چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش سار، كىچىك تىپتىكى يىرتقۇچ قۇش، ئادەتتىكى قۇشلار بىلەن ئوخشاش بولمايدۇ، چىشىسىنىڭ بەدىنى ئەركەك قۇشقا قارىغاندا بىر قەدەر چوڭ بولىدۇ. سارنىڭ مىجەزى ۋەھشىي، تۇمشۇقى سېرىق، ئۈستۈنكى تۇمشۇقى ئېگىلىگەن، پۇتى كۈچلۈك، مەزمۇت، بارماقلىرىدا ئۆتكۈر تىرناقلىرى بولۇپ، قانىتى چوڭ ئۇچۇشقا ماھىر.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :سار

خەنزۇچە ئاتىلىشى :老鹰

ئىنگلىزچە نامى :Eagle

تارقالغان رايونلار :دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرى

تەۋەلىكى :ھايۋانلار دۇنياسى

تىپى :خوردىلىق ھايۋانلار تىپى

سىنىپى :قۇشلار سىنىپى

ئائىلىسى :بۈركۈتسىمانلار ئائىلىسى

كەنجى تىپى :ئومۇرتقىلىق ھايۋانلار كەنجى تىپى

كەنجى سىنىپى :ھازىرقى قۇشلار كەنجى سىنىپى

ئەترىتى :لاچىنسىمانلار ئەترىتى

كەنجى ئەترىتى :لاچىنلار كەنجى ئەترىتى

لاتىنچە نامى :Aquila

كەنجى ئائىلىسى :سار كەنجى ئائىلىسى، چىش بۈركۈت كەنجى ئائىلىسى قاتارلىق

پىنيىنچە يېزىلىشى :lǎo yīng

خەنزۇچە ناشقا نامى :

تونۇشتۇرۇلۇشى

2پارچەسارسار، كىچىك تىپتىكى يىرتقۇچ قۇش، ئادەتتىكى قۇشلار بىلەن ئوخشاش بولمايدۇ، چىشىسىنىڭ بەدىنى ئەركەك قۇشقا قارىغاندا بىر قەدەر چوڭ بولىدۇ. سارنىڭ مىجەزى ۋەھشىي، تۇمشۇقى سېرىق، ئۈستۈنكى تۇمشۇقى ئېگىلىگەن، پۇتى كۈچلۈك، مەزمۇت، بارماقلىرىدا ئۆتكۈر تىرناقلىرى بولۇپ، قانىتى چوڭ ئۇچۇشقا ماھىر. خەنزۇ تىلىدا لاچىن ئائىلىسىدىكى بىر قەدەر چوڭ بولغان قۇشلار ۋە بايقۇش ئائىلىسىدىكى قۇش (مۈشۈكياپىلاق) قاتارلىق گۆشخور قۇشلارنى ئادەتتە بۈركۈت تۈرىدىكى يىرتقۇچ قۇش دەپ ئاتايدۇ، ئادەتتە بۇ پەقەت مەخسۇس بۈركۈت ئائىلىسىنى كۆرسىتىدۇ.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏