چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش تام كروس (توماس كروس ماپوزېر) 1962-يىلى 7-ئاينىڭ 3-كۈنى ئامېرىكىنىڭ نيۇيورك شەھىرىدە تۇغۇلغان. ئامېرىكىنىڭ داڭلىق كىنو ئارتىسى ۋە فىلىم ئىشلىگۈچىسى، داڭلىق كىنو چولپىنى.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى :تام كروس

خەنزۇچە ئاتىلىشى :汤姆·克鲁斯

باشقا نامى :Tom Cruise

دۆلەت تەۋەلىكى :ئامېرىكا

يۇرتى :نيۇيورك شەھىرى

تۇغۇلغان ۋاقتى :1962-يىلى 7-ئاينىڭ 3-كۈنى

يۇلتۇز تۈركۈمى :سەرەتان يۇلتۇز تۈركۈمى

بوي ئېگىزلىكى :173 سانتىمېتىر

قان تىپى :O تىپلىق

كەسپى :كىنو ئارتىسى، فىلىم ئىشلىگۈچى

ۋەكىللىك ئەسىرى :«بۈيۈك مەقسەت»، «يامغۇردىكى ئادەم»، «ئەڭ ئاخىرقى جەڭچى»، «گىتلېرنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈش»

تولۇق ئىسمى :توماس كروس ماپوزېر

شەخس ھەققىدە

6پارچەتام كروستام كروس، تولۇق ئىسمى توماس كروس ماپوزېر، ئامېرىكىنىڭ داڭلىق كىنو ئارتىسى ۋە فىلىم ئىشلىگۈچىسى بولۇپ، 1962-يىلى 7-ئاينىڭ 3-كۈنى ئامېرىكىنىڭ نيۇيورك شەھىرىدە تۇغۇلغان.

تام كروس دۇنيا كىنو تاماشىبىنلىرى قاتارىدا سانىلىدىغان ئۇيغۇر كىنو تاماشىبىنلىرىغىمۇ خېلىلا تونۇشلۇق. ئۇ رول ئالغان فىلىملەر تېخنىكا سەۋىيەسىنىڭ يۇقىرىلىقى، ۋەقەلىكىنىڭ تولىمۇ جىددىيلىكى، ئىپادىلىگەن مەزمۇنىنىڭ ماكان، زامان ۋە ئىنسان تەسەۋۋۇردىن ھالقىپ كەتكەنلىكى، فىلىمنىڭ كۆرۈنۈشلىرى ئاجايىپ-غارايىبلىقى، خەتەرلىك كۆرۈنۈشلەرنىڭ كۆپلۈكى، يارىتىلغان بېلەت كىرىمنىڭ پەۋقۇلئاددە يۇقىرىلىقى قاتارلىق بىر قاتار ئامىللار ئارقىلىق ئالاھىدە خاراكتېرلىنىدۇ. تام كروس رول ئالغان فىلىملەرنى كۆرگەن ھەربىر كىنو مەستانىسى بۇ نۇقتىلارنى ھېس قىلماي قالمايدۇ. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏