چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش ۋىليام رامۇج 1852-يىلى 10-ئاينىڭ 2-كۈنى گلاسگودا تۇغۇلغان، 1916-يىلى 7-ئاينىڭ 23-كۈنى ۋاپات بولغان. ئەنگلىيە لىك خىمىك، تەتقىقاتچى، 1904-يىلى نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى :ۋىليام رامۇج

خەنزۇچە ئاتىلىشى :威廉·拉姆赛

تۇغۇلغان ۋاقتى :1852-يىلى 10-ئاينىڭ 2-كۈنى

ۋاپات بولغان ۋاقتى :1916-يىلى 7-ئاينىڭ 23-كۈنى

باشقا نامى :رامۇج

ئاساسلىق نەتىجىسى :ئالتە خىل ئىنېرت گازنى بايقاش

دۆلەت تەۋەلىكى :ئەنگلىيە

ئۇنۋانى :دوكتور

يۇرتى :گلاسگو

كەسپى :خىمىيە ئالىمى

پۈتتۈرگەن مەكتىپى :گلاسگوۋ ئۇنىۋېرسىتېتى

چەتئەلچە ئىسمى :Sir William Ramsay

شەخس ھەققىدە 

رامۇجئەنگلىيەلىك خىمىك ۋىليام رامۇج 1852-يىلى 10-ئاينىڭ 2-كۈنى گلاسگودا تۇغۇلغان. رامۇج بالىلىق دەۋىرىدىن تارتىپلا تىرىشىپ ئۆگەنگەن بولۇپ، 13، 14 ياش ۋاقتىدىلا فرانسۇزچە، ئىتالىيانچە، نېمىسچە ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئوقۇيالايدىغان بولغان. بىر قېتىم، ئۇ توپ تېپىمەن دەپ پۇتىنى جاراھەتلەندۈرۋېلىپ، دوختۇرخانىدا يېتىپ قالغاندا، تاسادىپىي خىمىيە توغرىسىدىكى بىر كىتابنى كۆرۈپ قالىدۇ، بۇ كىتاب قانداقتۇ بىر سېھرىي كۈچ بىلەن ئۇنى مەپتۇن قىلىۋالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن رامۇج خىمىيىنى تەتقىق قىلىش قارارىغا كېلىدۇ. بىر ئېغىز ئۆينى تەجرىبىخانا قىلىپ سەرەمجانلاشتۇرۇپ، ئۆزى يالغۇز ئەتىدىن-كەچكىچە تەجرىبىخانىغا كىرىۋېلىپ، تەجرىبە بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئۇنىڭ ئۆيىدىكىلەر پات-پات ئىشىكتىن ماراپ ئۇنىڭ بوتۇلكىنى توختىماي ئۇياقتىن بۇياققا يۆتكەپ يۈرگەنلىكىنى كۆرىدۇ. ئۇنىڭ ئولتۇرغان ئۆيى بىرخىل كۈچلۈك پۇراقنىڭ دەستىدىن ئادەم تۇرغۇسىز بولۇپ كېتىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئۇ ئۆز ئالدىغا 4 يىل تەتقىقات ئېلىپ بارغان. 1869-يىلى رامۇج گلاسگو ئۇنىۋېرسىتېتىگە ئىمتىھان بېرىپ ئۆتكەن.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏