چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش سۈن خۇڭلېي 1970-يىلى 8-ئاينىڭ 16-كۈنى خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ خاربىن شەھىرىدە تۇغۇلغان، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئەر ئارتىسى، مەركىزىي تىياتىر ئىنستىتۇتى ئاكتيورلۇق فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى :سۈن خۇڭلېي

خەنزۇچە ئاتىلىشى :孙红雷

باشقا نامى :三狼、红雷、小雷

دۆلەت تەۋەلىكى :جۇڭگو

مىللىتى :خەنزۇ

يۇرتى :خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ خاربىن شەھىرى

تۇغۇلغان ۋاقتى :1970-يىلى 8-ئاينىڭ 16-كۈنى

يۇلتۇز تۈركۈمى :ئارسلانلىق تەختى يۇلتۇز تۇركۈمى

بوي ئېگىزلىكى :180 سانتىمېتىر

قان تىپى :O تىپلىق

كەسپى :ئارتىس

پۈتتۈرگەن مەكتىپى :مەركىزى تىياتىر ئىنىستىتۇتى

توختاملاشقان شىركەت :بېيجىڭ شىنباۋ مەنبە كىنو-تېلېۋىزىيە مەبلەغ سېلىش چەكلىك شىركىتى (كىنو)؛ كۆڭۈل ئېچىش دەۋر (پائالىيەت)

ۋەكىللىك ئەسىرى :ئومۇمىي خەلق ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن، زەھەر جېڭى، ئۈچ پاي ئوق، يوشۇرۇنۇش، ئەرلەر گوروھى، كىشىلىك تۇرمۇش يولى ئەگرى-توقاي، ئەپەندىم.

شەخس ئانكىتى 

3پارچەسۈن خۇڭلېي1970-يىلى سۈن خۇڭلېي خاربىن شەھىرىدە تۇغۇلغان. ئوقۇغۇچىلىق دەۋرىدىكى سۈن خۇڭلېي بىر قەدەر شوخ، چاقماق ئۇسسۇلىنى ئويناشنى بەك ياخشى كۆرىدۇ، ئوتتۇرا مەكتەپتە دەرستىن قېچىپ خاربىن ياشلار سارىيىغا بېرىپ ئۇسسۇل ئوينايدۇ. 1988-يىلى چۇڭچىڭغا كىلىپ خۇڭلېي مەملىكەتلىك 2-نۆۋەتلىك چاقماق ئۇسسۇلى مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن، مۇكاپاتقا ئېرىشكەن كېيىن جۇڭگو ئوپېرا ۋە ئۇسسۇل ئۆمىكى تەرىپىدىن جۇڭگونىڭ چاقماق ئۇسسۇلى چولپانلار سەنئەت ئۆمىكىگە كىرگەن. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏