چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش قۇم دىھقانلار شاتلىقى ئارامگاھى ئاقسۇ شەھىرى نىڭ شەرقىي شەھەر ئەتراپىدىكى قۇم، قۇمتام دېھقانچىلىق مەيدانى، باغۋەنچىلىك بەشىنچى تارماق مەيدانى، ئايرودرومنىڭ جەنۇبى بىلەن قوشنا بولغان جايغا جايلاشقان. شەھەر رايونى بىلەن بولغان ئارىلىقى 12 كىلومېتىر كېلىدۇ؛

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :قۇم دىھقانلار شاتلىقى ئارامگاھى

خەنزۇچە نامى :姑墨农家乐园

باشقا نامى :قۇم دىھقانلار شاتلىقى باغچىسى، قۇم ھويلا باغچىسى

قاراشلىق دۆۆلەت :جۇڭگو

جۇغراپىيەلىك ئورنى :شىنجاڭ ئاقسۇ شەھىرى

تۇنۇشتۇرۇلىشى 

5پارچەقۇم دىھقانلار شاتلىقى ئارامگاھىقۇم دىھقانلار شاتلىقى ئارامگاھى تاماشا، كۆڭۈل ئېچىش، ئارام ئېلىش، ئاشخانا بىر گەۋدىلەشكەن ئېكولوگىيەلىك ساياھەت ھويلا-ئارام مەنزىرە رايونى. ئارامگاھ رايونىغا كىرگەندىلا دەرۋازىنىڭ ئىككى قاسنىقىدىكى كۆكتات بارىڭىدا تەرخەمەك، ئاغىچە، كۆك پۇرچاق ياغاچ باراڭغا يامىشىپ كەتكەن؛ ئارامگاھ ئىچىدە كۆكتات، دەرەخلەرنىڭ تۈرلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئۈجمە، ئۆرۈك، شاپتۇل، چىلان، نەشپۈت، ئامۇت، ئۈزۈم، ئالما، ياڭاق، گىلاس، ئەنجۈر قاتارلىق نەچچە خىل تاماشا قىلىش ھەمدە تېرىش بازىسى بار بۇلۇپ، يېڭى پىشقان مېۋە-چېۋە ۋە كۆكتاتلارنى ساياھەتچىلەرنىڭ ئۈزۈپ-يىيىش ئەركىنلىكى بار. ئۆزگىچە ياۋروپاچە تۆمۈر سەنئەت بۇيۇملىرى، ئەنئەنىۋى دېھقان ھويلىلىرى، ئەنئەنىۋى ياغاچ ئۆي ئەسلىھەلىرى تولۇق بۇلۇپ، ساياھەتچىلەرنىڭ ئارام ئېلىشىدا 8 مېتىر كېلىدىغان چوڭ كىگىز ئۆي (ئۆي ئىچىدە ساياھەتچىلەرنىڭ 30 ئادەم تاماق يىيىلەيدىغان چوڭ يۇمىلاق ئۈستەل)، فونتان، ئېقىن سۇ، گۈلخان قاتارلىقلار بار بۇلۇپ، چوڭ تىپتىكى كۆڭۈل ئېچىش مەيدانى گۈلخان كېچىلىكى ئۆتكۈزۈشكە بولىدۇ. ئۈزۈم بارىڭى، كۆكەرتىلگەن يەر، چۆپلۈك، باغ يوللىرى زىننەتلەپ ياسالغان بۇلۇپ باغ ئىچى ساياھەتچىلەرنىڭ ئارام ئېلىش، مال سېتىۋېلىشىغا بولىدىغان ياخشى جاي. 


يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏