چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش چېن باۋگو 1956-يىلى بېيجىڭ دا تۇغۇلغان، 1977-يىلى مەركىزى تىياتىر ئىنستىتۇتى ئاكتيورلۇق فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن، دۆلەتلىك 1-دەرىجىلىك ئارتىس. جۇڭگو تېلېۋىزىيە سەنئەتكارلىرى جەمئىيىتىنىڭ ئارتىسلىق خىزمىتى كومىتېتىنىڭ پەخرىي باشلىقى، جۇڭگو رادىئو تېلېۋىزىيە جەمئىيىتى تېلېۋىزىيە تىياتىرى ئارتىس كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى :چېن باۋگو

خەنزۇچە ئاتىلىشى :陈宝国

دۆلەت تەۋەلىكى :جۇڭگو

مىللىتى :خەنزۇ

يۇرتى :بېيجىڭ

تۇغۇلغان ۋاقتى :1956-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى

يۇلتۇز تۈركۈمى :ھوت يۇلتۇز تۈركۈمى

بوي ئېگىزلىكى :178 سانتىمېتىر

قان تىپى :A تىپلىق

كەسپى :ئاتىس

پۈتتۈرگەن مەكتىپى :مەركىزى تىياتىر ئىنىستىتۇتى

توختاملاشقان شىركەت :جۇڭگو مەدەنىيىتى تارقىتىش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى

ۋەكىللىك ئەسىرى :قورۇ ئىشىكى، خەن ۋۇدانىڭ پادىشاھى، دا مىڭ سۇلالىسى 1566-يىلى، چايخانا، دېھقانلار، مىكون دەرياسى چوڭ دېلوسى.

مۇكاپات-نەتىجىلىرى :2-نۆۋەتلىك جۇڭگو تېلېۋىزىيە ئالتۇن بۈركۈت مۇكاپاتىنىڭ ئەڭ ياخشى ئەر باش رولچى مۇكاپاتىغا؛ 3-نۆۋەتلىك جۇڭگو تېلېۋىزىيە تىياتىرى فېيتيەن مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇنەۋۋەر ئەر ئارتىس مۇكاپاتىغا؛ 21-نۆۋەتلىك شاڭخەي تېلېۋىزىيە بايرىمى مۇكاپاتى بويىچە ئەڭ ياخشى ئەر باش رولچى مۇكاپاتىغا؛ 16-نۆۋەتلىك جۇڭگو تېلېۋىزىيە تىياتىرى فېيتيەن مۇكاپاتىنى تارقىتىش ئەڭ ياخشى ئەر يانداش رولچى مۇكاپاتىغا؛ 27-نۆۋەتلىك جۇڭگو تېلېۋىزىيە تىياتىرى فېيتيەن مۇكاپاتىنى تارقىتىشتا كۆزگە كۆرۈنگەن تۆھپىكار سەنئەتكار مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

ئويۇن قويۇش تارىخى 

9پارچەچېن باۋگو1977-يىلى، چېن باۋگو مەركىزىي تىياتىر ئىنستىتۇتى ئاكتيورلۇق فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن. 1979-يىلى تۇنجى دراما «گېزىت ساتقۇچى بالا دا رول ئالغان. 1981-يىلى ئۇ تۇنجى كىنو «دادۇخې دەرياسىدىن ئۆتۈش»تە باش رول ئالغان. 

1981-يىلى، تۇنجى تېلۋىزىيە تىياتىرى، ۋاڭ فۇلىن رېژىسسورلۇق قىلغان، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى كۆرسەتكەن تىياتىرلىرىدا باش رول ئالغان، شۇ رولنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو تېلېۋىزىيە ئالتۇن بۈركۈت مۇكاپاتىنىڭ ئەڭ ياخشى ئەر باش رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ھەمدە يېڭى جۇڭگودىكى تۇنجى ئەۋلاد ياش مەبۇدقا ئايلانغان. 

1990-يىلى، ۋەقەلىك فىلىمى «كونا دۇكان» ناملىق فىلىمدە چۈەنجۈدې، ياڭ مىڭلار ئۇ فىلىمدە بىر تۈرلۈك ئازاب-ئوقۇبەت فېئودال سودىگەرنىڭ ئوبرازىنى سۈرەتلەپ بەرگەن، بۇ فىلىمدە 3-نۆۋەتلىك جۇڭگو كىنو ئاكتيورلۇق ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئالتۇن سۇمرۇغ مۇكاپاتى ئويۇن ئىلمىي جەمئىيىتى مۇكاپاتى، 11-نۆۋەتلىك جۇڭگو كىنو ئالتۇن خوراز مۇكاپاتىنىڭ ئەڭ ياخشى ئەر باش رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 

1992–يىلى، تېلېۋىزىيە تىياتىرى «شىمالىي دېڭىز ئارمىيەسى» دېگەن فىلىمدە مىللىي قەھرىمانى دېڭ شىچاڭنىڭ رولىنى ئالغان.

1995-يىلى، ليۇ شياۋچىڭ بىلەن ھەمكارلىشىپ رول ئالغان تېلېۋىزىيە تىياتىرى «ۋۇ زېتيەن»دا ئىقتىدارسىز تاڭ گاۋزۇڭنىڭ رولىنى ئالغان؛ شۇ يىلى ئايالى جاۋ كۈيئې بىلەن بىللە تېلېۋىزىيە تىياتىرى «دادام ئاپام»دا رول ئالغان، 16-نۆۋەتلىك جۇڭگو تېلېۋىزىيە تىياتىرى فېيتيەن مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمىدا ئەڭ ياخشى ئەر يانداش رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 

1996-يىلى شۇ ناملىق درامما ئاساسەن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن تېلېۋىزىيە تىياتىرى، « شاۋجىڭ كوچىسى» فلىمىدە رول ئالغان.

1999-يىلى، تېلېۋىزىيە تىياتىرى «پاكىت»تا باش رول ئالغان ھەمدە تېلېۋىزىيە تىياتىرى «قىزىل قىيا» تىياتىرلىرىدا شۈ پېڭفېينىڭ سەلبىي رولىنى ئالغان.

5پارچەچېن باۋگو2000-يىلى گو باۋچاڭ رېژىسسورلۇق قىلغان «چوڭ قورو دەرۋازىسى»دا خاسلىق تەلەپ قىلىدىغان رولنى ئالغان، مۇھەببەتمۇ نەپرەتمۇ بار، كۈچلۈك قارشىلىق كۆرسىتىش روھىغا ئىگە بولغان بەي جىڭچىنىڭ رولىنى ئېلىپ، 2001-يىلىدىكى يىللىق مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى قانىلىدا ئالتۇن ۋاقىتتا تاماشىبىنلار ئەڭ ياقتۇرىدىغان مۇنەۋۋەر تېلېۋىزىيە تىياتىرى ئارتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 

2001-يىلى، بوران-چاپقۇن قەدىمكى دېلو جىنايى ئىشلار رازۋېدكا تىياتىرى «مەرۋايىت»داباش رول ئالغان. 

2002-يىلى، تېلېۋىزىيە تىياتىرى «ج خ ئىدارە باشلىقى»دا باش رول ئالغان، 21-نۆۋەتلىك جۇڭگو تېلېۋىزىيە ئالتۇن بۈركۈت مۇكاپاتىنىڭ تاماشىبىنلار ئەڭ ياقتۇرىدىغان ئەر ئارتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 

2003-يىلى، گو باۋچاڭ رېژىسسورلۇق قىلغان ئىككىنچى تېلېۋىزىيە تىياتىرى «چوڭ قورو دەرۋازىسى» فىلىمىدە ياشانغانلار دەۋرىدىكى بەي جىڭچىنىڭ رولىنى ئالغان. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏