چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش كورلا توغراق ئورمان ئارامگاھى ئېلىمىزدىكى ئەڭ ئۇزۇن ئىچكى قۇرۇقلۇق دەرياسى تارىم دەرياسى بۇيىغا جايلاشقان.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :كورلا توغراق ئورمان ئارامگاھى

خەنزۇچە نامى :库尔勒胡杨林度假村

جۇغراپىيەلىك ئورنى :شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ كورلا شەھىرى

ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى :333 گېكتار

قۇرۇقلۇق يەر كۆلىمى :30 كۋادرات كىلومېتىر

كۆل يۈزى :40 كۋادرات كىلومېتىر

تونۇشتۇرۇلىشى 

3پارچەكورلا توغراق ئورمان ئارامگاھىكورلا توغراق ئورمان ئارامگاھى ئېلىمىزدىكى ئەڭ ئۇزۇن ئىچكى قۇرۇقلۇق دەرياسى تارىم دەرياسىغا جايلاشقان، دۇنيادىكى بىردىنبىر ئەڭ چوڭ ئىپتىدائىي توغراق ئورمان مۇھاپىزەت رايونى. پۈتۈن دۇنيادىكى توغراق ئورمىنىنىڭ %10 جۇڭگودا، جۇڭگودىكى توغراق ئورمىنىنىڭ %90 ى تارىم دەرياسى بويىدا، توغراق 135 مىليون يىل بۇرۇن پەيدا بولغان، «ئۈچىنچى دەۋر تىرىك قاتما» دەپ ئاتالغان بولۇپ، دۇنيا بويىچە ئەڭ قەدىمكى بىر خىل تېرەك. 

قۇملۇقتىكى باغچا ئاساسلىقى توغراقتىن تەركىب تاپقان، 1993-يىلى تارىم دەرياسى بويىدا دۆلىتىمىزنىڭ تۇنجى قۇملۇقتىكى توغراق ئورمان باغچىسى قۇرۇلغان، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 333 گېكتار. قۇملۇق تاشيولى باغچىنىڭ مەركىزىدىن بىۋاستە ئۆتىدۇ. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏