چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش «مېنىڭ ئىتىقادىم» ناملىق بۇ نۇتۇق ئېينىشتېيىننىڭ 1921-يىلى نوبېل مۇكاپاتىنى قوبۇل قىلىش مۇراسىمىدا سۆزلىگەن نۇتۇقى.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :مېنىڭ ئىتىقادىم

خەنزۇچە نامى :我的信仰

باشقا نامى :ئېينىشتېيىننىڭ نوبېل مۇكاپاتىنى قوبۇل قىلىش مۇراسىمىدا سۆزلىگەن نۇتۇقى

باشقا نامىنىڭ خەنزۇچە ئاتىلىشى :爱因斯坦1921年在获得诺贝尔物理奖时的演讲

ۋاقتى :1921-يىلى

سۆزلىگۈچى :ئېينىشتېيىن

ئېينىشتېيىننىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى

مېنىڭ ئىتىقادىم20-ئەسىردىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئالىم ئېينىشتىيىن 1879-يىلى 3 -ئاينىڭ 14-كۈنى گېرمانىينىڭ ئۇلىم شەھىرىدە يەھۇدىي ئائىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ ئۆسمۈرلۈك چاغلىرىدىلا خىيالچان، كۆزىتىش ئىقتىدارى كۈچلۈك بالا ئىدى. ئەمما ئىمتىھان نەتىجىسى ئادەتتىكىچە بولۇپ،  ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ نەزىرىدە «ئۈمىد يوق » ئوقۇغۇچى ھېسابلىناتتى. لېكىن ئويلىمىغان يەردىن بۇ «ئۈمىد يوق»ئوقۇغۇچى 1905- يىلى 26 ياشقا تولغان چاغدا «فىزىكا خاتىرىلىرى» ژۇرنىلىدا ئارقا-ئارقىدىن ئۈچ پارچە ماقالە ئېلان قىلىپ، ئېنقىلاب خاراكتېرلىك نەزەرىيە «تار مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيەسى»نى ئېلان قىلدى. لېكىن بۇ ئۇلۇغ نەزەرىيىنى چۈشىنىدىغانلار 1915-يىلىغىچە 20 كىشىدىن ئاشمىدى.1916-يىلى ئۇ كەڭ مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.1919-يىلى 11-ئايدا ئۇنىڭ بۇ نەزەرىيەسى تەجرىبىدىن ئۆتۈپ، پۈتۈن دۇنيانى زىلزىلىگە سالدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ 1921-يىلى 42يېشىدا نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.لېكىن ئۇنىڭ نەزەرىيىسىگە قارشى چىققۇچىلارمۇ بولدى. گېرمانىيىدە مەخسۇس تەشكىلات قۇرۇلۇپ تەنقىدلەندى، سەۋەبى، ئۇ يەھۇدىي بولۇپ قالغانلىقى ئىدى. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى بەزى ئالىملارمۇ ئۇنى بۇرژۇئازىيە ئالىمى دەپ قاراپ، «ئىدېئالىزمچى» دەپ تەنقىدلىدى. ئېينىشتېيىن ئۇلارغا جاۋابەن 1953-يىلى مۇنداق بىر كۇبلىت ھەجىۋىي شېئىر يازدى :

ئىزلىگىنىڭلار قەترىچە ھەقىقەتمۇ، 

تەرلەپ-پىشىپ، جاپا چېكىپ ئاھ ئۇرۇپ؟ 

كېلۇر پىرقە پەرمانىدىن ھەقىقەت، 

يۈرمەڭلار ئەخمەق بولۇپ باش قاتۇرۇپ. 

ئۆمرىدە ئاجايىپ نەتىجىلەرنى قازانغان بۇ ئالىم 1955-يىلى 4-ئاينىڭ 18-كۈنى 76يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏