چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش دۆلەت 5 A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى— شىنجاڭ قەشقەر شەھىرى نىڭ كونا شەھەر رايونى قەشقەر شەھىرىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان بولۇپ شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر لارنىڭ مىللىي ئۆرپ-ئادەت كارتىنىسى.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :قەشقەر كونا شەھەر

خەنزۇچە نامى :喀什老城

قاراشلىق جايى :قەشقەر ۋىلايىتى قەشقەر شەھىرى شەھەر مەركىزى

كۆلىمى :4.25 كۋادرات كىلومېتىر

مەنزىرە نۇقتىسى دەرىجىسى :AAAAA دەرىجىلىك

ئاھالە سانى :12.68 مىڭ ئادەم

ئېچىش ۋاقتى :پۈتۈن كۈن

قاراشلىق شەھەر :قەشقەر ۋىلايىتى قەشقەر شەھىرى

قاراشلىق دۆلەت :جۇڭگو

داڭلىق مەنزىرە نۇقتىسى :ھېيتكار مەسچىتى

ئايلىنىش ۋاقتى :4 سائەت

ساياھەتكە مۇۋاپىق پەسىل :پۈتۈن يىل

باشقا نامى :قەشقەر كونا شەھەر رايونى

ئىنگلىزچە نامى :kashilaocheng

مەنزىرە نۇقتىسى تۈرى :تارىخىي قۇرۇلۇش

ئورۇن دەرجىسى :قەشقەردىكى 41 مەنزىرە نۇقتىلىرى ئىچىدە 6-ئورۇندا

كىرىش بېلىتى :30 يۈەن / ئادەم

ئادرېسى :قەشقەر شەھىرى يارباغ يولى ئەتراپىدا

تونۇشتۇرۇلۇشى

2پارچەقەشقەر كونا شەھەرشىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دىكى قەشقەر شەھىرى نىڭ كونا شەھەر رايونى شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئۆرپ-ئادەت كارتىنىسى. قەشقەر كونا شەھەر رايونى قەشقەر شەھىرىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان، كۆلىمى 4.25 كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى تەخمىنەن 12.68 مىڭ ئادەم. كونا شەھەر رايونىدىكى كوچىلار گىرەلىشىپ كەتكەن، ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى جانلىق ۋە ئۆزگىرىشچان بولۇپ، ئەگرى-توقاي چىغىر يوللار خىلۋەت جايلارغا تۇتاشقان، ئاھالىلەرنىڭ ئۆيلىرىنىڭ كۆپىنچىسى كېسەك، خىش-ياغاچ قۇرۇلمىلىق، خېلى كۆپ ئەنئەنىۋى پۇقرالارنىڭ ھويلا-ئاراملىرى يۈز يىل تارىخقا ئىگە، جۇڭگودىكى بىردىنبىر ئىسلام مەدەنىيىتى ئالاھىدىلىكىدىكى سىرلىق ئوردا شەكىللىك شەھەر كوچا رايونى.

2009-يىلى، قەشقەر شەھىرى كونا شەھەر رايونىنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆزگەرتىشكە، قەشقەر كونا شەھەر مەنزىرە رايونىدىكى 9722 ئائىلىلىك ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى تۇرالغۇسىنى مۇستەھكەملەش، ئۆزگەرتىشكە 8.39 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان.

2014-يىلى قەشقەر شەھىرى 150 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، قەشقەرنىڭ كونا شەھەر مەنزىرە رايونىنىڭ مەنزىرە سۈپىتىنى، كونا شەھەر مەنزىرە رايونىدىكى بازار تارقىلىش كۈچىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ساياھەت مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى، باشقۇرۇش ۋە تىجارەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرگەن.

2014-يىلى 11-ئايدا قەشقەر كونا شەھەر رايۇنى يۇقىرى نومۇر ئارقىلىق دۆلەت ساياھەت ئىدارىسى تەشكىللىگەن مەنزىرە بايلىقىنى باھالاشتا A 5 دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى بولۇپ باھالانغان. 

2015-يىلى 7-ئاينىڭ 20-كۈنى، دۆلەت ساياھەت ئىدارىسى قەشقەر كوناشەھەر مەنزىرە رايونى رەسمىي دۆلەت 5 A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى دېگەن نامغا ئېرىشكەن.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏