار ئەترەتلىك رولىنى ۋە كەڭ ياشلار بىلەن مۇناسىۋەت باغلاشتىكى كۆۋرۈكلۈك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشىنى قەتئىي قوللىشى لازىم.

ئىتتىپاقنىڭ ناھىيە دەرىجىلىك ۋە ناھىيەدىن تۆۋەن ھەر دەرىجىلىك كومىتېتلىرىنىڭ شۇجىلىرى، كارخانىلار ۋە كەسپىي ئورۇنلاردىكى ئىتتىپاق كومىتېتلىرىنىڭ شۇجىلىرى پارتىيە ئەزاسى بولسا، پارتىيەنىڭ شۇ دەرىجىلىك كومىتېتىنىڭ ۋە دائىمىي كومىتېتىنىڭ يىغىنلىرىغا سىرتتىن قاتناشسا بولىدۇ.

11-باب پارتىيە بەلگىسى، پارتىيە بايرىقى

51-ماددا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيە بەلگىسى ئورغاق ۋە بولقىدىن تەركىب تاپقان سىزما نۇسخا.

52-ماددا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيە بايرىقى يۈزىگە پارتىيە بەلگىسىنىڭ ئالتۇن سېرىق سىزما نۇسخىسى چۈشۈرۈلگەن قىزىل بايراق.

53-ماددا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيە بەلگىسى ۋە پارتىيە بايرىقى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ سىمۋولى ۋە نامايەندىسى. پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك تەشكىلاتلىرى، ھەربىر پارتىيە ئەزاسى پارتىيە بەلگىسى ۋە پارتىيە بايرىقىنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى قوغدىشى لازىم. پارتىيە بەلگىسى ۋە پارتىيە بايرىقىنى بەلگىلىمە بويىچە ياساش ۋە ئىشلىتىش كېرەك. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏