جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى(2007-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى تۈزتىلگەن) مەنە تۈرلىرى

چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى 1991-يىلى 4-ئاينىڭ 9-كۈنى 7-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 4-يىغىنىدا ماقۇللانغان،2007-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى 1-قېتىم تۈزىتىلگەن. 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى 11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 28-يىغىنىنىڭ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى»غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارار»ىغا ئاساسەن 2-قېتىم تۈزىتىلگەن.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى

خەنزۇچە نامى :中华人民共和国民事诉讼法

ماقۇللانغان ۋاقتى :1991-يىلى 4-ئاينىڭ 9-كۈنى

تۈزىتىلگەن ۋاقتى :2007-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى، 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى

1-قىسىم ئومۇمىي پىرىنسىپ 

1-باب ۋەزىپە، تەتبىقلاش دائىرىسى ۋە ئاساسىي پىرىنسىپ

1-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى ئاساسىي قانۇننى ئاساس قىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ھەق تەلەپ سوت خىزمىتىنىڭ تەجرىبىلىرىگە ۋە ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ چىقىرىلدى.

2-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنىنىڭ ۋەزىپىسى دەۋالاشقۇچىلارنىڭ دەۋا ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشىنى قوغداش، خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ پاكىتنى ئېنىقلاپ، ھەق–ناھەقنى ئايرىپ، قانۇننى توغرا تەتبىقلاپ، ھەق تەلەپ دېلولىرىنى ۋاقتىدا سوت قىلىشىغا، ھەق تەلەپ ھوقۇق-مەجبۇرىيەت مۇناسىۋەتلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە، ھەق تەلەپ ئىشلىرىدىكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى جازالىشىغا كاپالەتلىك قىلىش، دەۋالاشقۇچىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش، پۇقرالارغا قانۇنغا ئاڭلىق رىئايە قىلىش، جەمئىيەت تەرتىپى ۋە ئىقتىسادىي تەرتىپنى ساقلاش توغرىسىدا تەربىيە بېرىپ، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش.

3-ماددا خەلق سوت مەھكىمىلىرى پۇقرالار ئارا، قانۇنىي ئىگىلەر ئارا، باشقا تەشكىلاتلار ئارا، شۇنىڭدەك ئۇلار ئۆز ئارا مال– مۈلۈك مۇناسىۋىتى ۋە جىسمانىي مۇناسىۋەت تۈپەيلىدىن قىلغان ھەق تەلەپ دەۋاسىنى قوبۇل قىلىشتا، مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىنى تەتبىقلايدۇ.

4-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدە قىلىنىدىغانلىكى ھەق تەلەپ دەۋالىرىدا مۇشۇ قانۇنغا ئەمەل قىلىش شەرت.

5-ماددا چەت ئەللىكلەر، دۆلەت تەۋەلىكى يوق كىشىلەر، چەت ئەل كارخانىلىرى ۋە تەشكىلاتلىرىدىن خەلق سوت مەھكىمىسىدە دەۋا قىلىدىغان، دەۋاغا جاۋاب بېرىدىغانلىرىنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى پۇقرالىرى، قانۇنىي ئىگىلىرى ۋە باشقا تەشكىلاتلىرىنىڭكىگە ئوخشاش دەۋا ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتى بولىدۇ.

چەت ئەل سوت مەھكىمىلىرى جۇڭخۇاخەلق جۇمھۇرىيىتى پۇقرالىرى، قانۇنىي ئىگىلىرى ۋە باشقا تەشكىلاتلىرىنىڭ ھەق تەلەپ دەۋا ھوقۇقىنى چەكلىگەن بولسا، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ خەلق سوت مەھكىمىلىرى شۇ دۆلەتنىڭ پۇقرالىرى، كارخانىلىرى ۋە تەشكىلاتلىرىنىڭ ھەق تەلەپ دەۋا ھوقۇقىغىمۇ ئوخشاش پىرىنسىپنى قوللىنىدۇ.

6-ماددا ھەق تەلەپ دېلولىرىنى سوت قىلىش ھوقۇقىنى خەلق سوت مەھكىمىلىرى يۈرگۈزىدۇ.

خەلق سوت مەھكىمىلىرى ھەق تەلەپ دېلولىرىنى قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە مۇستەقىل سوت قىلىدۇ، مەمۇرىي ئورگانلار، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەرنى ئارىلاشتۇرمايدۇ.

7-ماددا خەلق سوت مەھكىمىلىرى ھەق تەلەپ دېلولىرىنى قاراپ چىقىشتا، پاكىتنى ئاساس، قانۇننى ئۆلچەم قىلىشى شەرت.

8 -ماددا ھەق تەلەپ دەۋا ئىشلىرىدا دەۋالاشقۇچىلار باراۋەر دەۋا ھوقۇقىغا ئىگە. خەلق سوت مەھكىمىلىرى ھەق تەلەپ دېلولىرىنى قاراپ چىقىشتا، دەۋالاشقۇچىلارنىڭ دەۋا ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشى ۋە قولايلىق يارىتىپ بېرىشى، قانۇننى دەۋالاشقۇچىلارغا بىردەك باراۋەر تەتبىقلىشى كېرەك.

9-ماددا خەلق سوت مەھكىمىلىرى ھەق تەلەپ دېلولىرىنى قاراپ چىقىشتا، ئىختىيار قىلىش ۋە قانۇنلۇق بولۇش پىرىنسىپى بويىچە مۇرەسسە قىلىشى؛ مۇرەسسە ئۈنۈم بەرمىسە، ۋاقتىدا ھۆكۈم چىقىرىشى كېرەك.

10-ماددا خەلق سوت مەھكىمىلىرى ھەق تەلەپ دېلولىرىنى قاراپ چىقىشتا، قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە كېڭىشىش، چەتلەپ تۇرۇش، ئوچۇق سوت قىلىش ۋە سوتنى ئىككى سوت بىلەن ئاياغلاشتۇرۇش تۈزۈملىرىنى يولغا قويىدۇ.

11-ماددا ھەر مىللەت پۇقرالىرى ھەق تەلەپ دەۋاسىنى ئۆزىنىڭ مىللىي تىل-يېزىقى بىلەن قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ياكى مىللەتلەر ئارىلاش ئولتۇراقلاشقان جايلاردا، خەلق سوت مەھكىمىلىرى قاراپ چىقىشتا ۋە قانۇن ھۆججەتلىرىنى ئېلان قىلىشتا، شۇ جايدىكى مىللەتلەر ئورتاق قوللىنىدىغان تىل-يېزىقنى ئىشلىتىشى كېرەك.

خەلق سوت مەھكىمىلىرى شۇ جايدىكى مىللەتلەر ئورتاق قوللىنىدىغان تىل-يېزىقنى بىلمەيدىغان دەۋا ئىشتىراكچىلىرىغا تەرجىمە قىلدۇرۇپ بېرىشى كېرەك.

12-ماددا خەلق سوت مەھكىمىلىرى ھەق تەلەپ دېلولىرىنى قاراپ چىقىشتا، دەۋالاشقۇچىلار مۇنازىرىلىشىشكە ھوقۇقلۇق.

13-ماددا ھەق تەلەپ دەۋاسىدا سەمىمىي بولۇش، لەۋزىدە تۇرۇش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىش كېرەك.

دەۋالاشقۇچىلار ئۆزىنىڭ ھەق تەلەپ ھوقۇقى ۋە دەۋا ھوقۇقىنى قانۇندا بەلگىلەنگەن دائىرىدە نېرى-بېرى قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

14–فماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى ھەق تەلەپ دەۋاسىدا قانۇن نازارەتچىلىكى قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

15-ماددا ئورگانلار، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، كارخانا ۋە كەسپىي ئورۇنلار دۆلەت، كوللېكتىپنىڭ ياكى شەخسلەرنىڭ ھەق تەلەپ ھوقۇق-مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزۈش قىلمىشلىرىدا زىيانغا ئۇچرىغۇچى ئورۇن ياكى شەخسلەرنىڭ خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلىشىنى قوللىسا بولىدۇ.

16-ماددا مىللىي ئاپتونوم جايلاردىكى خەلق قۇرۇلتايلىرى ئاساسىي قانۇن ۋە مۇشۇ قانۇندىكى پىرىنسىپلارغا بىنائەن، شۇ جايدىكى مىللەتلەرنىڭ كونكرېت ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، جانلىق ياكى قوشۇمچە بەلگىلىمىلەرنى چىقارسا بولىدۇ. ئاپتونوم رايونلارنىڭ بەلگىلىمىسى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا تەستىقلىتىلىدۇ. ئاپتونوم ئوبلاست، ئاپتونوم ناھىيەلەرنىڭ بەلگىلىمىسى ئۆلكىلىك ياكى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرىغا تەستىقلىتىلىدۇ ھەمدە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا ئەنگە ئالدۇرۇلىدۇ.

2-باب باشقۇرۇش تەۋەلىكى

1-پاراگراف دەرىجە بويىچە باشقۇرۇش تەۋەلىكى

17-ماددا 1-سوت ھەق تەلەپ دېلولىرى ئاساسىي قاتلام خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولىدۇ، لېكىن، مۇشۇ قانۇندا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

18-ماددا 1-سوت ھەق تەلەپ دېلولىرىدىن تۆۋەندىكىلىرى ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولىدۇ:

(1) چەت ئەلگە چېتىشلىق چوڭ دېلولار؛

(2) ئۆز تەۋەسىدە تەسىرى زور دېلولار؛

(3) ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولىدىغانلىقىنى بېكىتكەن دېلولار.

19-ماددا 1-سوت ھەق تەلەپ دېلولىرىدىن ئۆز تەۋەسىدە تەسىرى زور بولغانلىرى يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولىدۇ.

20-ماددا 1-سوت ھەق تەلەپ دېلولىرىدىن تۆۋەندىكىلىرى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولىدۇ:

(1) مەملىكەت بويىچە تەسىرى زور دېلولار؛

(2) ئۆزى سوت قىلىشنى لايىق كۆرگەن دېلولار.

2-پاراگراف جايلار بويىچە باشقۇرۇش تەۋەلىكى

21-ماددا پۇقرالار ئۈستىدىن قىلىنغان ھەق تەلەپ دەۋاسى جاۋابكار ئولتۇرۇشلۇق جايدىكى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولىدۇ؛ جاۋابكارنىڭ ئولتۇرۇشلۇق جايى بىلەن دائىم تۇرۇشلۇق جايى بىر جاي بولمىسا، ئۇ، دائىم تۇرۇشلۇق جايدىكى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولىدۇ.

قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلار ئۈستىدىن قىلىنغان ھەق تەلەپ دەۋاسى جاۋابكار ئولتۇرۇشلۇق جايدىكى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولىدۇ.

بىر دەۋادىكى بىرنەچچە جاۋابكارنىڭ ئولتۇرۇشلۇق جايى، دائىم تۇرۇشلۇق جايى ئىككىدىن ئارتۇق خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولسا، شۇ خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكى ھوقۇقى بولىدۇ.

22-ماددا تۆۋەندىكى ھەق تەلەپ دەۋالىرى دەۋاگەر ئولتۇرۇشلۇق جايدىكى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولىدۇ؛ دەۋاگەرلەرنىڭ ئولتۇرۇشلۇق جايى بىلەن دائىم تۇرۇشلۇق جايى بىر جاي بولمىسا، دەۋاگەر دائىم تۇرۇشلۇق جايدىكى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولىدۇ:

(1)  جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدە ئولتۇرمايدىغانلار ئۈستىدىن قىلىنغان سالاھىيەت مۇناسىۋىتىگە چېتىلىدىغان دەۋالار؛

(2) ئىز–دېرىكى بولمىغانلار ياكى يوقاپ كەتكەنلىكى جاكارلانغانلار ئۈستىدىن قىلىنغان سالاھىيەت مۇناسىۋىتىگە چېتىلىدىغان دەۋالار؛

(3) مەجبۇرىي تەربىيەلەش تەدبىرى قوللىنىلىنىۋاتقانلار ئۈستىدىن قىلىنغان دەۋالار؛

(4) قاماقتىكىلەر ئۈستىدىن قىلىنغان دەۋالار.

23-ماددا توختام ماجىراسىدىن قىلىنغان دەۋالار جاۋابكار ئولتۇرۇشلۇق جايدىكى ياكى توختام ئادا قىلىنىدىغان جايدىكى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولىدۇ.

24-ماددا سۇغۇرتا توختامى ماجىراسىدىن قىلىنغان دەۋا جاۋابكار ئولتۇرۇشلۇق جايدىكى ياكى سۇغۇرتا نىشانىدىكى نەرسە بار جايدىكى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولىدۇ.

25-ماددا ۋېكسىل ماجىراسىدىن قىلىنغان دەۋا شۇ ۋېكسىل بېرىلگەن جايدىكى ياكى جاۋابكار ئولتۇرۇشلۇق جايدىكى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولىدۇ.

26-ماددا شىركەت قۇرۇش، پايچىلىق سالاھىيىتىنى ئېتىراپ قىلىش، پايدا تەقسىملەش ۋە شىركەتنى تارقىتىۋېتىش ماجىرالىرىدىن قىلىنغان دەۋا شىركەت تۇرۇشلۇق جايدىكى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولىدۇ.

27-ماددا تۆمۈريول، تاشيول، سۇ، ھاۋا تىرانسپورتى ۋە بىرلەشمە تىرانسپورت توختام ماجىراسىدىن قىلىنغان دەۋا تىرانسپورت باشلانغان، ئاخىرلاشقان جايدىكى ياكى جاۋابكار ئولتۇرۇشلۇق جايدىكى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولىدۇ.

28-ماددا ھوقۇققا چېقىلىش قىلمىشى ئۈستىدىن قىلىنغان دەۋا شۇ قىلمىش سادىر بولغان جايدىكى ياكى جاۋابكار ئولتۇرۇشلۇق جايدىكى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولىدۇ.

29-ماددا تۆمۈريول، تاشيول، سۇ ۋە ھاۋا تىرانسپورتى ھادىسىسىدە زىيان تۆلىمى تەلەپ قىلىنغان دەۋالار ھادىسە يۈز بەرگەن جايدىكى ياكى پويىز-ئاپتوموبىل، كېمە-پاراخوت ئەڭ باشتا يېتىپ بارغان جايدىكى، ئاۋىياتسىيە ۋاسىتىسى ئەڭ باشتا قونغان جايدىكى ياكى جاۋابكار ئولتۇرۇشلۇق جايدىكى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولىدۇ.

30-ماددا كېمە-پاراخوت سوقۇلۇپ كېتىش ھادىسىسى ياكى باشقا دېڭىز ھادىسىلىرىدە زىيان تۆلىمى تەلەپ قىلىنغان دەۋالار شۇ سوقۇلۇش ھادىسىسى يۈز بەرگەن جايدىكى ياكى سوقۇلغان كېمە-پاراخوت ئەڭ باشتا يېتىپ بارغان جايدىكى، زىيان سالغۇچى كېمە-پاراخوت تۇتۇپ قېلىنغان جايدىكى ياكى جاۋابكار ئولتۇرۇشلۇق جايدىكى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولىدۇ.

31-ماددا دېڭىز ۋەقەسىدە قۇتقۇزۇش ھەققى تەلەپ قىلىنغان دەۋالار قۇتقۇزۇلغان جايدىكى ياكى قۇتقۇزۇلغان كېمە-پاراخوت ئەڭ باشتا يېتىپ بارغان جايدىكى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولىدۇ.

32-ماددا دېڭىز ۋەقەسىدە ئورتاق زىيان تۆلىمى تەلەپ قىلىنغان دەۋالار كېمە-پاراخوت ئەڭ باشتا يېتىپ بارغان جايدىكى، دېڭىز ۋەقەسىدە ئورتاق زىيان ھېسابلانغان جايدىكى ياكى مۇساپە ئاخىرلىشىدىغان جايدىكى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولىدۇ.

33-ماددا تۆۋەندىكى دېلولار مۇشۇ ماددىدا بەلگىلەنگەن خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ مەخسۇس باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولىدۇ:

(1) كۆچمەس مۈلۈك ماجىراسىدىن قىلىنغان دەۋالار شۇ مۈلۈك بار جايدىكى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولىدۇ؛

(2) پورت مەشغۇلاتىدىكى ماجىرادىن قىلىنغان دەۋالار پورت جايلاشقان جايدىكى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولىدۇ؛

(3) مىراسقا ۋارىسلىق قىلىش ماجىراسىدىن قىلىنغان دەۋالار ۋارىسلىق قىلىنغۇچى ئۆلۈپ كەتكەن چاغدا ئولتۇرۇشلۇق جايدىكى ياكى ئاساسىي مىراسى بار جايدىكى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولىدۇ.

34-ماددا توختام ياكى باشقا مال-مۈلۈك ھوقۇق-مەنپەئەت ماجىراسىدىكى دەۋالاشقۇچىلار يازما كېلىشىم تۈزۈپ، جاۋابكار ئولتۇرۇشلۇق جاي، توختام ئادا قىلىنىدىغان جاي، توختام تۈزۈلگەن جاي، دەۋاگەر ئولتۇرۇشلۇق جاي، نىشاندىكى نەرسە بار جاي قاتارلىق ماجىرا بىلەن ئالاقىسى بار جايدىكى خەلق سوت مەھكىمىلىرىدىن بىرىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولۇشنى تاللىۋالسا بولىدۇ، لېكىن، مۇشۇ قانۇندىكى دەرىجە بويىچە باشقۇرۇش تەۋەلىكى ۋە مەخسۇس باشقۇرۇش تەۋەلىكىگە دائىر بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلسا بولمايدۇ.

35-ماددا ئىككىدىن ئارتۇق خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكى ھوقۇقى بولغان دەۋادا دەۋاگەر شۇ خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ بىرىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ؛ دەۋاگەرلەرنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكى ھوقۇقىغا ئىگە ئىككىدىن ئارتۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە قىلغان دەۋاسى ئەڭ باشتا دېلو ئاچقان خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولىدۇ.

3-پاراگراف باشقۇرۇش تەۋەلىكىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىش ۋە باشقۇرۇش تەۋەلىكىنى بېكىتىش

 36-ماددا خەلق سوت مەھكىمىلىرىدىن قوبۇل قىلغان دېلونىڭ ئۆزىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە ئەمەسلىكىنى سەزگەنلىرى ئۇنى باشقۇرۇش تەۋەلىكى ھوقۇقىغا ئىگە خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىشى، ئۆتكۈزۈۋالغان خەلق سوت مەھكىمىسى قوبۇل قىلىشى كېرەك. ئۆتكۈزۈۋالغۇچى خەلق سوت مەھكىمىلىرىدىن ئۆتكۈزۈۋالغان دېلونى بەلگىلىمە بويىچە ئۆزىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە ئەمەس دەپ قارىغانلىرى ئۇنى ئۆز ئالدىغا ئۆتكۈزۈپ بەرمەي، باشقۇرۇش تەۋەلىكىنى يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ بېكىتىپ بېرىشىگە مەلۇم قىلىشى كېرەك.

37-ماددا باشقۇرۇش تەۋەلىكى ھوقۇقىغا ئىگە خەلق سوت مەھكىمىسى ئالاھىدە سەۋەبلەر بىلەن باشقۇرۇش تەۋەلىكى ھوقۇقىنى يۈرگۈزەلمەي قالسا، يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىسى باشقۇرۇش تەۋەلىكىنى بېكىتىپ بېرىدۇ.

خەلق سوت مەھكىمىلىرى ئارا باشقۇرۇش تەۋەلىكى ھوقۇقى ئۈستىدە تالاش–تارتىش يۈز بەرسە، ئىككى تەرەپ كېڭىشىپ ھەل قىلىدۇ؛ كېڭىشىپ ھەل قىلالمىسا، باشقۇرۇش تەۋەلىكىنى ئىككى تەرەپ ئورتاق قارايدىغان يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ بېكىتىپ بېرىشىگە مەلۇم قىلىدۇ.

38-ماددا يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرى تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى 1-سوت ھەق تەلەپ دېلولىرىنى قاراپ چىقىشقا ھوقۇقلۇق؛ ئۆزىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى 1-سوت ھەق تەلەپ دېلولىرىنى تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ قاراپ چىقىشىغا تاپشۇرۇش ھەقىقەتەن زۆرۈر بولسا، ئۇنى بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىگە تەستىقلىتىشى كېرەك.

تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرى ئۆزىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى 1-سوت ھەق تەلەپ دېلولىرىنى يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرى قاراپ چىقىشى زۆرۈر دەپ قارىسا، يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ قاراپ چىقىشىغا مەلۇم قىلسا بولىدۇ.

3-باب سوت تەشكىلاتى

39-ماددا خەلق سوت مەھكىمىلىرى 1-سوت ھەق تەلەپ دېلولىرىنى قاراپ چىقىشتا، سوتچى، زاسېداتىللاردىن كېڭەشمە سوت ئۇيۇشتۇرىدۇ ياكى سوتچىلاردىن كېڭەشمە سوت ئۇيۇشتۇرىدۇ. كېڭەشمە سوت ئەزالىرىنىڭ سانى تاق بولۇشى شەرت.

ئاددىي تەرتىپنى قوللىنىپ قاراپ چىقىدىغان ھەق تەلەپ دېلولىرىنى بىرلا سوتچى ئۆز ئالدىغا قاراپ چىقىدۇ.

زاسېداتىللار زاسېداتىللىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەندە، سوتچىلار بىلەن ئوخشاش ھوقۇق-مەجبۇرىيەتكە ئىگە بولىدۇ.

40-ماددا خەلق سوت مەھكىمىلىرى 2-سوت ھەق تەلەپ دېلولىرىنى قاراپ چىقىشتا، سوتچىلاردىن كېڭەشمە سوت ئۇيۇشتۇرىدۇ. كېڭەشمە سوت ئەزالىرىنىڭ سانى تاق بولۇشى شەرت.

قايتا قاراپ چىقىشقا قايتۇرۇلغان دېلودا ئەسلىي قاراپ چىققان خەلق سوت مەھكىمىسى 1-سوت تەرتىپى بويىچە باشقىدىن كېڭەشمە سوت ئۇيۇشتۇرۇشى كېرەك.

يېڭىباشتىن قاراپ چىقىلىدىغان دېلولاردىن ئەسلىي 1-سوتتا قاراپ چىقىلغانلىرىدا 1-سوت تەرتىپى بويىچە باشقىدىن كېڭەشمە سوت ئۇيۇشتۇرۇلىدۇ؛ ئەسلىي 2-سوتتا قاراپ چىقىلغانلىرى ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىسى ئالدۇرۇپ قاراپ چىققانلىرىدا 2-سوت تەرتىپى بويىچە باشقىدىن كېڭەشمە سوت ئۇيۇشتۇرۇلىدۇ.

41-ماددا كېڭەشمە سوتقا مەھكىمە باشلىقى ياكى كوللېگىيە باشلىقى بېكىتكەن سوتچىلاردىن بىرى باش سوتچى بولىدۇ؛ مەھكىمە باشلىقى ياكى كوللېگىيە باشلىقى سوت قىلىشقا قاتناشقان بولسا، ئۇلار ئۆزى باش سوتچى بولىدۇ.

42-ماددا كېڭەشمە سوتتا دېلو باھالاشتا، ئاز سانلىق كۆپ سانلىققا بويسۇنۇش پىرىنسىپى يولغا قويۇلىدۇ. باھالاشتا خاتىرە تەييارلىنىشى، ئۇنىڭغا كېڭەشمە سوت ئەزالىرى ئىمزا قويۇشى كېرەك. باھالاشتا چۈشكەن ئوخشاش بولمىغان پىكىرلەر خاتىرىگە ئەينەن كىرگۈزۈلۈشى شەرت.

43-ماددا سوتچى خادىملار دېلونى قانۇن بويىچە ئادىل بېجىرىشى كېرەك.

سوتچى خادىملار دەۋالاشقۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ دەۋا ۋاكالەتچىلىرىنىڭ زىياپىتىگە بارسا، سوۋغىتىنى ئالسا بولمايدۇ.

خىيانەت قىلغان، پارا ئالغان، نەپسانىيەتچىلىك قىلغان، قانۇننى بۇزۇپ ھۆكۈم–كېسىم چىقارغان سوتچى خادىملارنى قانۇن جاۋابكارلىقىغا تارتىش؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرىنى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىش كېرەك

4-باب چەتلەپ تۇرۇش

44-ماددا سوتچى خادىملاردىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولغانلىرى چەتلەپ تۇرۇشى كېرەك، دەۋالاشقۇچىلار ئۇلارنىڭ چەتلەپ تۇرۇشىنى ئاغزاكى ياكى يازما ئىلتىماس قىلىشقا ھوقۇقلۇق:

(1) شۇ دېلودىكى دەۋالاشقۇچىلار ياكى دەۋالاشقۇچىلارنىڭ ۋە دەۋا ۋاكالەتچىلىرىنىڭ يېقىن تۇغقانلىرى؛

(2) شۇ دېلو بىلەن پايدا-زىيان مۇناسىۋىتى بولغانلار؛

(3) شۇ دېلودىكى دەۋالاشقۇچىلار ۋە دەۋا ۋاكالەتچىلىرى بىلەن باشقا مۇناسىۋىتى بولۇپ، دېلونى ئادىل قاراپ چىقىشقا تەسىر يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغانلار.

سوتچى خادىملار دەۋالاشقۇچىلار ۋە دەۋا ۋاكالەتچىلىرىنىڭ زىياپىتىگە بارغان، سوۋغىتىنى قوبۇل قىلغان بولسا ياكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ دەۋالاشقۇچىلار ۋە دەۋا ۋاكالەتچىلىرى بىلەن كۆرۈشكەن بولسا، دەۋالاشقۇچىلار ئۇلارنىڭ چەتلەپ تۇرۇشىنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

سوتچى خادىملاردىن ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن قىلمىشنى سادىر قىلغانلىرىنى قانۇن بويىچە قانۇن جاۋابكارلىقىغا تارتىش كېرەك.

ئالدىنقى ئۈچ تارماقتىكى بەلگىلىمە پۈتۈكچى، تەرجىمان، باھالىغۇچى ۋە ئېنىقلىغۇچىلارغا تەدبىقلىنىدۇ.

45-ماددا دەۋالاشقۇچىلار چەتلىتىشتە، سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ، دېلونى قاراپ چىقىشقا باشلىغان ۋاقىتتا ئىلتىماس قىلىشى كېرەك؛ چەتلىتىش سەۋەبىنى دېلونى قاراپ چىقىش باشلانغاندىن كېيىن بىلگەنلەر سوتتىكى مۇنازىرە ئاياغلىشىشتىن ئىلگىرى ئىلتىماس قىلسىمۇ بولۇۋېرىدۇ.

چەتلەپ تۇرۇش ئىلتىماسى قىلىنغانلارنىڭ چەتلەپ تۇرۇش-تۇرماسلىقىنى خەلق سوت مەھكىمىسى قارار قىلىشتىن ئىلگىرى، ئۇلار شۇ دېلونىڭ خىزمىتىگە ۋاقتىنچە ئارىلاشماسلىقى كېرەك، لېكىن، جىددىي تەدبىر قوللىنىشقا تېگىشلىك دېلولار بۇنىڭ سىرتىدا.

46-ماددا باش سوتچى بولىدىغان مەھكىمە باشلىقلىرىنىڭ چەتلەپ تۇرۇشىنى سوت ھەيئىتى قارار قىلىدۇ؛ سوتچى خادىملارنىڭ چەتلەپ تۇرۇشىنى مەھكىمە باشلىقى قارار قىلىدۇ؛ باشقا خادىملارنىڭ چەتلەپ تۇرۇشىنى باش سوتچى قارار قىلىدۇ.

47-ماددا خەلق سوت مەھكىمىلىرى دەۋالاشقۇچىلارنىڭ چەتلىتىش ئىلتىماسى توغرىسىدا ئۈچ كۈن ئىچىدە ئاغزاكى ياكى يازما قارار چىقىرىشى كېرەك. ئىلتىماس قىلغۇچىلاردىن قارارغا قايىل بولمىغانلىرى قارارنى تاپشۇرۇۋالغاندا بىر قېتىم قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. قايتا قاراپ چىقىۋاتقان مەزگىلدە چەتلەپ تۇرۇشى ئىلتىماس قىلىنغانلار شۇ دېلونىڭ خىزمىتىگە ئارىلىشىۋېرىدۇ. خەلق سوت مەھكىمىلىرى قايتا قاراپ چىقىش ئىلتىماسى ھەققىدە ئۈچ كۈن ئىچىدە قايتا قاراپ چىقىش قارارى چىقىرىشى ھەمدە قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلغۇچىغا ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك.

5-باب دەۋاغا قاتناشقۇچىلار

1-پاراگراف دەۋالاشقۇچىلار

48-ماددا پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلار ھەق تەلەپ دەۋاسىدا دەۋالاشقۇچى بولسا بولىدۇ. 

قانۇنىي ئىگىلەرنىڭ دەۋاسىنى ئۇلارنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەكىلى قىلىدۇ. باشقا تەشكىلاتلارنىڭ دەۋاسىنى ئۇلارنىڭ ئاساسىي مەسئۇلى قىلىدۇ. 

49-ماددا دەۋالاشقۇچىلار ۋاكالەتچىگە ھاۋالە قىلىش يولى بىلەن، چەتلەپ تۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىش، دەلىل-ئىسپاتلارنى توپلاش، بېرىش، مۇنازىرىلىشىش، مۇرەسسە قىلىشنى تەلەپ قىلىش، نارازىلىق ئەرز بېرىش، ئىجرا قىلىشنى ئىلتىماس قىلىشنى ۋاكالەتچىگە ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

دەۋالاشقۇچىلار شۇ دېلوغا مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى كۆرۈپ چىقسا ھەمدە شۇ ماتېرىياللارنى ۋە قانۇن ھۆججەتلىرىنى كۆچۈرۈۋالسا بولىدۇ. شۇ دېلوغا مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى كۆرۈش، كۆچۈرۈۋېلىش دائىرىسى ۋە چارىسىنى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى بەلگىلەيدۇ.

دەۋالاشقۇچىلار دەۋا ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈشى، دەۋا تەرتىپىگە رىئايە قىلىشى، قانۇن كۈچىگە ئىگە ھۆكۈمنامە، كېسىمنامە ۋە مۇرەسسەنامىنى ئادا قىلىشى شەرت.

50-ماددا دەۋالاشقۇچى ئىككى تەرەپ ئۆزلىرى كېلىشىۋالسا بولىدۇ.

51-ماددا دەۋاگەر دەۋا تەلىپىدىن كەچسە ياكى ئۇنى ئۆزگەرتسە بولىدۇ. جاۋابكار دەۋا تەلىپىنى ئېتىراپ قىلسا ياكى رەت قىلسا بولىدۇ، ئۇ، قارشى دەۋا قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

52-ماددا دەۋالاشقۇچى بىر تەرەپنىڭ ياكى ئىككىلا تەرەپنىڭ ئادىمى ئىككىدىن ئارتۇق، دەۋا نىشانى ئورتاق ياكى بىر خىل بولغان، خەلق سوت مەھكىمىسى بىر يولىلا قاراپ چىقىشنى لايىق كۆرگەن ھەمدە دەۋالاشقۇچىلارنىڭ ماقۇللۇقى ئېلىنغان دەۋالار ئورتاق دەۋا بولىدۇ.

ئورتاق دەۋادىكى دەۋالاشقۇچى بىر تەرەپنىڭ دەۋا نىشانى جەھەتتە ئورتاق ھوقۇق-مەجبۇرىيىتى بولغاندا، ئۇلار ئىچىدىكى بىر كىشىنىڭ باشقا ئورتاق دەۋا قىلغۇچىلار تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان دەۋا ھەرىكىتى باشقا ئورتاق دەۋا قىلغۇچىلار ئۈچۈن كۈچكە ئىگە بولىدۇ؛ دەۋا نىشانى جەھەتتە ئورتاق ھوقۇق-مەجبۇرىيىتى بولمىغاندا، ئۇلار ئىچىدىكى بىر كىشىنىڭ دەۋا ھەرىكىتى باشقا ئورتاق دەۋا قىلغۇچىلار ئۈچۈن كۈچكە ئىگە بولمايدۇ.

53-ماددا بىر تەرەپنىڭ ئادىمى كۆپ بولغان ئورتاق دەۋادا، دەۋالاشقۇچىلار ۋەكىل كۆرسىتىپ دەۋا قىلسا بولىدۇ، ۋەكىلنىڭ دەۋا ھەرىكىتى ئۇ ۋەكىللىك قىلىدىغان دەۋالاشقۇچىلار ئۈچۈن كۈچكە ئىگە بولىدۇ، لېكىن، ۋەكىل دەۋا تەلىپىنى ئۆزگەرتىپ، ئۇنىڭدىن ۋاز كېچىپ ياكى دەۋالاشقۇچى قارشى تەرەپنىڭ دەۋا تەلىپىنى ئېتىراپ قىلىپ كېلىشىۋالماقچى بولسا، ئۆزى ۋەكىللىك قىلىدىغان دەۋالاشقۇچىلارنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىشى شەرت.

54-ماددا دەۋا نىشانى بىر خىل، بىر تەرەپنىڭ ئادىمى كۆپ بولۇپ، دەۋا باشلانغاندا ئادەم سانى بېكىتىلمىگەن دەۋالاردا، خەلق سوت مەھكىمىسى ئېلان چىقىرىپ، دېلو ئەھۋالى ۋە دەۋا تەلىپىنى چۈشەندۈرۈپ، مەلۇم سۈرۈك ئىچىدە خەلق سوت مەھكىمىسىگە تىزىملىتىشنى ھوقۇقدارغا ئۇقتۇرۇش قىلسا بولىدۇ.

خەلق سوت مەھكىمىسىگە تىزىملاتقان ھوقۇقدار ۋەكىل كۆرسىتىپ دەۋالاشسا بولىدۇ؛ ۋەكىل كۆرسىتەلمىگەندە، خەلق سوت مەھكىمىسى تىزىملاتقان ھوقۇقدارلار بىلەن مەسلىھەتلىشىپ ۋەكىل بېكىتسە بولىدۇ.

ۋەكىلنىڭ دەۋا ھەرىكىتى ئۆزى ۋەكىللىك قىلىدىغان دەۋالاشقۇچىلار ئۈچۈن كۈچكە ئىگە بولىدۇ، لېكىن، ۋەكىل دەۋا تەلىپىنى ئۆزگەرتىپ، ئۇنىڭدىن ۋاز كېچىپ ياكى دەۋالاشقۇچى قارشى تەرەپنىڭ دەۋا تەلىپىنى ئېتىراپ قىلىپ كېلىشىۋالماقچى بولسا، ئۆزى ۋەكىللىك قىلىدىغان دەۋالاشقۇچىلارنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىشى شەرت.

خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈم-كېسىمى تىزىملاتقان بارلىق ھوقۇقدارلار ئۈچۈن كۈچكە ئىگە بولىدۇ. تىزىملاتمىغان ھوقۇقدارلاردىن دەۋا ۋاقىت چېكى ئىچىدە دەۋا قىلغانلىرىغا شۇ ھۆكۈم، كېسىم تەتبىقلىنىدۇ.

55-ماددا مۇھىتنى بۇلغاش، نۇرغۇن ئىستېمالچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزۈش قاتارلىق جامائەت مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار ئۈستىدىن قانۇندا بەلگىلەنگەن ئورگان ۋە ئالاقىدار تەشكىلات خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ.

56-ماددا دەۋالاشقۇچى ئىككى تەرەپنىڭ دەۋا نىشانىغا قارىتا مۇستەقىل تەلەپ قىلىش ھوقۇقۇم بار دەپ قارىغان 3-كىشى دەۋا قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

دەۋالاشقۇچى ئىككى تەرەپنىڭ دەۋا نىشانىغا قارىتا مۇستەقىل تەلەپ قىلىش ھوقۇقى بولمىسىمۇ، دېلونىڭ بىر تەرەپ قىلىنىش نەتىجىسى بىلەن قانۇن جەھەتتە پايدا-زىيان مۇناسىۋىتى بولغان 3-كىشى دەۋاغا قاتنىشىشنى ئىلتىماس قىلسا ياكى خەلق سوت مەھكىمىسى ئۇنىڭغا دەۋاغا قاتنىشىشىنى ئۇقتۇرۇش قىلسا بولىدۇ. خەلق سوت مەھكىمىسى ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشنى ھۆكۈم قىلغان 3-كىشىدە دەۋالاشقۇچىلارنىڭ دەۋا ھوقۇق-مەجبۇرىيىتى بولىدۇ.

ئالدىنقى ئىككى تارماقتا بەلگىلەنگەن 3-كىشى ئۆزىنىڭكىدىن باشقا سەۋەب بىلەن دەۋاغا قاتنىشالمىغان بولسىمۇ، قانۇن كۈچىگە ئىگە ھۆكۈم، كېسىم، مۇرەسسەنامىنىڭ قىسمەن ياكى ھەممە مەزمۇنىدا خاتالىق بارلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ئىسپات بولۇپ ئۇنىڭ ھەق تەلەپ ھوقۇق-مەنپەئەتىگە زىيان يەتسە، ئۆزىنىڭ ھەق تەلەپ ھوقۇق مەنپەئەتىنىڭ زىيانغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلگەن ياكى بىلىشكە تېگىشلىك بولغان كۈندىن باشلاپ ئالتە ئاي ئىچىدە شۇ ھۆكۈم، كېسىم، مۇرەسسەنامىنى چىقارغان خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ. خەلق سوت مەھكىمىسى قاراپ چىقىپ، دەۋا تەلىپى پۇت تىرەپ تۇرالىسا، ئەسلىي ھۆكۈم، كېسىم، مۇرەسسەنامىنى ئۆزگەرتىشى ياكى بىكار قىلىشى؛ دەۋا تەلىپى پۇت تىرەپ تۇرالمىسا، دەۋا تەلىپىنى رەت قىلىشى كېرەك.

2-پاراگراف دەۋا ۋاكالەتچىسى

57-ماددا دەۋادا ھەرىكەت ئىقتىدارى بولمىغانلار ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ۋەسىيسى قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋاكالەتچى سۈپىتىدە ۋاكالىتەن دەۋالىشىدۇ. قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋاكالەتچىلەر ۋاكالەتچىلىك جاۋابكارلىقىنى ئىتتىرىشىپ تۇرۇۋالسا، خەلق سوت مەھكىمىسى ئۇلاردىن بىرىنى ۋاكالىتەن دەۋالىشىشقا بېكىتىدۇ.

58-ماددا دەۋالاشقۇچىلار، قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋاكالەتچىلەر بىردىن ئىككىگىچە كىشىگە دەۋا ۋاكالەتچىسى بولۇشنى ھاۋالە قىلسا بولىدۇ.

تۆۋەندىكى كىشىلەرگە دەۋا ۋاكالەتچىسى بولۇش ھاۋالە قىلىنسا بولىدۇ:

(1) ئادۋوكات ۋە ئاساسىي قاتلام قانۇن مۇلازىمەت خادىملىرى؛

(2) دەۋالاشقۇچىلارنىڭ يېقىن تۇغقانلىرى ياكى خادىملار؛

(3) دەۋالاشقۇچىلار تۇرۇشلۇق مەھەللە، ئورۇن شۇنىڭدەك ئالاقىدار ئىجتىمائىي تەشكىلات كۆرسەتكەن پۇقرالار.

59-ماددا ۋاكالىتەن دەۋالىشىشنى باشقىلارغا ھاۋالە قىلىشتا، ھاۋالە قىلغۇچىنىڭ ئىمزاسى قويۇلغان ياكى تامغىسى بېسىلغان ھوقۇق بەرگەنلىك ھاۋالىنامىسىنى خەلق سوت مەھكىمىسىگە تاپشۇرۇش شەرت.

ھوقۇق بەرگەنلىك ھاۋالىنامىسىگە ھاۋالە قىلىنغان ئىشلار ۋە ھوقۇق دائىرىسى ئېنىق يېزىلىشى شەرت. دەۋا ۋاكالەتچىسى دەۋا تەلىپىنى ئېتىراپ قىلىپ، ئۇنىڭدىن ۋاز كېچىپ، ئۇنى ئۆزگەرتىپ، كېلىشىۋېلىش، قارشى دەۋا قىلىشتا ياكى نارازىلىق ئەرز بېرىشتە، ھاۋالە قىلغۇچىدىن ئالاھىدە ھوقۇق ئېلىشى شەرت.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى پۇقرالىرىدىن چەت ئەلدە مۇھاجىر بولۇپ ئولتۇراقلىشىپ قالغانلىرىنىڭ چەت ئەلدىن پوچتا ئارقىلىق ياكى باشقىلار ئارقىلىق ئەۋەتىدىغان ھوقۇق بەرگەنلىك ھاۋالىنامىسى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شۇ دۆلەتتىكى ئەلچىخانا-كونسۇلخانىسىنىڭ ئىسپاتلىقىدىن ئۆتكۈزۈلۈشى شەرت؛ ئەلچىخانا-كونسۇلخانا بولمىسا، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى بولغان 3-دۆلەتنىڭ شۇ دۆلەتتىكى ئەلچىخانا-كونسۇلخانىسىنىڭ ئىسپاتلىقىدىن ئۆتكۈزۈپ، ئاندىن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شۇ 3-دۆلەتتىكى ئەلچىخانا-كونسۇلخانىسىنىڭ ئىسپاتلىقىدىن ياكى شۇ جايدىكى ۋەتەنپەرۋەر مۇھاجىرلار تەشكىلاتىنىڭ ئىسپاتلىقىدىن ئۆتكۈزۈلىدۇ.

60-ماددا دەۋا ۋاكالەتچىسىنىڭ ھوقۇق دائىرىسىنى ئۆزگەرتىش ياكى بىكار قىلىشتا، دەۋالاشقۇچىلار خەلق سوت مەھكىمىسىگە يازما ئۇقتۇرۇشى ھەمدە خەلق سوت مەھكىمىسى دەۋالاشقۇچى قارشى تەرەپكە ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك.

61-ماددا ۋاكالىتەن دەۋالىشىدىغان ئادۋوكاتلار ۋە باشقا دەۋا ۋاكالەتچىلىرى دەلىل-ئىسپاتلارنى تەكشۈرۈشكە، توپلاشقا ھوقۇقلۇق، شۇ دېلوغا ئالاقىدار ماتېرىياللارنى كۆرۈپ چىقسا بولىدۇ. شۇ دېلوغا ئالاقىدار ماتېرىياللارنى كۆرۈپ چىقىش دائىرىسى ۋە چارىسىنى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى بەلگىلەيدۇ.

62-ماددا مەقسىتىنى ئىپادىلەپ بېرەلمەيدىغانلارنى ھېسابقا ئالمىغاندا، نىكاھتىن ئاجرىشىش دېلولىرىدا دەۋا ۋاكالەتچىسى بولغان تەقدىردىمۇ دەۋالاشقۇچىنىڭ ئۆزى سوتقا قاتنىشىشى كېرەك؛ پەۋقۇلئاددە ئەھۋال تۈپەيلىدىن سوتقا قاتنىشالمايدىغانلار خەلق سوت مەھكىمىسىگە يازما پىكرىنى سۇنۇشى شەرت.

6-باب دەلىل-ئىسپات

63-ماددا دەلىل-ئىسپات مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

(1) دەۋالاشقۇچىلارنىڭ بايانى؛

(2) يازما ئىسپات؛

(3) ماددىي ئىسپات؛

(4) ئۈن-سىن ماتېرىياللىرى؛

(5) ئېلېكتىرونلۇق مەلۇمات؛

(6) گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى؛

(7) باھالاش پىكرى؛

(8) ئېنىقلاش خاتىرىسى.

تەكشۈرۈشتە راستلىقى ئىسپاتلانغان دەلىل-ئىسپاتلارنى پاكىتىنى بېكىتىشنىڭ ئاساسى قىلىشقا بولىدۇ.

64-ماددا دەۋالاشقۇچىلاردا ئۆزىنىڭ تەشەببۇسى ئۈستىدە دەلىل-ئىسپات كۆرسىتىش جاۋابكارلىقى بولىدۇ.

دەۋالاشقۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ دەۋا ۋاكالەتچىلىرى ئوبيېكتىپ سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۆزى توپلىيالمىغان دەلىل-ئىسپاتلارنى ياكى خەلق سوت مەھكىمىسى دېلونى قاراپ چىقىشقا كېرەكلىك دەپ قارىغان دەلىل-ئىسپاتلارنى خەلق سوت مەھكىمىسى تەكشۈرۈپ توپلىشى كېرەك.

خەلق سوت مەھكىمىسى دەلىل-ئىسپاتلارنى قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە ئەتراپلىق ۋە ئوبيېكتىپ ھالدا تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشى كېرەك.

65-ماددا دەۋالاشقۇچىلار ئۆزىنىڭ تەشەببۇسى ئۈچۈن دەلىل-ئىسپاتنى ۋاقتىدا كۆرسىتىشى كېرەك.

خەلق سوت مەھكىمىسى دەۋالاشقۇچىلارنىڭ تەشەببۇسى ۋە دېلونى قاراپ چىقىش ئەھۋالىغا ئاساسەن، دەۋالاشقۇچىلار كۆرسىتىدىغان دەلىل-ئىسپات ۋە ئۇنىڭ مۆھلىتىنى بېكىتىدۇ. دەۋالاشقۇچىلارنىڭ شۇ مۆھلەت ئىچىدە دەلىل-ئىسپات كۆرسىتىشى تەس بولسا، خەلق سوت مەھكىمىسىگە مۆھلەتنى ئۇزارتىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، خەلق سوت مەھكىمىسى دەۋالاشقۇچىلارنىڭ ئىلتىماسىغا ئاساسەن مۇۋاپىق ئۇزارتىپ بېرىدۇ. دەۋالاشقۇچىلار مۆھلەت ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن دەلىل-ئىسپات كۆرسەتسە، خەلق سوت مەھكىمىسى ئۇلارغا سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈشنى بۇيرۇشى كېرەك؛ سەۋەبىنى چۈشەندۈرمىگەندە ياكى سەۋەبى پۇت تىرەپ تۇرالمىغاندا، خەلق سوت مەھكىمىسى ئەھۋالنى پەرقلەندۈرۈپ دەلىل-ئىسپاتنى قوبۇل قىلمىسا ياكى دەلىل-ئىسپاتنى قوبۇل قىلغان بولسىمۇ تەنبىھ بەرسە، جەرىمانە قويسا بولىدۇ.

66-ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى دەۋالاشقۇچىلار تاپشۇرغان دەلىل-ئىسپات ماتېرىياللىرىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن ھۆججەت چىقىرىپ بېرىشى، دەلىل-ئىسپات نامى، بەت سانى، نۇسخا سانى، ئەسلىي نۇسخىسى ياكى كۆپەيتىلمىسى ۋە تاپشۇرۇۋالغان ۋاقتى قاتارلىقلارنى ئېنىق يېزىشى ھەمدە ئۇنىڭغا بېجىرگۈچى ئىمزا قويۇشى ياكى تامغا بېسىشى كېرەك.

67-ماددا خەلق سوت مەھكىمىلىرى ئالاقىدار ئورۇن ۋە شەخسلەردىن تەكشۈرۈپ ئىسپات ئېلىشقا ھوقۇقلۇق، ئالاقىدار ئورۇن ۋە شەخسلەر رەت قىلسا بولمايدۇ.

خەلق سوت مەھكىمىلىرى ئالاقىدار ئورۇن ۋە شەخسلەر بەرگەن ئىسپات ھۆججەتلىرىنىڭ راست-يالغانلىقىنى پەرقلەندۈرۈپ، ئۇنىڭ كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىشى كېرەك.

68-ماددا دەلىل-ئىسپاتنى سوتتا كۆرسىتىش ھەمدە دەۋالاشقۇچىلارنى ئۆزئارا يۈزلەشتۈرۈش كېرەك. دۆلەت مەخپىيىتى، سودا مەخپىيىتى ۋە شەخسلەرنىڭ سىرىغا دائىر دەلىل-ئىسپاتنى مەخپىي تۇتۇش كېرەك، سوتتا كۆرسىتىشكە توغرا كەلسە، ئوچۇق سوت قىلغاندا كۆرسىتىشكە بولمايدۇ.

69-ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ ئارقىلىق ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقىدىن ئۆتكۈزۈلگەن قانۇن پاكىتلىرى ۋە ھۆججەتلىرىنى پاكىتنى بېكىتىشنىڭ ئاساسى قىلىشى كېرەك، لېكىن، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقىنى ئاغدۇرۇۋېتەلەيدىغان قارشى دەلىل-ئىسپات بولغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

70-ماددا يازما ئىسپاتنىڭ ئەسلىي نۇسخىسىنى تاپشۇرۇش كېرەك. ماددىي ئىسپاتنىڭ ئۆزىنى تاپشۇرۇش كېرەك. ئەسلىي نۇسخىسىنى ياكى ئۆزىنى تاپشۇرۇش ھەقىقەتەن قىيىن بولسا، كۆپەيتمىسى، سۈرىتى، قوشۇمچە نۇسخىسى، قىسقارتىلمىسىنى تاپشۇرۇشقىمۇ بولىدۇ.

چەت ئەل يېزىقىدىكى يازما ئىسپاتنى تاپشۇرىدىغانلار جۇڭگو يېزىقىدىكى تەرجىمە نۇسخىسىنىمۇ تاپشۇرۇشى شەرت.

71-ماددا خەلق سوت مەھكىمىلىرى ئۈن-سىن ماتېرىيالىنىڭ راست-يالغانلىقىنى پەرقلەندۈرۈپ ھەمدە شۇ دېلونىڭ باشقا دەلىل-ئىسپاتلىرىغا بىرلەشتۈرۈپ، ئۇنىڭ پاكىتنى بېكىتىشنىڭ ئاساسى بولالايدىغان-بولالمايدىغانلىقىنى تەكشۈرۈپ مۇقىملاشتۇرۇشى لازىم.

72-ماددا دېلو ئەھۋالىدىن خەۋىرى بارلىكى ئورۇنلار ۋە شەخسلەرنىڭ سوتقا چىقىپ گۇۋاھلىق بېرىش مەجبۇرىيىتى بولىدۇ. ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ مەسئۇللىرى گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىق بېرىشىنى قوللىشى كېرەك.

مەقسىتىنى توغرا ئىپادىلەپ بېرەلمەيدىغانلار گۇۋاھلىق بەرسە بولمايدۇ.

73-ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى ئۇقتۇرۇش قىلغان گۇۋاھچىلار سوتقا چىقىپ گۇۋاھلىق بېرىشى كېرەك. تۆۋەندىكى ئەھۋالنىڭ بىرى بولغانلار خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ رۇخسىتى بىلەن يازما گۇۋاھلىق سۆزى، ئۈن-سىن يەتكۈزۈش تېخنىكىسى ياكى ئۈن-سىن ماتېرىياللىرى ئارقىلىق گۇۋاھلىق بەرسە بولىدۇ:

(1) سالامەتلىك سەۋەبىدىن سوتقا چىقالمايدىغانلار؛

(2) يول يىراق، قاتناش قولايسىز بولغانلىقتىن سوتقا قاتنىشالمايدىغانلار؛

(3) تەبىئىي ئاپەت قاتارلىق تاقابىل تۇرغىلى بولمايدىغان سەۋەب بىلەن سوتقا چىقالمايدىغانلار؛

(4) باشقا ئورۇنلۇق سەۋەب بىلەن سوتقا چىقالمايدىغانلار.

74-ماددا گۇۋاھچىنىڭ سوتقا چىقىپ گۇۋاھلىق بېرىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش سەۋەبىدىن چىقىم قىلغان قاتناش، ياتاق، تاماق قاتارلىق زۆرۈر چىقىملىرى ۋە ئىش دەخلىسى زىيىنىنى دەۋادا ئۇتتۇرۇپ قويغۇچى ئۈستىگە ئالىدۇ. گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىق بېرىشىنى دەۋالاشقۇچى ئىلتىماس قىلغان بولسا، شۇ دەۋالاشقۇچى ئاۋۋال چىقىرىپ تۇرىدۇ؛ گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىق بېرىشىنى دەۋالاشقۇچى ئىلتىماس قىلماي، خەلق سوت مەھكىمىسى ئۇقتۇرۇش قىلغان بولسا، خەلق سوت مەھكىمىسى ئاۋۋال چىقىرىپ تۇرىدۇ.

75-ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى دەۋالاشقۇچىلارنىڭ بايانىنىڭ پاكىتنى بېكىتىشنىڭ ئاساسى بولالايدىغان-بولالمايدىغانلىقىنى شۇ دېلونىڭ باشقا دەلىل-ئىسپاتلىرىغا بىرلەشتۈرۈپ تەكشۈرۈپ مۇقىملاشتۇرۇشى لازىم.

دەۋالاشقۇچىلار بايان قىلىشنى رەت قىلسا، خەلق سوت مەھكىمىسى دېلو پاكىتىنى ئۇنىڭغا قارىماي دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن بېكىتىۋېرىدۇ.

76-ماددا دەۋالاشقۇچىلار پاكىتنى ئېنىقلايدىغان مەخسۇس مەسىلىنى خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئىلتىماس قىلىپ باھالاتسا بولىدۇ. دەۋالاشقۇچىلار باھالىتىشنى ئىلتىماس قىلغان بولسا، دەۋالاشقۇچى ئىككى تەرەپ سالاھىيەت ھازىرلىغان باھالىغۇچىنى كېڭىشىپ بېكىتىدۇ؛ كېلىشەلمىسە، خەلق سوت مەھكىمىسى بېكىتىپ بېرىدۇ.

دەۋالاشقۇچىلار باھالىتىشنى ئىلتىماس قىلمىسا، خەلق سوت مەھكىمىسى باھالىتىش زۆرۈر، دەپ قارىغان مەخسۇس مەسىلىلەرنى سالاھىيىتى بار باھالىغۇچىغا باھالىتىشى كېرەك.

77-ماددا باھالىغۇچى باھالاشقا كېرەكلىك دېلو ماتېرىيالىدىكى ئەھۋالنى ئىگىلەشكە ھوقۇقلۇق، زۆرۈر تېپىلغاندا، دەۋالاشقۇچىلار ۋە گۇۋاھچىلاردىن گەپ سورىسا بولىدۇ.

باھالىغۇچى باھالاش پىكرى يېزىشى، باھانامىگە ئىمزاسىنى قويۇشى ياكى تامغىسىنى بېسىشى كېرەك.

78-ماددا دەۋالاشقۇچىلارنىڭ باھالاش پىكرىگە باشقىچە پىكرى بولسا ياكى خەلق سوت مەھكىمىسى باھالىغۇچى سوتقا چىقىشى زۆرۈر، دەپ قارىسا، باھالىغۇچى سوتقا چىقىپ گۇۋاھلىق بېرىشى كېرەك. خەلق سوت مەھكىمىسى ئۇقتۇرۇش قىلغان بولسىمۇ، باھالىغۇچى سوتقا چىقىپ گۇۋاھلىق بېرىشنى رەت قىلسا، باھالاش پىكرىنى پاكىت بېكىتىشنىڭ ئاساسى قىلىشقا بولمايدۇ؛ باھالىتىش ھەققىنى چىقارغان دەۋالاشقۇچى باھالىتىش ھەققىنى قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.

79-ماددا دەۋالاشقۇچىلار باھالىغۇچىنىڭ باھالاش پىكرى ياكى كەسپىي مەسىلە ھەققىدىكى پىكرىنى ئاڭلاش يۈزىسىدىن مەخسۇس بىلىم ئەھلىلىرىنى سوتقا چىقىرىشىنى خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

80-ماددا ئېنىقلىغۇچى ماددىي ئىسپات ياكى نەق مەيداننى ئېنىقلاشتا، خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ گۇۋاھنامىسىنى كۆرسىتىشى ھەمدە شۇ جايدىكى ئاساسىي قاتلام تەشكىلات ياكى دەۋالاشقۇچىلار ئىشلەيدىغان ئورۇندىن ئادەم تەكلىپ قىلىپ قاتناشتۇرۇشى شەرت. دەۋالاشقۇچىلار ياكى ئۇلارنىڭ قۇرامىغا يەتكەن ئائىلە تەۋەسى تۆپىدە تۇرۇشى كېرەك، تۆپىدە تۇرمىسا ئۇنىڭغا قارىماي ئېنىقلاۋېرىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئۇقتۇرۇشىغا ئاساسەن نەق مەيداننى قوغداش، ئېنىقلاش خىزمىتىگە ياردەملىشىش مەجبۇرىيىتى بولىدۇ.

ئېنىقلىغۇچى ئېنىقلاش ئەھۋالى ۋە نەتىجىسىدىن خاتىرە تەييارلىشى، ئۇنىڭغا ئېنىقلىغۇچى، دەۋالاشقۇچى ۋە تەكلىپ بىلەن قاتناشقۇچى ئىمزا قويۇشى ياكى تامغا بېسىشى لازىم.

81-ماددا دەلىل-ئىسپات يوقىلىپ كېتىش ئېھتىمالى بولغان ياكى كېيىن قولغا كەلتۈرۈش تەس بولغان ئەھۋال ئاستىدا، دەۋالاشقۇچىلار دەۋا جەريانىدا خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەلىل-ئىسپاتلارنى ئامان ساقلاشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، خەلق سوت مەھكىمىسى ئامان ساقلاش تەدبىرىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوللانسىمۇ بولىدۇ.

جىددىي ئەھۋال كۆرۈلۈپ، دەلىل-ئىسپات يوقىلىپ كېتىش ئېھتىمالى بولغان ياكى كېيىن قولغا كەلتۈرۈش تەس بولغان ئەھۋالدا، پايدا-زىيان مۇناسىۋىتى بارلار دەۋا قىلىش ياكى كېسىم قىلىپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلىشتىن ئىلگىرى دەلىل-ئىسپات بار جايدىكى، ئىلتىماس قىلىنغۇچى ئولتۇرۇشلۇق جايدىكى ياكى دېلو باشقۇرۇش تەۋەلىكى ھوقۇقىغا ئىگە خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەلىل-ئىسپاتنى ئامان ساقلاشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

دەلىل-ئىسپاتنى ئامان ساقلاشنىڭ باشقا تەرتىپلىرى مۇشۇ قانۇننىڭ 9-بابىدىكى ئامان ساقلاشقا دائىر بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

7-باب سۈرۈك، يەتكۈزۈش

1-پاراگراف سۈرۈك

82-ماددا سۈرۈك قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈكنى ۋە خەلق سوت مەھكىمىسى بېكىتكەن سۈرۈكنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

سۈرۈك سائەت، كۈن، ئاي، يىل بىلەن ھېسابلىنىدۇ. سۈرۈك باشلانغان سائەت ۋە كۈن سۈرۈككە قوشۇپ ھېسابلانمايدۇ.

سۈرۈك توشقان ئاخىرقى بىر كۈن ھېيت-بايرام كۈنىگە، دەم ئېلىش كۈنىگە توغرا كېلىپ قالسا، ھېيت-بايرام، دەم ئېلىش كۈنىدىن كېيىنكى 1-كۈن سۈرۈك توشقان كۈن بولىدۇ.

سۈرۈك يولغا كەتكەن ۋاقىتنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ، دەۋا ھۆججەتلىرى سۈرۈك توشۇشتىن ئىلگىرى پوچتىغا سېلىنغان بولسا، سۈرۈك ئۆتۈپ كەتكەن ھېسابلانمايدۇ.

83-ماددا دەۋالاشقۇچىلار تاقابىل تۇرغىلى بولمايدىغان ئىش ياكى باشقا ئورۇنلۇق سەۋەبلەر بىلەن سۈرۈكنى كېچىكتۈرۈپ قويغان بولسا، توسالغۇ تۈگىگەندىن كېيىنكى ئون كۈن ئىچىدە سۈرۈكنى ئۇزارتىپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، ئۇنىڭغا رۇخسەت قىلىش-قىلماسلىقنى خەلق سوت مەھكىمىسى قارار قىلىدۇ.

2-پاراگراف يەتكۈزۈش

84-ماددا دەۋا ھۆججەتلىرىنى يەتكۈزۈشتە ئۇچۇر قەغىزى بولۇشى، يەتكۈزۈلگۈچى ئۇچۇر قەغىزىگە تاپشۇرۇۋالغان ۋاقىتنى يېزىپ ئىمزا قويۇشى ياكى تامغا بېسىشى لازىم.

يەتكۈزۈلگۈچى يەتكۈزمىنىڭ ئۇچۇر قەغىزىگە ئىمزا قويغان ۋاقىت يەتكۈزۈلگەن ۋاقىت بولىدۇ.

85-ماددا يەتكۈزۈلىدىغان دەۋا ھۆججەتلىرىنى يەتكۈزۈلگۈچىنىڭ قولىغا بېرىش كېرەك.

يەتكۈزۈلگۈچى پۇقرا بولسا، ئۇ بولمىغاندا ئۇنىڭ بىلەن بىر ئۆيدە تۇرىدىغان قۇرامىغا يەتكەن ئائىلە تەۋەسىگە تاپشۇرۇپ ئىمزا قويدۇرۇلىدۇ؛ يەتكۈزۈلگۈچى قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلات بولسا، قانۇنىي ئىگىنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەكىلى، باشقا تەشكىلاتنىڭ ئاساسىي مەسئۇلى ۋە ياكى بۇ قانۇنىي ئىگە، تەشكىلاتنىڭ ھۆججەتلەرنى تاپشۇرۇۋېلىشقا مەسئۇل ئادىمىگە تاپشۇرۇپ ئىمزا قويدۇرۇلۇشى كېرەك؛ يەتكۈزۈلگۈچىنىڭ دەۋا ۋاكالەتچىسى بولسا، ئۇنىڭ ۋاكالەتچىسىگە تاپشۇرۇپ ئىمزا قويدۇرۇلسا بولىدۇ؛ يەتكۈزۈلگۈچى ئۆزىگە ۋاكالىتەن تاپشۇرۇۋالىدىغان كىشىنى خەلق سوت مەھكىمىسىگە بېكىتىپ بەرگەن بولسا، ۋاكالىتەن تاپشۇرۇۋالغۇچى تاپشۇرۇپ ئىمزا قويدۇرۇلىدۇ.

يەتكۈزۈلگۈچى بىلەن بىر ئۆيدە تۇرىدىغان قۇرامىغا يەتكەن ئائىلە تەۋەسى، قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلاتنىڭ تاپشۇرۇۋېلىشقا مەسئۇل ئادىمى، دەۋا ۋاكالەتچىسى ياكى ۋاكالىتەن تاپشۇرۇۋالغۇچى يەتكۈزمىنىڭ ئۇچۇر قەغىزىگە ئىمزا قويغان ۋاقىت يەتكۈزگەن ۋاقىت بولىدۇ.

86-ماددا يەتكۈزۈلگۈچى ياكى ئۇنىڭ بىلەن بىر ئۆيدە تۇرىدىغان قۇرامىغا يەتكەن ئائىلە تەۋەسى دەۋا ھۆججەتلىرىنى تاپشۇرۇۋېلىشنى رەت قىلسا، يەتكۈزگۈچى مۇناسىۋەتلىك ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتىنىڭ ياكى ئۇ ئىشلەيدىغان ئورۇننىڭ ۋەكىلىنى تۆپىدە تۇرۇشقا تەكلىپ قىلىپ، ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈپ، تاپشۇرۇۋېلىشنى رەت قىلىش سەۋەبى ۋە ۋاقتىنى يەتكۈزمىنىڭ ئۇچۇر قەغىزىگە يېزىپ قويۇشى لازىم، يەتكۈزگۈچى ۋە گۇۋاھچىلار ئىمزا قويۇپ ياكى تامغا بېسىپ، دەۋا ھۆججىتىنى يەتكۈزۈلگۈچىنىڭ ئولتۇرۇشلۇق جايىغا قويۇپ قويسىلا يەتكۈزۈلگەن ھېسابلىنىدۇ؛ دەۋا ھۆججىتىنى يەتكۈزۈلگۈچىنىڭ ئولتۇرۇشلۇق جايىغا قويۇپ قويسا ھەمدە سۈرەت تارتىش، سىن ئېلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق يەتكۈزۈش جەريانىنى خاتىرىلىۋالسا يەتكۈزۈلگەن ھېسابلىنىدۇ.

87-ماددا يەتكۈزۈلگۈچىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن خەلق سوت مەھكىمىسى دەۋا ھۆججىتىنى فاكس، ئېلېكتىرونلۇق يوللانما قاتارلىق تاپشۇرۇۋالغانلىقنى ئېتىراپ قىلغىلى بولىدىغان ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ يەتكۈزسە بولىدۇ، لېكىن ھۆكۈم، كېسىم، مۇرەسسەنامە بۇنىڭ سىرتىدا.

ئالدىنقى تارماقتىكى ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ يەتكۈزۈلگەن بولسا، فاكس، ئېلېكتىرونلۇق يوللانما قاتارلىقلار يەتكۈزۈلگۈچىنىڭ مۇئەييەن سىستېمىسىغا كىرگەن كۈن يەتكۈزۈلگەن كۈن بولىدۇ.

88-ماددا دەۋا ھۆججەتلىرىنى بىۋاسىتە يەتكۈزۈش قىيىن بولسا، باشقا خەلق سوت مەھكىمىسىگە ھاۋالە قىلىش يولى بىلەن يەتكۈزۈلسىمۇ ياكى پوچتا ئارقىلىق يەتكۈزۈلسىمۇ بولىدۇ. پوچتا ئارقىلىق يەتكۈزگەندە، ئۇچۇر قەغىزىگە يېزىلغان تاپشۇرۇۋالغان كۈن يەتكۈزۈلگەن كۈن بولىدۇ.

89-ماددا يەتكۈزۈلگۈچى ھەربىي بولسا، ئۇ تۇرۇشلۇق قىسىمدىكى تۈەندىن يۇقىرى ئورۇننىڭ سىياسىي ئورگىنى ئارقىلىق يەتكۈزۈلىدۇ.

90-ماددا يەتكۈزۈلگۈچى قاماقتا بولسا، تۈرمە، قاماقخانا ئارقىلىق يەتكۈزۈلىدۇ.

يەتكۈزۈلگۈچىگە مەجبۇرىي تەربىيەلەش تەدبىرى قوللىنىلىۋاتقان بولسا، مەجبۇرىي تەربىيەلەش ئاپپاراتى ئارقىلىق يەتكۈزۈلىدۇ.

91-ماددا ۋاكالىتەن يەتكۈزۈپ بەرگۈچى ئورگان ۋە ئورۇن دەۋا ھۆججەتلىرىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، يەتكۈزۈلگۈچىگە دەرھال تاپشۇرۇپ بېرىپ، ئىمزا قويدۇرۇشى شەرت، يەتكۈزمىنىڭ ئۇچۇر قەغىزىگە ئىمزا قويغان كۈن يەتكۈزگەن كۈن ھېسابلىنىدۇ.

92-ماددا يەتكۈزۈلگۈچىنىڭ ئىز-دېرىكى بولمىسا ياكى مۇشۇ پاراگرافتا بەلگىلەنگەن باشقا يوللار بىلەن يەتكۈزگىلى بولمىسا، ئېلان چىقىرىش يولى بىلەن يەتكۈزۈلىدۇ. ئېلان چىقىرىلغان كۈندىن باشلاپ ئارىدىن 60 كۈن ئۆتسە يەتكۈزگەن ھېسابلىنىدۇ.

ئېلان چىقىرىش يولى بىلەن يەتكۈزگەندە، ئۇنىڭ سەۋەبى ۋە جەريانىنى دېلوغا يېزىش لازىم.

8-باب مۇرەسسە قىلىش

93-ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى ھەق تەلەپ دېلولىرىنى قاراپ چىقىشتا، دەۋالاشقۇچىلار ئىختىيار قىلىش پىرىنسىپىغا بىنائەن، پاكىتنى ئېنىقلاش ئاساسىدا، ھەق-ناھەقنى ئېنىق ئايرىپ مۇرەسسە قىلىدۇ.

94-ماددا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مۇرەسسەسىگە بىر سوتچى رىياسەتچىلىك قىلسىمۇ، كېڭەشمە سوت رىياسەتچىلىك قىلسىمۇ بولىدۇ، مۇمكىنقەدەر شۇ جايدا مۇرەسسە قىلىنىدۇ.

خەلق سوت مەھكىمىسى مۇرەسسە قىلىشتا، دەۋالاشقۇچىلار ۋە گۇۋاھچىلارغا سوتقا كېلىش ھەققىدە قولايلىق ئۇسۇل بىلەن ئۇقتۇرۇش قىلسا بولىدۇ.

95-ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى مۇرەسسە قىلىشتا، ئالاقىدار ئورۇن ۋە شەخسلەرنى تەكلىپ قىلىپ ھەمكارلاشتۇرسا بولىدۇ. تەكلىپ قىلىنغان ئورۇن ۋە شەخسلەر خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مۇرەسسەسىگە ھەمكارلىشىشى كېرەك.

96-ماددا مۇرەسسەدە كېلىشىم ھاسىل قىلىشتا، زورلىماسلىق، ئىككى تەرەپ ئىختىيار قىلىش شەرت. مۇرەسسە كېلىشىمىنىڭ مەزمۇنى قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ كەلسە بولمايدۇ.

97-ماددا مۇرەسسەدە كېلىشىم ھاسىل قىلىنغاندا، خەلق سوت مەھكىمىسى مۇرەسسەنامە تەييارلىشى كېرەك. مۇرەسسەنامىگە دەۋا تەلىپى، دېلو پاكىتى ۋە مۇرەسسە نەتىجىسىنى ئېنىق يېزىش كېرەك.

مۇرەسسەنامە سوتچى خادىملار ۋە پۈتۈكچىنىڭ ئىمزاسى قويۇلۇپ، خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ تامغىسى بېسىلىپ، دەۋالاشقۇچى ئىككى تەرەپكە يەتكۈزۈپ بېرىلىدۇ.

مۇرەسسەنامە دەۋالاشقۇچى ئىككى تەرەپ ئىمزا قويغاندىن كېيىنلا قانۇن كۈچىگە ئىگە بولىدۇ.

98-ماددا تۆۋەندىكى دېلولاردا مۇرەسسە يولى بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلىنغاندا، خەلق سوت مەھكىمىسى مۇرەسسەنامە تەييارلىمىسىمۇ بولىدۇ:

(1) مۇرەسسە يولى بىلەن ياراشتۇرۇپ قويۇلغان نىكاھتىن ئاجرىشىش دېلوسى؛

(2) مۇرەسسە يولى بىلەن ساقلاپ قېلىنغان بېقىۋېلىش مۇناسىۋىتى دېلوسى؛

(3) دەرھال ئادا قىلغىلى بولىدىغان دېلو؛

(4) مۇرەسسەنامە تەييارلاش ھاجەتسىز بولغان باشقا دېلولار.

مۇرەسسەنامە تەييارلاش ھاجەتسىز بولغان كېلىشىمدىن خاتىرە قالدۇرۇلۇشى كېرەك. ئۇ، دەۋالاشقۇچى ئىككى تەرەپ، سوتچى خادىملار ۋە پۈتۈكچى ئىمزا قويغان ياكى تامغا باسقاندىن كېيىنلا قانۇن كۈچىگە ئىگە بولىدۇ.

99-ماددا مۇرەسسەدە كېلىشىم ھاسىل قىلىنمىغان ياكى مۇرەسسەنامە يەتكۈزۈپ بېرىلگۈچە بىر تەرەپ يېنىۋالغان بولسا، خەلق سوت مەھكىمىسى ۋاقتىدا ھۆكۈم چىقىرىشى كېرەك.

9-باب ئامان ساقلاش ۋە ئالدىن ئىجرا قىلىش

100-ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى دەۋالاشقۇچى بىر تەرەپنىڭ ھەرىكىتى ياكى باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ھۆكۈمنى ئىجرا قىلىش تەس بولغان ياكى دەۋالاشقۇچىلارغا زىيان يېتىدىغان دېلودا، دەۋالاشقۇچى قارشى تەرەپنىڭ ئىلتىماس قىلىشى بىلەن، ئۇلارنىڭ مال-مۈلكىنى ئامان ساقلاش ھەققىدە كېسىم چىقارسا، مۇئەييەن ھەرىكەتنى قىلىشقا ياكى مۇئەييەن ھەرىكەتنى قىلماسلىققا بۇيرۇسا بولىدۇ؛ دەۋالاشقۇچىلار ئىلتىماس قىلمىغان بولسا، زۆرۈر تېپىلغاندا، خەلق سوت مەھكىمىسى كېسىم چىقىرىپ، ئامان ساقلاش تەدبىرى قوللانسىمۇ بولىدۇ.

خەلق سوت مەھكىمىسى ئامان ساقلاش تەدبىرى قوللىنىشتا، ئىلتىماس قىلغۇچىنى كېپىللىك بېرىشكە بۇيرۇسا بولىدۇ؛ ئىلتىماس قىلغۇچى كېپىللىك بەرمىسە، ئىلتىماسى كېسىم بىلەن رەت قىلىنىدۇ.

خەلق سوت مەھكىمىسى ئىلتىماسنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، جىددىي ئەھۋال كۆرۈلسە، 48 سائەت ئىچىدە كېسىم چىقىرىشى شەرت؛ ئامان ساقلاش تەدبىرى قوللىنىش توغرىسىدا كېسىم چىقارغان بولسا، ئىجراغا دەرھال كىرىشىشى كېرەك.

101-ماددا پايدا-زىيان مۇناسىۋىتى بارلاردىن ئەھۋال جىددىي بولغاچقا، ئامان ساقلاشنى دەرھال ئىلتىماس قىلمىسا قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتى تولدۇرغۇسىز زىيانغا ئۇچرايدىغانلىرى دەۋا قىلىشتىن ياكى كېسىم قىلىشتىن بۇرۇن ئامان ساقلىنىدىغان مال-مۈلۈك بار جايدىكى، ئىلتىماس قىلىنغۇچى ئولتۇرۇشلۇق جايدىكى ياكى دېلونى باشقۇرۇش تەۋەلىكى ھوقۇقى بار خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئامان ساقلاش تەدبىرى قوللىنىش ھەققىدە ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. ئىلتىماس قىلغۇچى كېپىللىك بېرىشى كېرەك، كېپىللىك بەرمىسە، ئىلتىماسى كېسىم بىلەن رەت قىلىنىدۇ.

خەلق سوت مەھكىمىسى ئىلتىماسنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن 48 سائەت ئىچىدە كېسىم چىقىرىشى شەرت؛ ئامان ساقلاش تەدبىرى قوللىنىش توغرىسىدا كېسىم چىقارغان بولسا، ئىجراغا دەرھال كىرىشىشى كېرەك.

خەلق سوت مەھكىمىسى ئامان ساقلاش تەدبىرى قوللىنىپ 30 كۈنگىچە ئىلتىماس قىلغۇچى قانۇن بويىچە دەۋا قىلمىسا ياكى كېسىم قىلىپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلمىسا، خەلق سوت مەھكىمىسى ئامان ساقلاشنى بىكار قىلىشى كېرەك.

102-ماددا ئامان ساقلاش ئۇنىڭ تەلەپ دائىرىسى ياكى شۇ دېلوغا ئالاقىدار پۇل-مال بىلەن چەكلىنىدۇ.

103-ماددا مال-مۈلۈكنى ئامان ساقلاشتا پېچەتلەش، تۇتۇپ قېلىش، توڭلىتىپ قويۇش ئۇسۇلى ياكى قانۇندا بەلگىلەنگەن باشقا ئۇسۇللار قوللىنىلىدۇ. خەلق سوت مەھكىمىسى مال-مۈلۈكنى ئامان ساقلىغاندىن كېيىن، مال-مۈلكى ئامان ساقلانغۇچىغا دەرھال ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك.

پېچەتلەنگەن، توڭلىتىلغان مال-مۈلۈكنى يەنە پېچەتلەشكە ۋە توڭلىتىشقا بولمايدۇ.

104-ماددا مال-مۈلۈك ماجىراسى دېلوسىدا ئىلتىماس قىلىنغۇچى كېپىللىك بەرسە، خەلق سوت مەھكىمىسى ئامان ساقلاشنى كېسىم بىلەن بىكار قىلىشى كېرەك.

105-ماددا ئىلتىماستا خاتالىق كۆرۈلسە، ئىلتىماس قىلىنغۇچىنىڭ ئامان ساقلاش تۈپەيلىدىن تارتقان زىيىنىنى ئىلتىماس قىلغۇچى تۆلىشى كېرەك.

106-ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى تۆۋەندىكى دېلولاردا دەۋالاشقۇچىلارنىڭ ئىلتىماسىغا بىنائەن، ئالدىن ئىجرا قىلىش توغرىسىدا كېسىم چىقارسا بولىدۇ:

(1) قاراش ھەققى، كۈتۈش ھەققى، بېقىش ھەققى، نەپىقە پۇلى، داۋالىنىش خىراجىتى تەلەپ قىلىنغان دېلو؛

(2) ئەمگەك ھەققى تەلەپ قىلىنغان دېلو؛

(3) ئەھۋال جىددىي بولغانلىقتىن ئالدىن ئىجرا قىلىنىدىغان دېلو.

107-ماددا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ كېسىملىرىدىن ئالدىن ئىجرا قىلىنىدىغانلىرى تۆۋەندىكى شەرتلەرگە توشۇشى كېرەك:

(1) دەۋالاشقۇچىلار ئارىسىدا ھوقۇق، مەجبۇرىيەت مۇناسىۋىتى ئېنىق بولۇپ، ئالدىن ئىجرا قىلىنمىغاندا، ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ تۇرمۇشىغا ياكى ئىشلەپچىقىرىش، تىجارىتىگە ئېغىر تەسىر يەتسە؛

(2) ئىلتىماس قىلىنغۇچىنىڭ ئادا قىلىش ئىقتىدارى بولسا.

خەلق سوت مەھكىمىسى ئىلتىماس قىلغۇچىنى كېپىللىك بېرىشكە بۇيرۇسا بولىدۇ، ئىلتىماس قىلغۇچى كېپىللىك بەرمىسە، ئىلتىماسىنى رەت قىلىدۇ. ئىلتىماس قىلغۇچىلاردىن دەۋادا يېڭىلگەنلىرى ئىلتىماس قىلىنغۇچىنىڭ ئالدىن ئىجرا قىلىش تەدبىرى قوللىنىش تۈپەيلىدىن تارتقان مال-مۈلۈك زىيىنىنى تۆلىشى كېرەك.

108-ماددا دەۋالاشقۇچىلاردىن ئامان ساقلاش ياكى ئالدىن ئىجرا قىلىش توغرىسىدىكى كېسىمگە قايىل بولمىغانلىرى بىر قېتىم قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. قايتا قاراپ چىقىش مەزگىلىدە كېسىمنىڭ ئىجراسى توختىتىلمايدۇ.

10-باب ھەق تەلەپ دەۋا ئىشلىرىغا دەخلى قىلغۇچىلارغا قوللىنىلىدىغان مەجبۇرلاش تەدبىرى

109-ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى سوتقا كەلمىسە بولمايدىغان جاۋابكارلاردىن چاقىرىق قەغىزى بىلەن ئىككى قېتىم چاقىرتسىمۇ ئورۇنسىز سەۋەبلەرنى كۆرسىتىپ سوتقا كەلمىگەنلىرىنى مەجبۇرىي چاقىرتىپ كەلسە بولىدۇ.

110-ماددا دەۋا ئىشتىراكچىلىرى ۋە باشقا كىشىلەر سوتخانا قائىدىسىگە رىئايە قىلىشى كېرەك.

خەلق سوت مەھكىمىسى سوتخانا قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلغانلارغا تەنبىھ بېرىپ، سوتخانىدىن چىقىرىۋەتسە ياكى جەرىمانە قويسا، توختىتىپ قويسا بولىدۇ.

خەلق سوت مەھكىمىسى سوتخانىدا غوۋغا چىقىرىپ، سوتخانىغا بېسىپ كىرىپ، سوتچى خادىملارنى ھاقارەتلەپ، ئۇلارغا بوھتان چاپلاپ، تەھدىت سېلىپ، ئۇرۇپ، سوتخانا تەرتىپىنى ئېغىر دەرىجىدە قالايمىقانلاشتۇرغانلارنى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىدۇ؛ قىلمىشى يېنىكرەكلىرىگە جەرىمانە قويىدۇ، ئۇلارنى توختىتىپ قويىدۇ.

111-ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى دەۋا ئىشتىراكچىلىرى ياكى باشقا كىشىلەردىن تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرى كۆرۈلگەنلىرىگە قىلمىشىنىڭ ئېغىر-يېنىكلىكىگە قاراپ جەرىمانە قويسا، ئۇلارنى توختىتىپ قويسا بولىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرىنى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىدۇ:

(1) مۇھىم دەلىل-ئىسپاتلارنى ئويدۇرۇپ چىقىپ، يوق قىلىۋېتىپ، خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ دېلونى قاراپ چىقىشىغا توسقۇنلۇق قىلغانلار؛

(2) گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىق بېرىشىنى زورلۇق ئىشلىتىش، تەھدىت سېلىش، پارا بېرىپ سېتىۋېلىش يولى بىلەن توسۇغانلار ياكى يول كۆرسىتىپ، پارا بېرىپ سېتىۋېلىپ، ھەيۋە قىلىپ، باشقىلارنى يالغان گۇۋاھلىق بەرگۈزگەنلەر؛

(3) پېچەتلەنگەن، تۇتۇپ قېلىنغان مال-مۈلۈكنى ياكى ئىدىتلانغان ھەمدە ئۇنىڭ باشقۇرۇشىغا بۇيرۇلغان مال-مۈلۈكنى يوشۇرغان، يۆتكىۋەتكەن، سېتىۋەتكەن، كاردىن چىقارغانلار، توڭلىتىۋەتكەن مال-مۈلۈكنى يۆتكىۋەتكەنلەر؛

(4) قانۇن يۈرگۈزگۈچى خادىملار، دەۋاغا قاتناشقۇچىلار، گۇۋاھچىلار، تەرجىمانلار، باھالىغۇچىلار، ئېنىقلىغۇچىلار، ئىجراغا ھەمكارلاشقۇچىلارغا ھاقارەت قىلغان، بۆھتان چاپلىغان، قارا چاپلاپ ز, ىيانكەشلىك قىلغان، ئۇلارنى ئۇرغانلار ياكى ئۇلاردىن ئۆچ ئالغانلار؛

(5) قانۇن يۈرگۈزگۈچى خادىملارنىڭ ۋەزىپە ئىجرا قىلىشىغا زورلۇق ئىشلىتىش، تەھدىت سېلىش يولى ياكى باشقا يوللار بىلەن توسقۇنلۇق قىلغانلار؛

(6) خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ قانۇن كۈچىگە ئىگە ھۆكۈم، كېسىمىنى ئادا قىلمىغانلار.

خەلق سوت مەھكىمىسى ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن قىلمىشنىڭ بىرى كۆرۈلگەن ئورۇننىڭ ئاساسلىق مەسئۇلى ياكى بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا جەرىمانە قويسا، ئۇلارنى توختىتىپ قويسا بولىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرىنى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىدۇ.

112-ماددا دەۋالاشقۇچىلاردىن يامان غەرەزدە تىل بىرىكتۈرۈۋېلىپ، دەۋا، مۇرەسسە ئۇسۇلى ئارقىلىق باشقىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزۈش غەرىزىدە بولغانلىرىنىڭ ئىلتىماسىنى خەلق سوت مەھكىمىسى رەت قىلىدۇ ھەمدە قىلمىشىنىڭ ئېغىر-يېنىكلىكىگە قاراپ جەرىمانە قويۇش، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرىنى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىدۇ.

113-ماددا ئىجرا قىلىنغۇچىلاردىن باشقىلار بىلەن يامان غەرەزدە تىل بىرىكتۈرۈۋېلىپ، دەۋا، كېسىم مۇرەسسە ئۇسۇلى ئارقىلىق قانۇن ھۆججىتىدە بېكىتلگەن مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشتىن قاچقانلىرىغا خەلق سوت مەھكىمىسى قىلمىشىنىڭ ئېغىر-يېنىكلىكىگە قاراپ جەرىمانە قويۇش، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرىنى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىدۇ.

114-ماددا تەكشۈرۈشكە ۋە ئىجراغا ھەمكارلىشىش مەجبۇرىيىتى بار ئورۇنلاردىن تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىغا خەلق سوت مەھكىمىسى ھەمكارلىشىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشقا بۇيرۇغاندىن سىرت، جەرىمانە قويسا بولىدۇ:

(1) ئالاقىدار ئورۇنلار خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ تەكشۈرۈپ ئىسپات ئېلىشىنى رەت قىلغان ياكى ئۇنىڭغا توسقۇنلۇق قىلغان بولسا؛

(2) ئالاقىدار ئورۇنلار خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئىجراغا ھەمكارلىشىش ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، مال-مۈلۈكنى سۈرۈشتۈرۈشكە، تۇتۇپ قېلىشقا، توڭلىتىشقا، ئاجرىتىشقا، پۇلغا سۇندۇرۇشقا ھەمكارلاشمىغان بولسا؛

(3) ئالاقىدار ئورۇنلار خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئىجراغا ھەمكارلىشىش ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئىجرا قىلدۇرۇلغۇچىنىڭ كىرىمىنى تۇتۇپ قېلىشقا، ئالاقىدار مال-مۈلۈك ھوقۇقى گۇۋاھنامىلىرىنى يۆتكەش رەسمىيىتىنى بېجىرىشكە، ئالاقىدار تالون-ئىسپات، گۇۋاھنامىلەرنى ياكى باشقا مال-مۈلۈكلەرنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە ھەمكارلاشمىغان بولسا؛

(4) ئىجراغا ھەمكارلاشماسلىقتەك باشقا قىلمىشلىرى بولسا. 

خەلق سوت مەھكىمىلىرى ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن قىلمىشلارنىڭ بىرى كۆرۈلگەن ئورۇنلارنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلى ياكى بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا جەرىمانە قويسا بولىدۇ؛ ھەمكارلىشىش مەجبۇرىيىتىنى يەنىلا ئادا قىلمىغانلىرىنى توختىتىپ قويسا بولىدۇ؛ مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى ياكى مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارغا ئۇلارغا ئىنتىزام چارىسى كۆرۈش ھەققىدە قانۇن يۈرگۈزۈش تەكلىپى بەرسىمۇ بولىدۇ.

115-ماددا شەخسلەرگە قويۇلىدىغان جەرىمانە سوممىسى خەلق پۇلى ھېسابىدا 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن بولىدۇ. ئورۇنلارغا قويۇلىدىغان جەرىمانە سوممىسى خەلق پۇلى ھېسابىدا 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 1 مىليون يۈەندىن تۆۋەن بولىدۇ.

توختىتىپ قويۇش مۇددىتى 15 كۈندىن تۆۋەن بولىدۇ.

توختىتىپ قويۇلغۇچىنى خەلق سوت مەھكىمىسى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ. توختىتىپ قويۇلغان مەزگىلدە توختىتىپ قويۇلغۇچى خاتالىقىنى بوينىغا ئالسا ھەمدە تۈزەتسە، خەلق سوت مەھكىمىسى توختىتىپ قويۇشنى مۇددەتتىن بۇرۇن بىكار قىلىشنى قارار قىلسا بولىدۇ.

116-ماددا مەجبۇرىي چاقىرتىپ كېلىش، جەرىمانە قويۇش، توختىتىپ قويۇشتا مەھكىمە باشلىقىنىڭ تەستىقىنى ئېلىش شەرت.

مەجبۇرىي چاقىرتىپ كېلىشتە مەجبۇرىي چاقىرتىش قەغىزى ئەۋەتىش كېرەك.

جەرىمانە قويۇش، توختىتىپ قويۇشتا قارارنامە ئىشلىتىش كېرەك. قارارغا قايىل بولمىغانلار بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىگە بىر قېتىم قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. قايتا قاراپ چىقىش مەزگىلىدە قارارنىڭ ئىجراسى توختىتىلمايدۇ.

117-ماددا ھەق تەلەپ دەۋاسىغا دەخلى قىلغانلارغا مەجبۇرلاش تەدبىرى قوللىنىشنى خەلق سوت مەھكىمىسى قارار قىلىشى شەرت. باشقىلارنى قانۇنسىز قاماپ قويغان ياكى قەرزىمنى ئالىمەن، دەپ باشقىلارنىڭ مال-مۈلكىنى قانۇنسىز ھالدا ئۆز ئالدىغا تۇتۇپ قالغان ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىش ياكى توختىتىپ قويۇش، ئۇلارغا جەرىمانە قويۇش كېرەك.

11-باب دەۋا ھەققى

118-ماددا دەۋالاشقۇچىلار ھەق تەلەپ دەۋاسى قىلىشتا بەلگىلىمە بويىچە دېلو قوبۇل قىلىش ھەققى تاپشۇرۇشى كېرەك. مال-مۈلۈك دېلولىرىدا دېلو قوبۇل قىلىش ھەققى تاپشۇرغاندىن تاشقىرى، بەلگىلىمە بويىچە باشقا دەۋا ھەققىنىمۇ تاپشۇرۇشى لازىم.

دەۋالاشقۇچىلاردىن دەۋا ھەققى تاپشۇرۇشتا ھەقىقەتەن قىيىنچىلىقى بارلىرى خەلق سوت مەھكىمىسىگە كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇشنى، كېمەيتىپ تاپشۇرۇشنى ياكى كەچۈرۈم قىلىشنى بەلگىلىمە بويىچە ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

دەۋا ھەققى ئېلىش چارىسى ئايرىم چىقىرىلىدۇ.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏