چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش «ھىندىستان كىنو ئېكرانىدىكى بىرىنچى خانىم» دېگەن شەرەپلىك نامغا مۇشەررەپ بولغان نەرگىس ھىندىستان كىنوچىلىق ساھەسىدىكى چاقناپ تۇرغان بىر نۇرلۇق چولپان. ئۇ 1950-يىللارنىڭ بېشىدا ھىندىستان نىڭ ئاتاقلىق كىنو سەنئەتكارى راجى كاپور بىلەن بىرلىكتە رول ئالغان «سەرگەردان» ناملىق ھېكايە فىلىم خەلقئارادا زور تەسىر قوزغاپ، ھىندىستان كىنوچىلىقى ئۈچۈن غايەت زور شان-شەرەپ ئېلىپ كەلگەن. نەرگىس جۇڭگو كىنو تاماشىبىنلىرىنىڭ قەلبىدە «رىتا» نامى بىلەن مەشھۇر.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى :نەرگىس

خەنزۇچە ئاتىلىشى :纳尔吉司·杜特

باشقا نامى :پاتىمە

دۆلەت تەۋەلىكى :ھىندىستان

يۇرتى :كاللۇتتا شەھىرى

تۇغۇلغان ۋاقتى :1929-يىلى

ۋاپات بولغان ۋاقتى :1981-يىلى 5-ئاينىڭ 4-كۈنى

كەسپى :كىنو ئاتىسى، سېنارىست، كىنو رېژىسسورى

ئەسلى ئىسمى :پاتىمە

شەخسى ئارخىپ

پاتىمە (نەرگىس)نەرگىسنىڭ ئەسلى ئىسمى پاتىمە بولۇپ، 1929-يىلى ھىندىستان نىڭ كاللۇتتا شەھىرىدە بىر زىيالىي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ دادىسى دوختۇر، ئانىسى مۇسۇلمان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان داڭلىق ناخشىچى بولۇپ، كېيىن ھىندىستان كىنو رېژىسسورى بولۇپ، ھىندىستان كىنو تارىخىدىكى تۇنجى ئايال سېنارىست ۋە كىنو رېژىسسورى بولۇپ تونۇلغان. 

نەرگىس كىنو ساھەسىدىن چېكىنگەندىن كېيىن، ئائىلە ئىشلىرىنى قىلغاندىن باشقا، ئاساسلىق ۋاقتىنى، ئىقتىسادىنى ھەمدە پۈتۈن زېھنىنى جەمئىيەت پاراۋانلىقى ۋە خەير-ساخاۋەت ئىشلىرى ئۈچۈن بېغىشلاپ، «رىتا» غا ئوخشاش ساپ مېھرىبان ئانىلارغا خاس مېھىر بىلەن بەختسىز بالىلارنى تەربىيىلەيدۇ ۋە قۇتۇلدۇرىدۇ. ھىندىستان ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ جەمئىيەت ئۈچۈن قوشقان زور تۆھپىسىنى قەدىرلەپ، 1980-يىلى ئۇنى ھىندىستان فېدېراتسىيە پارلامېنتىنىڭ كېڭەش ئەزالىقىغا تەيىنلەيدۇ. 1981-يىلى 5-ئاينىڭ 4-كۈنى ھىندىستان كىنو مۇنبىرىدىكى نۇرلۇق چولپان نەرگىس ئاشقازان ئاستى بېزى راكى تۈپەيلىدىن داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي ئامېرىكىدىكى بىر دوختۇرخانىدا 52 يېشىدا ۋاپات بولىدۇ. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏