چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش
كۆزگە كۆرۈنۈۋاتقان ياش كىنو چولپىنى-تۇڭ داۋېي 1979-يىلى 2-ئاينىڭ 3-كۈنى لىياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ فۇشۈن شەھىرىدە تۇغۇلغان.
ئۇيغۇرچە ئىسمى :تۇڭ داۋېي
خەنزۇچە ئاتىلىشى :佟大为
باشقا نامى :大先生
دۆلەت تەۋەلىكى :جۇڭگو
مىللىتى :مانجۇ مىللىتى
يۇرتى :لىياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ فۇشۈن شەھىرى
تۇغۇلغان ۋاقتى :1979-يىلى 2-ئاينىڭ 3-كۈنى
يۇلتۇز تۈركۈمى :سۇ بوتۇلكىسى تۈركۈمى
بوي ئېگىزلىكى :180 سانتىمېتىر
بەدەن ئېغىرلىقى :70 كىلوگرام
قان تىپى :B تىپلىق
كەسپى :ئارتىس، ناخشىچى
پۈتتۈرگەن مەكتىپى :شاڭخەي تىياتىر ئىنستىتۇتى
ۋەكىللىك ئەسىرى :كۈرەش قىلىش، قاشتېشى مەبۇدە، نىكاھ قوغداش، يولۋاس ئانا مۈشۈك دادا، ئالما، جۇڭگو شېرىكلىرى
چەتئەلچە نامى :David
5پارچەتۇڭ داۋېيتۇڭ داۋېي 1979-يىلى 2-ئاينىڭ 3-كۈنى لياۋنىڭ ئۆلكىسى فۇشۇن شەھىرىدە تۇغۇلغان، جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقى ئەر ئارتىسى، ناخشىچى. 2001-يىلى شاڭخەي تىياتىر ئىنستىتۇتى ئاكتيورلۇق فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن. 2004-يىلى تېلېۋىزىيە تىياتىرى «گۈزەل شەپقەتچى» 22-نۆۋەتلىك جۇڭگو تېلېۋىزىيە فىلىملىرى بويىچە تۆت تۈرلۈك تاماشىبىنلار ياخشى كۆرىدىغان تېلېۋىزىيە تىياتىرى ئەر ئارتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. شۇ يىلى تېلېۋىزىيە تىياتىرى «ياشلىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك كۈنلەر»دە باش رول ئالغان. 2007-يىلى بارگاڭ رېژىسسورلۇق قىلغان تېلېۋىزىيە تىياتىرى «كۈرەش قىلىش»تە باش رول ئالغان، لۇ تاۋنىڭ رولىنى ئالغان. شۇ يىلى تېلېۋىزىيە تىياتىرى «تىنماي قىمىرلاپ تۇرىدىغان ياشلىق»تا باش رول ئالغان. 2010-يىلى بارگاڭ رېژىسسورلۇق قىلغان «نىكاھ ئىشلىرى» دە باش رول ئالغان. 2013-يىلى دىڭ خېي رېژىسسورلۇق قىلغان تېلېۋىزىيە تىياتىرى «ئائىلە»دە باش رول ئالغان. 2014-يىلى ئايالى گۇەن يۆخې بىلەن تېلېۋىزىيە تىياتىرى «مېنىڭ ئوغلۇم غەلىتە»دە رول ئالغان.
ئىسىم تاللاش قوللانمىسى