ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :روھىي كېسەللەرنى ئەدلىيەلىك باھالاش توغرىسىدىكى ۋاقىتلىق بەلگىلىمە

خەنزۇچە نامى :精神疾病司法鉴定暂行规定

يولغا قويۇلغان ۋاقتى :1989-يىلى 8-ئاينىڭ 1-كۈنى

مەزمۇنى 

1-باب ئومۇمىي پرىنسىپ

1-ماددا بۇ بەلگىلىمە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق تەلەپ قانۇنىنىڭ ئومۇمىي قائىدىسى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى (سىناق نۇسخىسى)»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئامانلىق ساقلاش ئىشلىرى بويىچە باشقۇرۇش ۋە جازالاش نىزامى» ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك قانۇن نىزاملارغا ئاساسەن ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ دېلولارنى قانۇن بويىچە توغرا بىر تەرەپ قىلىشى، روھىي كېسەللەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق مەنپەئىتىنى قوغداش ئۈچۈن تۈزۈپ چىقىلدى.

2-ماددا روھىي كېسەللەرنى ئەدلىيەلىك باھالاش دېلونىڭ پاكىتى ۋە باھالانغۇچىنىڭ روھىي ھالىتىگە ئاساسەن باھالاش خۇلاسىسى چىقىرىپ، باھالاشنى ھاۋالە قىلغان ئورگاننى قانۇنىي ئىقتىدارغا ئائىت ئىلمىي دەلىل-ئىسپات بىلەن تەمىن ئېتىدۇ.

2-باب ئەدلىيەلىك باھالاش ئاپپاراتى

3-ماددا روھىي كېسەللەرنى ئەدلىيەلىك باھالاش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن، ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر، ۋىلايەت ۋە ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەرلەر روھىي كېسەللەرنى ئەدلىيەلىك باھالاش ھەيئىتى قۇرۇپ، باھالىغۇچىلارنى تەكشۈرۈشكە، تەستىقلاشقا، تېخنىكىلىق باھالاش گۇرۇپپىسى ئۇيۇشتۇرۇشقا مەسئۇل بولۇپ، باھالاش خىزمىتىگە ماسلىشىشى ۋە ئۇنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك.

4-ماددا باھالاش ھەيئىتى خەلق سوت مەھكىمىسى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكى، ئەدلىيە، سەھىيە ئورگانلىرىدىكى مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل كادىرلار ۋە مۇتەخەسسىسلەردىن تەركىب تاپىدۇ، نامزاتلارنى يۇقىرى ئورگانلار مەسلىھەتلىشىپ بېكىتىدۇ.

5-ماددا باھالاش ھەيئىتى ئېھتىياجغا ئاساسەن تېخنىكىلىق باھالاش گۇرۇپپىسىدىن بىرنەچچىنى تەسىس قىلىپ، ئۇلارغا كونكرېت باھالاش خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالدۇرسا بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ئەزالىرىنى باھالاش ھەيئىتى تەكلىپ قىلىدۇ ياكى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. تېخنىكىلىق باھالاش گۇرۇپپىسىدا باھالاشقا قاتنىشىدىغان ئەزالار ئىككىدىن كەم بولماسلىقى كېرەك.

6-ماددا ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەردە باھالاش قىيىنغا چۈشكەن چىگىش دېلولاردا باھالاشنى ھاۋالە قىلغان ئورگان باشقا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك باھالاش ھەيئىتىنىڭ باھالاپ بېرىشىگە قايتىدىن ھاۋالە قىلسا بولىدۇ.

3-باب باھالاش مەزمۇنى

7-ماددا روھىي كېسىلى بولۇش ئېھتىمالى بولغان تۆۋەندىكى خادىملار ئۈستىدىن باھالاش ئېلىپ بېرىش كېرەك:

1. جىنايى ئىشلار دېلوسىدىكى جاۋابكارلار، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار؛

2. ھەق تەلەپ دېلوسىدىكى دەۋالاشقۇچىلار؛

3. مەمۇرىي دېلودىكى دەۋاگەر (تەبىئىي شەخس)لەر؛

4. ئامانلىق ساقلاش ئىشلىرى بويىچە باشقۇرۇشقا خىلاپلىق قىلغانلاردىن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىشكە تېگىشلىكلەر؛

5. ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىلىۋاتقان جىنايەتچىلەر؛

6. ئەمگەك بىلەن تەربىيىلىنىۋاتقانلار؛

7. يىغىۋېلىنىپ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلار؛

8. دېلو بىلەن مۇناسىۋەتلىك باھالاشقا تېگىشلىك باشقا خادىملار.

8-ماددا باھالاش ھەيئىتى ئەھۋالغا قاراپ، باھالانغۇچىنىڭ تولۇقلاپ باھالاش، قايتىدىن باھالاش، باھالاشنى قايتا قاراپ چىقىش ھەققىدىكى تەلەپلىرىنى قوبۇل قىلسا بولىدۇ.

9-ماددا جىنايى ئىشلار دېلولىرىدا روھىي كېسەللەرنى ئەدلىيەلىك باھالاش مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

1. باھالانغۇچىنىڭ روھىي كېسىلى بار-يوقلۇقى، قايسى خىلدىكى روھىي كېسەل ئىكەنلىكى، زىيان-زەخمەت يەتكۈزۈش قىلمىشىنى سادىر قىلغان چاغدىكى روھىي ھالىتى، روھىي كېسىلى بىلەن زىيان-زەخمەت يەتكۈزۈش قىلمىشىنىڭ مۇناسىۋىتى ۋە جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىش ئىقتىدارىنىڭ بار يوقلۇقىنى بېكىتىش؛

2. باھالانغۇچىنىڭ دەۋا جەريانىدىكى روھىي ھالىتى ۋە دەۋا قىلىش ئىقتىدارىنىڭ بار-يوقلۇقىنى بېكىتىش؛

3. باھالانغۇچىنىڭ جازا ئۆتەۋاتقان مەزگىلدىكى روھىي ھالىتى ۋە قوللىنىشقا تېگىشلىك قانۇنىي تەدبىر ھەققىدىكى تەكلىپلەرنى بېكىتىش.

10-ماددا ھەق تەلەپ دېلولىرىدا روھىي كېسەللەرنى ئەدلىيەلىك باھالاش ۋەزىپىسى مۇنۇلاردىن ئىبارەت:

1. باھالانغۇچىنىڭ روھىي كېسىلى بار-يوقلۇقى، قايسى خىلدىكى روھىي كېسەل ئىكەنلىكى، ھەق تەلەپ پائالىيىتى ئېلىپ بارغان چاغدىكى روھىي ھالىتى، روھىي كېسىلىنىڭ ئوي-پىكرىنى ئىپادىلەش ئىقتىدارىغا بولغان تەسىرى ۋە ھەق تەلەپ ئىشلىرىدا ھەرىكەت ئىقتىدارىنىڭ بار-يوقلۇقىنى بېكىتىش؛

2. باھالانغۇچىنىڭ مۇرەسسە قىلىش ياكى سوت قىلىش باسقۇچىدىكى روھىي ھالىتى ۋە دەۋا قىلىش ئىقتىدارىنىڭ بار يوقلۇقىنى بېكىتىش.

11-ماددا تۈرلۈك دېلولاردىكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى قاتارلىقلارنىڭ جىسمانىي ھوقۇقى، مال-مۈلۈك ھوقۇقى قاتارلىق قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتى دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرىغان چاغدىكى روھىي ھالىتى ۋە زىيان-زەخمەت يەتكۈزۈش ھەرىكىتىنى پەرق ئېتىش ئىقتىدارى ياكى قوغدىنىش، قوغداش ئىقتىدارىنىڭ بار يوقلۇقىنى بېكىتىش.

12-ماددا دېلودىكى مۇناسىۋەتلىك گۇۋاھچىلارنىڭ روھىي ھالىتى ۋە گۇۋاھلىق بېرىش ئىقتىدارىنىڭ بار-يوقلۇقىنى بېكىتىش.

4-باب باھالىغۇچى

13-ماددا تۆۋەندىكى سالاھىيەتلەرنىڭ بىرىنى ھازىرلىغانلار باھالىغۇچى بولالايدۇ:

1. بەش يىلدىن يۇقىرى روھىي كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ كىلىنىكىلىق تەجرىبىسىگە ۋە ئەدلىيەلىك روھىي كېسەللەر ئىلمى بىلىمىگە ئىگە باش ۋراچتىن يۇقىرى خادىملار.

2. ئەدلىيەلىك روھىي كېسەللىكلەر ئىلمى بىلىمى، تەجرىبىسى ۋە خىزمەت ئىقتىدارى بولغان مەسئۇل قانۇن دوختۇرىدىن يۇقىرى خادىملار.

14-ماددا باھالىغۇچىنىڭ ھوقۇقى

1. باھالانغۇچىنىڭ دېلو ماتېرىياللىرى تولۇق بولمىسا، باھالاشنى ھاۋالە قىلغان ئورگاننىڭ زۆرۈر بولغان دېلو ماتېرىيالى بىلەن تەمىن ئېتىشىنى تەلەپ قىلىشقا بولىدۇ.

2. باھالىغۇچى باھالاشنى ھاۋالە قىلغان ئورگان ئارقىلىق باھالانغۇچىنىڭ خىزمەت ئورنى، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك گۇۋاھچىلاردىن ئەھۋال ئىگىلەشكە ھوقۇقلۇق.

3. باھالىغۇچى ئېھتىياجىغا ئاساسەن باھالاشنى ھاۋالە قىلغان ئورگاننىڭ باھالانغۇچىنى روھىي كېسەللەرنى داۋالايدىغان دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ بالنېتسىدا ياتقۇزۇپ تەكشۈرتۈشى ۋە باھالىتىشىنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

4. باھالاش ئاپپاراتلىرى باھالاشنى ھاۋالە قىلغان ئورگاندىن باھالاشتىن كېيىنكى دېلونىڭ بىر تەرەپ قىلىنىش ئەھۋالىنى ئوقۇپ باقسا بولىدۇ.

15-ماددا باھالىغۇچىنىڭ مەجبۇرىيىتى:

1. باھالىغاندا مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، باھالاش خۇلاسىسىنى توغرا، ۋاقتىدا چىقىرىدۇ؛

2. باھالاشنى ھاۋالە قىلغان ئورگان ئوتتۇرىغا قويغان باھالاش خۇلاسىسىگە ئائىت مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرىشى كېرەك؛

3. دېلونىڭ مەخپىيەتلىكىنى ساقلىشى كېرەك؛

4. ئۆزىنى چەتكە ئېلىشقا ئائىت قانۇن بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلىشى كېرەك.

16-ماددا باھالىغۇچى باھالاش جەريانىدا شەخسىي مەنپەئەتكە بېرىلىپ، كۆز بويامچىلىق قىلسا ياكى قەستەن يالغان باھالىسا، ئۇنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك.

5-باب باھالاشنى ھاۋالە قىلىش ۋە باھالاشنامە

17-ماددا ئەدلىيە ئورگانلىرى باھالاشنى ھاۋالە قىلغاندا، «باھالاش ھاۋالىنامىسى» بولۇش، ئۇنىڭغا باھالاش تەلىپى، مەقسىتىنى ئىزاھلاپ قويۇش ۋە تۆۋەندىكى ماتېرىياللار بىلەن تەمىن ئېتىشى كېرەك:

1. باھالانغۇچى ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئەھۋالى؛

2. دېلوغا مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللار؛

3. خىزمەت ئورنى تەمىن ئەتكەن مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللار؛

4. ئەھۋالىنى بىلىدىغانلارنىڭ باھالانغۇچىنىڭ روھىي ھالىتىگە مۇناسىۋەتلىك گۇۋاھلىق سۆزلىرى؛

5. داۋالىنىش خاتىرىسى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈش خۇلاسىسى.

18-ماددا باھالاشنى ئاياغلاشتۇرغاندىن كېيىن، «باھالاشنامە» يېزىپ چىقىش كېرەك.

«باھالاشنامە» تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

1. باھالاشنى ھاۋالە قىلغان ئورگاننىڭ نامى؛

2. دېلونىڭ مەزمۇنى، نومۇرى، باھالاشنامىنىڭ نومۇرى؛

3. باھالاشتىكى مەقسەت ۋە تەلەپ؛

4. باھالىغان ۋاقىت، ئورۇن، شاھىت بولغۇچىلار؛

5. دېلونىڭ قىسقىچە ئەھۋالى؛

6. باھالانغۇچىنىڭ ئادەتتىكى ئەھۋالى؛

7. باھالانغۇچىنىڭ دېلو پاش بولغان چاغدىكى ۋە دېلو پاش بولۇشنىڭ ئالدى-كەينىدىكى ھەرقايسى باسقۇچتىكى روھىي ھالىتى؛

8. باھالانغۇچىنىڭ روھىي ھالىتىنى تەكشۈرۈش ۋە باشقا تەكشۈرۈشلەردە چېلىققان ئىشلار؛

9. تەھلىلگە ئائىت ئىزاھات؛

10. باھالاش خۇلاسىسى؛

11. باھالىغۇچىلار ئىمزا قويۇشى ۋە باھالاشتا ئىشلىتىلىدىغان مەخسۇس تامغىنى بېسىش؛

12. داۋالىتىش ياكى ۋەسىيلىك قىلىش ھەققىدىكى تەكلىپلەر.

6-باب جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىش ئىقتىدارى ۋە ھەرىكەت ئىقتىدارىنى باھالاپ بېكىتىش

19-ماددا جىنايى ئىشلار دېلوسىدىكى باھالانغۇچىلارنىڭ جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىش ئىقتىدارىنى باھالاپ بېكىتىش.

باھالىغاندا باھالانغۇچى روھىي كېسىلى بولغانلىقتىن، زىيان-زەخمەت يەتكۈزۈش ھەرىكىتىنى سادىر قىلغاندا، ئېغىر ھالدا روھىي پائالىيەتنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچراپ، ئۆزىنىڭ ھەرىكىتىنى پەرق ئېتەلمىگەن ياكى كونترول قىلالمىغان بولسا، جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىش ئىقتىدارى يوق دەپ قارىلىدۇ.

باھالانغۇچى زىيان-زەخمەت يەتكۈزۈش ھەرىكىتىنى سادىر قىلغاندا، تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردىن بىرى بولسا، باھالىغاندا جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىش ئىقتىدارىغا ئىگە دەپ قارىلىدۇ:

1. روھىي كېسەل ئاسارىتى بولسىمۇ، زىيان-زەخمەت يەتكۈزۈش ھەرىكىتىنى سادىر قىلغاندا، روھىي ھالىتى نورمال بولسا؛

2. ئارىلاپ قوزغىلىدىغان روھىي كېسىلى بولسىمۇ، روھىي كېسەللىك ئالامىتى پۈتۈنلەي يوقالغان بولسا.

20-ماددا ھەق تەلەپ دېلوسىدىكى باھالانغۇچىلارنىڭ ھەرىكەت ئىقتىدارىنى باھالاپ بېكىتىش.

1. باھالىغاندا باھالانغۇچى روھىي كېسىلى بولغانلىقتىن، ھەق تەلەپ ھەرىكىتى ئېلىپ بارغاندا ئېغىر ھالدا روھىي پائالىيەتنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچراپ، ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى پەرق ئېتەلمىگەن ياكى قوغدىيالمىغان بولسا، ھەق تەلەپ ئىشلىرىدا ھەرىكەت ئىقتىدارى يوق دەپ قارىلىدۇ.

2. باھالانغۇچى روھىي كېسىلى بولغانلىقتىن، ھەق تەلەپ پائالىيىتى ئېلىپ بارغاندا روھىي پائالىيەتنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچراپ، ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق مەنپەئىتىنى تولۇق پەرق ئېتەلمىگەن، ئۆزىنى كونترول قىلالمىغان ياكى تولۇق قوغدىيالمىغان بولسا، باھالىغاندا ھەق تەلەپ ئىشلىرىدا ھەرىكەت ئىقتىدارى چەكلىك دەپ قارىلىدۇ.

3. باھالانغۇچى ھەق تەلەپ پائالىيىتى ئېلىپ بارغاندا، تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردىن بىرى بولسا، باھالىغاندا ھەق تەلەپ ئىشلىرىدا ھەرىكەت ئىقتىدارىغا ئىگە دەپ قارىلىدۇ:

1. روھىي كېسەل ئاسارىتى بولسىمۇ، ھەق تەلەپ پائالىيىتى ئېلىپ بارغاندا، روھىي ھالىتى نورمال بولسا؛

2. ئارىلاپ قوزغىلىدىغان روھىي كېسىلى بولسىمۇ، روھىي كېسەللىك يوقالغان بولسا؛

3. گەرچە روھىي كېسىلى بولسىمۇ، پاتولوگىيىلىك جەريان خاراكتېرلىك روھىي پائالىيىتى روشەن ھالدا چەكلىمىلىككە ئىگە بولۇپ، ئۇ ھەق تەلەپ پائالىيىتى ئېلىپ بارغاندا ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق مەنپەئىتىنى پەرق ئېتىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولسا ۋە قوغدىيالىسا؛

4. ئەقلىي قابىلىيىتى تۆۋەن بولسىمۇ، ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى پەرق ئېتىش ۋە قوغداش ئىقتىدارىغا ئىگە بولسا.

21-ماددا دەۋا جەريانىدىكى قانۇنىي ئىقتىدارنى باھالاپ بېكىتىش.

1. باھالانغۇچى جىنايى ئىشلار دېلوسىدىكى جاۋابكار بولۇپ، روھىي كېسىلى بولغانلىقتىن، دەۋا جەريانىدا دەۋا ھوقۇقىنى يۈرگۈزەلمىگەن بولسا، باھالىغاندا دەۋا قىلىش ئىقتىدارى يوق دەپ قارىلىدۇ.

2. باھالانغۇچى ھەق تەلەپ دېلوسىدىكى دەۋالاشقۇچى ياكى جىنايى ئىشلار دېلوسىدىكى بىۋاسىتە ئەرز قىلغۇچى بولۇپ، روھىي كېسىلى بولغانلىقتىن، دەۋا جەريانىدا دەۋا ھوقۇقىنى يۈرگۈزەلمىگەن بولسا، باھالىغاندا دەۋا قىلىش ئىقتىدارى يوق دەپ قارىلىدۇ.

3. ئەرز قىلغۇچى، پاش قىلغۇچى، گۇۋاھچى قاتارلىقلار پاكىتقا ئۇيغۇن بولمىغان گۇۋاھلىق سۆزلەر بىلەن تەمىن ئەتكەن بولۇپ، روھىي كېسىلى بولغانلىقتىن، ئوبيېكتىپ پاكىتلارنى چۈشىنىش ياكى ئۇنىڭغا قارىتا ھۆكۈم چىقىرىش ئىقتىدارى كەم بولسا، باھالىغاندا گۇۋاھلىق بېرىش ئىقتىدارى يوق دەپ قارىلىدۇ.

22-ماددا قانۇنىي ئىقتىدارنى باھالاپ بېكىتىشكە ئائىت باشقا ئىشلار.

1. باھالانغۇچى ئايال بولۇپ، روھىي كېسىلى بولغانلىقتىن، زىيان-زەخمەت يەتكۈزۈشكە بولمايدىغان جىنسىي ھوقۇقى دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرىغانلىقىغا ياكى كېلىپ چىققان ئېغىر ئاقىۋەتكە قارىتا ماھىيەتلىك چۈشىنىش ئىقتىدارى كەم بولسا، باھالىغاندا قوغدىنىش ئىقتىدارى يوق دەپ قارىلىدۇ.

2. باھالانغۇچى جازا ئۆتەۋاتقان، ئەمگەك بىلەن تەربىيىلىنىۋاتقان ياكى كېسىم ئارقىلىق ئامانلىق ساقلاش ئىشلىرى بويىچە جازالانغان بولۇپ، روھىي كېسىلى بولغانلىقتىن، ئېغىر ھالدا روھىي پائالىيەتنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچراپ، پەرق ئېتىش ئىقتىدارى ياكى ئۆزىنى كونترول قىلىش ئىقتىدارىنى يوقاتقان بولسا، باھالىغاندا جازا ئۆتەش، ئەمگەك بىلەن تەربىيىلىنىش ياكى جازانى قوبۇل قىلىش ئىقتىدارى يوق دەپ قارىلىدۇ.

7-باب قوشۇمچە پرىنسىپ

23-ماددا بۇ بەلگىلىمە 1989-يىلى 8-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.


يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏