چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش شىنجاڭ ئارزۇ سودا چەكلىك شىركىتى، 1997 - يىلى تۇنجى بولۇپ كۆپ خىل ئىقتىدارلىق، ئۇيغۇرچە سىستېمىلىق VCD ئاپپاراتىنى مۇۋاپپەقىيەتلىك لايىھىلەپ ئىشلەپچىقىرىپ بازارغا سالدى.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :شىنجاڭ ئارزۇ سودا چەكلىك شىركىتى

خەنزۇچە ئاتىلىشى :新疆阿尔祖商贸有限公司

قۇرغۇچىسى :ئەمەتجان ئەپەندىم

قىسقىچە تۇنۇشتۇرۇش 

 شىنجاڭ ئارزۇ سودا چەكلىك شىركىتى ئاپتونوم رايونىمىز تەۋەسىدە ئائىلە ئېلىكتىر بۇيۇملىرىنى ياساش- سېتىش ساھەسىدە يوقلۇقتىن بارلىققا كىلىپ، بۇ بوشلۇقنى تولدۇرۇش ئۈچۈن 1997 - يىلى تۇنجى بولۇپ كۆپ خىل ئىقتىدارلىق، ئۇيغۇرچە سىستېمىلىق VCD ئاپپاراتىنى مۇۋاپپەقىيەتلىك لايىھىلەپ ئىشلەپچىقىرىپ بازارغا سالدى. بۇ مەھسۇلات سۈپىتىنىڭ ياخشىلىقى، كۆپ خىل ئىقتىدارغا ئىگە بولۇشى، ئۇيغۇرچە ۋە باشقا قېرىنداش مىللەتلەر يېزىقىدا چۈشەندۈرۈلىشى بولۇشتەك ئارتۇقچىلىقى بىلەن كەڭ خەلق ئاممىسىنى بولۇپمۇ، تىل مەسىلىسىدە قىينىلىۋاتقان خەلقىمىزنى ئۆزىگە جەلپ قىلدى. شىنجاڭ ئارزۇ سودا چەكلىك شىركىتى پارتىيەنىڭ ئىسلاھاتنى ئېچىۋېتىش سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسىدە دەۋىر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ تىرىشىپ، يېڭىلىق يارىتىۋاتقان ھازىرقى زامانغا، دەۋرگە يۈزلەنگەن ئىلغار پەن تېخنىكىغا تايانغان، يېڭىلىق يارىتىش روھىغا ۋە تەرەققىيات ئىستىقبالىغا ئىگە شىركەت بولۇپ قالدى.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏