چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش كىنو كەسپى ھىندىستان نىڭ ئاممىۋى كۆڭۈل ئېچىش تۈۋرۈك كەسپىگە ئايلانغان. يېقىندىن بېرى، ھىندىستان كىنو كەسپىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، ئىقتىسادىي ئۈنۈم، يېڭى ئېشىش نۇقتىلىرى ھەققىدە ئىزدەنمەكتە، كىنوخانا قۇرۇلۇشى، تارقىتىش ۋە تىجارەت ئۇسۇلى قاتارلىق جەھەتلەردە ئۈنۈملۈك سىناق ۋە ئىزدىنىشلەرنى ئېلىپ بارماقتا.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :ھىندىستان كىنوچىلىقى

خەنزۇچە نامى :印度电影业

بارلىققا كەلگەن ۋاقتى :19-ئەسىرنىڭ ئاخىرى

ئەسەرلەر :«تاۋۇت نامايىشى»، «ئەلى بابا»، «سالار»، «مەپتۇنكار باسماسۇر»، «ئىخلاسمەن سۇرداس»، «كاجى بىلەن دېۋىييانى»

تونۇشتۇرۇش 

ھىندىستان كىنوچىلىقىمەلۇمكى، ھىندىستان دۇنيادىكى كىنوچىلىق ئىشلىرى ئەڭ تەرەققىي قىلغان تىپىك دۆلەتلەرنىڭ بىرى. ھىندىستان دېگەن بۇ نام تىلغا ئېلىنسىلا ئەڭ گەپنىڭ تېمىسى ئالدى بىلەن تەبىئىي ھالدا ھىندىستاننىڭ كىنوچىلىق ئىشلىرىغا ئاغدۇرۇلىدۇ. ھىندىستان ئۆزىنىڭ مول مەدەنىيەت مىراسلىرى، ئەدەبىيات-سەنئەت ئەسەرلىرى، ئەنئەنە، ئۆرپ-ئادەتلىرى، قائىدە-يوسۇنلىرى، شۇنداقلا ھەر يىلى ئىشلىنىپ تۇرىدىغان نەچچە مىڭ كىنوفىلىملىرى، سالاپەتلىك، نازاكەتلىك، بەئەينى كىنو ئۈچۈنلا تۇغۇلغاندەكلا تالانتلىق كىنو چولپانلىرى، يېقىملىق ۋە مۇڭلۇق ناخشا-مۇزىكا، ئۇسسۇللىرى قاتارلىقلار بىلەن ئالاھىدە دىققەتكە سازاۋەردۇر. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏