چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش
ئاقىرىق توغراق ئورمىنى رايونى ئاقسۇ ۋىلايىتى ئونسۇ ناھىيەسى ناھىيە بازىرىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا 10 كىلومېتىر كېلىدۇ، قاتنىشى ئىنتايىن قۇلايلىق، جۇغراپىيەلىك كوئوردىنات شەرقىي ئۇزۇنلۇقى ''00'32°80، شىمالىي كەڭلىكى ''00'38°40، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1038 مېتىر.
ئۇيغۇرچە نامى :ئاقىرىق توغراق ئورمان رايونى
خەنزۇچە نامى :阿克日克胡杨林区
قاراشلىق دۆلەت :جۇڭگو
ئۆلكىسى :شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
ئورنى :ئونسۇ ناھىيەسى
دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى :1038 مېتىر
يەر كۆلىمى :7 كۋادىرات كىلومېتىر
4پارچەئاقىرىق توغراق ئورمىنى رايونىئاقىرىق توغراق ئورمان رايونى ئاقسۇ دەرياسى نىڭ غەربىي قىرغىقى يۇقىرى دەريانىڭ تاشقىن ساھىل يېرى يۇقىرى قىسمىغا جايلاشقان، يەر شەكلى تۈز، كەڭ، تۇپرىقى چىملىق تۇپراق ۋە سازلىق تۇپراقنى كۆپرەك چىملىق تۇپراق ئاساس قىلىنغان، كونا دەريا مۇشۇ جاينى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتۈپ ئاقسۇ دەرياسىغا قۇيۇلىدۇ، ئېقىن سۇ بايلىقى مول، تىپىك تاشقىن ساھىلى چاتقال چىملىق ئوتلاق، باراقسان توغراق ئورمىنى، قومۇش، كۆك بۇيا، يېكەن قاتارلىق ئۆسۈملۈكلەر؛ ئورمان ياۋا توخۇسى، ياۋا ئۆردەك، ياۋا توشقان قاتارلىقلار بار. مەنزىرە رايونى ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 7 كۋادىرات كىلومېتىر. مەنزىرە رايونى شەرقىي يەردە سۇ ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان ئاقسۇ دەرياسى، شىمالدا كونا دەريا بار. مەنزىرە رايونى ھەر يىلى 4-ئايدىن 10-ئايغىچە، يېشىل ئوت-چۆپلەر خۇددى يېكەندازغا ئوخشايدۇ. كىمخابتەك رەڭگارەڭ گۈللەر، ئۇچار قۇشلار توپلاشقان؛ ئەمما كۈزدە قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان توغراق، قۇيۇق ئورمان ئالتۇن رەڭلىك، سىرتقى ھالىتى گۈزەل.
ئىسىم تاللاش قوللانمىسى