چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش راجى كاپور ئەپەندى دۇنيا كىنوچىلىقىدىكى گىگانت چولپان، ھىندىستان كىنوچىلىقى ئۈچۈن گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان كۆزگە كۆرۈنگەن رېژىسسور، كىنو سەنئەتكارى، كۆزگە كۆرۈنگەن فىلىم ئىشلىگۈچى، نومۇر رىياسەتچىسى، كىنوشۇناس.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى :راجى كاپور

خەنزۇچە ئاتىلىشى :拉兹·卡普尔

باشقا نامى :拉吉·卡普尔

يۇرتى :پاكىستاننىڭ پىشاۋۇر شەھىرى

تۇغۇلغان ۋاقتى :1924-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى

ۋاپات بولغان ۋاقتى :1988-يىلى 6-ئاينىڭ 2-كۈنى

كەسپى :ئارتىس، رېژىسسور، كىنو سەنئەتكارى، فىلىم ئىشلىگۈچى، نومۇر رىياسەتچىسى، كىنوشۇناس

ۋەكىللىك ئەسىرى :«ئوت»، «يامغۇر»

چەتئەلچە نامى :Raj Kapoor

كىرىش سۆز 

50-يىللارنىڭ بېشىدىن باشلاپ دۆلىتىمىزدە قويۇلۇشقا باشلىغان ھىندىستان ھېكايە فىلىمى «سەرگەردان» بەدىئىيلىكنىڭ يۇقىرىلىقى، ۋەقەلىكىنىڭ قىزىقارلىقى ۋە تەربىيىۋى ئەھمىيىتىنىڭ چوڭقۇرلىقى بىلەن ئېلىمىزدىكى ھەرمىللەت تاماشىبىنلارنىڭ زور ئالقىشىغا، يۈكسەك دەرىجىدىكى يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشىپ كەلگەن. بۇ فىلىمنىڭ ئاساسىي ناخشىلىرىدىن بولغان «سەرگەردان ناخشىسى»، «رىتا ناخشىسى» مۇ خەلق ئىچىگە كەڭ تارقاغان. كىشىلەر قەلبىنى لەرزىگە سالغان بۇ بۇ نادىر فىلىمنىڭ ئىجتىمائىي تەسىرى، زوقلاندۇرۇش ئۈنۈمىنى ئاددىي سۆز بىلەن ئىپادىلەپ بولمايدۇ. بۇ فىلىمنى ھاياتىدا  40-50 قېتىم كۆرەرمەن تاماشىبىنلارنىڭ سانىنى سىتاتسىتىسكا قىلىشمۇ قىيىن.

«سەرگەردان» فىلىمىنىڭ باش قەھرىمانى راجنىڭ رولنى مۇۋەپپەقىيەتلىك چىققان ئارتىس-ھىندىستان كىنو مۇنبىرى، شۇنداقلا دۇنيا كىنوچىلىقىدىكى گىگانت چولپان، ھىندىستان كىنوچىلىقى ئۈچۈن گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان كۆزگە كۆرۈنگەن رېژىسسور، كىنو سەنئەتكارى، كۆزگە كۆرۈنگەن فىلىم ئىشلىگۈچى، نومۇر رىياسەتچىسى، كىنوشۇناس راجى كاپور ئەپەندى.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏