چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى ئاساسىي قاتلام قانۇن مۇلازىمەت خىزمەتچىلىرىنىڭ قىياپەت ئىنتىزامىنى باشقۇرۇش چارىسى 2002-يىلى 4-ئاينىڭ 24-كۈنى ئېلان قىلىنغان، 2002-يىلى 4-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى ئاساسىي قاتلام قانۇن مۇلازىمەت خىزمەتچىلىرىنىڭ قىياپەت ئىنتىزامىنى باشقۇرۇش چارىسى

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى :2002-يىلى 4-ئاينىڭ 24-كۈنى

يولغا قويۇلغان ۋاقتى :2002-يىلى 4-ئاينىڭ 24-كۈنى

ئاساسىي ئۇقۇم 

ئەدلىيە نازارىتىنىڭ «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى ئاساسىي قاتلام قانۇن مۇلازىمەت خىزمەتچىلىرىنىڭ قىياپەت ئىنتىزامىنى باشقۇرۇش چارىسى (سىناق نۇسخىسى)»نى بېسىپ تارقاتقانلىق ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇش

ش ئە ئۇ (2002)39-نۇمۇرلۇق

2002-يىلى 4-ئاينىڭ 24-كۈنى

ئىلى قازاق ئاپتۇنۇم ئوبلاستلىق ئەدلىيە ئىدارىسىگە، ھەر قايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك ئەدلىيە ئىدارىسىگە:

ھازىر سىلەرگە ئەدلىيە نازارىتى تۈزگەن «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى ئاساسىي قاتلام قانۇن مۇلازىمەت خىزمەتچىلىرىنىڭ قىياپەت ئىنتىزامىنى باشقۇرۇش چارىسى (سىناق نۇسخىسى)»نى بېسىپ تارقاتتۇق. شۇ بۇيىچە ئىجرا قىلىشىڭلارنى سۇرايمىز.

ئاساسىي قاتلام قانۇن مۇلازىمەت خىزمەتچىلىرىنىڭ قىياپەت، يۈرۈش تۇرۇشىنى قېلىپلاشتۇرۇش، قىياپىتىنىڭ رەتلىك بۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، يۈرۈش تۇرشى سالاپەتلىك، مەدىنيەتلىك، ئىنتىزامچان بۇلۇش ئاساسىي قاتلام قانۇن مۇلازىمەت خىزمەتچىلىرىنىڭ مەسئۇليەتچەنلىق تۇيغۇسى ۋە شەرەپ تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، قۇشۇن قۇرلۇشىنى مۇستەھكەملەپ، ئومۇمىي ئوبرازىنى يۇقىرى كۈتۈرىدىغان مۇھىم خىزمەت بۇلۇپ، كەسىپتە ئۆز-ئۆزىنى كونترول قىلىپ باشقۇرۇشنىڭ زۆرۈر شەرتى ۋە ئاساسىي بۇلۇپ ھېساپلىنىدۇ. «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى ئاساسىي قاتلام قانۇن مۇلازىمەت خىزمەتچىلىرىنىڭ قىياپەت ئىنتىزامىنى باشقۇرۇش چارىسى (سىناق نۇسخىسى)»نى تۈزۈش رايۇنىمىزدىكى ئاساسىي قاتلام قانۇن مۇلازىمەت خىزمەتچىلىرىنىڭ ھەركىتىنى قېلىپلاشتۇرۇشنى بەرپا قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش خىزمىتىدىكى بىر قېتىملىق تىرشچانلىق ۋە سىناقتىن ئىبارەت. ئىجرا قىلىش جەريانىدا قانداق مەسلە كۆرۈلسە، ئۆز ۋاقتىدا نازارىتىمىزنىڭ ئاساسىي قاتلام باشقارمىسى بىلەن ئالاقېلىشىشڭىزلارنى سۇرايمىز.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏