چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش بايىنبۇلاق ئاققۇ كۆلى دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئي مۇھاپىزەت رايونى، بايىنغۇلىن ئوبلاستى خېجىڭ ناھىيەسى نىڭ غەربىي قىسمىغا جايلاشقان. دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 2400 مېتر كېلىدۇ، كۆلىمى 1000 كۋادرات كىلومېتىر، يەر ئۈستى تۈزۈلۈشى تەكشى، سۇ ۋە چۆپلەر مول. «بايىنبۇلاق» موڭغۇلچە «مول بۇلاق» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ، كىچىك ئاققۇ كۆلى بولسا نۇرغۇن كۆللەردىن تەركىب تاپقان سازلىق يەر.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :بايىنبۇلاق ئاققۇ كۆلى

خەنزۇچە نامى :巴音布鲁克天鹅湖

كۆلىمى :1000 كۋادرات كىلومېتىر

دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى :2400 مېتىر

جايلاشقان ئورنى :شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى خېجىڭ ناھىيەسى

تونۇشتۇرۇش 

بايىنبۇلاق ئاققۇ كۆلىبايىنبۇلاق ئاققۇ كۆلى دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئي مۇھاپىزەت رايونى، بايىنغۇلىن ئوبلاستى خېجىڭ ناھىيەسى نىڭ غەربىي قىسمىغا جايلاشقان. دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 2400 مېتىر كېلىدۇ، كۆلىمى 1000 كۋادرات كىلومېتىر، يەر ئۈستى تۈزۈلۈشى تەكشى، سۇ ۋە چۆپلەر مول. «بايىنبۇلاق» موڭغۇلچە «مول بۇلاق» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ، كىچىك ئاققۇ كۆلى بولسا نۇرغۇن كۆللەردىن تەركىب تاپقان سازلىق يەر. بايىنبۇلاق يايلىقى ئوردۇس يايلىقىدىن قالسىلا ئېلىمىزدىكى ئىككىنچى چوڭ يايلاق ھېسابلىنىدۇ، كۆلىمى 24 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 2300-2800 مېتىر. بۇ يەردىكى ئاھالىلەر ئاساسلىقى موڭغۇل بولۇپ، بۇ رايون نوپۇسىنىڭ %78 ىنى ئىگىلەيدۇ. شۇ جايدىكى موڭغۇل چارۋىچىلار ئاققۇنى ھەسسىلەپ قوغدايدۇ، ئاق قۇ بىلەن بىللە ياشايدۇ. ھەر يىلى ئەتىيازدا، مۇز-قارلار ئېرىپ، چېچەكلەر ئېچىلغاندا، ھىندىستان، بىرما، پاكىستان، ھەتتا يىراق قارا دېڭىز، قىزىل دېڭىز ۋە ئوتتۇرا دېڭىز بويىدىكى دۆلەتلەردىكى چوڭ ئاققۇ، كىچىك ئاققۇ، سۆگەل بۇرۇن ئاققۇ ئاساس قىلغان نەچچە ئون مىڭ ئەتىۋارلىق قۇشلار، ئارىلىقنى يىراق كۆرمەي، توپ-توپ بولۇپ ئۇچۇپ كېلىپ، بايىنبۇلاق يايلىقىدا كۆپىيىدۇ. قۇياش نۇرى ئاستىدا، ئاققۇ، تاتلىق سۇ، تاغ چوققىسى، بۇلۇت سايىسى بىرىكىپ ئىنتايىن ھەيۋەتلىك، گۈزەل مەنزىرە  شەكىللەندۈرىدۇ. مەنزىرە رايونىدا ساياھەتچىلەر ئۈچۈن ئېگىز رايوندىن قۇشلارنى تاماشا قىلىش سۇپىسى بار بۇلۇپ، قۇشلارنى بىمالال تاماشا قىلغىلى بۇلىدۇ. قىش پەسلى يىتىپ كىلىش ئالدىدا، ئۇلار يەنە بالا-چاقـىـسىنى بىللە ئېلىپ، ئۇچۇپ ئۆتۈش ھىمالايا تېغىنىڭ جەنۇبىغا كېتىپ قالىدۇ. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏