چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش چۈمۈلە بىر خىل قۇرۇت –قوڭغۇز بولۇپ ، ھاشارەتلەر سىنىپىغا ، پەردە قاناتلىقلار تۈركۈمىگە ، چۈمۈلە ئائىلىسىگە تەۋە ،چۈمۈلىنىڭ تۈرى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ ،دۇنيادا ھازىرغىچە 11700 دىن كۆپرەك تۈرى بايقالغان، 21 كەنجى ئائىلىسى، 283 ئۇرۇقداشلىرى بار ،جوڭگۇنىڭ ئىچىدە ئېنىق بولغان چۈمۈلە تۈرى 600 خىلدىن كۆپ .يېقىندا يەنە جىنىسسىز كۆپىيىدىغان چۈمۈلىنى يېڭى بىر تۈرى بايقالدى ،چۈمۈلىنىڭ ئۆمرى ئىنتايىن ئۇزۇن ، ئىشچى چۈمىلىلەر نەچچە ھەپتىدىن 3 يىلغىچە ھەتتا 10 يىلغىچە ياشىيالايدۇ ،بىر چۈمۈل ئۇۋىسى بىر جايدا بىريىلدىن ئون يىلغىچە تۇرالايدۇ .

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە ئىسمى :چۈمۈلە

خەنزۇچە ئىسمى :蚂蚁

تەۋەلىكى :ھايۋاناتلار دۇنياسى

سىنىپى :ھاشارەتلەر سىنىپى

تۈركۈمى :پەردە قاناتلىقلار تۈركۈمى

ئائىلىسى :چۈمۈلە ئائىلىسى

جوڭگۇدىكى تۈرى :600 خىلدىن ئارتۇق

رەڭگى :قارا ياكى قوڭۇر رەڭدە

دۇنياسىكى تۈرى :15 مىڭ خىلغا يېقىن

چۈمۈلىنىڭ ئالاھىدە خۇسۇسىيەتلىرى

چۈمۈلە توپى تىپىك بولغان ئىجتىمائىيلىققا ئىگە كوللىكتىپ ، ئىجتىمائىيلىققا ئىگە بولۇشنىڭ ئۈچ چوڭ ئامىلى : ئوخشاش  بىر خىل يەككىلەر ئارىسىدا ئۆزئارا ھەمكارلىشىپ  باللىرىدىن خەۋەر ئالالايدىغان بولىشى؛ ئېنىق بولغان ئەمگەك ئىش تەقسىماتى بولىشى ؛ چۈمۈلە توپىنىڭ ئىچىدە ئاز بولغاندىمۇ ئىككى ئەۋلاد بولۇپ ،كېيىنكى ئەۋلاد بىر مەزگىل ئالدىنقى بىر ئەۋلادنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدۇ ،     

   چۈمۈلە بىر قۇرۇلۇش ئۇستىسى، چۈمۈلىنىڭ ئۆيى يەنى چۈمۈلە تۆشىكى نۇرغۇنلىغان كىچىك ئۆيلەرگە ئايرىلغان ،بۇ كىچىك ئۆيلەرنىڭ ئوخشىمىغان ئىشلىتىلىشى بار، ئىچىدە چۈمۈلە خانىشنىڭ ئۆيى ھەممدىن چوڭ ،قۇملۇقا بىر توپ چۈمىلىلەر بولسا، چۈمۈلىنىڭ ئۇۋىسى يېراقتىن قارىماققا بىر قەلئە ، قەسىردەك كۆرىنىدۇ، 4-5 مېتىر ئېگىزلىكتە ،ئاشۇ ئۇۋىلار تاشلىۋېتىلگەندىن كېيىن ، باشقا ھايۋانلار ئېلىپ كېتىپ ئۇۋا قىلىۋالىدۇ ، چۈمۈلە ئۇۋىسىنىڭ ئاستىنقى قىسىمىدا چۈمۈلە خانىش ئولتۇرىدۇ ،چۈمۈلە خانىشنىڭ ۋەزىپىسى بولسا نەرسە يېيىش ،جۈپلىشىش ،تۇغۇش قاتارلىقلار ،چۈمۈلىنىڭ ئۇۋىسى ئىنتايىن چىداملىق ،بىخەتەر ،راھەت ،يوللىرى ھەممە تەرەپكە تۇتىشىدۇ ،چۈمۈلە ئۇۋىسىنىڭ سىرتىدا يەنە بىر دۈگىلەك توپا بار يەنە ئوزۇقلۇق ساقلايدىغان جايى بار، ئىچىدىن ھاۋا ئۆتىشىدۇ ،سالقىن ،قىشتا ئىسسىق يازدا سالقىن ،ئوزۇقلۇق ئاسانلىقچە بۇزۇلۇپ قالمايدۇ، چۈمۈلە يەنە ھايۋاناتلار دۇنياسىدىكى داڭلىق بىناكارلىق ئۇستىسى ،ئۇلار تاڭلىيىغا تاينىپ يەر يۈزىدىن كىچىك تۆشۈكچىلەرنى ئويىدۇ ،بىرتالدىن بىرتالدىن توپا قۇملارنى توشۇپ ئۇۋا شەكىللەندۈرىدۇ ،ئۇۋىنىڭ ئايرىمخانىللىرى قۇرۇلۇشنىڭ دەسلەپكى ھالىتىنى ئىزچىل ساقلايدۇ .

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏